UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپادىشاھ دېگەن سۆزنىڭ ھەر خىل ئاتىلىشى

پادىشاھ دېگەن سۆزنىڭ ھەر خىل ئاتىلىشى

بەش مىڭ يىل قەدىمكى زاماندا، ھەر بىر دۆلەت پادىشاھلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە ناملىرى بار ئىدى. مەسىلەن، قەدىمكى مىسىردا پادىشاھ >فىراۋون< دەپ ئاتىلاتتى، قەدىمكى رىم ۋە گېرماندا >كايزا< دەپ ئاتىلاتتى، روسىيىدە >چار< دەپ ئاتىلاتتى، ياپونىيىدە >سامماۋى خان< دەپ ئاتىلاتتى، ۋاھاكازالار. بىر دۆلەتنى ئالىدىغان بولساقمۇ، سۇلالىلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بەزى جايلاردا پادىشاھلارنىڭ ناملىرىمۇ ئالمىشىپ كېتەتتى. ئېلىمىز جۇڭگونى ئالىدىغان بولساق، قەدىمكى زاماندا >خان< جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە >شاھ<، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە >پادىشاھ<... دەپ ئاتالغان. >سۇننى< ۋە >ئاسكىيا< دېگەن سۆزلەرمۇ پادىشاھ دېگەن سۆزنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى، قەدىمكى غەربىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى سونگاي پادىشاھلىقى دېگەن سۆزمۇ پادىشاھلىقلارنىڭ نامى بولۇپ پەقەت سۇلالىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلەنگەن. سولگاي پادىشاھلىقى مالى پادىشاھلىقىدىن كېيىن، غەربىي ئافرىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭدا ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ، سوننى ۋە ئاسكىيا دېگەن ئىككى پادىشاھلىق ئۆتكەن. سوننى پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى - ئەلى ۋە سىلىمالەردىن ئىبارەت ئاكا - ئۇكىلار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنى مالى ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن، ياشلىق دەۋرىنى گۆرەگە تۇتۇلغان ئادەملەر قاتارىدا مالىنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزدى. ئەمما، بۇ ئاكا - ئۇكىلار ئىنتايىن چىچەن بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە بەكمۇ ئىتائەتمەن بولدىد، ھەتتا مالى پادىشاھنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەملەشتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تەقى - تۇرقى كېلىشكەن، قورال تۇتۇشقا چەبدەس بولغاچقا، مالى پادىشاھى ئۇلارغا بەكمۇ ئامراق ئىدى ۋە شۇ تەپەيلى ئۇلارغا بولغان نازارەتنى بوشاشتۇرۇۋەتتى. مىلادى 1337 - يىلى مالىنىڭ ئەڭ مەشھۇر پادىشاھى مۇسا ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئىچكى مالىمانچىلىق كۆتىرىلدى. بۇ ئاكا - ئۇكىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەخپىي ھالدا ئانا يۇرتىغا قېچىپ كەلدى. ئۇلار سونگاينىڭ ئەرلىرىنى توپلاپ، ۋەتىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇشى قوزغاپ، ئاخىرى تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، بۇرۇنقى پايتەختنى تارتىۋالدى. دۆلىتىنى يېڭىۋاشتىن قۇرغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئاكىسى پادىشاھ بولدى. ئاندىن ئىنىسى ئورۇن باستى ھەمدە ئىككىيلەن بىرلىكتە >سوننى< دېگەن ھۆرمەت نامنى قوللاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سونگاي پادىشاھلىرى>سوننى< دەپ ئاتالدى. بۇلار قۇرغان پادىشاھلىقمۇ سوننى پادىشاھلىقى دەپ ئاتالدى. سوننى پادىشاھلىقىنىڭ 19 - ئەۋلاد پادىشاھى سوننى ئەلى ئىدى. ئۇ 1468 - يىلى مالى پادىشاھلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي ئافرىقىنىڭ زومىگىرىگە ئايلاندى، بۇ چاغدا پادىشاھلىقنىڭ زېمىنىدە كۆرۈنەرلىك كېڭىيىش بولدى. ئاكسىيا پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد )مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئەمەس( ئەسلىدە سوننى پادىشاھلىقى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىدى. ئۇنداق ئىكەن، ئۇ قانداق بولۇپ پادىشاھ بولۇپ قالدى؟ بۇ ۋەقەنى سۆزلىسەك گەپ ئۇزۇن. 1492 - يىلى، سوننى پادىشاھى ئالەمدىن ئۆتتى، ئىككىنچى يىلى چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەردى. بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى، سونگاي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى مۇھەممەدنىڭ بارگاھىدا چىراقلار ۋالىلداپ تۇراتتى، لەشكەر باشلىقلىرى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، كەڭ - كۇشادە غىزالىنىۋاتاتتى. ئەمما، بارگاھنىڭ ئەتراپىغا قوراللانغان ئەسكەرلەر سانجاق ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەيپىيات بىردىنلا ناھايىتى جىددى تۈس ئالدى. توساتتىن ياش بىر مەمۇرى ئەمەلدار ئالدىراپ كىرىپ كەلدى - دە، ئۇدۇل مۇھەممەدنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلىدى. لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى جىددىلىشىپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشتى. مۇھەممەد باش لىڭشىتتى، بۇ ياش مەمۇرى ئەمەلدار بارگاھنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ۋارقىراپ سۆزلىدى: - ئۆتكەن يىلى ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھ ئەسلىدە كاپىر ئىكەن! ئۇ مالىغا ھۇجۇم قىلغاندا، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى! ئۇ گۇناھكار! باياتىن مەن يېڭى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاتىسى - سوننىنىڭ سابىق پادىشاھىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى ئەيىپلەشنى ئۆتۈندۈم، ئەمما ئۇ رەت قىلدى، روشەنكى، بۇ يېڭى پادىشاھمۇ كاپىر ئىكەن! ئوفېتسېرلار بۇ سۆز بىلەن تەڭلا غۇلغۇلا قىلىشتى. - ھازىر مەن خۇدا ئالدىدا قەسەم بېرىمەنكى، بىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ پاكلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، غازات قىلىشىمىز كېرەك! - غازات قىلىمىز! غازات! - بىر قىسىم لەشكەر باشلىقلىرى توۋلاشتى. لېكىن، بىر قىسىم لەشكەر باشلىقلىرى لام - جىم دېمەي جىم تۇرۇشتى. - خۇدايىم ئۆزەڭ ساقلىغايسەن! - ياش مەمۇرىي ئەمەلدار ئۈنلۈك سۆزلىدى، - باش قوماندانىمىز مۇھەممەت سەردارىمىز بولسۇن، كاپىرلارنى قىرىپ تاشلايلى! - كاپىرلارنى قىرىپ تاشلايلى! - ئوفىتسېرلار بىرلىكتە توۋلىدى. ئەسلىدە توۋلىمىغان بەزى ئوفىتسېرلارمۇ ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇ دەرىجىگە يېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نائىلاج جۆر بولۇشتى. مۇھەممەد زۇلپىقارىنى قىنىدىن چىقاردى - دە: - ھەممىگە قادىر خۇدا بىز بىلەن بىللە! - دەپ توۋلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ ئارمىيە، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ئوشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغىدى، مۇھەممەد، سونگاينىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى، سوننى پادىشاھلىقى ھالاك بولدى. مۇھەممەد پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى >ئاسكىيا< دەپ جاكارلىدى. >ئاسكىيا< ئەسلىدە سوننى پادىشاھلىقىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇنۋانى ئىدى، ئەمدىلىكتە پادىشاھلىق نامىغا ئۆزگەرتىلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سونگاي يېڭى پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا بىردەك >ئاسكىيا< دەپ ئاتالدى، كىشىلەرمۇ ئۇنى ئاسكىيا پادىشاھلىقى دەپ ئاتىدى. ئاسكىيا پادىشاھلىقى دەۋرى - سونگاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرى بولدى، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا مالى پادىشاھلىقىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى تېرىتورىيىسىگە كىرگۈزىۋالدى. بۇ پادىشاھلىق دەۋرى سونگاي مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تەرەققىي تاپقان دەۋرى بولدى. مۇھەممەت، ئىسپانىيىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئەرەپ ئالىملىرى، يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلارنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ، گائو ۋە تېمبوكتۇ دېگەن ئىككى شەھەرنى ئافرىقىنىڭ مەشھۇر مەدەنىي - مائارىپ مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. تېمبوكتۇدا دۇنياغا مەشھۇر بولغان سانكول ئۇنۋېرسىتېتنى قۇردى؛ ئۇ يەردىكى كۇتۇپخانىمۇ ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپجانىلارنىڭ بىرى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ