UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكايزا

كايزا

بەش مىڭ يىل پايانسىز كەتكەن كەڭ دېڭىز، جىمجىت دېڭىز يۈزىدە ئۈچ پالاقىلىق ئىككى كېمە ئاستا _ ئاستا ئىككى پالاقلىق يېنىك كېمىگە يېقىنلىشىپ كەلگەن. _ توختا! توختا! بولمىسا ھەممىڭنى بېلىققا يەم قىلىمەن! _ دەپ ۋاقىرىغان ئۈچ پالاقلىق كېمىدىكى بىر پالۋان. يېنىك كېمە توختىغان. ئۇنى قوغلاپ كەلگەن ئىككى كمە يېقىنلاشقان. خەنجەر. نەيزە _ قېلىچ تۇتقان ئون نەچچە ئادەم يېنىك كېمىگە چىققان. بۇلارنىڭ قاراقچىلار ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئىكەن. قاراقچىلار كېمىنى ئاختۇرۇپ پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كېمىسىگە توشۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىر ئىچىدىكى چىرايلىق كىيىنگە، تەققى _ تۇرقى سىپايە بىر يىگىت ھىلىقى پالۋاننىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. _ پاھ ئەھۋالدىن قارىغاندا سەن گاداي ئەمەستەك تۇرىسەن، _ دېگەن پالۋان قىلىچىنى ئوينىتىپ، - ئېيتە، ئۆز ئەركىنلىكىڭ ئۈچۈن قانچىلىك پۇل چىقىرىسەن؟ يىگىت دېڭىزغا قارىۋېلىپ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان. پالۋان قېلىچىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تاقاپ، ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن غايەت زور مىقداردا پۇل تۆلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. _ بۇ پۇل بەك ئاز بولۇپ قالمىدىمۇ؟ _ دېگەن ياش يىگىت ھېچ بىر ئىش بولمىغاندەك، _ سىلەر مېنى ئەسىر ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ ساندىن بىر ھەسسىچە كۆپ پۇل ئېلىشىڭلار كېرەك! مۇنداق بولسۇن، مېنى رەنىگە تۇتۇپ تۇرۇڭلار، باشقىلار بېرىپ بۇ پۇلنى ئېلىپ كەلسۇن! شۇنداق قىلىپ، يىگىت رەنە ھېساۋىدا قاراقچىلارنىڭ قىشىدا قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ خەۋپ ئىچىدە تۇرغانلىقىغا قىلچىمۇ ئەندىشە قىلمىغان، ھەركۈنى ئۆز شېئىرلىرىنى ئوقۇغان، ھەتتا كۈلكىلىك گەپلەرنى قىلغان، ئۇخلىغان چاغلىرىدا قاراقچىلارنىڭ جىمجىت تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. بىر كۈنى ھېلىقى پالۋانغا دوق قىلىپ مۇنداق دېگەن: _ مەن ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، مەن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ھامان، سەنلەرنى دەرھال قولغا ئالىمەن ھەمدە ھىچبىر ئىككىلەنمەستىن، ھەممىڭنىڭ بېشىنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن! پالۋان بۇ ساراڭ بولۇپ قېلىپتۇ دەپ قاقاقلاپ كۈلگەن. 40 كۈن ئۆتۈپ كەتكەن. قاراقچىلار ئاخىر پۇلنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ۋەدىسىدە تۇرۇپ يىگىتنى قويۇپ بەرگەن. بۇ يىگىت ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، تېزدىن بىر نەچچە كېمە تەييارلاپ قاراقچىلارنىڭ كەينىدىن قوغلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا قاراقچىلارنىڭ كېمىسىگە يېتىشىۋېلىپ، پۇلنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ ھەممە قاراقچىنى قىرىپ تاشلىغان. بۇ يىگىت قەدىمقى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىكى مەشھۇر لەشكەر بېشى ۋە سىياسىئون كايزا ئىكەن، كېيىن غەرپ خان _ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇنۋانى قىلىۋالغان. كايزا رىمدىكى ئاتاقلىق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ياش چاغىرىلىدا ئالى ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن. بىر كۈنى، ئۇ بىر نەچچە دوستى بىلەن بىر كەمبەغەللەر مەھەلىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: «بۇ خىلىۋەت جايدا سىز بىلەن ئورۇن تالىشىدىغانلار يوقتۇ؟» دەپ چاقچاق قىلغاندا، كايزا جىددى قىياپەتتە: «مەن بۇ يەردە سۇلتان بولسام بولىمەنكى، رىمدا ئۇلتان بولۇشنى خالىمايمەن!» دېگەن. بىراق، سىياسى جەھەتتە ھە دېگەندىلا كايزانىڭ ئوشۇغى ئالچا قوپمىغان. ئۇ چاغدا رىمغا چوڭ مۇستەبىت سوللا ھۆكۈمرانىلىق قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوللانىڭ سىياسى رەقىبىنىڭ قىزى كايزانىڭ خوتۇنى ئىكەن. سوللا كايزانى خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشكە قايتا _ قايتا دەۋەت قىلغان. كايزا رىمدىن چىقىپ كېتىشكە قايتا _ قايتا دەۋدەت قىلغان. كايزا رىمدىن چىقىپ كېتىشكە رازى بولغانكى، سوللانىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنمىغان. ئۇنىدىن كېيىن كايزا ئاندىن باش ھاپىز بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپانىيە ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىسى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىر 60 _ يىلى كايزا سىپارتاك قوزغىلىڭىنى ۋەھشىلەرچە باستۇرغان پومپېي ۋە كراسىس بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. بۇ رىم تارىخىدا مەشھۇر بولغان تۇنجى «ئۇچلەر ھاكىمىيىتى» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 2 - يىلى كايزا ھاكىدار بولۇپ سايلنغان. يەنە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن پومپېينىڭ قوللىشى بىلەن گاللىيە ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىسى بولغان. ئۇ چاغلاردا گاللىيە ئاساسەن، ئالىپىس تېغىنى چېگرا قىلغان بولۇپ، تاغنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى قىسمى تاشقى گاللىيە، جەنۇبىي قىسمى ئىچكى گاللىيە دەپ ئايرىلغان. تاشقى گاللىيە ھازىرقى فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلارنى؛ ئىچكى گاللىيە ھازىرقى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كايزا ۋالى بولغان چاغدا گاللىيە ئۆلكىلىك مەمۇرىيەت ئىچكى گاللىيىنىلا باشقۇرغان. ئۇ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مال - مۈلۈك ۋە قۇلغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، پۈتۈن گاللىيىنى بوي سۇندۇرۇش قارارىغا كەلگەن. تاشقى گاللىيىنىڭ يېرى مۇنبەت، چىقىدىغان نەرسىلىرى كۆپ بولسىمۇ، بۇ يەردىكى مىللەتلەر قەھرىمان، قابىل بولغاچقا تاقابىل تۇرۇش تەس بولغان. ئۇلار چاچ _ ساقاللىرىنى قويۇۋېتىپ، چاچلىرىنى قىزىل بوياپ ئۆرۈۋالغان، جەڭ قىلغان چاغلاردا، ھايۋان مۈڭگۈزى قادالغان قالپاق كىيىدىغان بولۇپ، ئەلپازى ناھايىتى قورقۇنلۇق بولغان. نۇرغۇن گائۇللارنىڭ ھويللىرىنىڭ تاملىرىغا ئۆز رەقىپلىرىنىڭ كېسىلگەن باشلىرى ئېسىپ قويۇلغان. بۇ ئوي ئىگىسىنىڭ باتۇرلۇقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن. گائۇللار ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ھەممە نەرسىلىرى جۈملىدىن ياخشى كۆرىدىغان زىبۇ _ زىننەت بۇيۇملىرى، چارۋىلىرى ھەتتا قۇللىرى كۆيدۇرۇلۇپ بىرگە كۆمۈلگەن. خۇداغا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىۋەتكەن. ھەر خىل قىممەتلىك نەرسىلىرى _ ئالتۇن _ كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى، قىممەت قورال _ ياراقلىرى يەرگە چېچىۋېتىلگەن. بۇ نەرسىلەرگە قارايدىغان ئادەم بولمىسىمۇ ھىچكىم ئۇنىڭغا قول تەككۈزەلمىگەن. كايزا ئىچىكى گاللىيىگە بارغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭغا قول تەككۈزەلمىگەن. كايزا ئىچكى گاللىيىگە بارغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆز تەسىرىنى تاشقى گاللىيىگە سىڭدۈرۈشكە تۇتۇش قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن قوراللىق جازا يۇرۇش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، گاللىيىدىكى قەبىلىلەرنى بىر _ بىرىنى قىرغىن قىلىشقا كۈشكۈرتكەن. 10 يىلغا قالماي، ئۇ 300 قەبىلىنى بوي سۇندۇرۇپ، 800 دىن ئارتۇق شەھەرنى بېسىۋالغان، ئىككى مىلىيون ئادەمنى قىرغان ۋە ئەسىر ئالغان، نەتىجىدە گاللىيىنىڭ پۈتۈن زىمىنى رىمنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغان. كايزانىڭ غەلىبىسىگە پومپېينىڭ تارىلىقى كەلگەن. بۇ چاغدا كراسىس ئۆلۈپ بولغان ئىكەن. پومپېي ئۆزىنىڭ ھاكىمدارلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ، قانۇن ئېلان قىلىپ، كايزانىڭ گاللىيىگە باش ۋالى بولۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا يول قويمىغان شۇنىڭ بىلەن، كايزا _ پومپېي ئىتتىپاقى بۇزۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 49 - يىلىنىڭ باشلىرىدا، كايزا لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئىتالىيىگە قايتقان، پومپېي بولسا رىمدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى يازدا، كايزا بىلەن پومپېي يۇناندا ئۆلۈم _كۆرۈم جېڭى قىلغان. كايزا لەشكەرلىرى ئۆزىنىڭكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولغان پومپېينى يەڭگەن. پومىپېي كېمىگە چۈشۈپ مىسىرغا قېچىپ كەتكەن. بىراق قىرغاققا چىقىش بىلەن تەڭ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن، كايزا غەلىبە بىلەن ئىتالىيىگە قايتىپ كەلگەن. رىمدا ئۇنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ مىسلىسىز كەڭ كۆلەملىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار قوشۇنى 2800 دىن ئارتۇق ئالتۇن تاج كۆتىرىپ شەھەرگە كىرگەن، بۇ ئالتۇن تاجلارنىڭ ئېغىرلىقى 20 نەچچە مىڭ قاداق كېلىدىكەن. ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە لەشكەرلەر، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پىل قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك ھەربى مانىۋىر ئۆتكۈزۈلگەن. رىمنىڭ مەيدانى ۋە كوچىلىرىغا كۈرمىڭلىغان جوزىلار قويۇلغان، پۇقرالار پۇخادىن چىققۇچە يەپ - ئىچىشكەن. ھەر بىر پۇقرا، كۆپ نەرسىلەر بىلەن تارتۇقلانغان، ھەر بىر لەشكەر غايەت كۆپ ئالتۇن _ كۈمۈشلەر بىلەن تارتۇقلانغان. يۇمۇلاق تىياتىرخانىدا ۋەھشى كۆڭۈل ئېچىش ئۇيۇشتۇرۇلغان: نەچچە مىڭ گلادىئاتور ئۆزئارا ئېلىشقان ۋە نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشقان. خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئاقساقاللار مەھكىمسى كايزاغا چەكسىز شەرەپلىك بولغان «ۋەتەن ئاتسى» دېگەن نامنى بەرگەن. كايزا ئومۈرلۈك دىكاتاتۇر، ئومۈرلۈك خەلق پاسبانى ۋە 10 يىللىق ھاكىمدار دەپ جاكالانغان. مەيدان، ئىبادەتخانىلاردا ئۇنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان، ئۇنىڭ باش رەسىمى قۇيما پۇلغا چۈشۈرلگەن. ئۇ جىسمانى جەھەتتىن دەخلى _ تەرۇزسىز ھېساپلانغان. قانۇندا، ئۇ ئالتۇن پىل چىشىدا ياسالغان تەختىراۋاقتا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. رىمنىڭ ھەممە شەھەرلىرىد، ئۇنىڭ غەلىبە قىلغان كۈنىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تەبرىكلەش يىغىنىلىرى ئۆتكۈزۈلۈشى زۆرۈر بولغان. ئالى مەمۇرى ئەمەلدار ئىش ئۆتكۈزۈۋالغان چاغدا، كايزانىڭ بۇيرۇقىغا ھەرگىز قارشى تۇرمايمەن، دەپ قەسەم ئىچىشى شەرت ئىكەن. ئاقساقاللار مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىرى كۆپىيىپ 900 گە يەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى كايزانى ھىمايە قىلىدىغانلاردىن ئىكەن... بۇ ئەھۋاللار رىم تارىخىدا بولۇپ باقمىغان، بۇرىمنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ تامامەن بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. كايزا ئاددى پۇقرالارنىڭ قوللىشى بىلەن تەختىكە چىققان. بىراق، ئۇ ئالى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئاددى پۇقرالارغا ئاسىيلىق قىلغان: ھەقىسىز نان ئالىدىغان پۇقرالارنىڭ سانىنى كۆپلەپ قىسقارتىۋەتكەن، ئۇستىكارلارنىڭ كەسپداشلار تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك يىراققا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلانغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 44 _ يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كايزا ئاقساقاللار مەھكىمىسىگە مەجلىسىكە بارغان. ئۇنىڭغا سادىق بولغان بىر كىشى بىرسىنىڭ ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تاختايغا يېزىپ ئۇنىڭغا بەرگەر. بىراق، ئۇ خەتنى كۆرمەيلا كېڭەش سارىيىغا كىرىپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغان. بىر قاتىل ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى سورايمەن دەپ، ئۇنىڭ قىزىل يېپىنچىسىنى ئېچىپ بوينىنى يالىڭاچلىغان _ دە، باشقا قاتىللار كېلىپ خەنجەر تىققان. ئاخىر ئۇنىڭغا 23 خەنجەر تىقىپ. ئۇ، پومپېي ھەيكىلىنىڭ ئاستىغا دوملاپ چۈشۈپ جان ئۈزگەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ