ئۈچ رەڭلىك بايراق
بەش مىڭ يىل
گېرمانىيە بايرىقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەمسىز؟ گېرمانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى بايرىقىنىڭ رەڭگى قارا، قىزىل، سېرىق ئۈچ خىل رەڭدە ئىشلەنگەن؛ گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىدىكى دۆلەت گىربىگىمۇ ئاشۇ ئۈچ خىل رەڭ بەلگە قىلىنغان.
نېمىس مىللىتى نېمىشقا ئۈچ رەڭلىك بايراقنى ئۆزلىرىنىڭ بەلگىسى قىلغان؟
ئەسلىدە تارىختا قارا، قىزىل، سېرىقتىن ئىبارەت ئۈچ رەڭدە ئىشلەنگەن بايراق نېمىس مىللىتىنىڭ بىرلىكىگە سىمۋول بولغان. 16 - ئەسىردە گېرمانىيىدە پارتلىغان ئوتتەك قىزىق دېھقانلار ئۇرۇشىدا كىشىلەر ئۈچ رەڭلىك بايراقنى كۆتىرىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ئەڭ كۈچەپ كۆتۈرگەنلەر شىۋابىيە رايونىدىكى «پىروتېستانت قېرىنداشلار جەمئىيىتى» ئىدى.
شىۋابىيە، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ غەرب تەرىپىنى چوققىلىرى تۆگە لوكىسىدەك چوخچايغان ۋە ئۈستىنى ئورمان قاپلىغان مېسسېن تاغلىرى ئوراپ تۇرىدۇ؛ جەنۇب تەرىپىنى چەكسىز جىمىرلاپ تۇرىدىغان بودېن كۆلى ئوراپ تۇرىدۇ. ياۋروپاغا مەشھۇر ئىككى چوڭ دەريا _ رېيىن ۋە دوناي دەريالىرىمۇ بۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۇ يەرنى زىمنى مۇنبەت، بايلىقى مول رايون دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بەگلەرنىڭ دېھقانلارغا تاڭغان ئېغىر - باج - سېلىقلىرى ۋە تۈرى كۆپ ئالۋاڭ - ياساقلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، دېھقانلار مەجبۇرى ھالدا قوزغىلىپ ئىسيان كۆتۈردى. 1524 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دېھقانلارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن نەيزە، بەزىلىرى پالتا، بەزىلىرى تۆمۈر ئارا، بەزىلىرى گاز مىلتىق كۆتۈرگەن ھالدا ئولاش - چولاش بارونلارنىڭ قەلئەلىرىگە باستۇرۇپ كىردى. ئۇلار يەرلىك فېئودال ھۆكۈمرانلارنى قوغلىۋېتىپ شەھەرنى ئىگەللىدى ۋە شەھەر پۇقرالىرى بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچى «پىروتېستانت قېرىنداشلىر جەمئىيىتى» نى قۇردى. بۇ جەمئىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆپچىلىكى ميۇنتسېر مۇرىتلىرى ئىدى. پىروتېستانت قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت بايرىقى _ قارا، قىزىل، سېرىق ئۈچ خىل رەڭدە ئىشلەنگەن ئىدى.
ئۈچ رەڭلىك بايراقنىڭ يېتەكچىلىكىدىن، پىروتېستانت قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ جەڭگىۋار پروگراممىسى _ «خەت - چەكلەر» نى تۈزۈپ چىقىپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان فېئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى قەتئىي بىكار قى لىشنى تەلەپ قىلدى. كەڭ دېھقانلار، ئىشچىلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ ئىسيان كۆتۈردى. بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا دېھقانلار ئارمىيىسى 35 مىڭ كىشىگە يەتتى.
شىۋابىيە رايونى بىرنەچچە بەگلىككە تەۋە بولۇپ، بۇ بەگلىكلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى يىغىشتۇرغاندا ئاران 1700 كىشى جەم بولدى. ئەجەبا ئۇلارنىڭ قوراللىق ئادەملىرى شۇنچە ئازمىدى؟ ياق! ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قوشۇنى بار ئىدى. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى كارل، ئۆكتەملىك بىلەن ئىتالىيىگە ئىشغالىيەت يۈرگۈزگەچكە، بۇ بەگلىكلەرنىڭ ئۆتكۈر قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي يۆتكەپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەگلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەر «شىۋابىيە ئىتتىپاقى» تۈزۈپ، بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ھىيلىسىنى مەسلىھەتلەشتى.
بەگ ۋە ئاقسۆڭەكلەر ھەممىسى قان شورىغۇچىلار بولۇپ، پۇلنىڭ ئۇلارغا كىرىشى بار، چىقىشى يوق ئىدى. ئەمما، باشقا ئۆلۈم كېلىۋاتقاچقا، چىشىنى مەھكەم چىشلەپ تۇرۇپ، ئادەمخور جاللاتلارنى سېتىۋېلىشقا پۇل چىقىرىشقا ماقۇل بولدى.
_ جانابلار، پۇل يىغىپ قوشۇن ياللاش دېگەنغۇ ياخشى ئىش، ئەمما يىراقتىكى سۇ ئوت ئۆچۈرۈشكە ئەسقاتمايدۇ. يالاڭتۆشلەر ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قانداق قىلىمىز؟ - يەنىلا ھېلىقى بارون سۆز ئالدى.
_ قانداق قىلاتتۇق، ئۆزىمىزنى ئوڭلىۋالىدىغان ھىيلە ئىشلىتىمىز، ئاۋۋال ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز، - كىنەز يامان ئەقىل كۆرسەتتى.
سۆھبەت باشلاندى. دېھقانلار قوشۇنىنىڭ تەلىپىگە «مەرتلىك بىلەن» تولۇق ماقۇل بولۇپ، بۇ تەلەپلەر سوت ھۆكۈم قىلغان ھامانلا ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ دېدى. دېھقانلار بۇنىڭغا راست دەپ ئىشىنىپ كېتىپ، سوتقا 16 ماددىلىق تەلەپنى قويۇپ بولۇپلا يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كەتتى.
دېھقانلار قوراللىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆي - ۋارانلىرىغا يەڭگىل قايتقان ئىدى. ئەمما، ئۇلارنى ئاقسۆڭەكلەر ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىكى كويزا - كىشەنلەر كۈتۈۋالدى. دېھقانلار قوشۇنىنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى سوتقا ئېلىپ بېرىلىپ، قىيىن - قىستاققا ئېلىندى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.
_ ئالدام خالتىغا چۈشۈپ قاپتۇق! ئالدام خالتىغا!
_ قورالنى تاشلىۋەتسەك زادىلا بولمايدىكەن!
دېھقانلار يەنە بىر قېتىم ئۈچ رەڭلىك بايراقنى ئېگىز كۆتىرىپ توپلاندى. ئۇلارنىڭ سانى ھەش - پەش دېگۈچە 40 - 50 مىڭ كىشىگە يەتتى. ئالتە سەپ قوشۇن ئايلانمىسى بىر نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا تارقىلىپ ئورۇنلاشتى. قوزغىلاڭنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتكۈل شىۋابىيە رايونىدا لاۋۇلداپ يېنىپ، بەگلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلاشقا ھازىرلاندى.
مۇشۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە، سوت تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن دېھقانلار پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىلدى. شىۋابىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى كىنەز تېرخزېسنى دېھقانلار قوشۇنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتتى ھەمدە 1525 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت قىلىپ بېكىتتى.
ئادەت بويىچە، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنىنى چوڭ تارتقان دېھقانلار ئەمدى دامغا چۈشمەيتتى، ئەمما، ھەش - پەش دېگۈچە يىغىلغان 40 - 50 مىڭ ئادەمنىڭ پىكىر - خىياللىرى ھەر خىل بولغاچقا، بولۇپمۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا، دېھقانلار ھەممىسى ئۇرۇشنى بۇرۇنراق تۈگىتىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئالدىرايتتى. شۇ سەۋەبتىن، دېھقانلار قوشۇنى يەنىلا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.
3 - ئاينىڭ 6 - 7 - كۈنلىرى، ئالتە سەپ دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنىڭ داھىيلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ، سۆھبەت جەريانىدا 12 تۈرلۈك شەرت قويماقچى بولدى. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى: دىنىي جەمئىيەت دېھقانلارغا تاڭغان «ئوندىن بىر» نى بىكار قىلىش؛ پوپلارنى دېھقانلار ئۆزلىرى سايلاش؛ يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش؛ ئىجارە ھەققى ۋە ئالۋاڭ - ياساقلارنى يەڭگىللىتىش؛ فېئوداللار ئىگەللىۋالغان ئوتلاق، ئورمان، فېرمىلارنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان ئىدى. مانا بۇ _ تارىختا مەشھۇر بولغان «12 ماددا». ئۇلار ساددىلىق بىلەن: ئالدىنقى قېتىمقى «خەت - چەك» تە فېئوداللىق تۈزۈم ۋە دىنىي جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغاچقا، ئاقسۆڭەكلەر ماقۇل بولمىغان: «12 ماددا» دا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلمىغاندىكىن ئاقسۆڭەكلەر جەزمەن قوشۇلىدۇ، دەپ قارىدى.
سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتقا ئىككى كۈن قالغان ئىدى. كۈتۈلمىگەندە، 3 - ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى، توساتتىن توپ ئاۋازلىرى گۈلدۈرلەپ كەتتى.
گۇمباڭ!
گۇمبۇر - گۇمباڭ!
ئەسلىدە كىنەز تېروخزېس قوماندانلىقىدىكى تۈمەن كىشىلىك ياللانما قوشۇن ئاللىقاچان دېھقانلار قوشۇنىغا شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.
4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، كىنەز، ياللانما قوشۇننى باشلاپ، تۈزلەڭلىكتىكى دېھقانلار قوشۇنىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، كۈتۈلمىگەندە ئۇلارنىڭ داھىيسىنى تۇتۇپ كەتتى. كىنەز قوشۇنىدىكىلەر قايتىپ بېرىپ ئورمانلىقتىكى دېھقانلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، يودېن كۆلى ئەتراپىدىكى دېھقانلار قوشۇنى دەلمۇ دەل ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، كىنەز قوشۇنىغا ئالدى ۋە ئارقىسىدىن قىسىپ ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھىيلە - مىكىرلەر پېشىۋاسى كىنەز تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، 4 - ئاينىڭ 15 كۈنى مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى.
4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يەنە ئىككى سەپ دېھقانلار قوشۇنى يېتىپ كېلىپ ياندىن ھۇجۇم قىلدى. كىنەز تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، دېھقانلار قوشۇنىنىڭ بىرمۇنچە جەڭچىلىرى ئۆز داھىيسى قوشۇنىغا يېتىپ كەلگىچە ساقلاپ تۇرماستىنلا گۈررىدە تارقىلىپ كەتتى. چۈنكى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كېلىپ قالغاچقا، ئۇلار بەرىبىر ئۆزلىرىنىڭ يەرلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى ئېسىدىن چىقارمايتتى.
شۇنىڭ بىلەن كىنەز تېروخزېس قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇ دەرھال ياللانما قوشۇنغا شىۋابىيەنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى فرانكونىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى دېھقانلار قوشۇنىنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى. 1525 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇ يەنە قايتىپ كېلىپ، شىۋابىيە رايونىدىكى تارقىلىپ ئائىلىلىرىگە كەتكەن دېھقانلار قوشۇنىنىڭ جەڭچىلىرىگە قانلىق باستۇرۇش يۈرگۈزدى.
بىر يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان شىۋابىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى ئاخىر مەغلۇپ بولدى. دېھقانلار قوشۇنىنىڭ جەڭچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ قىرىپ تاشلاندى، ئەمما نېمىس مىللىتىنىڭ بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قارا، قىزىل، سېرىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدە ئىشلەنگەن بايراق گېرمانىيە زىمىنىنىڭ بوشلۇقىدا ئىزچىل لەپىلدەپ كەلدى.