UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسولچىلار ۋە ئوڭچىلار

سولچىلار ۋە ئوڭچىلار

بەش مىڭ يىل ھازىرقى زامان سىياسى ئاتالغۇسىدا، «سولچىلار» ھەمىشە «رادىكاللار» ياكى «ئىنقىلابچىلار» نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى؛ «ئوڭچىلار» بولسا، «مۇتەئەسسىپلەر»، «جاھىللار» ياكى «ئەكسىلئىنقىلابچىلار»نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى ئاتالغۇ 18 - ئەسىردىكى ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا بۇرۇنلا قوللىنىلىپ كەلگەن، ئەمما، مەنىسى ھازىرقىغا ئانچە ئوخشاشمايتتى، خالاس. فرانسىيىدە پادىشاھ قولغا ئېلىنغان ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق ئۇيۇشمىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالى رەھبىرىي ئورگىنى بولۇپ قالدى. ئۇ مەجلىس ئاچقان چاغدا ئەھۋال مۇنداق بولاتتى: ئوڭ تەرەپتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ژىروندى ئۆلكىسىدىن كەلگەن بۇرژۇئا ۋەكىللىرى بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇلارنى ژىروندىچىلار دەپ ئاتايتتى. سول تەرەپتە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە ئولتۇراتتى. ئۇلار ھەمىشە سېن - ياكو چېركاۋىدا مەجلىس ئاچىدىغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇلارنى ياكوبىنچىلار دەپ ئاتايتتى. ژىروندىچىلارنى ھاكىمىيەت تۇتۇشقا پادىشاھ تەيىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسى پوزىتسىيىسى مۇتەئەسسىپ ئىدى. ياكوبىنچىلار ئىنقىلاپ جەريانىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، سىياسى پوزىتسىيىسى رادىكال ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ بىرى ئوڭ تەرەپتە، بىرى سول تەرەپتە ئولتۇرغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇلارنى ئوڭچىلار ۋە سولچىلار دەپ ئاتايتتى. سولچىلار بىلەن ئوڭچىلارنىڭ ئومۇمى سانى خەلق ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىغا يەتمەيتتى. ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان خەلق ئويۇشمىسى ئەزالىرى تۆتنىڭ ئۈچ قىسىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇ كىشىلەر ھەمىشە قايسى تەرەپ كۈچلۈكرەك بولسا، شۇ تەرەپكە يان باساتتى. شۇڭا، كىشىلەر ئۇلارنى بىتەرەپلەر دىيىشەتتى. سولچىلار بىلەن ئوڭچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەر دائىم كۈرەش بولۇپ تۇراتتى، بۇ كۈرەش پادىشاھنى قانداق بىر ياقلىق قىلىش ئىشىدا تازا گەۋدىلىك بولاتتى. 1792 - يىل 8 - ئايدا لۇئى XVI قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، سولچىلار خەلق ئۇيۇشمىسىغا پادىشاھنى سوت قىلىش مەسىلىسىنى قايتا - قايتا ئېيتىپ كەلدى، ئوڭچىلار بولسا قانداقتۇ «پادىشاھ مۇقەددەستۇر، دەخلى - تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ»، «خەلق ئۇيۇشمىسى پادىشاھنى سوت قىلىشقا ھەقلىق ئەمەس» ۋاھاكازا دەپ، توسقۇنلۇق قىلدى. سولچىلار لۇئىXVI نىڭ ئىنقىلاپ ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەندە، ئوڭچىلار ھەتتا گەپنى بۇراپ روبېسپېر «زالىم»، مارات بولسا «زالىمنىڭ گۇپپاڭچىسى» ۋاھاكازا دەپ، سولچىلارنىڭ يولباشچىلىرىنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق تىللىدى، بۇ ھال ئوڭچىلارنىڭ ئىنقىلابنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ھەقىقى مەقسىدىنى ئاشكارىلاپ قويدى. مەخپى بىخەتەر ئىشكاپنىڭ تېپىلىشى ئوڭچىلارنىڭ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولۇشىغا ھەقىقى سەۋەب بولدى. پادىشاھ نەزەربەنت قىلىنىپ، كىشىلەر پادىشاھ جەمەتىنىڭ خىراجەت ۋە ھۆججەتلىرىنى ئىدىتلاپ تەشكۈرۈۋاتقاندا، ھۆججەتلەر ئارىسىدىن بىر يۆگەم خەت چىقىپ قالدى، بۇنىڭ ھەممىسى لۇئى XVI نىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن فرانسىيىلىك ئاقسۆڭەكلەرگە يازغان خېتى ئىدى. خەتلەردە، قاچقۇن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پرۇسىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن «تەكلىپ» قىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى؛ لۇئى XVI نىڭ قىلچە ئەيمىنمەي، «ھوقۇقىنى يېڭىۋاشتىن قولغا ئالىدىغان» لىقى ئېيتىلغان ئىدى. 11 - ئايدا، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ قورۇق تېمى كەينىدىن بىر مەخپى بىخەتەر ئىشكاپ تېپىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئىچىگە پادىشاھنىڭ ئامما يولباشچىلىرىنى سېتىۋالغان، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تىرىلىشكە ئۇرۇنغان پىلان ۋە خەت - چەكلىرى سېلىنغان ئىدى. لۇئى XVI نىڭ ئاسىيلىقى ۋە ئىنقىلابقا قارشى ھەقىقى قىياپىتى پۈتۈنلەي ئاشكارىلاندى! 1793 - يىل 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچقۇرۇن فرانسىيىنىڭ پارلامېنت زالى چاقناپ كەتتى. خەلق ئۇيۇشمىسى بۇ يەردە پادىشاھ لۇئى XVI گە بېرىلىدىغان جازا مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويماقچى بولدى. پارىژلىقلار توپ - توپ بولۇپ زالغا كىرىپ، چەتتىن تىڭشىدى. بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىشتە، شۇ چاغدا دائىم قوللىنىلىدىغان «رويخەت بويىچە ئاۋاز بېرىش» ئۇسۇلى قوللىنىلدى، پارلامېنت باشلىقى 700 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىسىمىنى بىر - بىرلەپ ئوقۇيتتى، ئىسىمى چىققان پارلامېنت ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ پىكىر بايان قىلاتتى. پارلامېنت باشلىقى ئىسىملىكنى ئوقۇدى، ئاۋاز بېرىش باشلاندى. - مارات! يېشى 50 لەردىن ئاشقان بىر ئالىم سول تەرەپتىكى ئورۇندۇقتىن تۇردى. ئۇ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ سەھنىگە چىقىپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: _ سىلەر ۋەتەننى قۇتقۇزىمىز، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىغا كاپالەت بېرىمىز دېسەڭلار، زالىم پادىشاھنىڭ كاللىسىنى ئېلىشىڭلار كېرەك! مەن لۇئى XVI گە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنى تەكلىپ قىلىمەن. - روبېسپېر! 30 نەچچە ياشلىق بىر ئادوكات سول تەرەپتىكى ئورۇندۇقتىن دەس تۇرۇپ، چوڭ - چوڭ قەدەم بىلەن سەھنىگە چىقتى ۋە پۈتۈنلەي پەلسەپە قائىدىسى بويىچە سۆز باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: - مەن ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى دەپسەندە قىلىپ، بىر زالىم پادىشاھنىڭ جېنىنى ئاددى پۇقرانىڭ جېنىدىن ئەتىۋار كۆرمەيمەن. مەن ئەقىل - ئىدرەكنى بۇلغاپ، جىنايى قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان بۇ كىشىنى ھالاكەت تەقدىرىدىن قۇتۇلدۇرمايمەن. مەن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئاۋاز بېرىمەن. پارلامېنت باشلىقى ئىسىملىكنى بىر - بىرلەپ ئوقۇدى، پارلامېنت ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سۆزگە چىقتى. سول تەرەپتىكى ئورۇندۇقتىن تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى «ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دېدى؛ ئوڭ تەرەپتىكى ئورۇندۇقتىن تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى «سۈرگۈن قىلىنسۇن» دېسە، يەنە بەزىلىرى «نەزەربەنت قىلىنسۇن» دېيىشتى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئوچۇق - ئاشكارا «گۇناھسىز» دېيىشكە پېتىنالمىدى، لۇئى XVI نىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ناھايىتى دەلىل - ئىسپاتلىق بولغانلىقتىن، ئوڭچىلار ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئىدى. ئاۋاز بېرىش ئىككى كۈن، ئۈچ كېچە داۋام قىلدى. پارلامېنت باشلىقى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قوشۇلدى. 1793 - يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى فرانسىيە پادىشاھى لۇئى XVI گە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان كۈن ئىدى. شۇ كۈنى چىلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كەتتى، 3000 ئەسكەر قوراللىق ھەربى ھالەتتە تۇردى، لۇئى XVI نى تۈرمىدىن ئېلىپ كەلگەن ئات ھارۋىسى توپ - توغرا بىر سائەتتە پارىژدىكى ئىنقىلاپ مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. پارىژ ئاھالىسى ئەتراپتا توپ - توپ بولۇپ، بۇ ۋەتەن ئاسىيسى، ئەكسىلئىنقىلابچى پادىشاھنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇردى. لۇئى XVI دەرمانىدىن كەتكەن ھالدا ھارۋىدىن چۈشۈپ، كاللا كېسىدىغان سۇپىنىڭ پەلەمپىيىدىن بىر - بىرلەپ چىقتى. سۇپىدا بىر پوپ تۇراتتى. لۇئى XVI ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاخىرقى قېتىم تىلاۋەت قىلدى. پوپ بىر قولى بىلەن چوقۇنۇپ، بىر قولى بىلەن لۇئى XVI نىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: - ئىگەمنىڭ مۇرىدى لۇئىنىڭ ئوغلى، قېنى ئەرشكە چىققىن! - دېدى ئالدىرىماي. جازانى ئىجرا قىلغۇچىلار لۇئىنىڭ قولىنى باغلاپ، كاللا كېسىش سۇپىسىغا ئېلىپ چىقتى، ئەمما بۇ جاھىل پادىشاھ تېخىچە جان تالىشىپ، «مەن گۇناھكار ئەمەسمەن...» دەيتتى. دەل شۇ چاغدا، جازا دۇمبىقى «دۇڭ!» «دۇڭ!» قىلىپ چېلىندى. ئۈچ نەپەر جازاچى ئۇنى كاللا كېسىدىغان سۇپىغا ياتقۇزدى - دە، جادۇنى باستى. سائەت 10 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە جادۇ زەرپ بىلەن بېسىلدى، ئادەتتىكى چاغلاردا ئىزچىل زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىپ كەلگەن بۇ فېئودال پادىشاھنىڭ كاللىسى تېنىدىن جۇدا قىلىندى! ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، خانىشقىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. پادىشاھ بىلەن خانىشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى - فرانسىيە خەلقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، شۇنداقلا فرانسىيە سولچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسى بولدى. ئەمما، ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرغان ئوڭچىلار غالجىرلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئالدىنقى سەپتە، ئوڭچىلارنىڭ كوماندىرى دۈشمەنگە قىستاپ كەلدى؛ ئىچكى جەھەتتە، ئوڭچىلار «12 كىشلىك ھەيئەت» تەشكىل قىلىپ، مەخسۇس سولچىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى ۋە قەست قىلدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سولچىلار ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولۇپ، شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كېچىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەردى. خەلق ئويۇشمىسى سولچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئوڭچىلارنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنى بۇيرۇق بېرىپ قولغا ئالدى ۋە يېڭىۋاشتىن ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ، سولچىلار - ياكوبىنچىلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. ياكوبىن ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، سىرتقى جەھەتتە، ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى ھېكىندۈرۈلدى، ئىچكى جەھەتتە، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ ھەركەتلىرى قاتتىق باستۇرۇلۇپ، فىرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتىرىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ