يېقىنقى زامان - مەدەنىيىتى بىلەن ياۋايىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دەۋر
بەش مىڭ يىل
يېقىنقى زامان تىلغا ئېلىنغان ھامان، كىشلەر پويىز، پاراخوت، لامپۇچكا، تېلېگىرام، ئايرۇپىلان... ئىشقىلىپ ئىنسانلار مەدىنىيىتى قالتىس تەرەققىي قىلغان بىر دەۋرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئىپتىدائىي باسقۇچتىكى نادانلىق، قۇللۇق تۈزۈمدىكى ۋەھشىلىك، فېئوداللىق تۈزۈمدىكى تەرسالىق يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، پاك - پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلانغادەك ھېس قىلىدۇ.
- راست شۇنداقمۇ؟
- ھە، شۇنداق. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرققىي قىلىشى ئارقىسىدا، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى فېئوداللىق كىشەننى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ بارلىق كارامىتىنى كۆرسەتتى. يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقۇرى تەرەققىياتقا ئىگە قىلدى. يېڭى ئىلىم - پەن ۋە ئىلغار تېخنىكا كىشىلەرنىڭ ئىككى قولىنى ۋە چوڭ مىڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىنسانلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلدى. تەبىئەت كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرتىلمەكتە ۋە بېزەلمەكتە...
يېقىنقى زامان ھەقىقەتەن مەدەنىيەتلىك دەۋر بولغان.
بىراق، ئەھۋال تامامەن شۇنداقمۇ ئەمەس.
كاپىتال ئىنتايىن دەھشەتلىك بۇلاڭچىلىق ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە ئارقىلىق جۇغلاندى. بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەربىر تەڭگىسى، ھەر بىر يارمىقى ئىسسىق قان بىلەن بويالدى. ئۆزىنى - ئۆزى قامدايدىغان ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ۋەيران بولدى. ئىشچىلار ھاياتلىق ئۈچۈن زاۋۇتلاردا كېچە - كۈندۈز جېنىنى ساتىدىغان يوقسۇل پۇرولېتارلارغا ئايلاندى. ئەمگەكچىلەر ماشىنىنىڭ قۇلى بولۇپ، يا نامراتلاشتى، يا ئىشسىز قالدى.
بورژۇئازىيە تاۋار بازارلىرىنى كەېڭەيتىش ئۈچۈن، مۇستەملىكلەردىكى خەلقلەرنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بۇلاپ - تالىدى. ئۇلار مىلتىق ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن يول ئېچىپ. ئىستېلاچىلار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بارلىق مىللەتلەر يا ھالاك بولۇش، يا قۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسىلىگە دۈچكەلدى...
بۇرژۇئازىيە مۇستەملىكە تالىشىپ، بىر - بىرى بىلەن قاتتىق ئېلىشتى، باش - ئايىغى يوق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، مىليونلىغان كىشىلەر بەختسىز قىرغىنچىلىققا ئۈچرىدى. يېقىنقى زاماندىن ئىلگىرى بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق ۋە بۇنداق قىرغىنچىلىق بولۇپ باقمىغان ئىدى!
يېقىنقى زامان يەنىلا ياۋايىلىق دەۋر بولدى.
مەدەنىيەت ياۋايىلىقنى چوقۇم يېڭىدۇ، مەدەنىيەت ياۋايىلىقنى سۆزسىز يېڭەلەيدۇ. بۇرژۇئازىيە پەيدا بولغان كۈندىن تارتىپلا، ئۇنىڭ گۆركارى - پۇرولېتارىيات دۇنياغا كەلدى. ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ شانلىق ھەقىقىتى _ ماركىسىزىم بارلىققا كەلدى. پۇرولېتارىيات پارتىيىلىرى تەشكىللەندى. ئۇ كەڭ پۇرولېتارلارنىڭ بۇرژۇئازىيىگە قارشى پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلدى. بۇرژۇئازىيىنىڭ ھالاكەت سىگنالى چېلىندى!
پۈتۈن يېقىنقى زامان تارىخى _ كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققى قىلىشتىن چۈشكۈنلىشىشىگىچە بولغان تارىختۇر. ئۇ ئالاھەزەل ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. مىلادىنىڭ 1640 - يىلىدىكى ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن 1870 - يىلىدىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى ھارپىسىغىچە 1 - باسقۇچ بولۇپ، ئۇ «ئەركىن» كاپىتالىزىم دەۋرى ھېساپلىنىدۇ. 1871 - يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىدىن 1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغىچە 2 - باسقۇچ بولۇپ، يەنى مونوپول، چىرىك، سەكراتقا چۈشكەن كاپىتالىزىم دەۋرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ كىتاپچىمىزدا، يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ 1 - باسقۇچىدىكى مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئەمدى بىز يېقىنقى زاماننىڭ ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن باشلانغان ئالدىنىقى دەۋردىكى ۋەقەلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز