UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭرادىينىڭ ئانىسى

رادىينىڭ ئانىسى

بەش مىڭ يىل رادىي - بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئىي ئېلېمېنت، ئۇ ھېچقانداق تاشقى ماددىنىڭ يارىمىسىزلا نۇر ۋە ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان، ناھايىتى زور ئېنېرگىيىگە ئىگە ئېلېمېنت، رادىينىڭ تېپىلىشى ئىلىم - پەن دۇنياسىدا يېڭى سەھىيە ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر خىل رادىئوئاكتىپشۇناسلىق دۇنياغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتوم ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتى يۈكسەلدى. كېيىنكى كۈنلەردە رادىي، يەنى تىببىي پەندە قوللىنىلىپ، ئىنسانىيەتكە زور بەخت يەتكۈزدى. تۆۋەندە رادىينىڭ تېپىلىشى ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەيمىز: 1891 - يىلى قىشتا، پولشالىق ۋىجىك بىر قىز ئۆزى يالغۇز پارىژغا كەلدى. ئۇ 4 - دەرىجىلىك ۋاگونغا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ يۈك - تاقلىرى ئىچىدە بىر دانە قۇڭۇر رەڭلىك ساندۇق بولۇپ، ئۈستىگە >م.س< دېگەن ئىككى ھەرپ يېزىلغانىدى. بۇ ئۇنىڭ ماريى سكلوۋسكا دېگەن ئىسمىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى ئىدى. ۋوگزالدىن چىقىپ، ئۇ ئىككى قەۋەتلىك كىرا ھارۋىسىغا چىقىپ، ھارۋىنىڭ ئۈستى قەۋىتىدە ئولتۇردى، بۇ يەرنىڭ بېلىتى ئەرزان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارىژ كوچىلىرىنىڭ مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ ماڭغىلى بولاتتى. ئات ھارۋىسى ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇ بېشىنى سىرتقا چىقىرىپ، ئەتراپقا قانماي قارىماقتا ئىدى. پارىژ ئۇنىۋېرستېتىغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ ھارۋىدىن چۈشۈپ، بىلىم سارىيىغا قاراپ تەقەززالىق بىلەن يۈگۈردى. >پاھ 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دەرس باشلىنىدىكەن!< ئۇنىۋېرستېتقا يېقىن يەردىكى تامغا چاپلانغان ئېلاننى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ماريى بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ 16 يېشىدا ۋارشاۋادا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇ چاغدا پولشانى روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بۆلۈشۈۋالغان ئىدى. پولشالىق قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھوقۇقى يوق ئىدى. مارىينىڭ ئائىلىسى يوقسۇل بولغاچقا، چەتكە چىقىپ ئوقۇشقا قۇربىتى يەتمەيتتى. شۇڭا، ماريى يېزىغا بېرىپ بەش يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، يىغقان ئازراق پۇلىغا پارىژغا بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولدى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى. ماريى ئاخىر پارىژ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەبىئىي پەن ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى. پارىژ ئۇنىۋېرستېتى ياۋروپنىڭ مەشھۇر بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن مەشھۇر ئالىم ۋە پروفېسسورلار بار ئىدى. بۇ نامرات پولەك قىزى دەرسكە ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ، 1 - رەت پارتىدا ئولتۇرۇپ، پروفېسسورلارنىڭ لېكسىيىلىرىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلايتتى. دەرستىن سىرتقى چاغلاردا تەجرىبە قىلىش بىلەن شۇغۇللانمىسا، كۈتۈپخانىغا كىرىپ كىتاب ئوقۇيتتى ياكى فرانسۇزچە ئۆگىنەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدى. ئەمما، مارىينىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ئىدى. ئۇ كىچىك ھەم پاكار بىر بالىخانىنى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بالىخانىغا يازلىقى دىمىق، قىشلىقى سوغۇق ئىدى. ئۆگىنىشكە ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ دۇنيادا بىر نەچچە كۈننى سەي قورۇماي، ئاز - پاز سېرىق ماي سۈركەلگەن بولكا بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋېتەتتى. كەچقۇرۇنلۇقى چىراغ مېيىنى تىجەپ قېلىش ئۈچۈن، يېقىندىكى كۈتۈپخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرەتتى؛ كۈتۈپخانا تاقالغاندىن كېيىن، ئۇ جىنچىراغنى يېقىپ قويۇپ، تاكى ئەتىگەن سائەت ئىككى - ئۈچلەرگىچە ئۆگىنىپ ئاندىن ئۇخلايتتى. ئوزۇقلىنىش ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئۇ قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. بىر كۈنى، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋېتىپ، بىردىنلا بېشى قېيىپ يېقىلىپ چۈشتى. ساۋاقداشلىرى قورقۇپ ئالاقزادە بولۇشۇپ كېتىپ، دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ يېزنىسىنى چاقىرىپ كەلدى. مارىيىنىڭ يېزنىسى دوختۇر ئىدى. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، ماريى ھوشىغا كېلىپ ئەتىلىك دەرسنى ئالدىن كۆرۈشكە كىرىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ مارىيىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى ھەمدە ئۇنىڭ پاك - پاكىز تىزىقلىق تۇرغان تەخسە جىمبىللىرىنى كۆرۈپ، ھەممىنى چۈشەندى، - بۈگۈن نېمە يېدىڭىز؟ - بۈگۈن؟... نېمە يېدىم؟... ھېلى تېخى چۈشلۈك تاماق يېگەندەك قىلىۋىدىم... - زادى نېمە يېدىڭىز؟ - دەپ سوراپ تۇرۇۋادى يېزنىسى. - ئازراق جىنەستە، يەنە... يەنە ھەر خىل نەرسىلە... ماريى ئاخىر راست گېپىنى دېدى: ئۇ ئالدىنقى كۈنى كەچتىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر باغلاپ تۇرۇپ بىلەن يېرىم قاداق جىنەستە يېگەن، تۆت سائەت ئۇخلىغان ئىدى. بۇ نامرات پولەك قىز ئوقۇغۇچى پارىژ ئۇنىۋېرستېتىدا مانا مۇشۇنداق تىرىپ ئۆگەندى. 1893 - يىلى يازدا، ئۇ 1 - لىك نەتىجە بىلەن فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، فىزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى؛ كېيىنكى يىلى يازدا، ئۇ يەنە 2 - لىك نەتىجە بىلەن ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ماتېماتىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماريى پولشاغا قايتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولدى. ئەمما فرانسىيىلىك فىزىكا ئالىمى پيېركيۇرى بىلەن تونۇشۇپ ئىرادە ۋە مىجەز جەھەتلەردە كېلىشىپ كەتكەنلىكتىن، فرانسىيىدە قېپىقېلىشقا نىيەت قىلدى. 1895 - يىلى، ماريى، كيۇرى بىلەن توي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى كيۇرى خانىم دەپ ئاتايدىغان بولدى. ئۇلار توي قىلغان يىلى، نېمىس ئالىمى رېنتگېن قاتتىق جىسىملاردىن ئۆتىدىغان Ⅹ نۇرىنى كەشپ قىلغان ئىدى. ئىككىنچى يىلى فرانسىيىلىك، فىزىك بېككېر يەنە ئۇران تۇزى مىنېرالنىڭ Ⅹ نۇرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە بىر خىل نۇر تارقىتىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلغان ئىدى. ئۇران تۇزى مىنېرالى نېمىشقا مۇشۇنداق نۇر تارقىتىدۇ؟ ماريىدە بۇ مەسىلىگە كۈچلۈك ھەۋەس تۇغۇلدى. ئۇ بۇ تېمىنى دوكتۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىدىغان ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تېمىسى قىلىشقا بەل باغلاپ، مۇشۇ ئاساستا ئىلىم - پەن تارىخىدىكى بر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىزدىنىشنى باشلىۋەتتى. ماريى ئاددىي تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كەڭ تۈردە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئۇران ۋە تورىي تەركىبى بار مىنېراللارنىڭ ھەممىسىدە رادىئوئاكتىپچانلىق بارلىقىنى سەزدى. مۇشۇ ئاساستا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئاسفالت ئۇران مىنېراللىرىدا رادىئوئاكتىپچانلىقنىڭ تېخىمۇ زورلۇقىنى سەزدى. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن: بۇ مىنېراللاردا تېخى سېزىلمىگەن بىر خىل ئېلېمېنت بولۇشى مۇمكىن، دېگەن تېخىمۇ دادىل تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بەكمۇ زور مەسىلە بولغاچقا، كيۇرى ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تاشلاپ قويۇپ، ماريىغا ھەمكارلاشماقچى بولدى. ئۇلار خىمىيىلىك ئۇسۇل بىلەن ئاساالت ئۇران رۇدىلىرىدىن بۇ خخل يېڭى ئېلېمېنتنى ئاجرىتىشقا كىرىشتى. ئىككى يىل تىرىشىش ئارقىلىق رادىئوكتىپچانلىقى ساپ ئۇراندىن 900 ھەسسە كۈچلۈك بولغان بىر خىل رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتنى تاپتى. 1898 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلار بۇ خىل رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنتى كەشىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا رادىي دەپ نام بەردى. بۇ يىلى، ماريى ئەمدىلا 31 ياشقا كىرگەن ئىدى. لېكىن بىر خىل يېڭى ئېلېمېنتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ چىقىش كېرەك ئىدى. بۇ ئېلېمېنتنى تېپىشتىن تېخىمۇ مۇشەققەتلىك ئىدى. كيۇرى خانىم كۆپ مىقداردىكى ئاسفالت ئۇران رۇدىلىرى ئىچىدىن رادىينى ئاجرىتىپ چىقماقچى بولدى. ئاسفالت، ئۇران رۇدىلىرى ناھايىتى قىممەت بولغاچقا، سېتىۋېلىشقا ئۇلارنىڭ قۇربىتى يەتمەيتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلار بۇ مىنېراللارنىڭ داشقىلىنى سېتىۋالدى، رادىينى ئاجرىتىپ چىقىشقا بەلگىلىك ئۈسكۈنىلىرى بولغان تەجرىبىخانا كېرەك ئىدى، ئەمما پارىژ ئۇنىۋېرستېتى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاخىر ئۇلار بىر مەكتەپتىن ئەسكى بىر ياغاچ ئۆينى ئارىيەتكە ئېلىپ، ئۇنى رادىي ئاجرىتىپ چىقىدىغان تەجرىبىخانا قىلدى. 45 ئاي مۇشەققەتلىك ئىشلەش ئارقىلىق، ئاخىر 1902 - يىلى ئوندىن بىر گرام ساپ رادىي ئاجرىتىپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى ۋە ئۇنىڭ رادىئوئاكتىپچانلىقىنىڭ ئۇراندىن ئىككى مىليون ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتتى. رادىينىڭ تېپىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. ئىككىنچى يىلى 6 - ئايدا، كيۇرى خانىم فىزىكا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشتى. شۇ يىلى 11 - ئايدا، كيۇرى ئەر - خوتۇن لوندون پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى - داۋىي مېدالىغا ئېرىشتى. بىر ئايدىن كېيىن ئۇلار يەنە نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىر كۈنى، مارىينىڭ بىر ئايال دوستى ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانداچىلىققا كېلىپ، ئۇنىڭ كىچىك قىزىنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان داۋىي مېدالىنى ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتتى ۋە: - كيۇرى خانىم، بۇ مېدال يۈكسەك شۆھرەتنىڭ سىمۋولى تۇرسا، بالىغا ئويناشقا بەرگىنىڭىز نېمىسى؟ - دەيدۇ. - مەن بالىلارغا كىچىكىدىنلا شۆھرەتنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمەن، دەپ كۈلدى كيۇرى، - ئۇنى پەقەت ئويناشقىلا بولىدۇ. ئۇنى مەڭگۈ ساقلاپ يېتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئاچىققىلى بولمايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، كىشىلەر رادىينىڭ تىببىي پەندە مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئورتاق ئېتىراپ قىلدى. بىر نەچچە دۆلەت رادىي ئاجرىتىپ چىقىشنى پىلانلىدى. ئەمما تېخنىكلار ئۇنى ئاجرىتىپ چىقىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلمەيتتى. بىر كۈنى ئامېرىكىدىن بىر پارچە خەت كەلدى. كيۇرى خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، خانىمغا: - ئامېرىكىنىڭ تېخنىكلىرى بىزدىن رادىينى ئاجرىتىپ چىقىش ئۇسۇلىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ، - دېدى. - سىزچە نېمە دەپ جاۋاب بەرسەك بولار؟ - بۇنىڭدا، مېنىڭچە ئىككى يول بار: بىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى، جۈملىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنىمۇ قالدۇرماستىن بايان قىلىش... - شۇنداق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش كېرەك! - دەپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ماريى. - يەنە بىرى، بۇ تېخنىكىنىڭ خۇسۇس پايدا گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رادىي سانائىتىدە تېگىشلىك ھوقۇقىمىزنى تۇرغۇزۇش. ماريى بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىۋېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن: - ياق، بۇنداق قىلىش ئىلمىي روھقا خىلاپ، - دېدى. - بىلەمسىز، - دېدى كيۇرى قەستەن، - مۇنداق خۇسۇسىي پايدا نۇرغۇن پۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەمدە بىزنى ياخشى تەجرىبىخانىغا ئىگە قىلىدۇ. - فىزىكىلار ھەر قاچان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قالدۇرماي ئېلان قىلىپ كەلدى، - دېدى دەرھال ماريى ئېرىنىڭ پىكرىنى رەت قىلىپ، - بىزنىڭ كەشپىياتىمىز توساتتىن سودا جەھەتتە ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭدىن پايدا ئالماسلىقىمىز كېرەك. يەنە كېلىپ، رادىي كېسەل داۋالاشتا كېرەكلىك بولغانىكەن، بۇنىڭدىن پايدا ئالساق تېخىمۇ بولمايدۇ. - شۇنداق، دەپ باش لىڭشتتى كيۇرى، - بۇنداق قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىلمىي روھقا خىلاپ. مەن دەرھال ئامېرىكىلىق تېخنىكلارغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرەي. كيۇرى ئەر - خوتۇندا ئىلىم - پەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئورتاق ئارزۇ بار ئىدى. ئەمما بەختكە قارشى 1906 - يىل 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كيۇرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت يۈك باسقان بىر ئات ھارۋىسى سوقۇۋېتىپ شۇ يەردىلا ۋاپات بولدى. بىر ئايدىن كېيىن، ماريى قايغۇ - ئەلەمگە چىداپ، پارىژ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئادەتنى بۇزۇپ قىلغان تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاكالەتچى پروفېسسورلۇق سالاھىيىتى بىلەن كيۇرىنىڭ لېكسىيىسىنى داۋاملاشتۇردى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ پارىژ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تۇنجى ئايال پروفېسسورى بولۇپ، ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا ئەڭ يېڭى پەن - رادىئوئاكتىپشۇناسلىقتىن دەرس ئۆتتى ھەمدە رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇردى. 1907 - يىلى، ئۇ ساپ رادىي ئاجرىتىپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنى توغرا بېكىتتى. 1910 - يىلى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ساپ رادىي ئېلېمېنتىنى تەھلىل قىلىپ چىقتى ۋە شۇ ئاساستا رادىي ئېلېمېنتىنىڭ ھەر خىل خۇسۇسىيەتلىرىنى تېپىپ چىقتى. 1920 - يىل 5 - ئايدا، ئامېرىكىلىق بىر ئايال مۇخبىر ماريىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا توغرىسىدا توختالغاندا، ماريى ئامېرىكىنىڭ قانداق يېرىدە قانچىلىك رادىي ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق سۆزلەپ بەردى. - ئۇنداقتا فرانسىيىدە قانچىلىك باردۇ؟ - دەپ سورىدى مۇخبىر. - مېنىڭ تەجرىبىخانامدا پەقەت بىر گراملا بار. - سىزدە ئاران بىر گرام بارمۇ؟ - مەندە؟ ياق، ئۇ مېنىڭ ئەمەس، مەندە زادىلا يوق. بۇ بىر گرام رادىي تەجرىبىخانامغا مەنسۇپ. - ئەگەر سۇ خۇسۇسىي مەنپەئەتكە ئىلتىماس قىلسىڭىز، دەرھال ئىنتايىن باي بولۇپ كېتىسىز، تەبئىيكى، رادىيغىمۇ ئىگە بولىسىز. - ياق، رادىي بىر خىل ئېلېمېنت، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا مەنسۇپ! - ئەگەر دۇنيادىكى نەرسىلەرنى سىزگە تاللىۋېلىشقا بەرسە، سىزگە ھەممىدىن نېمە كېرەكلىك؟ - تەتقىقاتىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ماڭا ئەڭ كېرەكلىكى بىر گرام رادىي. ئەمما ئۇنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، سېتىۋېلىشقا قۇربىتىم يەتمەيدۇ. ئۇ چاغدا، بىر گرام رادىينىڭ بازار باھاسى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ ناھايىتى يۇقىرى باھا ئىدى. ئايال مۇخبىر مارىيىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، مارىيگە مۇشۇنچىلىك ئىئانە توپلاپ، بىر گرام رادىي سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىشقا بەل باغلىدى. بىر يىلدىن كېيىن پۇل يىغىلدى، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بۇ پۇلغا سېتىۋېلىنغان بىر گرام رادىينى ئۆزى ماريىگە يەتكۈزۈپ بەردى. ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا، ماريى ھەدىيە قىلىش نامىسىنى كۆرگەندىن كېيىن: - بۇ ھۆججەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لازىم. ئامېرىكا ماڭا ھەدىيە قىلغان بۇ گرام رادىي مەڭگۈ ئىلىم - پەنگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك. ئىسپاتنامىدە يېزىلغىنى بويىچە بولغاندا، مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ خۇسۇسىينىڭ، يەنى قىزلىرىمنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق قىلىشقا مۇتلەق بولمايدۇ، - دەيدۇ. ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، شۇ كۈنى كەچتە چاقىرىپ كېلىنگەن ئادۋوكات ئىسپاتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى. ماريى - فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىرىنچى ئاكادېمىكى ئىدى. رادىينى تاپقانلىقى ۋە رادىئوئاكتىپشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى غايەت زور تۆھپىسى ئۇنى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئالىمغا ئايلاندۇردى. ئۇ ئۆمرىدە ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتى ئالدى. يەتتە دۆلەتنىڭ 24 قېتىم مۇكاپات سوممىسى مېدالىنى قوبۇل قىلدى. 25 دۆلەتنىڭ 100 نەچچە تۈرلۈك پەخىر خىزمەت ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. كىشىلەر تەرىپىدىن >رادىينىڭ ئانىسى< دەپ تەرىپلەندى. ئۇزاق مۇددەت رادىي نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئېغىر زەخمىلەندۈردى. 1934 - يىل 7 - ئايدا، رادىينىڭ كەشپىياتچىسى - ئايال ئالىم ماريى ئالەمدىن ئۆتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ