UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمۇئەللەق باغچا

مۇئەللەق باغچا

بەش مىڭ يىل ياز كۈنلىرى بابىلدا ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولىدىكەن. بۇ يەردە ئىگىز تاغ، ئورمان بولمىغاچقا قۇياشنىڭ نۇرى توغرىدىن توغرا يەرگە چۈشىدىكەن. ئۇزاق ۋاقىت يامغۇر ياغمىغانلىقى، ئىسسىق شامال چىقىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن يەرلەر يېرىلىپ، زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىتىشكە باشلاپتۇ. لېكىن كىشىلەر باشلىرىنى كوتىرىپ بابىلۇ شەھىرىگە قارىغۇدەك بولسا، ئاسماندا دەل _ دەرەخ، گۈل _ گىيالار ئادەمنىڭ زوقى كەلگۈدەك ياپ _ يېشىل كۆكىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ قانداق ئىش؟ بۇ پۈتۈن ئالەمگە مەشھۇر بولغان قەدىمقى بۈيۈك قۇرۇلۇش _ مۇئەللەق باغ ئىكەن. مۇئەللەق باغ قانداق ياسالغان؟ مىلادىدىن ئىلگىرى 614 _ يىلى بابىل قۇشۇنلىرى بىلەن ئىران ئىخزلىكىدىكى مېدىيە قۇشۇنلىرى بىرلىشىپ، بىرلىكتە ئاسۈرىيىگە ھۇجۇم قىلغان. مېدىيە قۇشۇنلىرى ئاتاكىغا ئۆتۈش تاكتىكىسى بىلەن ئاسۈرىيە شەھىرىنى ئىشغال قىلغان! بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پادىشاھلىرى مەزكۇر شەھەرنىڭ خارابىسىدا قانداق قىلىپ بىرلىكتە ئەسكەر چىقىرىپ ئاسۈرىيىنى يوقىتىشنىڭ چوڭ پىلانى ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىپ بارغان. دوستانە ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت پادىشاھلىرى بابىل شاھزادىسى بىلەن مېدىيە مەلىكىسىنى نىكالاشتۇرۇشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىر مىلادىدىن ئىلگىرى 605 - يىلى «دۇنيا» غا خوجايىنلىق قىلىپ تۇرغان كۈچلۈك ھەربى دۆلەت ئاسۇرىيەنى مۇنقەرز قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 604 - يىلى بابىل پادىشاھى ۋاپات بولغان. يېڭى پادىشاھ نېبۇچادېنزار تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ، مېدىيە مەلىكىسى سەمراسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنى خانىش قىلغان. بىراق خانىش بابىلغا بېرىپ تۈزلەڭلىك، سېرىق توپىلىق جايلارنى كورۈپلا يۇرتىنى سېغىنىشقا باشلىغان. ئۇ كۈن بويى چىراي ئاچمىغان، ئۇنىڭ گېلىدىن سۇ، تائام ئۆتمىگەن، ساھىپجامال بۇ مەلىكە ئورۇقلاپ سوڭەك بولۇپ قالغان. بۇ ھالنى كۆرگەن پادىشاھ نېمە قىلىشىنى بىلمەي پايپىتەك بولغان. ئىگىز _ ئىگىز تاغلىرى، بۈك - باراقسان ئورمىنى بار ئىران ئىگىزلىكى خانىشىنىڭ يۇرتى ئىكەن. بىراق بابىلدا ھەتتا بىر تال تاشمۇ تېپىلمايدىكەن قانداق قىلش كېرەك؟ پادىشاھ نۇرغۇن بىناكارلىق ئۇستىلرىنى تەكلىپ قىلىپ، پايتەختتە بىر چوڭ سۈنئى تاغ ياساشنى تاپشۇرغان. نۇرغۇنلىغان قۇللارنىڭ قان _ تەرلىرىنى ئاققۇزۇپ بىر نەچچە يىل ئەجرى قىلىشى ئارقىسىدا ئاخىر بىر چوڭ سۈنئى تاغ ياسالغان. بۇ سۈنئى تاغنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇغى 20 نەچچە مېتىر، ئىگىزلىكى 25 مېتىر بولۇپ، تاش تۈۋرۈك ۋە شىبەن تاش بىلەن بىر قەۋەت - بىر قەۋەتتىن ئىگىز قىلىپ قوپۇرۇلغان. بۇ تاشلارنىڭ نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان يىراق جايلاردىن توشۇپ كېلىنگەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە. سۈنئى تاغ ئۈستى قەۋەت ئوتتۇرا قەۋەت ۋە تۆۋەن قەۋەت دەپ ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر قەۋىتىنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قاراماي يالىتىلغان يۇلغۇن باسۇرۇلغان. ھەر ئېھتىمالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۈستىگە ئىككى قەۋەت خىش ياتقۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت قوغۇشۇن ئېرىتىلگەن. مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈستىگە قەۋەتمۇ _ قەۋەت مۇنبەت توپا ياتقۇزۈلۇپ، ھەرخىل ئىسىل گۈل - گىياھلار ۋە دەل _ دەرەخ تىكىلگەن. بۇ گۈل _ گىياھ، دەل _دەرەخلەر يىراقتىن قارىسا ئاسمان بوشلۇقىدا تۇرغاندەك كۆرۈنگەچكە «مۇئەللەق باغ» دەپ ئاتالغان. شۇنچە ئىگىز يەرگە گۈل _ گىياھ، دەل _ دەرەخ تىكىلگەندىن كېيىن ئۇنى سۇغىرىش بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن سۈنئى تاغنىڭ ئۈستىگە ماشىنا كۈچى بىلەن سۇ چىقىرىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلىپ، پىقىرما ناسۇس بىلەن ئېفرات دەرياسىدىن توخىماي سۇ تارتىپ تۇرۇلغان. شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ئېيتىلغاندا، بۇ نەقەدەر مۈشكۈل قۇرۇلۇش _ ھە! مۇئەللەق باغ ئىچىگە يەنە ھەشەمەتلىك سارايلار سېلىنغان بولۇپ، پادىشاھ بىلەن خانىش بۇ سارايلاردا تۇرۇپ پۈتۈن شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرۈپ تۇرالايدىكەن. ئېيتىلشلارغار قارىغاند، مىدىيە مەلىكىسى شۇنىڭدىن تارتىپ شات - خوراملىققا چۆكۈپ، يۇرتىنى ئۇنداق قاتتىق سېغىنمايدىغان بولغانمىش. ئەمەلىيەتتە، مۇئەللەق باغ بابىلۇن شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تەكىۋى قىسمىدىنلا ئىبارەت بولغان. نېبۇچادېنزار بابىلۇن شەھىرىنى شۇ چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا شەھەرلەردىن قىلىپ قورغان. پۈتۈن شەھەر تاملىرىنى خىش بىلەن قۇرغان ھەمدە پۈتۈن شەھەر تاملىرىغا سىر بەرگەن. سېرىق رەڭلىك سېپىل تۆت چاسا شەكىلگە كىرگەن يۇنان تارىخۇناسلىرىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، شەھەر سېپىلى 22 كىلومېتىر كېلىدىكەن.سېپىل ئىنتايىن قېلىن بولۇپ، ئۈستى تۆت ئات تاڭ ماڭالايدىغان يول ئىكەن. شەرھەرنى چورىدىگەن ھالدا ھەر 40 نەچچە مېتىر ئارىلىققا بىردىن، جەمئىي 300 نەچچە راۋاق سېلىنغان. سېپىل ئىچكى - تاشقى 3 قەۋەت بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ قېلىنلىقى ئۈچ مېتىر، بەزىلىرىنىڭ سەككىز مېتىر كېلىدىكەن. سېپىل تاملىرىنىڭ ئارلىقىدا خەندەك بار ئىكەن. پۈتۈن شەھەرنىڭ يۈز نەچچە دەرۋازىسى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ راملىرى، توغرالىمى ۋە ئىشكىلرى مىستىن قۇيۇلغان ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر سېپىلى ئۈستىدە سۇ كۈچى بىلەن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى بولۇپ دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگۈدەك بولسا، سۇ قۇيۇپ بېرىپ شەھەر سىرتىدىكى يەرلەرنى سۇغا باسۇرۇۋاتقىلى بولىدىكەن. دېمىسىمۇ «پۇلاتتەك مۇستەھكەم» ئىكەن. بابىلۇن شەھىرى يەنە سەنئەت شەھىرى بولغان. شىمالىي دەرۋازىسىنى ئالساق، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى توننا، ئىگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدىكى كۆزگە دەرۋازا تېمى ۋە راۋاققىچە كوكۇش سىلىق خىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، خىشلارغا سىۋىتى ئېنىق، شەكلى ھەرخىل ھالەتتىكى ياۋ كالا، ئەجدىھا ۋە تۈرلۈك ھايۋانلر شەكلىدە 575 قاپارتما ھەيكەل ئويۇلغان. شەھەر ئىچىدىكى جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتالغان. بۇ يول پۈتۈنلەي بىر مېتىر كېلىدىغان تۆت چاسا ھاك تاش بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا ئاق رەڭ ياكى ئەتىرەڭ ئىككى چېتىگە قىزىل رەڭ بېرىلگەن، شىبەن تاشلارغا مىخ يېزىق بىلەن خەت ئويۇلغان. مۇقەددەس يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى تاملارغا ھەرخىل قىياپەتتىكى تىرىك شىرلاردەك كۆرۈنىدىغان ئاق رەڭلىك ۋە ئالتۇن رەڭلىك شىر ھەيكەللىرى چۈشۈرۈلگەن. مۇقەددەس يولىنىڭ ئايىغىغا دىيامېتىر 70 - 60 مېتىر كېلىدىغان چوڭ ئىبادەتخانا ھەمدە پەلەككە يېتىدىغان 7 قەۋەتلىك مۇنار سېلىنغان. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدى تەرىپىگە مەرمەر تاشتىن بىر كۆلچەك ياسالغان، رىۋايەت قىلىنىشچە، بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ مەنبەسىمىش. شۇڭا بابىلۇن شەھەرىگە كىرگەنلەر ئەپسانىۋى ئالەمگە كىرگەندەك بولىدىكەنمىش. بابىلۇن شەھىرى ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا (ھازىرقى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا) سېلىنغان، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ سودىگەرلىرى بۇ يەرگە كېلىپ تۇرغان، شۇ چاغلاردا بۇ شەھەر ئاسىيانىڭ غەرىبىدىكى مەشھۇر سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، «ئەرشنىڭ دەرۋازىسى» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلىگىرى 4 _ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، بۇ باي شەھەر گۈللىنىشتىن خاراپلىنىشقا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ئىككىنىچ ئەسىرگە كەلگەندە خارابىگە ئايلانغان. شەھەر ئىچىدىكى مۇئەللەق باغقا كەلسە، ئۇنىڭ ئىزى يېقىنقى يىللاردا تېپىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
مۇئەللەق باغچا | UyghurWiki | UyghurWiki