UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭجەنۋە پاپىسى

جەنۋە پاپىسى

بەش مىڭ يىل كاتولىك دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى پاپا ئەزەلدىن ئىتالىيىنىڭ رىمدا تۇراتتىغۇ؟ قانداق قىلىپ شېۋېتسارىيىدىكى جەنۋەدىمۇ يەنە بىر پاپا پەيدا بولۇپ قالدى؟ ئۇ قايسى دىننىڭ پاپىسى ھەمدە ئۇ قانداق ئادەم؟ ئەسلىدە، مارتىن لۇتېردىن كېيىن شىۋېتھسارىيىدىمۇ دىنىي ئىسلاھاتنىڭ مەشھۇر بىر داھىيىسى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى جون كالۋىن بولۇپ، خىرىستىئان دىنى، پىروتېستنت دىنىنىڭ ئاساسلىق مەزھىپى - پۇرىتاننىڭ ئىجادچىسى ئىدى. بۇ مەزھەپ ئۇنىڭ نامى بىلەن كالۋىن دىنى دەپ ئاتالغان. ئۇ ھەمىشە جەنۋەدە تۇرغانلىقتىن، كىشىلەر يەنە ئۇنى «جەنۋە پاپىسى» دەپمۇ ئاتىغان. بۇ «جەنۋە پاپىسى» فرانسىيىلىك دەڭلا تېخى! كالۋىن، 1505 - يىلى شىمالىي فرانسىيىدىكى بىر ئېپىسكوپ كاتىپىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ بىر قانۇنچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغاچقا، ئۇنى شۇ چاغدا داڭلىق بۇرىژى ئۇنىۋېرىسىتېتىغا قانۇن ئوقۇشقا بەرگەن. ئۇنىۋېرسىتېتدا، كالۋىن، قانۇندىن باشقا يەنە پەلسەپىنىمۇ تەتقىق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانپەرۋەرلەر بىلەن يېقىنلاشقان ۋە لۇتېر دىنىي ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە يولۇققان. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇش ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن فرانسىيىنىڭ پىروتېستانت دىنىي تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغان. ئۇ چاغدا، فرانسىيە، گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. فرانسىيە پادىشاھى گېرمانىيىدىكى پىروتېستانتقا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلىكلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، لۇتېر نامىغا ئاتالغان پىروتېستانت دىنىنىڭ فرانسيىدە تارقىلىشىغا يول قويغان ئىدى. ئەمما فرانسىيە ئۇرۇش داۋامىدا ئارقا - ئارقىدىن كەتكۈزۈپ قويدى. گېرمانىيىدىكى پىروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلەر يالقاۋلىق قىلىپ فرانسىيىنى قوللىمىدى. فرانسىيە پادىشاھى ئۇيالغانلىقىدىن ئاچچىقلىنىپ، 1534 - يىلىدىن باشلاپ، پىروتېستانت مۇرىتلىرىغا كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، كالۋىن سەرگەردان بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى، ئاۋۋال گېرمانىيىگە قېچىپ باردى، كېيىنچە يەنە شىۋېتسارىيىدىكى بازېلغا بېرىۋالدى. بۇ چاغدىكى شىۋېتسارىيە نامدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىرمۇنچە مۇستەقىل شىتاتلارنىڭ ئىتتىپاقى ئىدى. نۇرغۇن شەھەرلىرى جەنۇبىي ياۋروپا بىلەن شىمالىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدكى سودا يوللىرىغا تۇتاش بولۇپ، سودا - سانائەت تەرەققىي تاپقان، تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھەمدە بىر قەدەر دېموكراتىك بولغان شەھەرلىك كېڭەشلىرى بار شەھەرلەر ئىدى. يەنە كېلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى ۋە فېئودال كۈچلەرنىڭ ئۆزلىرىنى چۈشەپ قويۇشىغا قارشى بولغاچقا، دىننى ئىسلاھ قىلىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق شەكلىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كالۋىن، شىۋېتسارىيىگە كېلىشتىن بۇرۇنلا، سىيۇرىختاتۋېنلى دېگەن بىر پوپ شەرقىي شىمالىي شىۋېتسارىيىدىكى شىتاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئۇ: رىم ۋاتىكانىنىڭ نوپۇزىنى ئىنكار قىلىپ، گۇناھ يۇيۇش تۇمارىنى سېتىشقا قارشى تۇرغان؛ دىندارلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دەرۋىشخانىلارنى تارقىتىۋېتىشنى ۋە ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان؛ شۇنداقلا تۆۋە قىلىش مۇراسىملىرىنى بىكار قىلىش، بۇتلارغا باش ئۇرۇشنى مەنئىي قىلىش، پوپلارنى مۇرىتلار دېموكراتىك يول بىلەن سايلاش قاتارلىق ئىدىيىلەرنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ دىنىي تەشەببۇسلار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن شەھەر كېڭەشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاقسۆڭەكلەر جېنىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغان. تۋېنلى قورال كۈچى ئارقىلىق پىروتېستانت دىنىنى يولغا قويماقچى بولغاچقا، ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئۆزىمۇ 1531 - يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن. دېمەك، كالۋىن، شىۋېتسارىيىگە كەلگەندە، كاتولىك دىنى بىلەن پىروتېستانت دىنى ئۆز داھىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. كالۋىن، سيۇرخقا كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دىننى ئىسلاھات قىلىش ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى ھەمدە 1536 - يىلى «خىرىستىئان پىرىنسىپلىرى» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، پىروتېستانت پىرىنسىپلىرىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ بەردى. بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا شىۋېتسارىيىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. پىروتېستانت مۇرىتلىرى ھەممىلا يەردە: «خىرىستىئان پىرىنسىپلىرى» نى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ ئۇ بايان قىلغان ھەقىقەتلەر لۇتېرنىڭ «95 ماددىلىق تىزىس» - دىنمۇ چوڭقۇر ئىكەن!» «راست ئېيتتىڭىز، مېنىڭچە ئۇنىڭدا: خۇدانىڭ دۇنيانى ياراتقاندىن تارتىپلا كىشىلەرنى تاللىنىدىغان ۋە شاللىنىدىغان دەپ ئىككىگە بۆلۈۋەتكەنلىكىنى؛ بىراۋنىڭ بايلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇدا تاللىۋالغان كىشىلەر بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى، يوقسۇل جاپاكەشلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشى لازىملىقىنى ئەڭ چوڭقۇر بايان قىلىپتۇ!» «ئۇ نىمشقا ئۇيۇن - تاماشىنى ۋە قىمار ئويناشنى مەنئىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاندۇ؟ بۇنداقتا تۇرمۇش بەك زېرىكىشلىك بولۇپ كەتمەمدۇ؟» «ھەببەللى، بۇ دەل بىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاق، ئادەم تىرىشچانلىق، ئىقتىساتچانلىق بىلەن ھايات كەچۈرۈشى كېرەك. بەتخەجلىك ۋە ئىسراپچىلىق قىلىش، ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىش كىشىنى نامراتلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھورۇنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇلار ئەڭ يامان ئىشلاردۇر. شۇڭا، ئۇ سەدىقە بېرىشكە قارشى تۇرۇپ، قەلەندەرچىلىككە نەپرەتلىنىدىكەن». ناھايىتى روشەنكى، كالۋىننىڭ بۇ دىنىي ئىدىيىلىرى كاپىتالىزم پەيدا بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئا ئۇنسۇرلىرىنىڭ پۇلنىڭ كۈچىگە بولغان چوقۇنۇشىنى، پىخسىقلىق تەبىئىتىنى ۋە بايلىق توپلاشقا تەشنا ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. كالۋىن، «خىرىستىئان پىرىنسىپلىرى» نى نەشر قىلدۇرغان ئاشۇ يىلى شىۋېتسارىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان جەنۋەگە كەلدى. شۇ چاغدا، جەنۋەدە تۋېنلىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە دىننى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغان بولۇپ: مىسساغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، بۇتقا باش ئۇرۇش، گۇناھ يۇيۇش تۇمارى سېتىش قاتارلىقلار بىكار قىلىنغان ھەمدە ھەرخىل چوقۇنۇش مۇراسىملىرى ۋە دىنىي جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ياخشىلانغان ئىدى. ئەمما، كاتولىك دىنى بىلەن پىروتېستانت دىنى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئاۋۋالقىدەكلا ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە دىنىي مۇنازىرە يىغىنلىرىنى ئېچىپ تۇرۇۋاتاتتى. شەھەر مەمۇرىيىتى چوڭ چاتاق چىقىشتىن ئەنسىرەپ، دىنىي مۇنازىرە يىغىنلىرىنى ئېچىشنى مەنئىي قىلىدى؛ كېيىن يەنە قايتا چوقۇنغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۆتۈپ، ئاددىي خەلقنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دەھشەتلىك باستۇردى. بۇ ھال كالۋىنچىلارغا بالا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، كالۋىن، جەنۋەدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما، كېيىن دىننى ئىسلاھ قىلغۇچىلار يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. 1541 - يىلى، كالۋىن جەنۋە شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، جەنۋەگە يەنە قايتىپ كېلىپ، بۇ يەردە دىننى ئىسلاز قىلىشقا رەھبەرلىك قىلدى. كالۋىننىڭ بىرىنچى ئىشى دىنىي جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىش بولدى. سىياسىي بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئورتاق ئىتتىپاق تۈزۈپ، قارارلىق چاقىرىلىدىغان ئالىي دىنىي كېڭەش رەھبەرلىكىدە بولدى. شۇنداق قىلىپ، جەنۋە ئەمەلىيەتتە دىن بىلەن سىياسىي بىرلەشتۈرۈلگەن ئىلاھى ھاكىمىيەت جەمئىيىتى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كالۋىن، جەنۋەنىڭ چەكسىز يۈكسەك داھىسىغا ئايلاندى، شەھەردىكى دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە مەمۇرىي دائىرىلەر پۈتۈنلەي ئۇنىڭ نوپۇزىغا تىز پۈكتى. شۇنىڭ بىلەن، جەنۋە پۈتۈنلەي پىروتېستانت دىنىنىڭ رىمى بولۇپ قالدى، كالۋىن بولسا «جەنۋە پاپىسى» دەپ ئاتالدى. كالۋىن گەرچە پىروتېستانت دىنىدىكى پۇرىتان مەزھىپىنىڭ ئىجادچىسى بولسىمۇ، ئەمما پىروتېستانت دىنىدىكى باشقا مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسىنى «مۇرتەد» قىلىپ، كاتولىك دىنىغا ئوخشاش زادىلا ئەپۇ قىلمىدى. بولۇپمۇ رادىكال قايتا چوقۇنغۇچىلارنى ئۆچ كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنى جەنۋەدىن قوغلاپ چىقاردى ياكى ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. 1553 - يىلى، ئىسپانىيىنىڭ مەشھۇر ئالىمى م. سېرۋېتوس، جەنۋەگە توساتتىن كېلىپ قالدى. بۇ يۈرەك بىلەن ئۆپكە ئارىلىقىدىكى قان ئايلىنىشنى كەشپ قىلغان ئالىم بولۇپ، ئۇ چاغدا ناھايىتى ئابرۇيلۇق ئىدى. سېرۋېتوس ئۆز كىتابىدا كالۋىننىڭ ئەقىدىلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ھەمدە قايتا چوقۇنغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن، كالۋىن بۇ ئالىمنى قولغا ئالدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ زوراۋانلىق، زىيالىيلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك نارازىلىق قوزغىدى. كالۋىن بىر پارچە ئالاھىدە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدى. كالۋىن، دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ تەشكىلىي شەكلى بۇرژۇئازىيىدىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق ئىدى. شۇڭا، كاپىتالىستىك ئىقتىساد بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە ھاكىمىيەت تارتىۋېلىشقا كىرىشكەن دۆلەتلەردە كالۋىنچىلىق كەڭ تۈردە تارقىلىشقا مۇيەسسەر بولدى. 16 - ئەسىردىكى نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ئەنە شۇ كالۋىنچىلىق بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. جەنۋەدە دىن ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىدىمۇ دىن ئىسلاھ قىلىندى. ئۇلارنىڭ دىنىي تەشكىلاتى «ئىلاھىيەت ئۇيۇشمىسى» دەپ ئاتالدى. ئىلاھىيەت ئۇيۇشمىسى ھاكىميەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلات بولۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھى دىننىڭمۇ داھىيسى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كاتولىك دىنى ئۈچ چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى: رىم پاپىسىغا بىۋاسىتە بېقىنىدىغانلار «كاتولىك دىنى» دەپ ئاتالدى: ئەسلىدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ سىستېمىسىغا تەۋە بولغانلار «ئورتو دوخىيە دىنى» دەپ ئاتالدى؛ مارتىن لۇتېر، كالۋىن، ئىلاھىيەت ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا دىن ئىسلاھ قىلغۇچى مەزھەپلەر قوشۇلۇپ «پروتېستانت دىنى» دەپ ئاتالدى. «پىروتېستانت دىنى» خەنزۇلاردا «ئەيسا دىنى» ۋە ياكى خىرىستىئان دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ