سېمىزلەر، ئورۇقلار ۋە جۇل - جۇل كىيىملىكلەر
بەش مىڭ يىل
14 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى فلورېنسىيە رىسپوبلىكىسىدا بىر قېتىملىق ئىشچىلار قوزغىلىڭى پارتىلىدى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ناھايىتى تېزلىكتە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا تارىخىدا شەھەر پۇرۇلېتارلىرى كارخانا ئىگىلىرىدىن ھوقۇق تارتىشتىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ھەركەت بولۇپ قالدى.
ئۇ چاغدا فلورېنسىيىنىڭ قوي يۇڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سوكنا ئىشلەپچىقىرىدىغان 200 دىن ئارتۇق مانافاكتۇرلار بار ئىدى. شەھەرنىڭ باشقۇرۇلۇشىمۇ پەۋقۇلئاددە بولۇپ، شەھەردىكى ئەڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگان، ئاقساقاللار كېڭىشى دەپ ئاتىلاتتى. كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلار بولۇپ، بۇلار ھەر قايسى كەسىپداشلار ئويۇشمىسىنىڭ سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كېلەتتى؛ بۇلارنىڭ باشلىقى >ھەققانى بايراقدار< دەپ ئاتىلىپ، شەھەر مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالاتتى. لېكىن ھەر قايسىسى كەسىپداشلر ئويۇشمىسىنىڭ ھوقۇقى بىردەك ئەمەس ئىدى. 21 كەسپىي ئويۇشما ئىچىدە، قوي يۇڭى كەسپى، ئاقچا ئىشلىرى، ئادۋۇكاتلىق قاتارلىق چوڭ كەسىپداشلار ئويۇشمىسىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، كىشلەر بۇلارنى >سېمىزلەر< دەپ ئاتىشاتتى. بۇلارنىڭ ھەر بىر ئۇيۇشمىسىدىن بىردىن ۋەكىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قاتنىشاتتى. لېكىن تۆمۈرچىلىك، موزدوزلۇق، تامچىلىق قاتارلىق كىچىك ئۇيۇشمىدىن 14 ى بار بولۇپ، كىشىلەر بۇلارنى >ئورۇقلار< دەپ ئاتايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاران ئىككى ۋەكىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قاتناشتى. ئادەم سانى ناھايىتى كۆپ بولغان يۇڭ تاراش ئىشچىلىرى >جۇل - جۇل كىيىملىكلەر< دەپ ئاتىلاتتى. بۇلارنىڭ ئايرىم كەسىپداشلار ئويۇشمىسى يوق بولۇپ، پەقەت يۇڭچىلىق كەسپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قارمىقىدا ئىدى، شۇڭا بۇلارنىڭ بىر ئازمۇ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقى يوق بولۇپ، كەسپ خوجايىنلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇم ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگە ئۇچرايتتى. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇنغىچە دااملاشقانلىقتىن تۆۋەن قاتلاندىكىلەرنىڭ بۇ خىل ناھەقچىلىقىنى ئۆزگەرتىش يولىدا قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. 1378 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇلار ئورۇقلار ۋە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىغا كىرمىگەن ئۇششاق قول سانائەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ >سېمىزلەر<گە قارشى قوزغالدى.
بىر كۈنى كەچتە، تۆۋەن قاتلامدىكىلەر خۇپىيانە ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھازىر كەچۈرۈۋاتقان ئەھۋالىنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى. يۇڭ تاراش ئىشچىلىرىدىن بىرسى قاتتىق ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى:
- ھازىرقى ئەڭ ياخشى ئوسۇل، - زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ شەھەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. كۆز ئالدىمىزدىكى پۇرسەت بىزگە ناھايىتى پايدىلىق. ئاقساقاللار بىزنىڭ مۇنداق قىلىشىمىزنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەر قانداق تەدبىر قوللىنىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتى كۆتىرىلدى، بەزىلەر ئىككىلەندى، بەزىلەر باش چايقىدى. ھېلىقى ئىشچى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- ئېتراپ قىلىمەنكى، بۇ دادىللىق بىلەن ئاتلانغان يول، شۇنداقلا خەۋپلىك يول. لېكىن جىددى زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا، دادىللىق بىلەن ئېھتىياتچانلىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. نامراتچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بەزى خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز پەقەت >سېمىزلەر< تەييارلىغان تۈرمە ۋە زىندانلارغا نەزەر سالىدىغانلا بولساق، قولىمىزنى چۈشەپ جىم تۇرۇپ بېرىشىمىز ئۆزىمىزنى قوغداشتىنمۇ خەتەر ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز.
كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىدىن ئىلھاملىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشنى، قوشۇن تەشكىللەشنى بەلگىلىدى ھەمدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىش ۋاقتىنى بېكىتتى.
كۈتۈلمىگەندە، بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالدى. 20 - ئىيۇل كەچتە ئاقساقاللار سىمۇن دېگەن بىر كىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن قوزغىلاڭ ھەققىدىكى ئىشلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ۋە قوزغىلاڭنىڭ ئەتىسى باشلىنىدىغانلىقىنى بىلۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن شەھەردىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بۈگۈن كەچتە بىر يەرگە يىغىلىشى ۋە ئەتىسى سەھەردىلا مەيدانغا بېرىپ بۇيرۇق كۈتۈشى ھەققىدە پەرمان چۈشۈردى ۋە شۇ كۈنى كەچتە مەخپىي ھالدا بىر بۆلەك ئادەملەرنى تۇتتى.
لېكىن، >سېمىزلەر< سىمۇننى قىيىن - قىستاپ سوراق قىلىۋاتقان چاغدا، بىرەيلەن شۇ ئۆيگە سائەت توغرىلىغىلى بارغان بولۇپ، ئاقساقاللار ئورۇنلاشتۇرغان جىددىي ئىشنى ئۇقۇپ قالدى. ئۇ ئۆيگە بۇ خەۋەرنى دەرھال تارقىتىۋەتتى. شۇڭلاشقا، مەيدان بۇ كۈنى كەچتە مىڭ نەپەر قوزغىلاڭچى تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىندى. باشقا مۇھىم جايلارمۇ تولۇق قوراللانغان قوزغىلاڭچىلار بىلەن تولدى.
21 - ئىيۇل تاڭ ئېتىش بىلەنلا، >سېمىزلەر<نىڭ قوراللىق قوشۇنلىرى مەيدانغا كېلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەم سانى تولىمۇ ئاز بولۇپ، 80 نەپەرگىمۇ يەتمەيتتى. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، مەيداننى >جۇل - جۇل كىيىملىكلەر< بىلەن ئورۇقلار ئىگەللەپ بوپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆيلىرىگە مۆكۈۋېلىپ سىرتقا چىقالمىغان. مەيدانغا بارغان ھېلىقى كىشىلەرمۇ قورقۇشۇپ دەرھال ئۆيلىرىگە قايتتى.
بۇ كۈنى قوزغىڭلاچىلار شەھەردە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ باشلىقلىرىغا تەۋە بولغان >ئادالەت بايرىقى<نى، ھەر قايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ بايراقلىرىنى تارتىۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان كۆرىدىغان بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. قوي يۇڭى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىگە دائىر ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئەتىسى ئەدلىيە بۆلۈمى ۋە سوت مەھكىمىسىنى ئىگەللىدى.
ئاقساقاللار كېڭىشىدىكى >سېمىزلەر< قورققىنىدىن مەمۇرى مەھكىمە ئىچىدىن چىقالمىدى ۋە ئۆزىدە قوراللىق كۈچ قالمىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار ۋەكىللىرىنى ئورگانغا كىرىپ سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى.
قوزغىلاڭچىلار ۋەكىللىرى >سېمىزلەر<گە بىر مۇنچە شەرتلەرنى قويدى: قوي يۇڭى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ساھەسىدە چەتئەل سوت ئەمەلدارلىرىنىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق؛ يۇڭ تاراش، ساتراشچىلىق قاتارلىق ئۈچ خىل يېڭى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەش ھەمدە بۇلار ئىچىدىن ئىككى نەپەر ۋەكىل ھاكىمىيەت يۈرۈشكە قاتنىشىش، كىچىكرەك بولغان 14 كەسىپداشلار ئويۇشمىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ۋەكىللىرىنى ئاۋۋالقى ئىككى نەپەر ئۈچ نەپەرگە كۆپەيتىش؛ بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر قانچە شەرتلەرنى قويدى.
ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئۇلارنىڭ يەنە ۋەقە تۇغدۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، شەرتلەرگە ماقۇل بولدى، لېكىن ئاقساقاللار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئەتىسى سەھەردە دەل يۇقىرىقى شەرتلەر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقاندا، قوزغىلاڭچىلار مەمۇرى مەھكىمىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە، مەمۇرىي مەھكىمە قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا كىردى.
سەپنى باشلاپ ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭغان كىشى يۇڭچىلىق كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىسمى مىكىرلاندۇ ئىدى. ئۇ >ئادالەت بايرىقى< نى قولىدا تۇتۇپ، ئاۋۋال مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ھۆرمەت زالىغا كىردى. ئۇ زالدا ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە سۆز قىلدى:
- قاراڭلار، مانا بۇ مەمۇرىي مەھكىمە، ھازىر سىلەرنىڭ ئىلكىڭلارغا ئۆتتى، بۇ شەھەرمۇ سىلەرنىڭ ھوقوقۇڭلار ئاستىدا بولىدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىلەرنى قىلىشقا تېگىشلىك؟
پاتىپاراق قالايمىقانچىلىقتا بىرسى ئۇنى، بىرسى بۇنى دەپ زادى نېمىلەرنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپچىلىك دەرھال ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىدى. زېرەك، قابىل ۋە سۆزگە ماھىر مىكىر كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى بىردەمدىلا ناھايىتى مۇكەممەل ۋە رەتلىك قىلىپ يەكۈنلەندى. شۇنىڭ بىلەن مىكىر >ئادالەت بايرىقى< نىڭ بايراقدارى قىلىپ تەيىنلەندى.
- بولىدۇ، مەن كۆپچىلىكنىڭ سايلىمىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ شەھەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولاي. مەن ھازىر شۇنداق قارار قىلىمەنكى:ھازىردىن باشلاپ، قالايمىقانچىلىقنى دەرھال توختتىپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم!شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوت قويۇشقا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ!سىلەر مەمۇرىي مەھكىمە بىناسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا دەرھال بىر دانە دار تىكلەڭلار، كىمكى بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلسا، شۇ دارنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرسۇن!
كىشىلەر مىكىرنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، دارنى بىردەمدىلا تىكلەشتى ھەمدە ئۇلار ئادەتتە ئىنتايىن يامان كۆرىدىغان بىر ئەمەلدارنى تۇتۇپ كېلىپ بىر پۇتىدىن دارغا تەتۈر ئاستى. بىردەم ئۆتمەي بىر ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەتراپتىكى كىشلەر تەرىپىدىن تېتىپ پارچە - پارچە قىلىۋېتىلدى، پەقەت دارغا چىگىلگەن پۇتىلا داردا قېپقالدى.
مىكىر ئارقىدىنلا ھەر قايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ ئىش بېجىرگۈچىلىرىنى يىغىپ يىغىن ئاچتى، يىغىن ئاخىرىدا تۆۋەن قاتلاندىكى پۇقرالاردىن تۆت كىشى چوڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىككى كىشى، كىچىك كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىككى كىشى تاللاپ چىقىپ، بىر مەمۇرىيەت ئۆمىكى تەشكىللەشنى قارار قىلدى.
بۇ قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە چوڭ بىر غوغا كۆتىرىلدى. قوزغىلاڭچىلار بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ >سېمىزلەر<گە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىپ، يۇڭ تارىغۇچى ئىشچىلار 8 - ئاۋغۇسىتتا يەنە قولىغا قورال ئېلىپ، مىكىر ۋە يېڭى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ دەرھال تەختتىن چۈشۈشىنى، ئۆزىنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت تەشكىللىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مىكىر بۇ تەلەپنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرى سەككىز نەپەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى سايلاپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ، شەھەردە، ئىككى ھاكىمىيەت بارلىققا كەلدى.
بۇ قېتىم مىكىر ئۆزىنىڭ خائىنلىق ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ >سېمىزلەر< بىلەن قايتىدىن ئەپلىشىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، يۇڭ تاراش ئىشچىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇردى. نۇرغۇنلىغان يۇڭ تاراش ئىشچىلىرى بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىنلا فلورېنسىيىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، >سېمىزلەر< قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، يۇڭ تارىغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۈچ كىچىك ئۇيۇشما پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلدى.