لېنىننىڭ ۋاپاتى
بەش مىڭ يىل
1921 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن، لېنىن ناھايىتى زەئىپلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىيتتى. بەزىدە كېچىچە ئۇخلىيالمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن يولداشلار بۇنىڭ ئۇزاققىچە ھېرىپ -چارچاش، بولۇپمۇ مېڭىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىشلىگەنلىكىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.
دوختۇر ئارىلاشماي تۇرالمىدى:
_ يولداش لېنىن، ئەمدى بۇنداق ئىشلسىڭىز بولمايدۇ، ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ بىرمەزگىل دەم ئېلىشىڭىز كېرەك.
_ قاراڭ، ئىشلار شۇنچە كۆپ، كېيىن بىر گەپ بولار! - دېدى لېنىن كۈلۈپ ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر دۆۋە ھۆججەتنى كۆرسىتىپ.
بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، لېنىن كېسەل تۇرۇپ پارتىيىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى ۋە يىغىندا دوكلات بەردى. بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشى بولدى.
1922 - يىلى مايدا، دوختۇر ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، لېنىن موسكۋا ئەتراپىدىكى گېلىكى يېزىسىدا دەم ئالدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، لېنىننىڭ تومۇر قېتىش كېسىلى تۇنجى قېتىم قاتتىق قوزغىلىپ، ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ يوتىسى قىسمەن ھالدا ئىقتىدارىدىن قالدى، ھەتتا گەپ قىلىشمۇ توشقۇنلۇققا ئۇچرىدى. دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئارقىسىدا 6 - 7 ئايلارغا كەلگەندە ئۇنىڭ كېسىلى ياخشلىنىشقا باشلىدى. ئۇنى خاتىرجەم دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن ، دوختۇر ئۇنىڭ كىتاب،گېزىت ۋە ژورناللارنى ئوقۇشىغا يول قويماسلىقنى ھەمدە يولداشلار بىلەن سىياسي ئىشلار ئۈستىدە سۆزلەشتۈرمەسلىكنى بەلگىلىدى.
بىر كۈنى لېنىن ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ستالىنغا چاقچاق قېلىپ:
_ ئاپلا، شۇمۇ كۈن بولدىمۇ! مەن كىتاب، گېزىت، ھۈججەتلەرنىمۇ كۆرەلمەيمەن. باشقىلار بىلەن سىياسىي ئىشلار توغرىسىدىمۇ سۆزلىشەلمەيمەن! مەن ھەتتا قولۇمغا گېزىت چىقىپ قالسا، ئۇنى ئوقۇپ تاشلاپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ قويماي دەپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر پارچە قەغەزدىنمۇ قاچىدىغان بولۇپ قالدىم! - دېدى.
_ ئەمما دوختۇرمۇ تازا بىخەستىلىك قىپتۇ. سىياسىي ئىشلار ئۈستىدە سۆزلەشمەيدىغان ئىنقىلاپچى نەدە بار! - دېدى ستالىن قاقاقلاپ كۈلۈپ.
بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دوختۇر لېنىننىڭ قايتا - قايتا قويغان تەلىپىنى رەت قىلالماي، ئۇنىڭ كرېنمىلىغا قايتىپ ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ بىر ھەپتىدىن بەش كۈن، ھەر كۈنى پەقەت بەش سائەت ئىشلىشىنى بەلگىلىدى.
دوختۇر لېنىننىڭ ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە كېلىشنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەمىشە سائەت توققۇز يېرىمدىلا ئىشخانىغا كىلىۋالاتتى.
_ يولداش لېنىن، قاراڭ، سائەت ئەمدىلا توققۇز يېرىم بوپتۇغۇ! - دەيتتى كاتىپ قۇشۇمىسنى تۈرۈپ.
_ ھەئە، تېخى سائەت 11 بولماپتۇ. ئەمما مەن ئىشلەش ئۈچۈن كەلمىدىم. گېزىتلەرنى ۋاراقلاپ باقىمەن خالاس، - دەيتتى لېنىن كۆزىنى يۇمغان ھالدا پىخىلداپ كۈلۈپ.
11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى لېنىن موسكۋا سوۋېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇتقى بولۇپ قالىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەنىدى! نۇتۇقنى سۆزلەپ بولغاندا، ئۇ تازا چارچاپ ھالىدىن كەتكەنىدى.
بىرەر ئاي ئۆتەر - ئۆتمەي، كېسەل ئالۋاستى لېنىنغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى يېرىم پالەچ قىلىپ قويدى.
باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى لېنىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەقىدىسى ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭ كېسلىنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش جەريانىدا، كىيىملىرىنى سېلىش ۋە كىيىشكە توغرا كەلسىمۇ، ئەمما لېنىن دوختۇردىن ئازراق بولسىمۇ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرالماي قالغاندىمۇ، ئىنتايىن نائىلاج ھالدا بىرلا كىشىنىڭ كۈتۈشىگە رۇخسەت قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سول قولى بىلەن بىجىرىپ، باشقىلارنىڭ ياردەم بېرىشىگە يول قويمىدى.
ئۆزىنىڭ بەدىنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قېپقالغان بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ پايدىلىشنى كېرەكلىكىنى لېنىن بىلەتتى. ئۇنىڭ يېرىم ياتىسى پالەچ بولۇپ قەلەم تەۋرىتەلمىگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ ماقالىلىرىنى كاتىپىغا ئېغىزدا ئېيتىپ بېرىش يولى بىلەن خاتىرە قالدۇردى. ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ كەتكەندىمۇ، ئېيتىپ بېرىشنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، سۇغۇق سۇغا چىلانغان بىر قانچە پارچە داكىنى پېشانىسىگە قويۇۋالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە سوتيالىستىك ئىنقىلاپتىكى ئاساسىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى نۇرغۇن ماقالىلارنى كۈچلۈك قەيسەرلىككە تايىنىپ ئېتىپ بەردى. «ئاز بولسۇنۇ - ساز بولسۇن» دېگەن ئەسەر ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ قالدى.
مارتتىن كېيىن، لېنىننىڭ كېسىلى 3 - قېتىم قوزغالدى.
بۇ نۆۋەت كېسەل ئالۋاستى ئۇنى ئازاپلاپ،سۆزلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلدى.
كىشىلەر لېنىننىڭ كېسىلىدىن ئىنتايىن ئەنسىرىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇنى داۋالاشقا ئەڭ ياخشى دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئىچىدە ئۆز دوختۇرلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار خەلقنىڭ
ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بۇ داھىينى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالىدى.
1923- يىلى يازدا ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈزبەردى: لېنىننىڭ كىسىلى بىر ئاز ياخشىلىنىپ قالدى. ئۇ ئەمدى ئۇخلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاستا ماڭالايدىغان بولۇپ قالدى. كۈزدە، ئۇ ئاستا - ئاستا سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.
ئۆكتەبر كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، لېنىن باشقىلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قارىماي، ھاسىسىنى تايىنىپ گراژغا كېلىپ، شوپۇرنى چاقىرىپ، ماشىنا بىلەن موسكۋاغا كەلدى. ئۇ كرېمىلدىكى ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە زەن قۇيۇپ قاراپ چىقىپ، قېشىدىكىلەرگە:
_كېسىلىم ساقايغاندا، تېخى بۇ يەرگە قايتىپ كېلىپ ئىشلەيمەن،_دېدى سەل - پەل كېكەچلەپ.
لېنىننىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى تەدرىجى ئەسلىگە كەلدى. ئۇ تېخى گېزىتلەرنى ۋاراقلاپ، باشقىلار ئوقۇپ بېرىدىغان ماقالىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەتتى. كىشىلەر، لېنىننىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان كۈنلەر ئاز قالدى، دېيىشەتتى.
بىراق ، كىشىلەرنىڭ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى، لېنىننىڭ كېسىلى ئۇشتۇمتۇتلا ئېغىرلىشىپ قالدى، ھەتتا ياخشىلىنىشمۇ مۇمكىن بولمىدى .
1924 - يىل1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەتىگەندە، لېنىن ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلدى، غېزامۇ يېيەلمىدى. يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشى ئارقىسىدىلا، نائىلاج ئازلا غىزالاندى. كەچقۇرۇن بولغاندىمۇ زورمۇ زور كىچىككىنە غىزالانغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرلار ئۇنىڭ نەپەسلىرى ئېغىر ۋە رېتىمسىز ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى.
سائەت ئالتە بولغان چاغلاردا، لېنىن سېزىمنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، نەپەسلىنىشى بارغانسېرى قىيىنلىشىپ، تېمپىراتۇرىسى بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتتى. سائەت يەتتىگە ئاز قالغاندا، مېڭىگە قان ئۇيۇش پەيدا قىلغان نەپەس ئەزاسىنىڭ پالەچ بولۇشى ئارقىسىدا، بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي ئۇستاز ئالەمدىن ئۆتتى.
لېنىن - بولشىۋىكلار پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيادىكى تۇنجى سوتيالىستىك دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى. خەلقئارا كوممۇنىزم ھەركىتىنىڭ ماركس، ئېنگېلىستىن كېيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ داھىيىسى. ئۇنىڭ ۋاپاتى سوۋېت خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمگەكچى خەلق ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى.
26 - يانۋاردا سوۋېتلەر قۇرۇلتىيى موسكۋا تىياتىرخانىسىدا تەزىيە يىغىنى ئاچتى. پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ستالىن پۈتۈن پارتىيىگە ۋاكالىتەن لېنىنغا تەزىيىلىك قەسەم بەردى:
_ يولداش لېنىن ئارىمىزدىن كېتىۋېتىپ بىزگە، پارتىيە ئەزاسى دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامنى قەدىرلەڭلار ھەم بۇ ئۇلۇغ نامنىڭ پاكلىقىنى ساقلاڭلار، دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. يولداش لېنىن بىز سىزگە قەسەمياد قىلىپ ئېيتىمىزكى، بىز سىزنىڭ بۇ ۋەسىيىتىڭىزنى چوقۇم شەرەپ بىلەن ئورۇنلايمىز! . . . .
يولداش لېنىن ئارىمىزدىن كېتىۋېتىپ بىزگە، پرولېتارىيات دىكتاتۇرسىنى قوغداڭلار ۋە مۇستەھكەملەڭلار، دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. يولداش لېنىن بىز سىزگە قەسەمياد قىلىپ ئېيتىمىزكى، سىزنىڭ بۇ ۋەسىيتىڭىزنىمۇ چوقۇم كۈچىمىزنى ئايىماي شەرەپ بىلەن ئورۇنلايمىز! . . .
يولداش لېنىن ئارىمىزدىن كېتىۋېتىپ بىزگە، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى كۈچۈڭلارنىڭ بارىچە مۇستەھكەملەڭلار، دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. يولداش لېنىن، بىز سىزگە قەسەمياد قىلىپ ئېيتىمىزكى، بىز سىزنىڭ بۇ ۋەسىيىتىڭىزنىمۇ چوقۇم شەرەپ بىلەن ئورۇنلايمىز!. . .
27 - يانۋار كۈنى لېنىننىڭ جەسىتى سېلىنغان تاۋۇت قىزىل مەيدانغا كەلتۈرۈلدى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە ساليوتلار تەڭ ئېتىلدى. گۈدۈڭلەر ئۇزاققىچە ياڭرىدى. لېنىنىڭ تاۋۇتى يەرلىككە ئاۋايلاپ كىرگۈزۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى پۈتۈن پرولېتارىياتلىرى بىلەن بىرلىكتە بەش مىنۇت ئىش توختىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ داھىيىسى ۋە ئۇستازىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى.
لېنىن ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى لېنىنىزم تۇغى ئاستىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، توختىماي ئالغا باستى. بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى « لېنىننى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش ھەركىتى » دە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قانتاشتى.