«بومبا ۋە بايراق»
بەش مىڭ يىل
موسكۋا تىياتىرخانىسىدا چىراغلر چاقناپ تۇراتتى، پۈتۈن زالنى ئۈن - تىۋىشسىز، تەنتەنىلىك جىمجىتلىق قاپلىدى. بۇ يەردە ئىنقىلابىي ئۇستاز لېنىن ۋاپاتىنىڭ ئالتە يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ستالىن ۋە روسىيە كومپارتىيىسىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرىمۇ يىغىنىغا قاتناشتى.
خاتىرىلەش مۇراسىمى تۈگەش بىلەنلا، بەستلىك، ئوتتۇرا ياش بىر كىشى سەھنىگە چىقتى. ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن «لېنىن» دېگەن داسستاننى ئىنتايىن مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى:
بىز دەپنە قىلدۇق بىر زاتنى،
مۇشۇ دۇنيادا ياشىغانلار ئارىسىدا
رېئال بىز زاتنى.
ئۇ مامانە يولداشلىرىغا ئىدى سۆيۈملۈك
خۇش خۇ يېقىملىق
ئەمما ئۇ تۇراتتى رقىب ئالدىدا
تاشتىنمۇ قاتتى.
پۈتۈن تىياتىرخاناتىمتاس جىمجىتلىققا چۆمدى. كىشىلىلەر ياش تۆكۈپ، ھەسرەت چېكىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تەنتەنىلىك مىسرالار بىلەن بىللە ئۆركەشياساپ دولقۇنلاپ، كىشىنى ئاجايىپ تەسىرلەندۈرەتتى. دېكلاماتسىيە تۈگىگەندە، پۈتۈن زالدا گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭرىدى. ستالىنمۇ دېكلاماتسىيىچىگە قىزغىن چاۋاك چالدى.
ماياكوۋسكى 1893 - يىلى گرۇزىيىنىڭ بەگېداگى يېزىسىدا (ھازىرقى ماياكوۋسكى يېزىسى دەپ ئاتىلىدۇ) تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى دېموكراتىيە ئىدىيىسىگە ئىەە ئورمان ئەمەلدارى ئىدى. ئۇ توققۇز يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، شۇ دەۋردە ماركسىزم گۇرۇپپىسىغا ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشلىرىغاقاتناشتى. 13 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئائىلىسى موسكۋاغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ 15 يېشىدا بولشېۋىكلار پارتىيىسىگەكىرىپ، مەخپىي يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۈچ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇدى ھەمدە يېزىقچىلىق ئۆگىنىشىنى باشلىدى.
پېتروگرادتىكى ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىدا، ماياكوۋسكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوماندانلىق شتابى سىمولىنىي سارىيىدا، قىزغىن ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىقات - تەرغىبات خىزمىتىنى ئىشلىدى. قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر ئۇ ئىجاد قىلغان «ئەجىلىڭ توشتى بۇرژۇئا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، قىلىش سارايغا غەلبىلىك ھۇجۇم قىلدى.
گراژدانلار ئۇرۇشى دەۋرىدە، موسكۋا ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردىكى سودا ماگىزىنلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدە بىر خىل باشقىچە ئۇسلۇبتىكى ھەجۋىي تەشۋىقات رەسىملىرى پەيدا بولدى. بۇ تەشۋىقات رەسىملىرى رەڭگارەڭ تىزما رەسىملەردىن تەركىب تاپقانىدى. ئۇنى ئاددىلا«رۇستا» دەپ ئاتالغان روسىيە تېلېگراف جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقتىن، «رۇستا ھەجۋىي كۆزنىكى» دەپ ئاتالغانىدى.
بىر كۈنى، ماياكوۋسكى ماگىزىن ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇ رەسىملەرگە قىزىقتى. ئۇ: ئەگەر بۇ رەسىملەرگە شېئىر قىستۇرۇلغان بولسا، قانچە ياخشى بولاتتى - ھە! دەپ ئويلىدى -دە، «رۇستا ھەجۋىي كۆزنىكى» نى باشقۇرغان كىشىنى تېپىپ، بۇ خىزمەتكە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى.
شۇ كەملەردە، موسكۋا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنى پارتىيە ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، دېنىكىن ئاق باندىتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، «پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. بۇرژۇئازىيە ھەممىلا يەردە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ، كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى يېقىندا تۈگىشىدۇ، دېنىكىن غەلىبە قىلىدۇ، دەپ جۆيلۈپ يۈرەتتى. ماياكوۋسكى مۇشۇ تېمىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تەشۋىقات رەسمى سىزدى. رەسىمدە ۋەھشىي ئاقلار گېنېرالى ئادەم تۇتۇۋاتاتتى. ئۇنىڭغا يەنە:
«پارتىيە - گۇرۇھسىزلىق ھاماقەتلىكىڭلارنى تاشلاڭلار!
ئەگەر سىلەر كۆپچىلىكتىن ئايرىلىمەن دېسەڭلار _
دېنىكىن بىر - بىرلەپ تۇتقۇن قىلىدۇ ھەممىڭلارنى،
ئاق گېنېراللارنىڭ تويماس نەپسى يۇتىدۇ سىلەرنى.»
دېگەن بىر كۇپلېت شېئىر قىستۇرۇلدى.
ماياكوۋسكى «رۇستا ھەقۋىي كۆزنىكى» نىڭ خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئالدىراش ھالدا رەسىم سىزىپ، شېئىر يېزىپ، تۈن كېچە سائەت ئىككى - ئۈچلەرگىچە ئىشلىدى. ئۇيقۇسى كەلسە ئۆزىنى تاشلاپ سەل - پەل دەم ئالاتتى، ئېغىر ئۇيقۇغا كەتمەسلىك ئۈچۈن، بېشىغا بىر پارچە ئوتۇننى قويۇپ ياتاتتى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە «رۇستاە ھەجۋىي كۆزنىكى» كۆرگەزمىگە قويغان 1000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات رەسىمىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ماياكوۋسكى سىزدى. ئۇنىڭ 90 پىرسەنتكە قىستۇرما شېئىر يازدى، ئۇنىڭ قىستۇرما شېئىرلىرى خىلمۇخىل شەكىلدە بولۇپ، ئاممىباب ۋە يۇمۇرلۇق ئىدى. مەسىلەن، «پادىشاھ بىلەن بۈرگە توغرىسىدا ھېكايە» دېگەن بىر كۇپلېت شېئىردا، دېنىكىننى دېڭىزدىن تاقلاپ ئۆتۈپ بولشېۋىكلارنى قويماي يوقاتماقچى بولغان بۈرگىگە ئوخشىتىدۇ؛ ئەنگلىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا بىرئ وردېن بىلەن لىپمۇلىپ بىر ساندۇق ئالتۇن - كۈمۈش بېرىدۇ؛ ئۇ، بۈرگىلەر قوشۇنىنى توپلاپ، خەلققە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ ئەمما قىزىل ئارمىيە كېلىپلا، بۈرگىنىڭ تىرانق - پىرناقلىرى بىلەن بىللە پاچىقىدىن تۇتۇۋالىدۇ -دە، بۈرگىلەر قوشۇنى تۈگىشىدۇ. بۇ شېئىر شۇ قەدەر قىزىقارلىق ۋە جانلىق، شۇنداقلا كۈچلۈك ئىدىيىۋى - تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك يېزىلغان.
1924 - يىل 21 - فېۋرال كۈنى لېنىن ۋاپات بولدى. پۈتۈن سوۋېت ئىتىتپاقى خەلقىنىڭ قەلبىنى ئېغىر مۇسىبەت قاپلىدى. ماياكوۋسكى لېنىننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ خۇددى بىر نېمىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك، بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇنچىقماي، چوڭقۇر قايغۇ - ھەسرەتكە چۆمدى. 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئۇ «كومسومول ناخشىسى» نى يازدى، بۇ شېئىردا ئۇ:
»لېنىن _
ھايات ئىدى.
لېنىن _
ھلىمۇ ھايات.
لېنىن _
مەڭگۈ ھايات»
دەپ تەكرار مەدھىيە ئوقۇدى.
«كومسومول ناخشىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شائىر «لېنىن» دېگەن داستانىنى يېزىشقا كىرىشتى. ئۇ لېنىننىڭ تەرجىمىھالىنى ۋە ماقالىلىرىنى، نۇتۇقلىرىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلىپ،لېنىن ۋاپات بولغاندىدا سوۋېت ئىتىتپاقى خەلقى ئىچىدە قالدۇرغان قايغۇ - ھەسرەتلەرنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئۇ توپتوغرا ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، مەيلى سەپەر ئۈستىدە بولسۇن ۋە مەيلى مېھمانخانىلاردا ، ئىستىراھەت قىلغاندا بولسۇن، يېنىدىن قارا لاتا تاشلىق دەپنەرچاقنى قولىغا ئېلىپ، پىچىرلاپ، مېڭىسىدىكى مىسرالارنى يېزىپ تۇردى.
يېرىم يىللىق جاپالىق ئىجادىيە ئارقىسىدا، «لېنىن» دېگەن داستان دۇنياغا كەلدى. شائىر ئۇنى ئېلان قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئاۋۋال ئاممىغا ئوقۇپ بەردى. ھەر قېتىم دېكلاماتسىيە ئوقۇغاندا، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. چۈنكى، داستاندا ئۇلۇغ ئىنقىلابىي داھىي لېنىننىڭ ئوبرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يارىتىلغانىدى. شائىر لېنىن بىلەن پارتىيىنى قوشكېزەكلەر دەپ تەسۋىرلەپ، لېنىننىڭ خەلقتىن، پارتىيىدىن ئايرىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. كەڭ ئامما: «بۇ داستان تامامەن بىزنىڭ. ماياكوۋسكى بۇ داستاننى يېزىپ، پرولېتارىيات ئۈچۈن چوڭ بىر ئىش قىلىپ بەردى» دېيىشى.
1924 - يىلى، شائىر «لېنىن» دېگەن داستاننى ئېلان قىلىشتىن تاشقىرى، يەنە يېڭى سوۋېت دۆلىتىنى مەدھىيىلەيدىغان «ياخشى!« دېگەن بىر داستاننى يېزىپ چىقتى.
شائىر تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىيات بىلەن:
»مدھىيىلەيمەن _
ۋەتىنىمنىڭ
ھازىرىنى،
ھەسسىلەپ مەدھىيىلەيمەن _
ۋەتىنىمنىڭ
كەلگۈسىنى.»
دەپ يازدى. بۇ شېئىر تىلىنىڭ ئىخچاملىقى، يېڭى ۋە دەۋر خۇسۇسىيىتىگە تولغانلىقى بىلەن كىتابخانلارنىڭ قىرغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
ماياكوۋسكى ئۇلۇغ روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى دەۋرىنىڭ كۈيچىسى. ئۇ شېئىر - ناخشىلارنى «بومبا ۋە بايراق» قىلىپ، «كۈيچىنىڭ ئاۋازى سىنىپنى روھلاندۇرالايدۇ»دەپ قارىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان خەلقنى كۈرەشكە يېتەكلىگەن بايراق، كونا دۇنياغا تاشلانغان بومبا بولدى.
ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگەئىدى، ئۇ پەلەمپەيچە تىزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. رىتىملىرى روشەن ۋە كۈچلۈك، تىلى ساز ۋە كەسكىن ئىدى. ئۇ: «بىر گرام رادىينى تاۋلاش ئۈچۈن، يىل بويى ئەمگەك سىڭدۈرۈش لازىم. بىرەر سۆزنى جايىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن، نەچچە مىڭ توننا تىل زاپىسى كېرەك» دەيتتى. ئۇ بىر جۈملە سۆزنى يېزىش ئۈچۈن، تاكى ئۆزى قانائەتلەنگىچە، نەچچە كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئىزدىنەتتى، قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلاتتى.