UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭناپولېئون

ناپولېئون

بەش مىڭ يىل - ھەي، كورسىكالىق، «فرانسىيە» دېگەن خەت قانداق ئوقۇلىدۇ؟ - دېدى بىر مۇنچە ئوقۇغۇچى بالىلار يېڭى كەلگەن بىر بالىنى ئورىۋېلىپ ۋە چاقچاق قىلىپ. بۇ بالا بىر - بىرىدىن «فران - سىيە». دەپ ئوقۇدى. - ھەي كورسىكالىق، تېزرەك ئوقۇغىن! - نېمىش - قا؟ سىلەرنىڭ - مېنى - شاڭخو - قىلماقچى بولۇۋاتقان - لىقىڭلارنى - بىلىمەن. بۇ بالا يەنىلا بىر - بىرلەپ ئوقۇدى، ئۇنىڭ فرانسوزچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. - ئۇنداق بولسا - نەتىجىمىزنى - سېلىشتۇرۇپ - باقايلى! - دېدى ئۇ تەن بەرمەي، راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ تىرىشىپ ئۆگەندى، ئۇنىڭ نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى، بولۇپمۇ ماتېماتىكا بىلەن تارىخ دەرسلىرىدە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئىدى. سەھرا تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بۇ بالىنىڭ فامىلىسى بۇرناپارت، ئىسىمى ناپولېئون ئىدى. ئۇ 1769 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ يۇرتى - ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كورسىكا ئارىلى ئەسلىدە فرانسىيىگە تەۋە ئەمەس ئىدى، ناپولېئون تۇغۇلغان يىلى فرانسىيىگە قوشۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئادۋوكات بولۇپ، فرانسىيىدىكى سىياسى پارتىيىگە قاتناشقان. ناپولېئون ئون ياشقا كىرگەندە، دادىسى بۇلۇننا شەھىرىدىكى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپ، فرانسىيىنىڭ تەربىيىسىگە ئىگە قىلدى. ناپولېئون 15 ياشقا كىرگەندە، پارىژدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىگە ئالماشتى. ئىككى يىل ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاۋۋېي دەرىجىلىك كوماندىر بولدى، ئىپادىسى قەدىر - ئەھۋال ئىدى. بىراق، فرانسىيىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاب جەريانىدا، ئۇ بىراقلا باش كۆتۈردى. بۇ 1792 - يىلى ئىدى، فرانسىيىدىكى پادىشاھپەرەسلەر ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى مۇھىم بازار تۇلوننى بېسىۋالدى. ئىنقىلابى ھۆكۈمەت جەنۇپتىكى بۇ قورغاننى تېزدىن ئېلىشنى ناپولېئونغا تاپشۇردى. ناپولېئون تۇلوننىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنىڭ پۇختىلىقىنى بىلگەنلىكتىن، ھۇجۇمچى كۈچلەرنى كۈچەيىش قارارىغا كەلدى. ئۇ، كۈننى تۈنگە ئۇلاپ زەمبىرەك ياساتتى، زەمبىرەكچىلەرنى تەربىيلىدى، بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا بىر زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنى تەشكىل قىلدى. - سەپكە ئاتلىنىڭلار! - دېدى ناپولېئون زەمبىرەكچىلەرگە قوماندا بېرىپ، بىراق، «پاڭ - پۇڭ!» قىلغان مىلتىق ئاۋازى بىلەن تەڭ، ناپولېئوننىڭ زەمبىرەكچىلىرى يەرگە يىقىلدى. ئەنگىلىيە مەرگەنلىرى ئۇلارنى يارىدار قىلغان ياكى ئۆلتۈرگەن ئىدى. باتۇر، قەيسەر زەمبىرەكچىلەر، ئالغا! - دېدى ناپولېئون ئورنىدىن تۇرغان پېتى توۋلاپ، ئۇنىڭ چىرايى تاتىراڭ، ياداڭغۇ، ئۆزى ئېغىر كېسەل بولۇشىغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. فرانسىيە ئەسكەرلىرى بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، قورغاننى توپقا تۇتۇپ، تۇلوننى ئاخىر تەسلىم قىلدى. ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ناپولېئوننىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇنى دەرىجە ئاتلاپ گېنېراللىققا ئۆستۈردى، بۇ چاغدا ئۇ ئاران 24 ياشقا كىرگەن ئىدى. 1795 - يىل 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، پادىشاھپەرەسلەر پارىژنىڭ گارنىزون قوماندانىنى سېتىۋېلىپ، خەلق پارلامېنتىنى قورشىۋېلىپ، تىرىلىشكە ئۇرۇندى، ناپولېئون توپىلاڭنى تىنجىتىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى يەنە ئۈستىگە ئالدى. پادىشاھپەرەسلەرنىڭ 30 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى بار ئىدى. ناپولېئوننىڭ ئەسكىرى 6000 غا يەتمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارنىڭ 1000 دىن كۆپرەكى خەلق ئەسكەرلىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ناپولېئون قىلچە بوشاشماي توپىلاڭنى قەتئى تىنجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قىلىچىنى «شارت»تىدا سۇغۇرۇۋېلىپ: - قىلىچىمنى ھەممە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئاندىن قېنىغا سالىمەن! - دېدى مەردانىلىك بىلەن. ئۇ زەمبىرەكچىلەرنى دەرھال يۆتكىدى، زەمبىرەكلەرنى خەلق پارلامېنتى ئەتراپىغا جايىدا ئورۇنلاشتۇردى. 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە، پادىشاھپەرەسلەرنىڭ مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇلار خۇددى ھەرىدەك «غۇژ - غۇژ» قىلىپ بېسىپ كەلدى. بۇ چاغدا، ناپولېئوننىڭ زەمبىرەكچىلىرى گۈمبۈرلەپ غەزەپكە كەلدى. توپىلاڭچىلار قانغا مىلىنىپ، تىرىپېرەك بولۇپ چېكىندى. ناپولېئون قىسىملارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ، پادىشاھپەرەسلەرنىڭ قىسىملىرىنى بىر كۈن بولا - بولمايلا، پۈتۈنلەي باستۇردى. فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى قەد كۆتىرىپ تۇرۇۋەردى. بۇ ۋەقە جۇمھۇرىيەت كالىندارى بويىچە دەل ئۈزۈم ئېيىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ناپولېئوننىڭ بۇ غەلىبىسىنى ھەمىشە «ئۈزۈم ئېيىدىكى ۋەقە» دەپ ئاتاشتى. تۇلوننىڭ ئېلىنىشى ۋە ئۈزۈم ئېيىدىكى ۋەقە ئارقىسىدا، ناپولېئوننىڭ شۆھرىتى پۇر كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، فرانسىيىدىكى مۇھىم بىر قىسىمنىڭ قوماندانى بولۇپ قالدى، ئۇ ئاۋستىرىيىنى يەڭدى، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ۋە قىممەتلىك ئويما رەسىم، سىزما رەسىم قاتارلىق بەدىئىي بۇيۇملىرىنى بۇلاپ - تالاپ، پارىژغا ئېلىپ كەلدى. - ھىندىستانغا بارايلى! - ناپولېئون بۇ چاغدا ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىنى ھەربى يۈرۈش نىشانى قىلغان ئىدى. 1798 - يىلى، ئۇ ناھايىتى چوڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ، مىسىردا قۇرۇقلۇققا چىقتى. نەتىجىدە، ئەنگىلىيە پاراخوت ئەترىتى بىلەن روسىيىنىڭ پاراخوت ئەترىتى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىندى. دەل شۇ چاغدا، ناپولېئون پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدە قاتمۇ قات زىددىيەت بولۇپ، لىڭشىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ دەرھال قايتىپ كېلىپ ھوقۇق تارتىۋېلىش قارارىغا كەلدى. 1799 - يىلى 10 - ئايدا، ناپولېئون چەتئەلدىكى يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى پارىژغا قايتىپ كەلدى. ئۇ دۆلىتىدىكى ئۆزىگە سادىق قوشۇنلارنى توپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارىژدىكى چوڭ بۇرژۇئازلار - بانكىرلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن پۇل - پىچەك تاپتى. ئۇ، بۇلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇق ھەركىتى باشلاندى. 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ناپولېئون سىياسى ئۆزگىرىش قىلدى. ئەتىسى فرانسىيىنىڭ شۇ چاغدىكى پارلامېنتى - مۆتىۋەرلەر كېڭىشى بىلەن 500 كىشىلىك كېڭەشنى پۈتۈنلەي تارقىتىۋېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، فرانسىيىنىڭ «ئىجرائىي ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ناپولېئوننىڭ ئۆزى بىرىنچى ھوقۇق تۇتقۇچى بولۇپ، چوڭ ھوقۇقنى ئوڭچە ئىگەللىدى. بەش يىلدىن كېيىن، ئۇ ئاساسى قانۇنغا يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنى «فرانسىيە ئىمپېرىيىسى»گە ئۆزگەرتتى ھەمدە 1804 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، تاج كىيگۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. فرانسىيىدىكى ئەڭ چوڭ چېركاۋ بولغان پارىژ مەريەم ئانا چېركاۋسى شۇ كۈنى ئاجايىپ قىزىپ كەتتى. قوڭغۇراقنىڭ «داڭ - داڭ!» «داڭ - داڭ!» قىلغان جاراڭلىق ساداسى پۈتۈن شەھەرگە ئاڭلاندى. قېرى، ئاۋاق رىم پاپىسى پىئۇ VII شۇنچە يىراق يەردىن پايپاسلاپ پارىژغا يېتىپ كەلدى. ئۇ مەخسۇس ناپولېئونغا تاج كىيگۈزۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. تاج كىيگۈزۈش مۇراسىمى باشلاندى. قېرى پاپا بىر نېمىلەرنى ئوقۇدى، ئاۋاق قولىنى ئۇزىتىپ، ئالتۇندىن ياسالغان تاجنى ئېلىپ، ئېگىز كۆتىرىپ ناپولېئوننىڭ بېشىغا كىيگۈزمەكچى بولدى. پاپىنىڭ يېشى بەك چوڭ بولغانلىقتىن، ناھايىتى ئاستا ھەركەت قىلاتتى، ناپولېئون ئەمدى تاقەت قىلىپ تۇرالماي، قولىنى ئۇزىتىپلا تاجنى تارتىۋالدى - دە، ھاپىلا - شاپىلا بېشىغا كىيىۋالدى. كورسىكادا تۇغۇلغان بۇ بالا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، «ناپولېئون I »دەپ ئاتالدى. ناپولېئون بۇناپارت سىياسى ئۆزگىرىش قىلغان كۈنى - 1799 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دەل فرانسىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت كالىندارى بويىچە 8 - يىل تۇمانلىق ئايىنىڭ 18 - كۈنى ئىدى. شۇڭا، تارىخىي كىتابلاردا، بۇ سىياسى ئۆزگىرىش «تۇمانلىق ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى سىياسى ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ناپولېئون | UyghurWiki | UyghurWiki