كانناي ئۇرۇشى
بەش مىڭ يىل
بۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىردە بولغان ئاز ساندىكىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلەرنى يېڭىشنىڭ مەشھۇر بىر مىسالى: مىڭ لەشكەر بىلەن كاننايدا رىمنىڭ 80 مىڭ لەشكىرىنى قورشاپ يوقىتىپ، شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن.
گارتاگې رىم بىلەن ئاھانەتلىك تېچلىق شەرتنامىسى تۈزگەندىن كېيىن، ئىنتىقام ئېلىش كويىدا بولۇپ يۈرگەن. 23 يىلدىن كېيىن، گارتاگېنىڭ يېڭى لەشكەر بېشى ھاننىبال لەشكەر باشلاپ، تۇيۇقسىز رىم زىمىنى ئىتالىيىدە پەيدا بولغان ھەمدە مىلادىدىن ئىلگىرى 216 _ يىلى ئەتىيازدا ئادرىياتىك دېڭىزى بويىدىكى كانناينى _ رىمنىڭ مۇھىم ئاشلىق ماكانىنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى سايلانغان رىمنىڭ مۇھىم ئىككى ھاكىمدارى _ ۋاررو بىلەن پائۇلۇس 80 مىڭ پىيادە لەشكەر، 6000 ئاتلىق لەشكەر باشلاپ كانناينى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان. لېكىن، گارتاگېلىقلار ئاللىقاچان شەھەر سىرتىدىكى تۈزلەڭلىكتە بارىگاھ قۇرۇۋالغان.
رىمنىڭ ئىككى ھاكىمدارى ئوتتۇرىسىدا بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توغرىسىدا ناھايىتى زور پىكىر ئىختىلاپلىرى تۇغۇلغان. بىرسى گارتاگېلىقلار بىلەن ئۆلۈم _ كۆرۈم جېڭىنى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان، يەنە بىرى بولسا ئۇرۇش قىلىشتا ئالدى بىلەن ئېھتىياتچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى لەشكەر بېشى نۆۋەتچىلىكى ۋارروغا كەلگەن. ئۇ قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىدىغان كۈندە گارتاگېلىقلار بىلەن ئۆلۈم _ كۆرۈم جېڭى قىلىش قارارىغا كەلگەن. تاڭ سەھەردە، ئۇ لەشكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ ئائۇفىرۇس دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە بېرىپ، 80 مىڭ پىيادە لەشكەرنى 70 قاتار قىلىپ،مەركىزىي جايغا زىچ سەپ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپكە ئاتلىق لەشكەرلەرنى قويۇپ، ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچ بىلەن دۈشمەنگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ بىراقلا غەلىبە قىلماقچى بولغان.
ئەمدى گارتاگېلىقلارنىڭ تۈزگەن سېپىگە قاراپ باقايلى. ھاننىبالنىڭ لەشكەرلىرى 40 مىڭ بولۇپ، رىملىقلارنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگەن، ئاتلىق لەشكەرلىرى رىملىقلارنىڭكىگە قارىغاندا تەڭ كەلگەن، ئاتلىق لەشكەرلىرى رىملىقلارنىڭكىگە قارىغاندا 8000 ى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتە ناچار ئەھۋالدا تۇرغان. ئۇ ئۇرۇش مەيدانى دېڭىزغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دېڭىزدا چۈش ۋاقتىدا دائىم قاتتىق شەرق شامىلى چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، شۇڭا ئۇ شەرق شامىلىغا كەينىنى قىلىپ تۇرىدىغان سەپنى تاللىغان ھەمدە جەڭدىن بۇرۇن بىر جىلىغىغا بىر قوشۇننى بۆكتۈرمە قىلىپ، ئۇلارغا ئۇرۇش بولۇۋاتقاندا شەرق شامىلى چىقىسا دۈشمەننىڭ ئارقا تەرەپتىكى قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى بۇرۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا يەنە 500 نەپەر قابىل پىيادە لەشكەرگە قولىغا ئادەتتە ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان قىلىچ ئالغاندىن باشقا ئىچىگە بىردىن خەنجەر يوشۇرۇپ، بەلگە بېرىلگەن ھامان ھەركەت قىلشقا بۇيرۇق بەرگەن.
ھاننىبال غەلىتىلا بىر سەپ تۈزگەن: دەل ئوتتۇرىغا جەڭىۋارلىقى ئاجىزراق پىيادە لەشكەرلەردىن 20 مىڭنى ئوغاق شەكىلدە تىزىپ، چوخچىيىپ تۇرغان تەرىپىنى دۈشمەنگە قاراتقان، ئىككى تەرەپكە جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك پىيادە لەشكەرلەرنى قويغان، ئوغاق شەكىللىك سەپنىڭ ئىككى چېتىگە خىل ئاتلىق لەشكەرلەرنى قويغان.
ئىككى تەرەپ سەپ تۇزۇپ قويۇلغاندىن كېيىن، قوماندانلار ئاتلىق ئايلىنىپ، ھەرقايسىسى ئۆز لەشكەرلىرىگە ئىلھام بەرگەن.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز لەردىن ئۆتكەندە، كەڭ جەڭ مەيدانىدا قۇلارنى يارغۇدەك سېكىناللار چېلىنىغان. ئارقىدىنلا 100 نەچچە مىڭ ئادەم دالىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ چۇقان كۆتەرگەن. غايەت زور كۆلەملىك قانلىق قىرغىنچىلىق باشلانغان.
رىم پىيادە لەشكەرلىرى ھە دېگەندىلا قويۇق سەپ بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن گارتاگې پىيادە لەشكەرلىرىنىڭ مەركىزىي قىسىمىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلغان. خۇددى ھاننىبال پەرەز قىلغاندەك ئۆزىنىڭ 20 مىڭ ئاجىز پىيادە لەشكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىغا قاراپ چىكىنگەن.
شۇنىڭ بىلەن ئوغاق شەكىللىك سەپ ئېگىلىپ، ئەسلىدە رىم قوشۇنلىرىنىڭ چوخچىيىپ چىقىپ قالغان قىسمى ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەن. رىملىقلار ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى گارتاگېنىڭ سېپىنىڭ ئىككى ئۇچى شۇنچە يىغىلغان. بۇ ھاننىبالنىڭ رىملىقلارنى «تاغار»غا سولاش ھىلىسى ئىكەن. رىملىقلار «تاغار» غا خېلى ئىچكىرىلەپ كىرگەن چاغدا، ھاننىبال ئۆزىنىڭ قابىل پىيادە لەشكەرلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرىنى ئىككى ياقتىن قىستاپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېلىقى 500 نەپەر خىل پىيادە لەشكەرلەرگە بەلگە بەرگەن، لېكىن بۇ 500 پىيادە لەشكەر خۇددى قاچقۇنلاردەك تېرە _ پېرەڭ بولۇپ رىملىقلار تەرەپكە قاراپ چاپقان. رىملىقلار بۇلار تەسىلىم بولغىلى كەلدى دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ قىلىچ ۋە قالقانلىرىنى يىغىۋالغان بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورالسىزلاندۇردۇق دەپ ھېساپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارقا سېپىگە ئاپىرىپ قويغان.
چۈش بولاي دېگەندە دېڭىزدا قاتتىق شەرق شامىلى كۆتىرىلگەندە، چاڭ _ توزاڭ يەر _ جاھاننى بىر ئالغان. چاڭ - توزاڭ ھەدە «تاغار» غا كىرىۋالغان رىم لەشكەرلىرىنىڭ كۆزىنى ئاچالماس قىلىپ قويغان. كۆزلىرىنى ئاچالمىغانچقا لەشكەرلەر بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇپ، ئۆز - ئۆزىدىن نۇرغۇن يارىلانغان، شۇنىڭ بىلەن، ھايت _ ھۇيت دېگۈچە سەپ بۇرۇزلۇپ كەتكەن. گاراتاگېلىقلار شامالغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغاچقا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى كوپلەپ قىرغان.
رىملىقلار تازا قالايمىغان بولۇپ كەتكەن چاغدا، ئارقا سېپىگە ئاپىرىپ قويغان ھېلىقى 500 نەپەر قابىل گارتاگې پىيادە لەشكەرلىرى قوينىدىن خەنجەرلىرىنى چىقىرىپ، رىم لەشكەرلىرىگە ئېتلغان. جىلغىدا بۆكتۈرمە قىلىنغان قوشۇنىمۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئۇلارغا ماسلىشىپ رىملىقلارنى قىرغان. ئارقىدىنلا گارتاگې ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇچىقاندەك ئايلىنىپ كېلىپ، «تاغار» نىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن رىملىقلارنى قورشىۋالغان. رىملىقلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى كۆپ بولسىمۇ، ئالدى سەپتىكىلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغاچقا، شەرققە قاراپ ھۇجۇم قىلىشقا ئامال قىلالمىغان، ئىككى قانىتىغا بولسا گارتاگېنىڭ خىل پىيادە لەشكەرلىرى قىسىپ ھۇجۇم قىلغان. ئارقا سېپى توساپ قويۇلغان، ئوتتۇرىدىى ئەسكىرىي كۈچى بىر كاللەك خېمىردەك بولۇپ قېلىپ ھەركەت ئەركىنلىكىدە مەھرۇم بولغان، شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار پۈتۈنلەي ھاننىبالنىڭ قورقۇنچلۇق توزىغىغا چۈشۈپ قالغان.
بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق توپ - توغرا 12 سائەت داۋام قىلىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاياقلاشقان. رىمنىڭ 80 مىڭ لەشكىرىدىن 54 - مىڭى ئۆلگەن، 18 مىڭى ئەسىرگە چۈشكەن، ھاكىمدار پائۇلۇس ۋە قوشۇننىڭ ھەممە سەركەردىلىرى ئۆلگەن، ھەل قىلغۇچى جەڭگە قوماندانلىق قىلغۇچى ۋاررو قالدۇق قوشۇنلارنى باشلاپ قېچىپ كەتكەن. ھاننىبال جەمئى 6000 ئادەم زىيان تارتقان.
ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگمىگەن. كاننايدا قاتتىق مەغلۇپ بولغان خەۋەر رىمغا يېتىپ كەلگەن، ئاقساقللار مەھكىمىسى جىددى تەدبىر قوللىنىپ دىكتاتۇر تەيىنلىگەن. 17 ياشتىن ئاشقان ياشلارنىڭ ھەممىسى لەشكەرلىككە ئېلىنىدۇ دەپ جاكارلىغان، دۆلەت خۇسۇسى لەشكەرلىككە ئېلىندۇ دەپ جاكارلىغان، دۆلەت خۇسۇسى خوجايىنلاردىن 8000 ياش قۇل سېتىۋېلىپ، ئىككى قوشۇن تەشكىل قىلىغان؛ خۇداغا تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ۋەھىشىيانە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئىككى ئەر ۋە ئىككى ئايالنى تىرىك كۆمگەن....
يەنە 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھەربي كۈچى ئەسلىگە كەلگەن رىم ئۇچىنچى قېتىملىق پونې ئۇرۇشىدا گارتاگې كوچىنى ئۇزۇل _ كېسىل تار _ مار قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 146 - يىلى ئەتىيازدا، ئالتە كېچە - كۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، گارتاگې شەھىرى رىم قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغا، 85 مىڭ گارتاگېلىق ئۇرشتا ئۆلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 9 - ئەسىردە بىنا قىلىنغان بۇ ئاۋات شەھەر بۇلاڭ _ تالاڭدا قۇپ _قۇرۇق قىلىپ قويۇلغان، ئالتە كېچە - كۈندۈز كويۇپ تۈپ - تۈز يەرگە ئايلىنىپ كەتكەن. قىلىپ قالغان 50 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى قۇل قىلىپ سېتىلغان، گارتاگې قاراشلىق كەلگەندە، مىسىر ۋە سۈرىيىدىن باشقا، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى رىمنىڭ كونتۇرۇللۇقىغا ئۆتكەن.