«قوڭۇر رەڭلىك ۋابانى يوقىتايلى»
بەش مىڭ يىل
بېرلىن كوچىسىدا، ناتىستلار پارتىيىسىنىڭ بىر توپ شايكىلىرى بىر تۇتام تەشۋىق ۋەرقىنى تېپىۋالدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يېزىلغان «قوڭۇر رەڭلىك ۋابانى يوقىتايلى» دېگەن خەتنى كۆرۈپلا، دەرغەزەپكە كەلدى. ئەسلىدە، ناتىسىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇرىتلىرى بەلگىلىمەب ويىچە قوڭۇر رەڭلىك كىيىنم كىيگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇلارنى «قوڭۇر رەڭلىك ۋابا» دەپ ئاتايتتى. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ بۇ مۇرىتلىرى تەشۋىق ۋەرقىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «رومان روللاند» دەپ ئىمزا قويغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
_ بۇ رومان روللاند دېگىنىڭ كىم؟ - دېدى دۆت مۇرىتلاردىن بىرى.
_ رومان روللاند كومپارتىيىچى ئۇنسۇرلارنىڭ تەخەللۇسىدەك قىلىدۇ، - دېدى ناتسىستلارنىڭ نادان مۇرىتلىرىدىن يەنە بىرى.
_ ياق بۇ رومان روللاند دېگەن راست ئىسىم، ئۇ فرانسىيىلىك! - دېدى ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولۇچى.
شۇ كەملەردە، ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى رومان روللاندنىڭ ارانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى، شۇنداقلا ئاتاقلىق مۇزىكانت بولۇپ، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا تارىخىدىن دەرس ئۆتكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ، 1904 - يىلدىن بۇيان، ئون يىل ئىچىدە «جون كرىستوۋ» دېگەن كاتتا رومانى يېزىپ، بۇرژۇئا جەمئىيىتىگە قارىش ئۆزى يالغۇزكۈرەش قىلغان مۇزىكانتنىڭ تراگېدىيىسىنى تەسىرلىگەنىدى. مۇشۇ داڭلىق ئەسەر بىلەن يەنە باشقا ئەسەرلەرنىڭ كەڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئۇ 1945 - يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1 -دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئۇ شۋېتسارىيىگە كۆچۈپ باردى. ئۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، جاھانگىرلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى.گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ياۋروپا ئاسمىنى كۈندىن - كۈنگە تۇتۇلۇپ، ئۇرۇش تەھدىتى كۈندىن - كۈنگە ئېغرلاشتى، رومان روللاند ناتىسىستلارغا قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. 1932 - يىل ئاۋغۇستتا، ئۇ ەوللاندىيىدە چاقىرىلغان فاشىزمغا قارشى تەنتەنىلىك يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
_ فاشىزم دېمەك ئۇرۇش دېمەكتۇر! - دېدى ئۇ يىغىندا ئوقۇغان تېزىسىدا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ، فاشىستلانىڭ تاجاۋزىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاىنى قوغداش لازىملىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. چۈنكى، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنىڭ ئۆزى ئېكىسپىلاتاتۇرلارنىڭ كونادۇنياسىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىش دېگەنلىك» ئىدى. ئۇ، يىغىندىن كېيىن، «گىتلېر فاشىزمىغاقارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىش ھەيئىتى» نامىدىن مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان تەشۋىق ۋەرەقلىرىنى تارقاتتى. بېرلىن كوچىسىدا پەيدا بولغان «قوڭۇر رەڭلىك ۋابانى يوقىتايلى» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئۆزى تەييارلىغان ۋە ئىمزا قويغان تەشۋىق ۋەرەقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى بىئارام بولدى. رومان روللاند غەربتىكىزىيالىلار ئارىسىدا ئابرويغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنى ئاشكارا ئەيىبلىيەلمەيتتى ۋە يېنىكلىك بلەن قەست قىلىشقىمۇ پېتىنالمايتتى. شۇڭا ئۇلار مەككارلىق ئۇسۇلىنى قوللاندى.
بىر كۈنى، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كونسۇلى ئىككى كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ، رومان روللاندنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
_ ھۆرمەتلىك رومان روللاند جانابلىرى، _ دېدى گېرمانىيە كونسۇلى قەستەن كەمتەرلىك بىلەن، - زۇڭتۇڭىمىز ھىندىبېرگ جانابلىرى سىلىنىڭ سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن جەھەتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، بۇ «گيوتې ئوردېنى» نى سىلىگە تەقدىم قىلىشنى ماڭا ھاۋالە قىلدى.....
رومان روللاند بۇ گەپنى ئاڭلاپلا، بۇنىڭ بىر سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى، ناتسىستلار ئۇنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، فاشىستىك تەشۋىقاتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆز تەرىپىگە تارتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدى.
_ بۇ «شان - شەرەپ» نى مەن قوبۇل قىلالمايمەن، - دېدى رومان روللاند جاۋاب بېرىپ، - بۈگۈن گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن ئىشلرنىڭ ھەممىسى، ئالايلى، ئەركىنلىكنىڭ چۆرۈپ تاشلىنىشى، ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ زىيانكەشلىككەئۇچرىشى، يەھۇدىيلەرنىڭ قوپال ۋە نومۇسسىزلارچە زۇلۇمغا ئۇچرىشى ئىشقىلىپ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقنىڭ ئورتاق غەزىپىنى قوزغىماقتا. شەخسەن مېنىڭ غەزىپىمنىۇ قوزىماقتا. بۇنداق سىياسەت، ئىنسانىيە ئالدىدا قىلىنغان جىنايەتتۈرئ1
گىتلېرنىڭ مۇرىتلىرى دەككىسىنى يېگەندىن كېيىن، رومان روللاندقا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر مەھەل غىت قىسىشقا مەجبۇر بولدى. 1933 - يىلى، ناتسىستلار «رېيخىستاكقا ئوت قويۇش ۋەقەسى» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رومان روللاند ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دېمىتروۋنى قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە مەرتلەرچە ئتالاندى. ئۇ گېرمانىيىنىڭ پارىژدىكى باش ئەلچىسىگە خەت يېزىپ، گورېن ۋە باشقا ناتسىستلار كاتتىباشلىرىنى ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئەيىبلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ناتسىستلار كۈلۈمسىرەپ تۇرغان يالغان نىقابىنى ئاخىر يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ گېزىتلىرىدە رومان روللاندقا ھەدەپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى »گېرمانىيىنىڭ دۈشمىنى» دېدى.
ئارقىدىنلا،ناتسىستلار ھككۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، گېرمانىيىلىك نەشرىيات سودىگىرى رومان روللاندنىڭ «ئەركىنلىك روھى» دېگەن ماقالىلەر توپلىمىنىڭ بېسىلىپ بولغان نېمىسچە يېڭى كىتابىنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋەتتى. بىر نەچچە ئايدىن كېين، يەنە بىر نەشرىيات سودىگىرىمۇ ئۇنىڭ «ئانا ۋە بالا» دېگەن رومانىنىڭ نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشىرق ىلىشنى رەت قىلدى؛ تېخى يولسىزلىق بىلەن، بۇر وماننىڭ نېمىسچە تەرجىمىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە نەشىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، رومان روللاندنىڭ گېرمانىيىدىن قېىچپ كەلگەن بىر دوستى ئۇنىڭغا گېرمانىيىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى جازا لاگېرىدا، فاشىست باندىتلارسىياسىي مەھبۇسلارنى «تەربىيىلەش» مۇناسىۋىتى بىلەن «جىنايى كىتابلار كۆرگەزمىسى » ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، كۆرگەزمىگە كۆيدۈرۈلسۇن دەپ جاكالانغان نۇرغۇن «جىنايى كىتابلار كۆرگەزمىسى» ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، كۆرگەزمىگە كۆيدۈرۈلسۇن دەپ جاكالانغان نۇرغۇن «جىنايى كىتابلار» تىزىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىە ماركس، ئېنگلېس ئەسەرلىرى، گېرمانىيە، روسىيە ۋە باش مەملىكەتلەردىكى كوممۇنىستلانىڭ ئەسەرلىرى، رومان روللاندنىڭ «جون كرىستوۋ» دېگەن رومانىمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى. رومان روللاند بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، بۇلار مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى باھا، دەپ ھېسابلىدى.
_ دۈشمەنلەر، _ دېدى ئۇ، _ مەسىلىگە ھەمىشە دوستلادىنمۇ ئەتراپلىقراق قارايدۇ،.... گىتلېرىزم ئالدىدا،ئىنساتنىيەتنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان زالىملار ئالدىدا جون كرىستوۋ دۈشمەنگە قارشى مۇشتۇمىنى مەڭگۈ ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ!
1939 - يىل سېنتەبردە، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى فرانسىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلىدى. بۇ چاغدا، رومان روللاند شۋېتسارىيىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۆزى تۇغۇلغان يەرگە يېقىن بىرك ىچىك بازاردا تۇراتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، رومان روللاند تۇرۇۋاتقان بۇ كىچىك بازارنى دۈشمەن بېسىۋېلىپ، «قوڭۇر رەڭلىك ۋابا» ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى. ھايت - ھۇيت دېگۈچە، ئۇنىڭ كىچىك بىناسى نەزەربەند قىلىندى ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىندى. «قوڭۇر رەڭلىك ۋابا» لارنىڭ ئۇنىڭ گۈلزارلىقىدا، دەرەخزارلىقىدا لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى، قاقاقلاپ كۈلۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭغاھەيۋە قىلىۋاتقانلىقىنى رومانروللاند دېرىزىسىدىنئېنىق كۆرۈپ تۇردى.
ياشىنىپ قالغان كېسەلمەن رومان روللاند ئەە شۇىڭدىن ئېتىبارەنفاشىستلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ «كۈرەش بىلەن ئۆتكەن 15 يىل» دېگەن سىياسىي ماقالىلەر توپلىمى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلدى؛ ئارقىدىنلا، فرانسىيىنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، رومان روللاندنىڭئەسەرلىرىنى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرسلىك ۋە قوشۇمچە ئوقۇشلۇق قىلىپ ئىشلىتىشىنى تەقىپ قىلدى.
رومان روللاند ئۆزىنىڭ ۋابالارنىڭ چاڭگىلىدىكى نەرسە بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. ئەمما ئۇ قىلچە مەيۈسلەنمىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئىنتايىن ئوسال ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتسە، يەنە بىر تەرەپتىن كېسەل تۇرۇپمۇ يېزىش ئىشىنى داۋاملاشتۇردى. دېمەك، دۈشمەنلەر فرانسىيىنى بېسىۋالغان تۆت يىل ئىچىدە، ئۇ «چىن كۆڭۈل سەپىرى» دېگەن ئەسلىەم بىلەن «بېگىنىڭ تەرجىمىھالى»، «ئۇلۇغ بېتخوۋېن» قاتالرىق تەرجىمىھالى ئەسەرلىرىنى يازدى. بېگى ۋەتەنپەرۋەر ئىدى، ئۇ 1941 - يىلى گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەڭ مەيدانىدااقۇربان بولدى. رومان روللاندبۇ ئىرادىلىكەتەنپەرۋەرنىق قىزغىن مەدھىيىلىدى.ئۇ تەرقىمىھالنىڭ ئاخىردا: «ھەقىقەت ،شەرەپ، ئۈمىد ە ئەركىنلىك _ مانا بۇلار بېگىنىڭ قەلبىنى قاپلىغان ئۇلۇغۋار نۇردۇر. ھالبۇكى، بېگى مانا بۈگۈن فرانسىيە ئاسمىنىدا بۇ نۇرلارنى يېڭىباشتىن تۇتاشتۇرماقتا!»
1944 - يىل 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئالەمگگ تونۇلغان، بۇ ئۇلۇغ يازغۇچى، فاشىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان بۇ جەڭچى ئالەمدىن ئكتتى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى خاتىرىلەشكە توغرا كەلدى. ئۇ كېسىلىگە قارىماي، باشقىلارنىڭ يۆلەپ مېڭىشى بىلەن، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پارىژغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشئەلچىىانىسىدا ئۆكتەبر ئىنقىلابى بايرىمىنى - فاشىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تەبرىكىدى.
رومان روللاند ئۆزىنىڭ «ئۆتمۈش بىلەن ۋىدالىشىش» دېگەن ماقالىسىدە:
«مەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىپ ئۆتەيكى، بەخت تىلەمەن، خاتىرجەم دەم ئالغىن! ئەمىن تاپقىن مېنىڭ مېڭەم! جىم بولغىن مېنىڭ مۆچىلىرىم! سىلەر جاپا چەكتىڭلار، بىز مۇشەققەتلىك، ئېگىز - پەسە يوللارنى گۈزەل ئىدى. بىز بۇ يولىمىزدا قەدەمدە بىر قان ئىزلىرىنى قالدۇردۇق، بۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دەپ يازغىنىدەك، ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ھەقىقەتكە، پارلاق نۇرغا ئىنتىلىپ، توختىماي ئىزدىنىپ، توختىماي يېزىپ، ئىنسانىيەتكە قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى.