UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبىلىم _ كۈچ

بىلىم _ كۈچ

بەش مىڭ يىل «بىلىم - كۈچ» _ كىشىلەر ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان ھېكمەتلىك سۆز، بۇ سۆز تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۈزلۈكسىز نەقىل قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت، ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىشىغا ئىلھام بەرمەكتە. ئەمما، سىزمۇ بۇ سۆزنى كىم قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر سىز ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسىڭىز، بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى ئەنگلىيىلىك ماتېرىيالىست پەيلاسوپ فرانىس بېكوننىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز. بېكون، 1561 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. ئۇ كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز ھەم كېسەلمەن بولسىمۇ، مەزمۇنى چوڭقۇر كىتابلارنى تەتقىق قىلىشقا خۇشتار بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى قېرى مىجەز دېيىشەتتى. 12 ياشقا كىرگەندە، بېكون، نامى ئۇلۇغ كېمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۈچ يىل ئوقۇپلا چىقىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى «مەدرىس پەلسەپىسى» ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى، بېكون ئۇنداق مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ «زىيىنى بار، پايدىسى يوق» لىقىنى ھېس قىلدى. «مەدرىس پەلسەپىسى» دېگەن نېمە؟ «مەدرىس پەلسەپىسى» _ «ئىلاھە» ئۈچۈن ئاقلامچىلىق قىلىدىغان پەلسەپە، ئۇ ئىلاھىيەتشۇناسلىقنننى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ھالدا ئىنتايىن چۇۋالچاق ئۇسۇللار بىلەن ئىلاھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنداق ئىدىيە كىشىلەرنى تەبىئەت ۋە پەندىن يىراقلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنى بىلىش يولىنى پۈتۈنلەي توساپ قويغاچقا بېكوننىڭ بۇنداق پەلسەپە بىلەن پەقەت خۇشى قالمىدى ۋە ئۇنى ئىنتايىن پەس كۆردى. بىر قېتىم «مەدرىس پەلسەپىسى» نى تەرسالىق بىلەن قوغدايدىغان بىر دىندار ئۇنىڭغا: _ «مەدرىس پەلسەپىسى» نى بۈيۈك ئەۋلىيا ئارستوتېل بەرپا قىلغان، ئۇ دۇنيادا ئەڭ پاك پەلسەپە، - دېدى. - سىلەرنىڭ پەلسەپەڭلار خۇددى دەرۋىشخانىلاردىكى ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلىغان رۇپاشلارغا ئوخشاش، بالا تۇغماي، زېرىكەرلىك تالاش - تارتىش پەيدا قىلىدۇ؛ كىشىنى ئاز - تولا بىلىمگە ئىگە قىلماي، ھايۋانلارچە ئەخمەقلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بېكون «مەدرىس پەلسەپىسى» نىڭ ئەقىدە قوغدىغۇچىلىرىنى پەس كۆرۈپ، ئۇلارنى ئۆتكۈر مەسخىرە قىلدى ھەمدە: ھەقىقىي پەلسەپە، تەبىئەتنى تەتقىق قىلىشى، تەبىئەتنى تىزگىنلىشى، كىشىلەرگە يېڭى كەشپىيات يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. مىلادى 1620 - يىلى، ئۇ «يېڭى قورال» دېگەن بۇ مەشھۇر ئەسىردە، «بىلىم - كۈچ» دېگەن شۇئارنى ئەڭ ئاۋۋال جاراڭلىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ كىشىلەرنى تەبىئەتنى تىزگىنلەش، تەبىئەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن پەننىي بىلىملەرنى ئىگەللەش شەرتلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندرۇدى. ئۇ دائىم: «بىلىم - بىر خىل خۇشاللىق»، «ئادەمنىڭ بىلىمى بىلەن كۈچى، ئىككى نەرسىنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىدۇر» دەيتتى. ئۇ ئىلمىي تەجرىبىلەرگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، تەجرىبە ئارقىلىقلا ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ دەپ قارىدى. مانا بۇلار ھەم ئەكسىيەتچى «مەدرىس پەلسەپىسى» ئۈستىدىن قىلىنغان كۈچلۈك تەنقىد، ھەم كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە دادىل ئىزلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش بولدى. بېكون مەشھۇر پەيلاسوپ بولۇش بىلەنلا قالماي يەنە مەشھۇر نەسرىي يازغۇچى ئىدى. ئۇ 1624 - يىلى يازغان «مۇلاھىزىلەر توپلىمى» دا، نەپىس، مېغىزلىق تىل بىلەن كىشىلىك ھايات، جەمئىيەت، تەبىئەت ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچىلىكى بار جەۋھىرى چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، «چىۋەرلىك توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە، ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «سۈرئەتنى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىش ئىش قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلەردىن بىرى. ئۇ خۇددى دوختۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تېز ھەزىم قىلدۇرۇش» ى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى كىسلاتا سۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، تاپقىلى بولمايدىغان كېسەل يىلتىزىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىش قىلغان ۋاقىتنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى چىۋەرلىكنىڭ ئۆلچىمى قىلماي، ئىشنىڭ ئىلگىرىلەش دەرىجىسىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. ئالايلۇق، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، سۈرئەت قەدىمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى، قانچىلىك ئېگىز كۆتۈرۈلگەنلىكىگە باغلىق بولمايدۇ. دېمەك، چىۋەرلىكنىڭ ئۇسۇلى بىر قېتىمدا بىرمۇنچە ئىشقا چات كېرىش ئەمەس، بەلكى بىر ئىشنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىشتۇر ... ئەمما، ھەقىقىي چىۋەرلىك ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. چۈنكى، خۇددى پۇل مالنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولغىنىدەك، ۋاقىت ئىشنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. شۇڭا، ئىشتا چىۋەر بولمىغاندا، ئىشقا بېرىلگەن بەدەل جەزمەن يۇقىرى بولىدۇ.» بۇ كىتابتىكى بىرمۇنچە ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە ئۇرغۇلۇق جۈملىلەر تاكى ھازىرغىچە كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە. مەسىلەن، «دوستلۇق بولمىسا، دۇنيا دەشتى - چۆلگە ئوخشايدۇ»؛ «ئادەم پاراسىتىنىڭ ساغلاملىقىغا ئەڭ ئوبدان كېپىللىك قىلغۇچى دورا - دوستلارنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرىدۇر» («دوستلۇق توغرىسىدا»). يەنە مەسىلەن، «ماختانچاقلارنى ئاقىللار كۆزگە ئىلمايدۇ، ئەخمەقلەر ھېرىس قىلغان، خوشامەتچىلەر تەخسىكەشلىك قىلغان چاغلىرىدا، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئاشۇ ماختىغان سۆزلىرىنىڭ قۇلى بولىدۇ» (قۇرۇق شۆھرەت توغرىسىدا). بېكون ئۆمرىدە ئىلىم - بىلىم جەھەتتە ناھايىتى زور نەتىجە ياراتتى. سىياسىي تۇرمۇشقا بولسا بىرمۇنچە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئايال پادىشاھ ئىلىزانېتنىڭ تامغىچى ۋەزىرى ئىدى، ئانىسى بولسا باروننىڭ قىزى ئىدى. ئەمما، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋە چەتكە قېچىشى بىلەن، بېكون باشتىن - ئاخىر ئايال پادىشاھ تەرىپىدىن ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلمىدى. ئايال پادىشاھ ئۆلۈپ، جامىس بىر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنلا، ئۇ تەدرىجىي ئۆسۈپ باش مۇپەتتىش، تامغىچى ۋەزىر، باش سوتچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئەمما، كېيىنچە يەنە بارلىق مەنسەپلىرىدىن قالدۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە، ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىقاتقا بېرىلىپ، ئاخىرى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر ماتېرىيالىستىك پەلسەپىسىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولدى
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ