UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپوتئېر ۋە >ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى<

پوتئېر ۋە >ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى<

بەش مىڭ يىل پارىژ كوممۇنىسى باستۇرۇلغاندىن كېيىنلا تېيىر قوشۇنلىرى كوممۇنا ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان قوشۇنلارغا ئايلاندى. مىللىي مۇداپىئە قوشۇنىنىڭ كىيىمىنى كىيگەن، مۈرىسىدە مىلتىق تاسمىسىنىڭ ئىزى بارلىكى كىشىلەرنى بىردەك ئۆلتۈردى، قوللىرى پاسكىنا ۋە يىرىك بولغان، ھەتتا تەقى - تۇرقى ئىشچىلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىلەرنىمۇ بىردەك ئۆلتۈردى. پۇقرالارنىڭ ئۆيىدىن بىرەر تال ئوق ئېتىلىپلا قالسا، شۇ ئولتۇرۇشلۇق بىنادىكى ئاھالىنى پۈتۈنلەي ئېتىپ تاشلىدى. بىر ئەكسىيەتچى يىڭجاڭ تۈرمە ئىشىكىدە تۇرۇپ ئەسىرلەرنى تەكشۈرگەندە، ھېچقانداق گەپ سورىماستىن، >ئوڭغا< ياكى >سولغا< دەپ توۋلاپلا، سولغا ئۆتكەنلەرنى دەرھال ئېتىپ تاشلىدى. مۇشۇ يەردە بىر كۈندە 1900 كىشى ئېتىپ تاشلاندى. تۆت گۆپسالدى ساقچى ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئالتە بالىنى يالاپ كېلىپ، ھەربىي لاگېرغا كىرىشى بىلەنلا مىلتىقنى بەتلىدى ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن: >چوڭ بولۇپلا توپىلاڭچى بولۇپ چىقىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆلتۈرۈۋېتىپ خاتىرجەم بولۇش كېرەك!< - دەپلا ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىدى. پارىژنىڭ 50 كە يېقىن دەرۋازسىنىڭ ھەممىسى چىڭ تاقىۋېتىلدى. دۈشمەن ھەممىلا يەردە كوممۇنا ئەزالىرىنى تۇتتى، قامىدى ۋە ئۆلتۈردى. كوممۇنىنىڭ 30 مىڭدىن كۆپرەك ئەزاسى تېيىر قوشۇنلىرىنىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. قامالغان، نەزەربەنت قىلىنغان، سۈرگۈن قىلىنغان، قوغلاپ چىقىرىلغانلارنى قوشقاندا جەمئىي 100 مىڭغا يېتەتتى! ئەمما، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغۇل - قىزلىرى دۈشمەننىڭ قانلىق قىلىچىدىن قورقۇپ قالمىدى. ئۇلار: كوممۇنا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە يېپيېڭى بىر يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىغا؛ پېرولېتارىياتنىڭ ھەقىقەت يولىدىكى كۈرەشلىرىنى جەزمەن ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندى. 55 ياشلىق ئېۋگېنى پوتئېر كوممۇنىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى ئىدى. پوتئېر پارىژدا بىر يوقسۇل ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى يۈك تاڭغۇچى، ئانىسى كىرچى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئاچارچىلىق ۋە ئوقۇشسىزلىقنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغان، 13 ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئىشلەيدىغان يۈك تېڭىش زاۋۇتىغا بېرىپ بالا ئىشچى بولغان، كېيىنكى كۈنلەردە قەغەز دۇكىنىدا خىزمەتچى ۋە چىتقا نۇسخا چىقىرىدىغان تېخنىڭ ئىشچىسى بولغان. 1830 - يىلى 7 - ئايدا، پارىژ خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاقسۆڭەك پومېشچىكلەر دىكتاتۇرلىقىدىكى بوربۇن سۇلالىسىنى ئاغدۇردى. 14 ياشلىق پوتئېر كوچا جېڭىگە قاتنىشىشقا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى، ئەمما يېشى كىچىك بولغانلىقتىن توساپ قېلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ >ياشىسۇن ئەركىنلىك< دېگەن شېئىرنى يېزىپ، كىشىلەرنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەردى. 2 - يىلى، ئۇنىڭ >ياش شائىر< ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. 1848 - يىلى 6 - ئايدا، پارىژ ئىشچىلىرى يەنە بىر قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى، پوتئېر كوچا جېڭىگە بىۋاستە قاتناشتى. 1865 - يىلىنىڭ بېشىدا، ماركىس بىلەن ئېنگېلس رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياچېيكىسى پارىژدا قۇرۇلدى. پوتئېر ەر خىل چېرتيۇژچى ئىشچىلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشىنى تەشكىللەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسئونالغا قاتناشتى ھەمدە بىرىنچى ئىنتېرناتسئونال پارىژ ياچېيكىسىنىڭ بىرلەشمە كومىتېتىغا ھەيئەت بولدى. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، >دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى< نىڭ تەسلىم بولۇپ ۋەتەن ساتقۇچلۇق قىلغانلىقىدىن دەرغەزەپكە كەلگەن پوتئېر، >قوغدال، پارىژ< قاتارلىق بىر مۇنچە ۋەتەنبەرۋەر شېئىرلانى يېزىپ، خەلقنى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى زەربە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى ۋە قوزغىلاڭ ئارقىلىق كوممۇنا قۇرۇشقا چاقىردى. پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پوتئېر ئىجتىمائىي خىزمەت ئۆتەش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ھەمدە ئىشچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسى ۋە سەنئەتكارلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. >5 - ئايدىكى قانلىق ھەپتە< دە، ئۇ باشتىن - ئاخىر جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە كوچا ئىستىھكامىدا جەڭ قىلدى. كوممۇنا باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ تېخى سوۋۇمىغان مىلتىقنى ئالغان، كۆزلىرى قىزارغان ھالدا بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇندى. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پوتئېرنىڭ دوستى غەزەپلەنگەن ھالدا بىر پارچە گېزىتنى كۆتۈرۈپ كىرىپ: - ماۋۇنىڭغا قارىڭا، يەنە قالايمىقان پو ئېتىپتۇ، سىزنى ئاللىقاچان ئېتىپ تاشلاندى، دەپتۇ! - دېدى. پوتئېر گېزىتنى قولىغا ئالدى - دە، ئۇنىڭدىكى كۆزگە روشەن تاشلىنىپ تۇرغان >كوممۇنىستىك مۇھىم باش جىنايەتچىسى ئېۋگېنى پوتئېرنىڭ ئۆلۈم جازاسى تۈنۈگۈن ئىجرا قىلىندى...< دېگەن سۆزلەرنى كۆردى. ئۇ خەۋەرنىڭ داۋامىنى كۆرمىدى - دە غەزەپ بىلەن دېدى: - شۇنداق، ئۇلار ھەقىقەتەن قالايمىقان سۆزلىگەن، ئەمما، بۇ پۈتۈنلەي قالايمىقان سۆزلىگەنلىكىمۇ ئەمەس. بىزنىڭ قانچىلىغان سەپداشلىرىمىز ئۇلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى - دە! پوتئېرنىڭ كۆڭلىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان غەزەپ بىلەن قايغۇ چۇلغىۋالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېچنىشلىق بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ دۇنيادىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئاچ - يالىڭاچ قۇللارغىچە ئويلىدى: ئۆزىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىدىن تارتىپ، سان - ساناقسىز سەپداشلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىزدەپ ۋۇجۇدىدا ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قانلىرىنى تۆككىنىگىچە ئويلىدى؛ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولغان تەنتەنىلىك كۈنلىرىدىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ئازاد بولىدىغان غالىبىيەت مەنزىرىسىگىچە ئويلىدى... ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي ھاياجانىنى باسالمىدى - دە، شۇ ئان قەلەم ئېلىپ يېزىشقا باشلىدى: >قوزغال، ئاچ ھەم يالىڭاچ قۇللار، قوزغال، پۈتكۈل خارلانغان ئىنسان! ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەشكە، ئۇرغۇدى تومۇرلاردا قان!< ئۇ گويا كوممۇنىنىڭ مۇنەۋۋەر جەڭچىلىرى بىر - بىرلەپ قانغا پېتىۋاتسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن جەڭچىلەرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كونا دۇنيانى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك قىلاتتى! كوممۇنا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. قانلىق ساۋاقلارنى جەزمەن قوبۇل قىلىپ، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ئەمگەك مېۋىمىزنى تارتىۋېلىشىمىز كېرەك! - دەپ ئويلىدى - دە، يەنە قەلىمىنى ئېلىپ مۇنداق يازدى: >ئەمگەك مېۋىمىزنى تارتىۋېلىشقا، چاقسۇن قەپەزنى ئېڭىمىز. ئۇلغايت ئوتنى قىزىقىدا، سوقساق تۆمۈرنى بىز يېڭىمىز!< پوتئېر بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر تاشلىدى. مۇنمارتىر ئېگىزلىكىدە ئامان قالغان يېشىل قارىغايلار ئىللىق قۇياش نۇرىدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. >لەنىتى يىرتقۇچلار، چايانلار ھامان بىر كۈنى پاك - پاكىز يوقىتىلىدۇ، قىزىل قۇياش پۈتكۈل جاھاننى يورۇتىدۇ!< ئۇ تازا ئىلھاملىنىپ، پرولېتارىيات ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولسا، پرولېتارىياتنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ئازاد بولىدىغان كۈنىنىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندى - دە، يەنە قەلەم تەۋرەتتى: >ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش بۇ، بىرلىشەيلى ئەتىگە. ئىنتېرناتسىئونال، چوقۇم ئاشىدۇ ئەمەلگە<. ئۇ شېئىرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا >ئىنتېرناتسىئونال< دېگەن ماۋزۇنى قويدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، پوتئېر سۈرگۈن بولدى ۋە پارىژ بىلەن خوشلىشىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئەنگلىيە، ئامېرىكىلاردا ئېقىپ يۈردى. چەت ئەللەردە سۈرگۈن بولۇپ يۈرگەن توققۇز يىل داۋامىدا، ئۇ كۈرەشنى توختاتماي، نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، كىشىلەرنى كوممۇنىنى چۈشىنىشكە ۋە قوللاشقا چاقىردى. تاكى 1880 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى كوممۇنا ئەزالىرىغا ئومۇمىي كەچۈرۈم بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغۇچە سۈرگۈن بولۇپ، ئاندىن پارىژغا قايتىپ كەلدى. 1887 - يىلى، 71 ياشقا كىرگەن پوتئېر كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، سەپداشلىرى ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنى لاشىز پوپ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. 1888 - يىلى باش يازدا، فرانسىيىلىك ئىشچى كومپوزىتور دېگېيتېر >ئىنتېرناتسىئونال< نى ھەيۋەتلىك، كىشىنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چېكىدىغان ئاھاڭغا سالدى. 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇ لىلدا ئېچىلغان گېزىت ساتقۇچى ئىشچىلارنىڭ خاتىرە يىغىنىدا بۇ ناخشىنى ئېيتىشقا رېژىسسورلۇق قىلدى. مانا بۇ - نوتىغا سېلىنغان >ئىنتېرناتسىئونال< شېئىرى. ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى تۇنجى قېتىم ئېيتىلغاندىن كېيىن، ئىشچىلار ئاممىسى ئارىسىدا غايەت زور تەسىر قوزغىدى. كىشىلەر بۇ جەڭگىۋار ناخشىغا چەكسىز قىزغىن مۇھەببەت باغلاپ، دەرھال پۇل يىغىش قىلىپ، ئۇنى باستۇردى. 1 قېتىم بېسىلغان 6000 پارچىسى ئىنتايىن تېزلىكتە سېتىلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ فرانسىيە ۋە دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىغا تېزلىكتە تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئېكىسپلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا، ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى ئازاد قىلىشقا، كوممۇنىزم غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىدىغان جەڭگىۋار سىگنالغا ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ