ياغاچ ئات ھىلىسى
بەش مىڭ يىل
ئالاھەزەل بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇن، يۇنان يېرىم ئارىلىدا نۇرغۇن ئۇششاق دۆلەتلەر قۇرۇلغان ئىكەن. سىپارتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بىر كۈنى سىپارتا خان ئورىسىغا بىر ئەزىز مېھمان كەلگەن. بۇ مېھمان ترويا پادىشاھىنىڭ ئوغلى پارىس ئىكەن. ترويا كىچىك ئاسيا يېرىم ئارىلىدىكى (ھازىرىقى تۈركىيىدىكى) بىر كىچىك خانلىق بولۇپ، ئۇنى يۇنان بىلەن دولقۇرنلىرى ئۆركەشلەپ تۇرغان ئېگەي دېڭىزى ئايرىپ تۇرىدىكەن. سىپارتا خان جەمەتى بۇ ئەزىز مېھماننى ئەڭ داغدۇغلىق رەسىمىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالغان، ھەتتا ياش خانىش خېلېنمۇ ئۆزى چىقىپ كۈتۈۋالغان. خېلېن شۇ زامانلاردا ئالەمدىكى ئەڭ ساھىپجامال خوتۇن بولۇپ، ئۇنى كۆرگەن پارىسنىڭ نىيىتى بۇزۇلغان. خېلېنمۇ بۇ كېلىشكەن شاھزادىنى كۆرۈپ ئىچ _ ئىچىدىن خوش بولغان. شۇ كېچىسى پارىس سىپارتا پادىشاھى سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ خان ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە خېلېننى ئالداپ قولغا چۈشۈرۈپ، كېمىگە سېلىپ تروياغا ئېلىپ قېچىپ كەتكەن.
سىپارتا پادىشاھى بۇنى قاتتىق ھاقارەت دەپ بىلىپ، ئىنتىقام ئېلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن، دەرھال ئاكىسى ئاگامىمنوننىڭ مىكېناي دېگەن باشقا بىر كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا بارغان. ئاگامىمنون يۇناندىكى نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەرنىڭ پادىشالىرى ۋە شاھزادىلىرىنى مەجلىسكە چاقىرىغان. مەخلىستە، بىرلىشىپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ترويانى قوراللىق كۈچ بىلەن يوقىتىش بىردەك قارار قىلىنغان. كۆپچىلىك ئاگامىمنونىنى يۇنان بىرلەشمە قوشۇنىغا لەشكەر بېشى قىلىپ سايلىغان ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئون تۈمەن لەشكەر، 9000 ئۇرۇش كېمىسىدىن تەركىب تاپقان چوڭ قوشۇن دېڭىز ئارقىلىق ھەيۋەت بىلەن شەرققە يۇرۈش قىلغان.
ترويا شەھىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم سېلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ سېپىىللىرى قېلىن ۋە ئىگىز، پوتەيلىر قاتمۇ _ قات بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئالدى تەرىپى تۈزلەڭلىك، ئارقىسى تاغ ئىكەن. يۇنان بىرلەشمە قوشۇنلىرى دېڭىز بويلىرىدا كېمىلەرنى بازا قىلىپ، بارگاھ قۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئىككى تەرەپ تۈزلەڭلىكتە قاتتىق جەڭ قىلىپتۇ. شۇر - شۇر قىلىغنا ئوق - يالار يامغۇردەك تاراسلاپ چۈشكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇرۇش ھارۋىلىرى قۇيۇندەك چېپىپتۇ. نەيزىلەر ئويناپتۇ. قىر _ چاپ سادالىرى جاھاننى بىر ئېلىپتۇ. يەر - زىمىن قان بىلەن بۇيۇلۇپۇت. ھەربىر قەدەمنى جەسەتلەر ئۈستىدىن ئېلىشقا توغرا كېلىپتۇ.
ئۇرۇش توپ _ توغرا 10 يىل داۋام قىلىپتۇ. جەڭگاھتا يۇنان ۋە ترويانىڭ ياش لەشكەرلىرى دات _ پەريات ئىچىدە جان ئۈزۈپتۇ، ئۆيلەردە تۇل خوتۇن _ يېتىم بالىلار زار قاخشاپ يىغلاپتۇ. ھەتتا ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق سەركەردىلىرىمۇ بىر _ بىرلەپ جەڭ مەيدانىدا قان ئاققۇزۇپ، بەختكە قارشى قۇربان بولۇپ كېتىپتۇ.
ئۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىۋېرىپتۇ. ترويانىڭ باش سەركەردىسى قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىگە يۈرەك پارىس نائىلاج شەھەردىن چىقىپ ئۇرۇشقا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. رەقىبنىڭ جەڭگە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن يۇنان سەركەردىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ دەر غەزەپ بىلەن پارىسقا ئېتىلىپتۇ. پارىس ئېلىشماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا، ئوق _ يا - لار ئارقا - ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كېلىپ، بېغىشىغا ۋە قوسىغىغا تېگىپتۇ. ئۇ ئاغرىققا چىدىيالماي تەككەن ئوقنىمۇ ئېلىۋەتمەي، ئالدىراپ _ تېنەپ ترويا شەھىرىگە قېچىپ كېلىۋېلىپتۇ.
پارىسنىڭ قوسىغىغا تەككەن ئوق _ يادا زەھەر بار ئىكەن. ئەتىسى زەھەر ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، پارىسنىڭ بەدەنلىرى قىداپ، ئاغرىق دەستىدىن غال _ غال تىترەپتۇ. قىپ _ قىزىل قان ۋە سېرىق زەرداپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن پۇقىراپ چىقىپتۇ. دوختۇرلار كۆرۈپ باشلىنى چايقاپتۇ، چۈنكى شەھەردە زەھەر قايتۇرىدىغان دورا قالمىغان ئىكەن. پارىس ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ، 10 يىل بۇرۇن تاشلىۋەتكەن خوتۇنىنى ئەسلەپتۇ. ئۇ ئايال يېزىدا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ يېنىدا مەخسۇس زەھەر قايتۇرىدىغان دورا بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، مېنى كۆتىرىپ يېزىغا ئاپىرىپ ئۇنى تېپىڭلار، دەپ لەشكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپتۇ. ئاخىر، ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر كونا كەپە ئىچىدىن ئۇنى تېپىپتۇ.
_ مېنى قۇتقۇز، مېھرىبان خوتۇن، _ دەپ پارىس زەمبىلدە يېتىپ بوش ئاۋاز بىلەن، _ مەن ئۆلەي دەپ قالدىم!
- يوقال كۆزۈمدىن ! _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ غەزەپ بىلەن، _ سەن نېمىشقا يۇنانلىق ساھىپجامالنى ئىزلەپ بارمىدىڭ؟ سېنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭ ئازمۇ؟ ئۆلسەڭمۇ ئۇۋال بولمايدۇ!
پارىس قوشۇملىرىنى تۇرۇپ، بارلىق كۈچى بىلەن كۆزىنى ئاچماقچى بولۇپتۇ، لېكىن مۇمكىن بولماپتۇ. ئۇنىڭ بېشى يان تەرەپكە ساڭگىلاپتۇ _دە، بۇ ئالەمدىن كېتىپتۇ.
باش جىنايەتچى پارىس ئۆلۈپتۇ. لېكىن ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ غەلىبىنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەپتۇ. ترويا شەھىرى ئىچىدە، بەزىلەر خېلېننى چىقىرىپ بېرىپ يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىپتۇ. لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى خېلېن ئۈچىنچى ئەرگە - ترويانىڭ بىر سەركەردىسىگە تەككەن ئىكەن. يۇنان تەرەپتىمۇ بەزىلەر قوشۇنلارنى چېكىندۈرۈپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلىپتۇ. لېكىن بۇمۇ مۇمكىن بولماپتۇ. چۈنكى ئىنتىقام ئوتلىرى مۇتلەق زور كۆپچىلىك سەركەردىلەرنىڭ قەلبىگە تۇتاشقان ئىكەن. يېرىم كېچە بولۇپتۇ. يۇنان بىرلەشمە قوشۇنلىرىنىڭ لەشكەر بېشى ئاگامىمنوننىڭ چېدىردىدا چىراق ئۆچمەپتۇ، سەركەردىلەر ئەپچىل چارە ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىپتۇ...
بىر ئەتىگەنلىكى غەلىتە ئىش بولۇپتۇ. جەڭگاھتا ئادەتتىكى شاۋقۇن _ سۈرەنلەردىن تۇيۇقسىز دېرەكمۇ قالماپتۇ. ترويالىقلار سېپىلدە تۇرۇپ سىرتقا قارىغۇدەك بولسا، يۇنان بىرلەشمە قوشۇن لەشكەرلىرىنىڭ بارگاھلىرى يىغىشتۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن كېمىلەر يىراقتىكى دېڭىزغا كېتىپتۇ. جەڭگاھ قۇپ _ قۇرۇق بولۇپ قېلىپتۇ. لەشكەرلەر ئاۋايلاپ شەھەردىن چىقىپ، ئەتراپتىكى تاغ _ ئورمانلارنى ئاختۇرۇپتۇ. بىراق ھىچنەرسە تاپالماپتۇ.
_ يۈنانلىقلار قېچىپ كېتىپتۇ! بىز غەلبە قىلدۇق! _ تۋويالىق سەركەدىلەر ۋە لەشكەرلەر چوقان كوتىرىپ شەھەردىن ئېتىلىپ چىقىپتۇ. ئارقىسىدىن بىر تالاي پۇقرالارمۇ ئەگىشىپ چىقىپتۇ.
_ بۇ نېمە؟ _ دەپتۇ بىر لەشكەر دېڭىز ساھىلىدە تۇرغان كاتتا ياغاچ ئاتنى كۆرسىتىپ. بۇ ياغاچ ئاتنىڭ ئىگىزلىكى ئىككى ئادەم بوي كېلدىغان بولۇپ، تېنى ئاجايى يوغان، بېشى گېدىسيىپ تۇرغان ئىكەن، تۆت پۇتىمۇ ناھايىتى توم ئىكەن، كۆپچىلىك بۇنى كۆرۈپ بىر _ بىرىگە قارىشىپتۇ.
_ ئاستىدا بىر ئادەم تۇرىدۇ! _ بىر لەشكەر ياغاچ ئاتنىڭ ئاستىدىن بىر ئادەمنى سۆرەپ چىقىپتۇ، بۇ ئەسلىدە يۇنانلىق ئادەم ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى باغلاپ ترويا پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
بۇ يۇنانلىق ترويا پادىشاھىنى كۆرۈپ تىز پۈكۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ يىغلاپ يالۋۇرۇپتۇ:
_ ئاگامىمنون مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋىدى... مەن ئىلاج يوق ياغاچ ئاتنىڭ ئاستىغا مۆكۈنۈۋالدىم. پادىشاھى ئالەم. بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيمەن! بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەيمەن!
_ ئاگامىمنون نېمىشقا سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
_ يۈناننىڭ بىر سەركەردىسى تروياغا ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرغاچقا، ئاگامىمنو ئۇنى ئۆلتۈدى. مەن بۇ سەركەردىنىڭ تۇققىنى بولغىنىم ئۈچۈن، ئاگامىمنون مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولدى... مەن ئاران تەسلىكتە قېچىپ قۇتۇلدۇم ھازىر يۇنان قۇشۇنلىرى كەتتى، مەن ... مەن نەگە بارىمەن؟ _ دەپتۇ _ دە، ھۆكۈرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
پادىشاھ رەھىمدىل كىشى ئىكەن، ئۇ دەرھال بۇيرۇق بېرىپ بۇ يۇنانلىقنى قويۇۋېتىپتۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ترويا شەھىرىدە قېلىشقا رۇخسەت قىلىپتۇ.
_ بۇ كاتتا ياغاچ ئات نېمە قىلىدىغان نەرسە؟ _ سوراپتۇ پادىشاھ.
_ خۇداغا نەزىر قىلدىغان نەرسە، _ دەپتۇ كۆرنى چىمىلدىتىپ يۇنانلىق خوشامەت بىلەن، _ پادىشاھى ئالەم، ئەگەر بۇنى شەھەرگە ئېلىپ كىرسىڭىز خۇدا سىزگە ۋە خەلقىڭىزگە بەخت ئاتا قىلىدۇ.
پادىشاھ بۇنىڭدىن چۈمپۇتۇپ، لەشكەرلەرگە ياغاچ ئاتنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ. بۇ ياغاچ ئات بەك چوڭ بولۇپ، سېپىل دەرۋازىسدىنمۇ ئىگىز بولغاچقا، سېپىلدىن بىر چوڭ شورا ئېچىپ ئېلىپ كىرشكە توغرا كېلىپتۇ.
شۇ ئاخشىمى پۈتۈن ترويا شەھىرى غەلىبىنى تەنتەنە قىلىپتۇ. «قەدەدھ كۆتىرەيلى!» لىق ئۈزۈم ھارىقى تولدۇرۇلغان جاملارنى ئىگىز كۆتەرگەن كىشىلەر ئارقا - ئارقىدى قەدەھ كۆتىرىشىپتۇ.
يېرىم كېچە بولغاندا پۈتۈن شەھەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. كىشىلەر ئىسسىق يوتقانلىرىدا بىخىرامان شېرىن چۈش كۆرۈپ ئۇخلاپتۇ. ھېلىقى يۇنانلىق ھىچكىمگە تۇيدۇرماي سېپىل شورىسىدىن چىقىپ، دۆڭلۈككە چىقىپ ئوت يېقىپ بەلگە بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئاۋايلاپ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ «توك!» «توك!» «توك!» قىلىپ ياغاچ ئاتنى ئۈچ قېتىم چېكىپتۇ. شارتلا قىلىپ ياغاچ ئاتىنىڭ قوسىقى ئېچىلىپ، تولۇق قوراللانغان 20 يۈنانلىق لەشكەر ئاتنىڭ قورسىقىدىن ئۆمىلەپ چىقىپتۇ. ئۇلار چاققانلىق بىلەن بېرىپ سېپىل دەرۋازىسىنى ئېچىپتۇ ھەم شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئوت قويۇپتۇ.
لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت دېڭىز ئارىلىغا مۆكۈنۈۋالغان كۆپلىگەن يۇنان قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپتۇ. ئۇلار ترويا خان ئوردىسىغا ئۇچقاندەك باستۇرۇپ كىرىپ، پادىشاھنىڭ كاللىسىنى ئېلىپتۇ. سىپارتا پادىشاھى خېلېننىڭ ياتىغىا باستۇرۇپ كىرىپ، خېلېن بىلەن بىرگە ياتقان ترويا سەركەردىسىنى خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى. ساھىپجامال خېلېن يەرگە دۇم يېتىپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەپ ھۆكۈرەپ يىغلاپتۇ. سىپارتا پادىشاھنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى بىردىنلا بوشىشىپ، قولىدىكى خەنجەر «تاراڭ» ڭىدە يەرگە چۈشۈپتۇ.
_ قىر! چاپ! _ يۇنان لەشكەرلىرى ھەممىلاج يەردە چۈقان كۆتىرىشىپتۇ. سىپارتا پادىشاھى خىجالەتچىلىكتە يەردىن خەنجەرنى ئېلىپتۇ - دە، خېلېنغا تەڭلەپتۇ، لېكىن زادىلا قولىنى كۆتىرەلمەپتۇ.
_ ئۇنىڭ قېنىدىن كەچ، ئىنىم! _ دەپتۇ بۇ ھالنى كۆرگەن يۇنان بىرلەشمە قوشۇنلىرىنىڭ لەشكەربېشى ئاگامىمنون خوشياقمىغاندەك قىياپەتتە. سىپارتا پادىشاھى دەرھال خەنجەرنى تاشلاپتۇ.
10 يىل داۋام قىلغان ئۇرۇش ئاخىرى ئاياقلىشىپتۇ. ترويا شەھىرى خارابىغا ئالىنىپتۇ. ئەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ؛ ئايللارنىڭ كۆپچىلىكى ئەسىرگە ئېلىنىپتۇ. ھەمدە قۇل قىلىپ سېتىلىپتۇ. ئالتۇن _ كۈمۈش، بايلىق بىلەن يۇنان سەركەردىلىرى چونتىگىنى تولدۇرۇپتۇ...
«ياغاچ ئات ھىلىسى» دېگەن ھىكايىگە 3000 نەچچە يۈز بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھېكايە تاھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ كەلمەكتە. ئەسلىدە، بۇ ھېكايە ئارقىلىق يۈنان قەھرىمانلىرى مەدھىيلەنگەن؛ كېيىنكى چاغلاردا كىشىلەر ياغاچ ئاتنىڭ شەھەر سېپىلىنى ئالداپ ئېچىشتىكى رولىنىلا بىلگەن، شۇڭا «ترويا ياغاچ ئېتى» دېگەن گەپ ھازىر دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە كىرىۋېلىش تاكتىكىسى، يەنى «يۈرەكنى سۇغىرىۋېلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلدىغان بولۇپ قالغان.