UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپادىشاھلىق تۈزىمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

پادىشاھلىق تۈزىمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل كىچىك ئاسىيانىڭ شىمالىي رايونىدىكى بىر كەڭ يولدا رىمنىڭ ناھايىتى زور بىر قوشۇنى ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ئۇلار پىرسىيىلىكلەردىن نۇرغۇنلىغان بايلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى بۇلاپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، قوشۇنغا باشلامچى بولغان پادىشاھ ئىتالىيىگە قايتىش سەپىرىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ياش ئوغلى پادىشاھلىققا ۋارىسلىق قىلىپ بىر ئاي ئۆتمەيلا ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاچقا، ئۇنى جىرغىغا سېلىپ ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. _ چاققان! چاققان بولۇڭلار! - دەپتۇ ئات مىنگەن مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئاپىل ئېتىنى يورغىلىتىپ جىرغا ئاتراپىدا ئايلىنىپ، ئۇ جىرغا ئۈستىدىكى يوتقاننى گايىدا ئاستا ئېچىپ، ئۈنلۈك ۋاقىراپ قويدىكەن: _ تېز يۈرۈڭلار، بولمىسا پادىشاھيىمىزنى قۇتۇلدۇرالماي قالىمىز! ئاپىل يوتقاننى ئاچقاندا، جىرغا كۆتەرگەن لەشكەرلەرنىڭ بۇرنىغا بىر خىل سېسىق ھىد ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. كەچ كۈز پەسلى بولسىمۇ بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى يەنىلا ناھايىتى ئىللىق ئىكەن. بولۇپمۇ چۈشتىن كېيىن ئاپتاپتا جىرغىدىن چىقىۋاتقان سېسىق ھىد بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ بۇرنىنى ئېچىشتۇرغان. نۇرغۇن لەشكەر بېشى، لەشكەر بۇنىڭدىن گۇمانلانغان. _ پادىشاھىمىز ھىچنەرسە يىمىگىلى ۋە ئىچملىكىلى ئىككى كۈن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى ساقىيارمۇ؟ _ سورىغان بىر لەشكەر بېشى بوش ئاۋاز بىلەن پادىشاھ مۇھاپىزەتچىلەرن ئەترىدىنىڭ باشلىغى دىئوكلېتانۇستىن. _ ھىم، سەن مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باشلىقىدىن سوراپ باق، سۇئالغا شۇلار جاۋاپ بېرەلىشى مۇمكىن! _ دېگەن دىئوكلېتانۇس غەزەپ بىلەن. كەچتە، رىم قوشۇنلىرى نىكۇمېدىيە شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگەندىلا، ئاندىن لەشكەرلەر جىرغىدىن ياش پادىشاھ ئاللىقاچان قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، جىرغىدىكىسى ئۇنىڭ جەسىدى ئىكەن! _ پادىشاھنى كىم ئۆلتۈردى؟ قاتىلنى تېپىش كېرەك! _ غەزەپلەنگەن لەشكەرلەر كەينى _كەينىدىن يىغىلىش قىلىپ، قاتىلنى تېپىپ قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان. مۇھاپىزەتلەر قوشۇنىنىڭ باشلىغى ئاپىل بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ كېلىپ، لەشكەرلەرگە قاتتىق كايىپ ۋاقىرىغان: _ سەنلەر ئىسيان كۆتەرمەكچىمۇ؟ پادىشاھ ئۆلسە، يەنە بىرنى سايلىۋالساقلا بولىدىغۇ، سىلەر نىمە داۋراڭ سالىسىلەر؟ _ چېدىرغا قايتىڭلار! كىمكى توپلىشىپ جدەل چىقىرىدىكەن، شۇ جايدىل ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ! لەشكەرلەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپلا جىم بولۇشقان. شۇ ئەسنادا بىرىسنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلانغان: ئاپىل، ھىچ ئىش بولمىغاندەك سۆلەۋاتىسەنغۇ! مېنىڭچە ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىكى جىدەل چىقارغان لەشكەرلەر ئەمەس، بەلكى سەن! ئىككى پادىشاھ قانداق ئۆلدى! ئېيتقىنا! ئاپىل كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، سۆزلەۋاتقان كىشى پادىشاھ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىدىنىڭ باشلىقى دىئوكلېتانۇس ئىكەن، ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ: _ ھوي، ئازات قۇلنىڭ كۈچۈكى، ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل! _ دېگەن. _ سەن، - دېگەن دىئوكلېتانۇس قاتتىق ھۆكۈرەپ، _ ئادەم سىياقىغا كىرگەن ھايۋان بىر ئاي ئىچىدە ئىككى پادىشاھنى ئۆلتۈردۇڭ... دىئوكلېتانۇسنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ئاپىل قىلىچنى قىنىدىن چىقىرىپ دىئوكلېتانۇسقا تىقىدۇ. دىئوكلېتانۇس كىچىكىدىن تارتىپلا لەشكەر بولۇپ، قىلىچۋازىق ھۈنىرىنى پۇختا ئۆگەنگەچكە ناھايىتى تىزلا ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ _دە، شۇ زامان قىلىچنى چاققان قىنىدىن چىقىرىپ، ئاپلىغا سېلىپ، ئۇنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرىدۇ. دىئوكلېتانۇسنىڭ بۇ قىلىقى لەشكەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ رىم ئىپمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلەنگەن. دىئوكلېتانۇس پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، رىمغا قايتىمىغان، بەلكى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىغان جاينى _نېكومىدىيە شەھىرىنى پەيتەخت قىلىپ بېكىتكەن. چۈنكى بۇ جايدىكى خەلق نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇمۇ ئاشۇنداق بىر تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇشنى ئويلاپ كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جاينىڭ جۇغراپىيە شارائىتى پۈتۈن رىم ئىمپىرىيىسىنى تىزگىنلەشكە ئەپلىك بولۇپ، ئىقتىسات، مەدەنىيىتىمۇ ئىتالىيە زىمىنىدىكىگە قارىغاندا تەرەققى تاپقان ئىكەن. دىئوكلېتانۇس نىكومېدىيىدە، ھە دەپ قۇرۇلۇش قىلىپ، كاتتا، ھەشەمەتلىك خان سارايلىرى ياساتقان ھەمدە كاتتا ئوردا مۇراىملىرىنى يولغا قويغان. ئۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلغان ياكى ئوردا مۇراسىمىلىرىغا قاتناشقاندا، ئالتۇن يىپ بىلەن تىكىلگەن ئىپەك كىيىم كىيگەن. مەرۋايىت قوندۇرۇلغان ياغلىق بىر تالاي مۇلازىملار، مۇھاپىزەتچلەر، نوۋەتچى ئەمەلدارلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئوردا ئەمەلدارلىرى بولغان. ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭغا يۈكۈنۈپ ئولەۇرۇپ سالام بەرگەن. دىئوكلېتانۇس ئەۋلىيا دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى زور دەرىجىدە مۇستەھكەملەنگەن. ئۇ ئۆز ھوقۇقىنى ئاللا ئاتا قىلغان، ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، پۇقرالارنى قىرىش _ چېپىش ھوقوقۇم باردەپ ئاتىغان. پادىشاھ دېگەن نام يەنىلا ساقلىنىپ قالغان، لېكىن دۆلەت باشلىقى دېگەن نام رەسمىي يوسۇندا «پادىشاھ» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇنداق پادىشاھلىق تۈزۈمى ئىچكى جەھەتتە خەلقنى باستۇرۇش ۋە سىرتقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلگەن، شۇڭا ئاقسۆڭەكلەر چوڭ يەر ئىگىلىرى ۋە ھەربى بىيۇرۇكىرات ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە كېيىنكى چاغلاردىكى رىم ئىمپىرىيىسى ۋارىسلىق قىلغان بىر خىل ھۆكۈمرانلىق شەكلى بولۇپ قالغان. مەمۇرى ئۆلكىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، پادىشاھلىق تۈزۈمى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن دىئوكلېتانۇس ئۆلكىلەرنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ، ئىمپىرىيىنى يۈز نەچچە ئۆلكىگە ئايرىپ، 10 دىن 12 گىچە بولغان ئۆلكىنى بىر مەمۇرى رايون قىلىپ بىرلەشتۈرگەن. لەشكەرلەر سانىنى 600 مىڭغىچە يەتكۈزگەن. قوشۇن چېگرا مۇداپىئە قىسملىرى ۋە ئىچكى ھەركەتچان قىسىم قىلىپ ئايرىلىپ، ھەم _ سىرتتىن مۇداپىئەلەنگە، ھەم ئىچىكى مۇداپىئە ئىشلىرىغا سېلىنغان. ھەربىي ھوقۇق ۋە خەلق ئىشلىرى ھوقۇقى ئايرىلغان. باش ۋالى ھەربىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالمىغان. شۇنىڭ بىلەن كاتتا بيۇروكىراتلار ئاپاراتى ۋۇجۇتقا كەلگەن. دىئوكلېتانۇس ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، قۇللار قوزغىلىڭى ۋە يات مىللەتلەرنى ئىمپىرىيە چېگرىسىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمغا ئۆزى يالغۇز دوستى ماككىنتئۇسقا ئىمپىرىيىنىڭ غەربىي قىسىمىنى ئىدارە قىلىشنى ھاۋالە قىلغان، ماككىنتىئۇس ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى مىلاننى پايتەخت قىلىپ تاللىغان. ئىككىنچى يىلى، دىئوكلېتانۇس ماككىنتىئۇسنى مۇقەددەس دۆلەت باشلىغى _ «ئاۋگۇستۇس» قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن رىم ئىمپىرىيىسىدە ئىككى ئالى ھۆكۈمران بولۇپ، بارلىق بۇيرۇق بۇ ئىككى ئادەمنىڭ نامى بىلەن چىقىرىلغان. مىلادى 293 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئىككى ئالى ھوكۇمران ئۆزلىرىگە بىردىن كايزا (كايزا قەدىمقى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدىكى مەشھۇر لەشكەر بېشى ۋە سىياسىچى بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا غەرىب خان - پادىشاھلىرى بۇ ئىسىمنى ئۆزلىرىگە ئۇنۋان قىلىۋالغان - ت) تەيىنلىۋالغان. خان جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بۇ ئىككى يادەمچى كايزا باشقا ئىككى ھۆكۈمرانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەمدە ئۇ ئايرىم _ ئايرىم تۈردە بۇ ئىككى ھۆكۈمرانغا كۈيئوغۇل بولغان. شۇنداق قىلىپ مۇقىم پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى كاپالەتلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن بۇ تۆتەيلەن ئايرىم _ ئايرىم تۈردە ئىمپىرىيىنىڭ بىرقىسىمىنى ئىدارە قىلغان. تارىختا، بۇ تۈزۈم «تۆت پادىشاھ ئورتاق ئىدارە قىلىش تۈزۈمى» دەپ ئاتالغان بۇ تۈزۈم ئىمپىرىيىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن چېگرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىمپىرىيىنىڭ زىمىنىنى كېڭەيتىكەن. دىئوكلېتانۇس ئىقتىسادىي جەھەتتە پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان. لېكىن كۇرسى چۈشكەن ئەتكەس پۇلنى يوق قىلالىمىغان. ئۆلچەمگە توشقان تىللا مۇئامىلىگە كىرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن مال باھاسى يەنىلا ئۆرلەپ، ئىجتىمائى ئىگىلىك قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. ئۇ يەنە نەق نەرسە تولىنىدىغان باج ۋە مەجبۇرى ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويغان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقا قالغان، قاچقۇنلار قاتتىق جازالانغان. دىئوكلېتانۇسنىڭ چېكىدىن ئاشقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا خەلقتە ھوقۇق بولمىغان، خەلق پۈتۈنلەي قۇل بولۇش ئورنىدا تۇرغان. مىلادى 305 - يىلى بىر كۈنى دىئوكلېتانۇس بىلەن ماككىنتئۇس تەڭلا پادىشاھلىق ئورۇندىن چېكىنگەنلىكىنى جاكالىغان. ئۇلارنىڭ كۈيئوغۇللىرى ئۆز ياردەمچىلىرىنى تەيىنلىگەن. دىئوكلېتانۇس، ئەمدى ئىمپىرىيە ئەمىن ئۆتىدۇ، تالاش _ تارتىش بولمايدۇ، دەپ ھېساپلىغان. بىراق، ئۇ پادىشاھلىق ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئىمپىرىيىدە تۈگىمەس جەڭگى _ جىدەللەر يەنە باشلانغان
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ