UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭرېنتگېن نۇرىنىڭ كەشپىياتچىسى

رېنتگېن نۇرىنىڭ كەشپىياتچىسى

بەش مىڭ يىل پروفېسسور رېنتگېن ئۈچۈن ئېيتقاندا، 1895 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇلماس كۈن بولدى. چۈنكى، بۇ كۈنى رېنتگېن، رېنتگېن نۇرىنى كەشىپ قىلدى، بۇ خىل نۇر بۈگۈنكى كۈندە كىرىستال جىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشى تەتقىقاتى، مېتاللار زىدىسىنى تەكشۈرۈش تىببىي پەن ۋە ئوچۇق كۆرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ قوللىنىلىپ، ئىنسانىيەتكە زور بەخت يەتكۈزمەكتە. رېنتگېن گېرمانىيە زولىنگىن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى. ئۇنىڭ يېتىپ ئاشقۇدەك مەمۇرىي خىزمەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاساسلىق زېھنىنى يەنىلا فىزىكا تەتقىقاتى تەرەپكە قاراتتى. بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى، ئۇ ئۆزى يالغۇز فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، ئىسلاھ قىلىنغان كاتود نۇرلۇق ئېلېكتر لامپىسى )مەنپىي قۇتۇپ نۇرى لامپىسى( نى تەجرىبە قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. تەجرىبە قىلىشتىن ئاۋۋال، رېنتگېن لايىھىلىگۈچىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن زەرەت قويۇپ بەرگۈچى بۇ ۋاكۇئۇم لامپىسىنى قارا قەغەز بىلەن مەھكەم ئوراش ئارقىلىق ھەر قانداق نۇر قېچىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئاندىن ئىشىك - دېرىزىلەرنى بىردەك تاقىدى ھەمدە توكنى ئۇلاپ قارا قەغەزنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش - ئۆتكۈزمەسلىكىنى تەكشۈردى. >ياخشى، - دېدى، رېنتگېن بىر قۇر كۆزەتكەندىن كېيىن ئۆز - ئۆزىگە، - ھەببەللى، زادىلا ئۆتكۈزمەيدىكەن< - دېدى. ئۇ تەجرىبە قىلىۋېتىپ توساتتىن ئاجايىپ بىر ھادىسىنى سەزدى. كاتود نۇرلۇق ئېلېكتر لامپىسىدىن بىر مېتىرغا يەتمىگەن ئارىلىقتىكى خىزمەت تاكچىسىغا يېشىل يالقۇن نۇر چۈشۈپ تۇراتتى. >بۇ نۇر قەيەردىن چىقتى؟< رېنتگېن ناھايىتى ھەيران بولدى. ئۇ توكنى ئۈزۈۋىدى، كاتود نۇرلۇق لامپا ئۆچتى. ھېلىقى يېشىل يالتىراق نۇرمۇ غايىپ بولدى. مۇشۇ تەرىقىدە كۆپ قېتىم سىناق قىلىۋىدى، ئۇنىڭدىن چىققان ھادىسە يەنە ئالدىنقىدەك بولۇۋەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تال سەرەڭگە يېقىپ، خىزمەت تاكچىسىدا نېمە بارلىقىغا قارىدى، ئەسلىدە ئۇ يەردە ئۈستىگە بىر خىل كرسىتال جىسىملىق ماتېرىيالدىن ھەل بېرىلگەن بىر پارچە كاتود قەغەز بار بولۇپ، بۇ سىرلىق نۇر ئاشۇنىڭدىن تارقالغانىكەن! >توك كاتود نۇرلۇق لامپىغا ئۆتكەن تۇرسا، بۇ كاردون قەغەزدىن نېمىشقا نۇر تارقايدۇ؟<، - دېدى رېنتگېن ئىختىيارسىز ھالدا، - بۇ لامپىدا مەلۇم بىر خىل بىلىنمىگەن نۇر بولسا، كاردون قەغەز ئۈستىگە چۈشۈپ ئۇنىڭ نۇر تارقىتىشىغا سەۋەبچى بولدىمۇ يا؟< ئۇ ئويلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە قولىغا بىر كىتابنى ئېلىپ، كىتابنى كاتود نۇرلۇق ئېلېكتر لامپىسى بىلەن كاردون قەغەز ئارىلىقىغا قويۇپ، توساق ھاسىل قىلدى. ئۇ شۇنىڭغا ئەجەبلەندىكى، كاردون قەغەز ئۈستىدە يەنىلا نۇر كۆرۈندى. كاردون قەغەزنى يىراقراق ئىتتىرىپ قويۇۋىدى. ئۇنىڭدىن يەنىلا نۇر يالتىرىدى. دېمەك، بۇ خىل نۇر قاتتىق جىسىملاردىن ئۆتىدىكەن.! رېنتگېن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالغۇدەك دەرىجىدە خۇشال بولۇپ كەتتى، بىر خىزمەتدىشى تەجرىبىخانىغا ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئىزدىگىلى كىرسىمۇ زادىلا تۇيمىدى. كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغاندا، ئۇنىڭ ئايالى خىزمەتدىشىنى تاماققا چاقىرغىلى ئەۋەتسىمۇ، ئۇ تەجرىبىدىن قول ئۈزمىدى. بىر نەچچە قېتىم سۈيلىگەندىن كېيىن ئاندىن تاماققا كىرىپ، لام - جىم دېمەستىن ئازغىنا غىزالىنىپلا، تەجرىبىخانىغا كىرىپ كەتتى. رېنتگېن شۇ پېتى بىر نەچچە كۈن تەجرىبىخانىدىن چىقىماي، بۇ خىل نامەلۇم نۇرنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ ياغاچ، ئەينەك، قاتتىق كاۋچۇك قاتارلىق نەرسىلەرنى توسقۇچ قىلىپ كۆرۈۋىدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ نۇرنىڭ ئۆتۈشىنى توسىيالمىدى؛ يەنە ھەر خىل مېتاللارنى سىناق قىلىۋىدى، بۇ نۇر قوغۇشۇن بىلەن پلاتىنادىن باشقا مېتاللاردىن ئۆتۈپ كەتتى؛ پېچەتلەنگەن رەسىم دىبىنىنى قاتتىق كاردون قەغەز بىلەن توساپ قويۇۋىدى، گەرچە ئەتراپ قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ، دىبەن يەنىلا يورۇقلۇق سەزدى. بۇ ھادىسە ئۇنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇردىكى، ئۇ ئۆزىنىڭ قولىنى سىناق قىلىۋىدى، ھەر بىر بارمىقىنىڭ سىياقى ئېنىق كۆرۈنۈپ، قول مۇسكۇلىنىڭ كۆلەڭگىسى نامايان بولدى. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھايات ئادەمنىڭ ئىچكى مۇسكۇلىنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. رېنتگېن بۇنىڭدىن ھەم ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ھەم ئىنتايىن ۋەھىمىلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئۆز كەشپىياتىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرگۈچە ۋە نەزەرىيە جەھەتتە شەرھىلىمىگۈچە توختىماستىن مەخپىي تەجرىبە قىلىشقا بەل باغلىدى. رېنتگېن ئۇدا بىر نەچچە كۈن تاماق يېيىشنى ۋە دەم ئېلىشنى ئۇنتۇغان ھالدا تەجرىبىخانىدىن چىقماي ئىشلىدى. ئايالى ئۇنىڭ ئۇ يەردە نېمە قىلىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى شۈبھىلەندى. رېنتگېن ئۇنىڭ قىستىشىدىن نائىلاج ئۇنى تەجرىبىخانىغا باشلاپ كىرىپ، ئۆزى كەشىپ قىلغان سىرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. خوتۇنى ئىنتايىن ھەيران بولدى. بىر كۈنى كەچتە، رېنتگېن ئايالىنى ئۆزىنىڭ تەجرىبە ئوبيېكتى بولۇشقا كۆندۈردى. ئۇ خوتۇنىنىڭ قولىنى رەسىم دىبىنى قاچىلانغان كوروپكا ئۈستىگە قويغۇزۇپ، ئاندىن كاتود نۇرلۇق ئېلېكتر لامپىسىنى ئۇنىڭ قولىغا توغرىلاپ 15 مىنۇت نۇر ئۆتكۈزدى. بىردەمدىن كېيىن، رېنتگېن بىر پارچە رەسىمنى خوتۇنىنىڭ ئالدىغا قويدى. رەسىمدە بىر قولىنىڭ مۇسكۇلى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. خوتۇنى بۇنى كۆرۈپ قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى. ئۇ، ياپيالىڭاچ تۇرغان بۇ مۇسكۇلنىڭ ئۆزىنىڭ قولى ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمىدى! ئەمما، بۇ تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر سۈرەتلەرنىڭ بىرى بولدى. >بۇ نۇرنى نېمە دەپ ئاتاش كېرەك؟ X نۇرى دەپ ئاتىساق بولار!< رېنتگېن ئاخىر بۇ نامەلۇم نۇرغا مۇشۇ نامنى بەردى. بۇ فىزىكا ئالىمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، رېنتگېن ئەڭ دەسلەپتە كەشىپ قىلغان بۇنداق نۇر تاكى بۈگۈنگىچە >X نۇر<، يەنى رېنتگېن نۇرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، رېنتگېن ئۆزىنىڭ مۇھىم كەشپىياتى توغرىسىدا >بىر خىل يېڭى نۇر< ناملىق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ۋەقە دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلدى. رېنتگېن شۇ ھامانلا ئاخبارات ئەربابىغا ئايلاندى، ئۇنىڭغا تەبرىك خەتلىرى ۋە گۇمانلانغان، ھەتتا ئەيىبلىگەن خەتلەر جاي - جايلاردىن كېلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ ھويلىسىغا ئالىملار، مۇخبىرلار ۋە ھەۋەسكار كىشىلەر توشۇپ كەتتى. ئۇ ئىمزا قويغانلىكى ئاتكىرىتكىلار ھە دېسىلا ئىگىسىگە تەگمەيدىغان بولۇپ كەتتى. چۈنكى كىشىلەر ئۇ ئىمزا قويغان ھەر قانداق نەرسىنى تالىشىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، تىببىي ئالىملار رېنتگېن نۇرى ئارقىلىق ئادەم تېنىدىكى سۇنغان سۆڭەكلەرنىڭ ئورنىنى توغرا كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن >رېنتگېن نۇرى دولقۇنى< كۆتۈرۈلدى. 1896 - يىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رېنتگېن ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئورنىدا بىرىنچى قېتىملىق دوكلات بەردى ۋە جامائەت ئالدىدا ئەمەلىي تەجرىبە قىلىپ كۆرسەتتى. تەجرىبە قىلىپ كۆرسىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىن گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى. ياشانغان بىر ئاناتومىيە ئالىمى ھاياجانلانغان ھالدا: >50 يىلدىن بۇيان بۇنىڭدىنمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ئىلمىي يىغىنغا قاتناشمىغانىدىم<، - دېدى. ئۇ ئىشتراكچىلارغا باش بولۇپ رېنتگېنگە ئۈچ قېتىم تەنتەنە ياڭراتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق نۇرنى >رېنتگېن نۇرى< دەپ ئاتاشنى تەكلىپ قىلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىردەك ماقۇللىدى. شۇ يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىنىڭ زولىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتى رېنتگېنگە تىببىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بەردى. ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئۇستازىنىڭ مەشھۇر تۆھپىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەشئەل كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى. رېنتگېن ئوقۇغۇچىلىرىغا قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان نۇتۇق ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت بىلىمى ھەر قاچان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، سىلەر ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ كەلگۈسىدىكى بۈيۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىڭلار، مەن ھەر بىرىڭلارنىڭ بىردەك بۈگۈنكىدەك شەرەپكە ئىگە بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن... 1901 - يىلى - نوبىل مۇكاپاتى يولغا قويۇلغان بىرىنچى يىل ئىدى، رېنتگېن بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ يىلنىڭ فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇكاپاتنىڭ ھەممىسىنى زولىنگىن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات خىزمىتى ئۈچۈن ھەدىيە قىلدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ئەللەردىكى ئاكادېمىيە ۋە ئۇنىۋېرستېتلار بەرگەن شەرەپلىك ناملارغا ئىگە بولدى. بىر مۇنچە ئىلمىي جەمئىيەت ۋە شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرى ئۇنىڭ نامىدا ئاتالدى؛ ئۇ ھايات ۋاقتىدىلا، بەزى جايلار ئۇنىڭ نامىدا خاتىرە مۇنارلارنى تىكلدى... رېنتگېننىڭ X نۇرىنى كەشىپ قىلىشى تاسادىپىي ئىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كۆپ يىللار كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ ياخشى ئۇستازى پروفېسسور كانتىننىڭمۇ چوڭقۇر ئەقىدىسى سىڭگەن. رېنتگېن 1845 - يىل 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ رىنفور شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، مۇئەللىمنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئالالمىغاچقا، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە بولمايتتى. كېيىنچە، شۋېتسارىيىنىڭ سيۇرخ ئۇنىۋېرسال تېخنىك ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇپ، 1868 - يىلى ماشىنسازلىق ئىنژىنېرى دىپلومىغا ئېرىشكەن؛ ئىككىنچى يىلى، يەنە مۇشۇ ئىنستىتۇتتا پەلسەپە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پروفېسسور كانت يېتەكچىلىكىدە، نۇر توغرىسىدىكى نەزەرىيە دەرسلىكىدە داۋاملىق بىلىم ئاشۇرغان. كانت ئۇنىڭ فىزىكىغا قاتتىق بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاسسىستېنتلىقىغا تەكلىپ قىلغان، بۇنىڭدىن كېيىن، كانت زولىنگىندىكى بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ فىزىكا لېكسىيىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىمۇ رېنتگېننى ياردەمچىلىككە ئاپارغان. كانتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن رېنتگېن بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا مۇدىر پروفېسسور بولغان. 1888 - يىلى 43 ياشلىق رېنتگېن زولىنگىن ئۇنىۋېرستېتى فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا باشلىق ۋە فىزىكا پروفېسسورى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالتە يىل ئىچىدە 17 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. 1894 - يىلى، رېنتگېن بۇ ئۇنىۋېرستېتنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. دەل مۇشۇ يىلى پروفېسسور كانت كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. رېنتگېن نامى چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ئۇستازىنى ئىنتايىن سېغىندى. 1896 - يىلى لوندون پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەندە، ئۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا يىغىنغا كەلگەن ئالىملارغا مۇنداق دېدى: - بۈگۈن مەن ئېرىشىۋاتقان بۇ شەرەپ، مەرھۇم پروفېسسور كانتقا مەنسۇپ بولۇش كېرەك. مەن ئاسسىستېنت بولغان چاغلاردا، ئۇ ئىزچىل ھالدا ماڭا ئىلھام بېرىپ كەلدى. مەن خاتالاشقان تەقدىردىمۇ ئۇ مېنى بەل قويدۇرمىغان ئىدى. دوستلار، ئىلىم تەتقىقاتى گويا قاراڭغۇدا تىمىسقىلاشقا ئوخشاش بولغاچقا، ئۇ مېھىر - شەپقەتكە، دوستلۇققا ۋە ياردەمگە تولىمۇ موھتاج! 1923 - يىل 3 - ئايدا، رېنتگېن ئۈچەي راكى بىلەن 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بېرلېننىڭ پوتسدام كۆۋرۈكىگە ئۇنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلدى، ھەيكەل ئاستىغا ئىلىم - پەندىكى گىگانت ئادەمنىڭ مۇنۇ ھېكمەتلىك سۆزى ئويۇلدى.: >پەخىرلىنىشكە رۇخسەت، ئەمما كۆرەڭلەشكە بولمايدۇ<.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ