UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ>مويىن< ناملىق پاراخوت پارتلاپ كەتكەندىن كېيىن

>مويىن< ناملىق پاراخوت پارتلاپ كەتكەندىن كېيىن

بەش مىڭ يىل >يېڭى خەۋەر! يېڭى خەۋەر >مويىن< ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ھاۋانادا پارتىلىتۋېتىلىپتۇ!< >يېڭى خەۋەر، كۆرۈشكە ئالدىراڭلار! يېڭى خەۋەر، كۆرۈشكە ئالدىراڭلار >مويىن< ناملىق پاراخوت پارتلىتىپ چۆكتۈرۈۋېتىلىپتۇ! پاراخوتتىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەردىن 260 كىشى ئۆلۈپتۇ!< >يېڭى خەۋەر! يېڭى خەۋەر!...< 1898 - يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېرىم كېچىدە، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئاھالىنى گېزىت سېتىشنىڭ سۈرەنلىرى ئويغىتىۋەتتى. يېقىنقى بىر نەچچە ئاي داۋامىدا، ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە كۇبا مەسىلىسىدە گەپ سىغمايدىغان دەرىجىدە تالىشىپ كەلگەنىدى. ئۇ چاغدا، كۇبا، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكى ئىدى. مۇستەقىللىك ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۇبا خەلقى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى، ئامېرىكا خەلقى كۇبانىڭ قوزغىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئىچىدىكى كېڭەيمىچىلەر بۇ مۇستەملىكىنى ئىگىلىۋېلىش كويىدا بولۇپ، ئىسپانىيە بىلەن ئۇرۇشۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ گېزىتلىرى ھەدېسىلا قوشۇمچە سان تارقىتىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچى دائىرىلىرىنىڭ كۇبادىكى زوراۋانلىقلىرىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ مۇداخىلە يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلاۋاتاتتى. گېزىتلەر ھەمىشە قوشۇمچە سان تارقاتقاچا، ئادەتتە ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭغا بەكمۇ ھەيران قالمايتتى. بىراق، بۈگۈن كەچتىكى قوشۇمچە سان كىشىلەرنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. >ھەربىي پاراخوتنى ئىسپانلار پارتلىتىۋەتكەنمىدۇيا؟< كىشىلەر مانا مۇشۇنداق غۇلغۇلا قىلىشقاباشلىدى. >مويىن< ناملىق پاراخوت ئامېرىكىنىڭ ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى بولۇپ، ئۇ، شۇ يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋاناغا قاراپ يولغا چىققانىدى. بۇ پاراخوت ئۇ يەرگە بېرىپ دوستانە زىيارەتتە بولىدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسپانىيىگە بېسىم ئىشلەتكىلى ماڭغانىدى. ھەربىي پاراخوتنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پارتلاپ چۆكۈپ كېتىشى، بىردەمدىلا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قىل ئۈستىگە ئەكىلىپ قويدى. بىر ئايدىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ >مويىن< ناملىق پاراخوتىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ پاراخوتنىڭ سۇ مىناسىدا پارتىلىغانلىقى ئېنىق بولدى. بۇ ئىشنى ئىسپانلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيال بولمىسىمۇ، پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى يەنىلا ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە ئارتتى. ئىسپانىيە تەرەپمۇ ھەربىي پاراخوتنىڭ پارتلىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، پارتلاشنىڭ ھەربىي پاراخوتنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەنلىكى، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزى پارتلىتىۋەتكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بىراق، ئىسپانىيە ئامېرىكىنى ئاشكارا ئەيىبلەشكە پېتىنالمىدى، چۈنكى ئاشكارا ئەيىبلىسەك، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ قالىدۇ، دەپ قورقتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى كېڭەيمىچىلەر ھەممىلا يەردە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، گېزىتلەردىمۇ ھەدەپ گەپ سېتىپ، ئەسەبىيلەرچە ئۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئېلىپ باردى. >>مويىن< ناملىق پاراخوتنىڭ پارتلاش ۋەقەسىنى ئېسىمىزدىن چىقارماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتىقام ئالايلى!< >مۇداخىلە ۋاقتى يېتىپ كەلدى! ئىنسانىيەت بىزدىن ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا!< >ئىسپانىيە كۈچلىرىنى كۇبا ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرايلى!< بۇلار نېمىشقا ئىسپانىيە بىلەن بىر مەيدان ئېلىشىشقا مۇنچىۋالا بېرىلىپ كېتىدۇ؟ ئەسلىدە، ئۇ چاغدا ئامېرىكىلىق كاپىتالىستلار كۇبادا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانىدى. يەنە كېلىپ كۇبا كارىب دېڭىزىنى تىزگىنلەيدىغان ستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي بولغاچقا، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئۇنى يۇتۇشنىڭ كويىدا يۈرەتتى. مانا ئەمدى >مويىن< ناملىق پاراخوتنىڭ ئۇشتۇمتۇت پارتلاپ كېتىشى دەل ئاشۇنداق ئۇرۇشنى قوزغاشقا باھانە بولدى - دە 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكا ئاقىۋەت ئىسپانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئىسپانىيىنىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق قوشۇنىدا 20 تۈمەن ئەسكەر بار ئىدى. ئامېرىكىنىڭ دائىمىي ئارمىيىسىدە پەقەت 28 مىڭ ئەسكەر بار ئىدى. ئەمما، ئىسپانىيىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسكىرىي كۈچى كۇبا قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ قالغاچقا، جانلىق يۆتكىلەلمەيتتى. بۇ ھال ئامېرىكىغا بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ناھايىتى زور نەپ بەردى، ئامېرىكا زور كۆلەملىك سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا، ئىسپانىيە ئىنتايىن تېزلىكتە تۆۋەن ھالغا چۈشۈپ قالدى. بىراق، بۇ ئۇرۇش ئالدى بىلەن ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىسپانىيە كۇبانى ئىگىلەش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى ئاسىيادىكى فىلىپپىننىمۇ ئىگىلىۋالغانىدى. ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ئۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، فىلىپپىننىمۇ قولغا كىرگۈزۈۋېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئۇرۇش ئېلان قىلىنىش بىلەنلا، ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق يىراق شەرق فلوتىنىڭ قوماندانى تيۇۋىي دەرھال فىلىپپىنگە بېرىپ ئۇ يەردىكى ئىسپانىيە فلوتىنى يوقىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالدى. تيۇۋىينىڭ فلوتى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مانىلاغا يېتىپ باردى، ئەتىسى دېڭىز قولتۇقىدىكى ئىسپانىيە فلوتىغا قاراپ ئاتلاندى. >قوماندان مەلۇم بولسۇنكى، پورتتا ھېچ قانداق شەپە يوق!< تيۇۋىيغا خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كېلىشكە باشلىدى، ئەجەپ گەپقۇ! دەپ ئويلىدى تيۇۋىي. نېمە بولغىنى بۇ؟ ئىسپانلار نېمە شۇملۇق قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۇ، ئەتراپتىكى دېڭىز ساھىلىغا يوشۇرۇنغان دۈشمەن پاراخوتلىرى بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئەمما يەنىلا شەپە يوقلۇقى مەلۇم بولدى. مانىلا پورتى يىراقتا مەلۇم بولۇشقا باشلىدى، ئىسپانىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ دۇربۇندا كۆرۈندى. ئەمما، دېڭىز يۈزى يەنىلا تىمتاس تۇراتتى. >ھىم، ئۇلار قىلچە تەييارلىقسىز ئىكەن!< - دېدى مەنسىتمىگەن ھالدا تيۇۋىي >بۇيرۇق: ئېتىشقا تەييارلىنىڭلار!< ئىسپانىيە ھەربىي پاراخوتلىرى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئېتىش دائىرىسىگە كىرگەن ھامان تيۇۋي ھەر قايسى پاراخوتلارنى توپقا تۇتۇشقا بۇيرۇدى. >گۇم - گۇمباڭ! گۇم - گۇمباڭ!< ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلگەن توپ ئوقلىرى يالقۇنجاپ بېرىپ ئىسپانىيە جەڭ پاراخوتلىرىغا تېگىشكە باشلىدى. ھەش - پەش دېگۈچە پورتتا غايەت زور دولقۇنلار ئۆركەشلىدى، ئىسپانىيە پاراخوتلىرىدىن بىر نەچچىسىگە ئوق تېگىپ ئوت كەتتى. تيۇۋىينىڭ ھۆكمى توغرا چىقتى. ئىسپانىيە فلوتى ھەقىقەتەن قىلچە تەييارلىقسىز ئىدى، ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى توپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال جەڭگە چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى. ئەمما، ئاللىقاچان كېچىكىپ قالغانىدى. - نېمىشقا جەڭگە چىقمايسىلەر؟ نېمىشقا توپ ئېتىپ قايتۇرما زەربە بەرمەيسىلەر؟ - دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى قاتتىق ۋارقىرىدى. - قوماندان، مەلۇم بولسۇنكى، پاراخوتلارغا ئوت ئالدۇرۇپ بولمىدى، دەرھال جەڭگە چىقالمايدۇ! - ھۇ ئەبلەخ! تېز ئوت ئالدۇرۇڭلار! تېز ئېتىڭلار! قەلئەدىكى پوتەيلەر دۈشمەن پاراخوتلىرىنى توپقا تۇتسۇن، دەرھال ئۇقتۇرۇڭلار! پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن ئىسپانىيە پاراخوتلىرى دۈشمەننىڭ توپ ئوتى ئاستىدا، ھودۇققان ھالدا ئوت ئالدۇرۇپ، توپ ئېتىشقا كىرىشتى. پاراخوت پالوباسىدا ئوت ئالدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان دۆۋە - دۆۋە ئوتۇنلار تۇراتتى، ئۇ ئوتۇنلارمۇ پاراخوتلارنى كۆيدۈرگۈچى پىلتىگە ئايلاندى. ئامېرىكا پاراخوتلىرىدىن ئېتىلىۋاتقان توپ ئوقلىرى كېلىپ ئوتۇنلارغا تېگىشى بىلەنلا لاۋۇلداپ ياندى. ھەش - پەش دېگۈچە پورتتىن قىپ - قىزىل ئوت يالقۇنجاپ كۆتۈرۈلدى. - تولۇق تېزلىك بىلەن ئىلگىرىلەڭلار! توختىماي توپقا تۇتۇڭلار! - تيۇۋىي خۇشاللىق بىلەن ۋارقىرىدى. پەقەت ئىككى سائەتلا، ئامېرىكا فلوتى مانىلا قولتۇقىدا تۇرۇشلۇق ئىسپانىيە فلوتىنى يوقىتىپ بولدى. ھەر قايسى پاراخوتلار ئارقا - ئارقىدىن سىگنال بېرىپ، تيۇۋىيدىن قىرغاققا چىقىپ مانىلانى ئىگىلەش ھەققىدە يوليورۇق سورىدى. تيۇۋىي ئۆز قوماندانلىقىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنىڭ بىر قەدەر ئاجىزلىقى، مانىلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى تىزگىنلەشكە يېتىشمەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، يەڭگىللىك بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىشقا پېتىنالمىدى - دە، مانىلاغا قامال يۈرگۈزۈش ھەمدە ياردەمچى قوشۇن ۋە قورال - ياراق ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ تېلېگرامما بېرىشنى قارار قىلدى. كۇبادىكى ئۇرۇش مۇشۇ يىلنىڭ 6 - ئېيىغا كەلگەندە ئاندىن باشلاندى. ئامېرىكا فلوتى ئىسپانىيە فلوتىنى ئاختۇرۇپ كۇبانىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى جايلارنى قېزىۋەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسپانىيە فىلوتىنىڭ شەرقىي بۇرجەكتىكى سانتىياگو پورتىدا تۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەمما، ئامېرىكا فلوتى ئىسپانىيە فلوتىغا دەرھال توپ ئاتماي، ئۇنى پورت ئىچىگە قامال قىلدى. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 15 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا قوشۇنى سانتىياگونىڭ شەرقىدىن 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر جايدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئۇدۇل سانتىياگوغا قاراپ ئېتىلدى. ئون كۈنلۈك مۈشكۈل جەڭ ئارقىسىدا سانتىياگوغا پەقەت ئىككى يېرىم كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا بۆسۈپ كەلدىيۇ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە زادىلا مادارى قالمىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، قامالدىكى ئىسپانىيە فلوتى قامالنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدى. قامالنى بۆسۈش يەككە - يەككە ھالدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا فلوتى ئىسپانىيە پاراخوتلىرىنى بىر - بىرلەپ پارتلىتىپ، ئاخىرىدا ھەممىنى تولۇق يوقاتتى. ئىسپانىيە فلوتىنىڭ ھالاك بولۇشى سانتىياگونىڭ ۋەزىيىتىدە تولۇق ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ توپقا تۇتۇشى ئارقىسىدا، 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سانتىياگونى ساقلاۋاتقان ئىسپانىيە قوشۇنىدىكى 24 مىڭ كىشى پۈتۈنلەي تەسلىم بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي دائىرىلىرى تيۇۋىينىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان تېلېگراممىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مانىلاغا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ تۈركۈم ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تيۇۋىي مانىلانى ئىگىلىگۈدەك قۇدرەتكە ئىگە بولدى. ئۇ چاغدا، فىلىپپىن خەلقىمۇ ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئامېرىكا فلوتى فىلىپپىندىكى ئىسپانىيە فلوتىنى يوقاتقاندىن كېيىنلا >مۇستەقىللىك خىتابنامىسى< ئېلان قىلىپ، فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. تيۇۋىي ھەمدەمچى قوشۇنلىرىغا فىلىپپىن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان مانىلا ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلىشقا بۇيرۇق بەرسە، بىر تەرەپتىن يەنە ئىسپانىيىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسىنى مانىلانى بوشىتىپ بېرىشكە قىستىدى. بىر قۇر مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، باش ۋالىي مانىلانى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرىي ماقۇل بولدى. 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، تيۇۋىي ھەربىي پاراخوتلىرىغا مانىلاغا قارىتىپ بىر نەچچە پاي نىشانسىز توپ ئېتىشقا بۇيرۇق بەردى. باش ۋالىي تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ئامېرىكا قوشۇنلىرى شۇ ھامانلا مانىلانى ئىشغالىيىتىگە ئالدى. بۇ چاغدا، ئىسپانىيىدىمۇ، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشقۇدەك مادار قالمىغاچقا، سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ يىلى 12 - ئايدا، ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە فرانسىيىنىڭ پارىژدا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىدى. سۈلھ شەرتنامىدە: ئىسپانىيە كۇبانىڭ >مۇستەقىللىكى< نى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئەسلىدىكى ئىگىلەپ تۇرغان كۇبانىڭ شەرقىدىكى پوئېرتو - رىكو ئاراللىرى ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىدىكى گۇئام ئارىلى، فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىنى ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ ئامېرىكا >تۆلەم< ئورنىدا ئىسپانىيىگە 20 تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى بېرىش بەلگىلەندى. ئۇرۇشتىن كېيىنلا ئامېرىكا يەنە مۇستەقىللىكنى تەلەپ قىلغان فىلىپپىن خەلقىنى قانلىق قىرغىن قىلدى. كۇبانىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى بوغۇپ تاشلاپ، بۇ ئىككى دۆلەتنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ۋە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇردى. >مويىن< ناملىق ھەربىي پاراخوت پارتلاپ كەتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ قىرغىنچىلىق، دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا >ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى< دەپ ئاتالدى. ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇستەملىكىلەرنى ۋە تەسىر دائىرىلەرنى يېڭىباشتىن بۆلۈشۈۋېلىش مەقسىتىدە ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بىرىنچى قېتىملىق جاھانگىرلىك ئۇرۇشى بولۇپ، ئۇ، كاپىتالىزمنىڭ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق تارىخىي بەلگىسى بولۇپ قالدى
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ