UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭنيۇتون

نيۇتون

بەش مىڭ يىل ھازىرقى زامان جەمئىيىتى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت. ئالىملار يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئىنسانىيەتكە ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان مەدىنىيەت يارىتىپ بەردى. ئەمدى بىز ئالىملارنىڭ تۆھپىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى! ئەنگلىيىنىڭ لىنكولىن شەھىرىدىكى بىر يېزىدا، بىر يىگىت ئالما دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى. ئۇ گويا كىتاپقا مەپتۇن بولغاندەك، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇيتتى، «پوك!» قىلغان ئاۋاز ئۇنىڭ پىكىرىنى كىتاپتىن بۆلۈۋەتتى. ئۇ پىشىپ ساپىغىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشكەن ئالمىغا تىكىلىپ قارىدى. «ھە، بۇ ئىكەن _ دە!» _ دېدى يىگىت كىتاپنى ئېچىپ ئوقۇشقا تەييارلىنىپ. سەلكىن شامال كېلىۋىدى، «پوك!»، «پوك!» قىلىپ يەنە ئىككى ئالما يەرگە چۈشتى. «بۇ قانداق بولغىنى؟ _ دېدى يىگىت كىتاپنى يېپىپ ئويغا چۆمگەن ھالدا، _ ئالما نېمە ئۈچۈن يۇقۇرىغا ئۆرلىمەي، يەرگىلا چۈشىدۇ؟» ئالىمنىڭ يەرگە چۈشىدىغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلگەچكە، ھېچكىمدە گۇمان پەيدا قىلمايتتى. ئەمما بۇ يىگىت بۇ ئىشنى ئويلىدى، تەتقىق قىلدى، كېيىن ئۇ شۇ زاماندىكى ئالەمگە مەشھۇر ئالىم بولۇپ قالدى. بۇ كىشى كىم؟ ئۇنىڭ ئىسمى ئىساك نيۇنون. نىيۇتون مىلادىنىڭ 1642 - يىلى توغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا تىرىشىپ ئوقۇدى، 21 يېشىدا ئەنگلىيىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كېمبرىج داشۆسىدە تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى بولدى. 1665 - يىلى نيۇتۇن كېمبرىج داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، تەتقىقات بۆلۈمىدە ئىشلەشكە قېپقالدى. شۇ يىلى 6 - ئايدا. ئەنگلىيىدە ئېغىر ۋابا تارقالدى. كېسەلنىڭ يۇقۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەكتەپتە دەرس توختاپ، نيۇتون يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈش ۋەقەسى ئۇنى قىزىقتۇردى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئاسترونومىيە ۋە فىزىكا ئەسەرلىرىنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ چىقتى. ئۇ كېپلېرنىڭ سەييارىلەر ھەركىتى توغرىسىدىكى قائىدىسىنى، گالىلېينىڭ بوشلۇقتىن چۈشكەن جىسىملارنىڭ ئەركىن ھەركىتى توغرىسىدىكى قائىدىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى. ئۇ: سەييارىلەر نېمە ئۈچۈن قۇياشنى ئايلىنىدىغاندۇ؟ ھەمراھ نېمە ئۈچۈن سەييارىنى ئايلىنىدىغاندۇ؟ سەييارىلەر بىلەن ھەمرانىڭ نېمە ئۈچۈن جەزمەن ئوربىتىسى بولىدىغاندۇ؟ توپ _ توغرا ئۇچۇۋەرسە بولمامدۇ؟ دەپ ئويلايتتى. نيۇتون ئويلاۋېرىپ، راستتىنلا قىزىقتى. ئۇ ئۆيدىمۇ ئويلايتتى. ساياھەتكە چىققانمۇ ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئويلايتتى. ئۇ بىر كۈنى ئاتنى يېتىلەپ تاغقا چىقىۋېتىپمۇ، ئاسماندىكى قۇياشنى ئويلىدى. ئۇ تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئاتقا مىنمەكچى بولغاندىلا، قولىدا ئاتنىڭ چۇلۋۇرى قالغانلىقىنى، ئاتنىڭ قېچىپ كېتىپ ئاللىقاچان كۆزدىن غايىپ بولغانلىقىنى بايقىدى. نيۇتون كەيپى ئۇچقان ھالدا ئۆيگە كېتىۋېتىپ، سەھرالىق بالىلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىغا كۆزى چۈشتى. بىر بالا تاشنى سالغىغا سېلىپ بىر نەچچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن ئېتىۋەتتى، تاش بېرىپ ناھايىتى يىراققا چاشتى. يەنە بىر بالا كىچىك چىلەكتىكى سۈتنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇۋېدى، سۈت تۆكۈلمىدى. يەنە بىرى لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتاتتى، ئۇ يىپنى تۇتۇۋالغانتى، لەگلەك يا يەرگە چۈشمىدى، يا ئۇچۇپ كەتمىدى. نيۇتون «مەنمۇ ئۇچۇرۇپ باقاي!» دەپ قولىغا ئېلىپ بالىنى دورىغان ئىدى، ئۆزىمۇ ئۇچۇرالدى. ئۇ ئاجايىپ خۇشال بولدى. «بۇ ئىككى خىل كۈچنىڭ تەسىرى - دە! _ دەيتتى نيۇتون ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىردىنلا ئېسىگە چۈشۈپ، _ بىر كۈچ ئىچكىرى تارتىدۇ، بۇ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر كۈچ سىرتقا تارتىدۇ، بۇ مەركەزدىن قېچىش كۈچى دېيىلىدۇ. بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان بۇ ئىككى خىل كۈچ ئۆزئارا تەڭپۇڭلاشقاندا، ئاشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەمدۇ؟» نيۇتون شۇنىڭدىن كېيىن، مەشھۇر «مېخانىكىنىڭ ئۈچ قائىدىسى»نى تاپتى. بۇ كەشپىيات نيۇتوننىڭ ئاسترونومىيە ۋە مېخانىكا تەتقىقاتىغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بىر كۈنى ئۇ كىتاپ ئوقۇغاچ تۇخۇم پىشۇرۇۋاتاتتى. ئۇ تۇخۇمنى بىر پاراگىراپنى ئوقۇپ بولۇپ يىمەكچى بولدى. تۇۋاقنى ئېچىۋىدى، «بەللى!» قازاندا تۇخۇم ئەمەس، ئۇنىڭ كونا سائىتى قايناۋېتىپتۇ. نيۇتون بىلىمگە ئەنە شۇنداق ھارماي _تالماي بېرىلگەن! بىر تال تاشنى ئاغامچا بىلەن باغلاپ كۈچەپ ئاتقاندا ئاغامچا چىڭ تارتىلسىلا، تاش پىرقىرايدۇ؛ ئەگەر ئاغامچا چىڭ تارتىلمىسا، تاش ئۇچقان پېتى ناھايىتى يىراققا كېتىدۇ. بۇ كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك بولغان ئادەتتىكى ھادىسە. ئەمما، نيۇتوننىڭ نەزىرىدە، ئۇ بىر ھەقىقەتنى كۆرۈۋالغان. يەر شارى نېمە ئۈچۈن ئۇچۇپ كەتمەي، قۇياشنى ئايلىنىدۇ؟ ئايمۇ نېمە ئۈچۈن كەتمەي، يەر شارىنى ئايلىنىدۇ؟ تاشنى تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر تال ئاغامچا بار، ئۇنداقتا، يەر شارىنى، ئاينى نېمە تارتىپ تۇرىدۇ؟ بۇ كۆرۈنمەيدىغان ئاغامچا كۆزگە كۆرۈنمكەيدىغان بىر خىل «تارتىش كۈچى» ئەمەسمۇ _ ھە! نيۇتون شۇنداق قىلىپ دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەن «ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى قائىدىسى» نى كەشپ قىلدى. ئالمىنىڭ نېمە ئۈچۈن يەرگە چۈشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئاخىر تېپىلدى. ئىلمىي كەشپىيات تاسادىپى كېلىشمەسلىكلەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن جاپالىق تەجرىبىلەر ئارقىسىدا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. نيۇتوننىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تەجرىبىخانىدا ئۆتكەن. ئۇ ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئۈچۈن، ئۈچ پارچە ئەينەكنى پىرىزما قىلدى. ئۇ ئاشۇ ئەينەك ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى تەھلىل قىلدى. نەتىجىدە، ئاق نۇرنىڭ قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، كۆك، ھاۋا رەڭ، سۆسۈن قاتارلىق يەتتە خىل رەڭدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن نيۇتون نۇرنىڭ سىرىنىمۇ بىلىۋالدى. مۇشۇ ئاساستا، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى نۇر قايتۇرغۇچ دۇربۇننى ياسىدى. ئۇ مۇشۇ دوربۇن ئارقىلىق يۇپىتېردىكى ھەمرانى كۆردى. نۇر قايتۇرغۇچ دۇربۇننىڭ كەشپ قىلىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىشىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگۈزدى. ئۇ ئاسترونومىيىلىك ھەركەتنى ھېساپلاپ چىقىش ئۈچۈن، ئالى ماتېماتىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، ئاخىرى زەررىچىلەر نەزىرىيىسىنى كەشىپ قىلدى. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشتا زور سەكرەش بولدى. تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋەرمەيدۇ، 99 قېتىم مەغلۇپ بولماي تۇرۇپ، بىر قېتىم مۇۋەپەقىيەت قازىنىش مۇمكىن ئەمەس، دېيىشكە بولىدۇ، نيۇتوننىڭ كېچە سائەت ئىككى _ ئۈچلەردىن بۇرۇن دەم ئالىدىغان چاغلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى، بەزىدە، ئەتىگەن سائەت بەش _ ئەلتىلەرگىچە ئىشلەپ كېتەتتى. ئۇ باھار ياكى كۈز كۈنلىرىدىكى ھاۋا ئىللىغان ۋە سالقىن بولغان چاغلاردا، بەش - ئالتە ھەپتىلەپ تەجرىبىخانىدا ئىشلەپ كېتەتتى. ئۇ تەجرىبىنى ياخشى تاماملىمىغىچە، يا كېچە، يا كۈندۈز دېمەي ئىشلەۋېرەتتى. بىر كۈنى ئۇ بىر دوستىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قويدىيۇ، ئەمما، دوستى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋەردى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى، دوستىنىڭ قوسىغى ئېچىپ ھالىدىن كەتتى، ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ بىر توخۇنى يەپ بولۇپ، ئۇستىخانلىرىنى چىنىگە سېلىپ قويدى. بىر دەمدىن كېيىن نيۇتون ئاشخانىغا كىرىپ، چىنىدە بىر مۇنچە ئۇستىخان تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا: «بەللى! تاماقنى يەپ بولغان ئىكەنمەن - دە» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن تەجرىبىخانىغا قايتىپ كىرىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن. نيۇتون ئەنە شۇنداق ئۆزىنى ئونتۇغان ھالدا ئىشلەيتتى. نيۇتون ئالەمدىن تارتىش كۈچى قائىدىسىنى كەشىپ قىلىپ، ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تەكرار ھېساپلاپ تەجرىبە قىلدى. 1687 - يىل نيۇتوننىڭ «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق قائىدىسى» دېگەن ئۇلۇغ ئەسىرى نەشىر قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتېۋارەن پۈتۈن دۇنيا ئالەمنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرىنى بىلىۋالدى ۋە ئىلىم _ پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. 1727 - يىلى نيۇتون 85 ياشقا كىردى، كېسەل ئۇنى داۋاملىق ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ قويدى. بۇ ئۇلۇغ ئالىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن: «ئىلىم _ پەن سەپىرىدە مەن پەقەت دېڭىز بويىدا ئويناپ يۈرۈپ تاسادىپى بىر تال گۈزەل تاشنى تېپىۋالغان بالىمەن، ھەقىقەت دېڭىزىغا كەلسەك، مەن ئۇنى تېخى تاپالمىدىم!» دېگەن ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ