UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتى

«ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتى

بەش مىڭ يىل «مەن گېنىرال دېگولل بولىمەن، مەن ھازىر لوندوندا. مەن ئەنگىلىيە زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيە تۇپرىقىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان، قوراللىق ياكى قورالى بولمىغان فرانسىيىلىك كوماندىر ۋە ئەسكەرلەرنى، بارلىق ھەربىي زاۋۇتلاردىكى ئىنژىنىرلار ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى مەن بىلەن ئالاقە قىلىشقا چاقىرىمەن . . . » بۇ فرانسىيىلىك گېنېرال دېگوللىنىڭ 1940 - يىلى 18 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئەنگىلىيە رادىئو ئىستانسىسىدا سۆزلىگەن تارىخىي ئەھمىيەتلىك رادىئو نۇتقى ئىدى. دېگولل فرانسىيىدىن ئەنگىلىيىگە قېچىپ كەلگەنىدى. شۇنىڭدىن 13 كۈن ئىلگىرى، گېرمانىيە ئارمىيىسى فرانسىيىگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىدى. 14 - ئىيۇن كۈنى گېرمانىيە قوشۇنلىرى بىر پاي ئوق چىقارمايلا، پارىژنى بېسىۋالدى. ئارقىدىنلا فرانسىيىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرىگە بېسىپ كىردى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ۋەتەن ساتقۇچ بېتائىن يېڭى كابېنت تەشكىل قىلدى ھەمدە گېرمانىيىگە تەسلىم بولماقچى بولدى. دېگولل شۇ كەملەردە، فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولۇپ، بېنائىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن ساتقۇچلۇق ھەرىكىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغانىدى. ئۇ فرانسىيىدىن ئەنگىلىيىگە كېلىپ، فاشىزىمغا قارشى كۈچىلەرنى يېڭىباشتىن تەشكىل قىلىش قارارىغا كەلدى. 17 - ئىيۇن كۈنى ئۇ ۋەتىنىگە قايتىدىغان ئەنگىلىيىلىك بىر گېنېرالنى ئۇزىتىش باھانىسى بىلەن ئايرودرومغا كەلدى. ئۇمېھمان بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ، ئايروپىلان ئۇچاي دەپ تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇتلا ئايروپىلانغا چىقىلىۋېلىپ كۆكتە پەرۋاز قىلدى. ئۇ يەردە تۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاراپلا قالدى. كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ نېمە ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ بولغىچە ئايروپىلان كۆزدىن غايىب بولدى. دېگولل لوندونغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئەتىسى فرانسىيە خەلقىنى دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىپ يۇقىرىدىكى رادىئو نۇتقىنى سۆزلىدى. دېگولل نۇتقىدا يەنە قەتئىي ۋە كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى: _ ۋەزىيەت مۇقىملىشىپ بولدىمۇ؟ ئەمدى زادى ئۈمىد يوقمۇ؟ مەغلۇبىيەت مۇئەييەنلىشىپ قالدىمۇ؟ ياق! ماڭا ئىشنىڭلاركى، مەن پاكىتنى تولۇق چۈشەنگەن ھالدا سۆزلەۋاتىمەن، سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، فرانسىيە تۈگەشكىنى يوق، ئاخىر بىر كۈنى غەلىبە قىلىمىز! چۈنكى، فرانسىيە يەككە - يىگانە ئۇرۇش قىلىۋاتمايدۇ! ئۇ يار - يۆلەكسىز قالغىنى يوق! ئۇ دېڭىز - ئوكياننى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا ھەمدە داۋاملىق جەڭ قىلىۋاتقان بېرىتانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. شۇڭا، مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بەرسۇن، فرانسىيىنىڭ قارشلىق كۆرىستىش يالقۇنىنى ھەرگىز ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ ۋە ھەرگىز ئۆچمەيدۇ . . . رادىئو دولقۇنى ئەنگىلىيىدىكى ئۈچ ئارالغا تارقالدى. ئەنگىلىيە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، فرانسىيە زېمىنىغا تارقالدى. فرانسىيە خەلقى بېتائىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەغلۇبىيەت سادالىرى ئىچىدە گېنېرال دېگوللىنىڭ مەردانە نۇتقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى ئۇرغۇپ كەتتى. كىشىلەر دېگوللنى «18 - ئىيۇن قەھرىمانى» دەپ ئاتىدى. پارىژدا بىر توپ ئوقۇغۇچىلار ئىككى تال بېلىق تۇتىدىغان تاياقنى كۆتۈرۈپ تىزىلىپ، زەپەر دەرۋازىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىلىرىنى دېگوللىنىڭ چاقىرىقىنى قىزغىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى، فرانسۇزچىدا «ئىككى تال بېلىق تۇتۇش تايىقى» دېگەن سۆز «دېگولل» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش ئىدى. 22 - ئىيۇن كۈنى بېتائىن ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە رەسمىي تىز پۈكۈپ تەسلىم بولدى. بېتائىن ھۆكۈمىتى دېگوللىنىڭ دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىش توغرىسىدىكى نۇتقىدىن قاتتىق نەپرەتلەندى. 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بېتائىن فرانسىيىنىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارقىلى دېگوللىغا ئۈچ ئاي سۈرۈك ئىچىدە فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، سان - مىگېل تۈرمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ھەربىي سوتتا سوراقنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. دېگولل ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، بېتائىننىڭ ھەربىي سوتى دېگوللىنى سىرتتىن سوراق قىلدى. دەسلەپ تۆت يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، گېرمانىيە دائىرىلىرى بەك يەڭگىل بولۇپ قاپتۇ دېگەندىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتتى. دېگولل بېتائىن ھۆكۈمىتىنىڭ سوراقلىرىغا پىسەنت قىلىپ قويمىدى. ئۇ قەيسەرلىك بىلەن «ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇ رادىئو نۇتقىنى سۆزلەپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، نەچچە يۈز كىشى «ئەركىن فرانسىيە» بايرىقى ئاستىغا توپلاندى. 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە 200 دىن ئوشۇق پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن زەمبىرەكچىلەر دېگوللغا ئۆزىنى تىزىملاتتى. يەنە بەزىلەر رادىئونى ئاڭلىغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىن ئىسپانىيە ئارقىلىق ئەنگىلىيىگە كەلدى، بەزىلەر شىمالىي ئافرىقىدىن برىيدا بوغۇزى ئارقىلىق ئۇدۇل ئەنگىلىيىگە كەلدى. دۇنكېركتىن چېكىنگەن 2000 يارىدار ئىچكى 200 كىشى «ئەركىن فرانسىيە» گە قانتىشىش قارارىغا كەلدى. بىر بېلىقچى كېمە ئەترىتى فرانسيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى بىر ئارالدىن قابىل ۋە ياش بېلىقچىلارنى ئېلىپ ئەنگىلىيىگە كېلىپ، دۈشمەنگە قارشى ھەرىكەتكە ئاتلاندى. ئىيۇننىڭ ئاخىرقى كۈنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋانى بار ئەربان - مېسېلىئېمۇ لوندونغا كېلىپ، دېگوللىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 7000 كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ «ئەركىن فرانسىيە» ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. دېگولل لوندوندا ئاددىي بىر يۈرۈش ئۆيدە ئولتۇردى. ئۆي جاھازلىرى ئىنتايىن ئاددىي - ساددا ئىدى. ئۇنىڭ ھېچنېمىسى يوق دېگۈدەك ئىدى: ئىككى شىم، تۆت كۆينەك ۋە پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن چۈشكەن بىر پارچە سۈرەت ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆي بىساتى ئىدى. ئۇنىڭ خوتۇن، بالا -چاقىلىرى قېشىدا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بىر سىڭلىسى بىلەن بىر ئوغۇل جىيەنىنى گىستاپو (گېرمانىيە دۆلەت مەخپىي ساقچىسىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ) تۇتۇۋالغان، بىر قىز جىيەنى فاشىستلارغا قارشى جەڭدە قۇربان بولغان، يەنە ئۈچ جىيەنى بىلەن ئۈچ قىز جىيەنى فرانسىيىدە « ئەركىن فرانسىيە » ھەركىتىگە قاتنىشىۋاتقانىدى. «ئەركىن فرانسىيە» ھەركىتىنىڭ باش شتابى تايمىس دەرياسى بويىدىكى بىر چوڭ سارايدا ئىدى. ئۇنىڭ ئىشخانىلىرىدىمۇ ناھايىتى ئاددىي سەرەمجانلانغان، دېگولل مانا شۇ يەردە كۈن بويى توختىماي ئەنگىلىيىلىك ۋە فرانسىيىدىن كەلگەن كىشىلەرنى كۈتۈۋالاتتى. 14 - ئىيۇل كۈنى فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، دېگولل لوندوندا بىرىنچى تۈركۈم «ئەركىن فرانسىيە» ئارمىيىسىنى كۆرەك قىلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ تۇنجى «ئەركىن فرانسىيە» ئۇچقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ،رۇر ئۆلكىسىنى بومباردىمان قىلىشقا قاتناشتۇردى ھەمدە بۇ قېتىمقى بومباردىمان قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە توغرىسىدا خەۋەر تارقاتتى. بىراق، دېگوللىنىڭ دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. 1940 - يىلى سېنتەبردە ئۇ گوللاندىيىدىن ئۆتنە ئالغان بىر پوچتا كېمىسىگە چۈشۈپ، ئەنگىلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىنى باشلاپ بېرىپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. كۈتمىگەندە يېرىم يولدا دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچراپ ئېغىر زىيان تارتتى. بۇ چاغدا، «ئەركىن فرانىسىيە» ھەركىتىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بەزى پۇرسەتپەرەسلەر دېگوللغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇنى مازاق قىلدى. دېگولل بىر مەزگىل خۇددى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆينىڭ ئاستىدا قالغان ئادەمدەك تۇنجۇقۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ تىز پۈكمىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ يەنە ئافرىقىدا بىر ئىشەنچىلىك جەڭ بازىسى ۋە ياراملىق بىر مەمۇرىي ئاپارات قۇردى ھەمدە «ئەركىن فرانسىيە» گېزىتىنى چىقىرىشقا باشلىدى. 1944 - يىلى ئىيۇندا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پولشانى ئازاد قىلىپ، دوناي دەرياسىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، فرانسىيىگە قاراپ ئىلگىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق قوزغىلىڭى بورىنى پۈتۈن فرانسىيىنى قاپلىدى. 20 - ئاۋغۇستتا دېگولل «ئەركىن فرانسىيە» قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە پارىژغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇ يېتىپ بارغانلىكى جايلاردا بايراقلار لەپىلدەپ، يول بويىدا تەنتەنە قىلغان ئامما مىغىلداپ كەتتى. 1945 - يىلى مايدا، گېرمانىيە تەسلىم بولدى. دېگولل فرانسىيىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى نامىدىن ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلدى. دېگولل ئۆزىنىڭ قەيسەر غەيرىتى ۋە ئىنتايىن زور قىزغىنلىقى بىلەن فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، فرانسۇز مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
«ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki