UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمۇسسولىننىڭ ھالاكىتى

مۇسسولىننىڭ ھالاكىتى

بەش مىڭ يىل 1945 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئىتالىيە خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى قوزغىلىڭى پۈتۈن شىمالىي ئىتالىيىنى قاپلىدى. ئىتالىيە فاشىزمى ئاخىر ھالاكەت تەقدىرىگە دۇچ كەلدى. 26 - ئاپرېل كېچىدە، پارتىزانلارنىڭ قوماندانلىق شتابى: گېرمانىيىلىك ۋە ئىتالىيىلىك فاشىست ئۇنسۇرلارنىڭ 30 ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى چېگرىدىكى مۇسسو ئەتراپىغا يېتىپ كەلدى، چېگرىدىن قېچىپ ئۆتمەكچى دېگەن خەۋەرنى ئالدى. _ دەرھال ئاتلىنىڭلار! _ دېدى پارت ىزانلارنىڭ كاپىتانى نېيرى بۇيرۇق بېرىپ، بارلىق پارتىزانلار دەرھال ئاتلىنىپ چېگرىغا بېرىپ، ئاساسىي ئېغىزلارنى قامال قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارىلا ئاپتوموبىل ئەترىتى يېتىپ كەلدى. ئالدىدا گېرمانىيىنىڭ برونىۋىك ماشىنىسى، ئارقىدا ئىتالىيىلىكەرنىڭ خۇسۇسىي ئاپتوموبىللىرى كېلىۋاتاتتى. _ توختا! _ دېدى پارتىزانلار ئالدىنى توسۇپ، گېرمانىيىنىڭ بىر نەچچە ئوفىتسېرىنى پارتىزانلارنىڭ قوماندانلىق شتابىغا ئەكىردى. بۇ چاغدا، ئارقىدا تۇرۇۋاتقان ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ئاپتومبللىرى قېچىپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچسا، بەزىلىرى ئۆي يېنىدىكى ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىغا قاراپ شۇڭغۇدى، يەنە بەزىلىرى مۇسسو تەرەپكە قاراپ قاچماقتا ئىدى. پارتىزانلار دەرھال بۆلۈنۈپ قوغلاپ بېرىپ، ھەممىسىنى تورغا چۈشۈردى ۋە ئۇلارنى مۇسسودىكى بىر مەكتەپكە سولاپ قويدى. پارتىزانلارنىڭ قوماندانلىق شتابى گېرمانيە ئاپتوموبىل ئەترىتىنى توڭگو شەھىرىگە يالاپ بېرىپ، شۇ يەردە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىككى پارتىزانننى ئەۋەتتى. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا، كاپىتان نېيرى 3 - ئاپتوموبىلدىكى گېرمانلارنىڭ پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى ئاپتوموبىلغا چىقىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى - كەينىگە ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ بۇلۇڭىدا بىرك ىشىنىڭ تۈگۈلۈپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. بۇ كىشى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي پەلتوسىنى يېپىنىۋالغان بولۇپ، ئىككى پۇتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلا كىيىدىغان، فاشىستلارنڭ سېرىق يوللۇق ھەربىي شىمىنى كىيىۋالغانىدى. _ ئۇ كىم؟ _ دەپ سورىدى نېيرى. _ ھاراقكەش، _ دېدى ئۇ يېنىدىكى پارتىزانغا پىچىرلاپ ئاندىن توڭگو شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ، ئاپتوموبىلغا گۇمانلىق بىرك ىشىنىڭ مۆكۈۋالغانلىقىنى دوكلات قىلدى. توڭگو شەھىرىدىكى ئوتلىر ئىسىملىك بىر ژاندارمىمۇ، 3 - ئاپتوموبىلدىكى گۇمانلىق ئەىھۋالغا دىققەت قىلغانىدى. ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغا كېلىپ قاراپ باقماقچى بولدى. ئاپتوموبىلدىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى ئۇشتۇمتۇتلا ئارقا - ئارقىدىن سەكرەپ چۈشتى. بايا ئۇلار ئاپتوموبىلدىكى مەخپىيەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، چېتىلىپ قېلىشتىن قورقۇقپ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ كەتكەنىكەن. ئوتلىرى ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئارقا كوزۇپنى ئاچتى. سېرىق يوللۇق ھەربىي شىم كىيگەن كىشى تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دەرھال ئىككى قولىنى كۆتۈردى، ئاندىن ئېگىلىپ تۇرۇپ، ئاپتوموبىلدىن چۈشتى. ئوتلىر ئۇنىڭ بىر قولىنى تۇتۇۋالدى، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىتالىيىلىك بىر ئەسكەر يەنە بىر قولىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى پارتىزانلارنىڭ رايونلۇق قوماندانلىق شتابىغا _ سابىق توڭگو شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەكەلدى. سوراق قىلىش ئارقىسىدا، سېرىق يوللۇق ھەربىي شىم كىيگەن بۇ ئەبلەغ ئىتالىيىدىكى فاشىستلارنڭى كاتتىبېشى مۇسسولىن بولۇپ چىقتى. 1943 - يىلى 7 - ئايادا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى سىتسىلىيە ئاىرلىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ فاشىست ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، مۇسسولىن ھەممىنى بىزار قىلدى. ئىتالىيىدىكى يۇقىرى تەبىقە گۇرۇھى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئارقىدىنلا ئۇنى ئاپىنىنىن تاغلىرىدىكى بىر تاغ چوققىسىدا نەزەربەند قىلىپ قويدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىتالىيە تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقتى. ئەمما، 13 - سېنتەبرگە كەلگەندە، گىتلېر ئىسئىسچىلار ئەترىتىدىكى جېنىدىن تويغان بىر نەچچە كىشىنى پىلانېر بىلەن مۇسسولىن نەزەربەند قىلىنغان جايغا ئەۋەتىپ، بۇ باش جىنايەتچىنى يەنە قۇتقۇزۇۋالدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، مۇسسولىن گىتلېرنىڭ يۆلىشى ئارقىسىدا، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا، يېڭى ئىتالىيە سوتسىيال جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى جاكالىدى. ئۇ تەختەك چىقىپلا، يېرىم يىل ئىلگىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ئۆزىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى زىئانوغا دەرھال ئۆلۈم جازاسى بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇسسولىن يەنە بىر يىلدىن كۆپرەك جان تالاشتى. ئەمما 1945 - يىلىنىڭ بېشغا كەلەەندە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە سېپى بىر - بىىرلەپ يىمىرىپ تاشلاندى، مۇسسولىن ئەجىلى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇ گېرمانلارچە ياسىنىپ، گېرمانلارنڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈپ، شىۋېتسارىيىدە سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرمەكچى بولدى. ئۇ دەسلەپتە ئىتالىيىلىكلەرنىڭ خۇسۇسىي ئاپتوموبىلىغا چۈشكەنىدى، پارتىزانلار ئېغىزنى قامال قىلغاندىن كېيىن، گېرمانلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا چىقىۋالدى. بىراق، ئۇ ھەرقانچە ئۇستىلىق قىلسىمۇ، پارتىزانلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. پارتىزانلارنىڭ قوماندانلىق شتابىدا، مۇسسولىندىن باشقا يەنە فاشىستلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەن بىر نەچچە كاتتىبېشىمۇ بار ئىدى. ياندىكى ئۆيگە يەنە ئىككى ياش ئايالمۇ قامالغانىدى. شۇ دەقىقىدە، مۇسسولىنى پارتىزانلار ئالدىدا ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولدى، بايىقى ئىككى ئايالنىڭ بىرسى مۇسسولىننىڭ ئاشنىسى ببتاش ئىدى. 28 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش شتابى پولكوۋنىڭ ۋالبېرىئونى توڭگوغا ئەۋەتتى ھەمدە باش شتابقا ۋاكالىتەن مۇسسولىنن بىلەن فاشىستلارنىڭ بىر نەچچە كاتتىبېشىغا شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ئۆلۈ جازاسى بېرىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، ئۇلار مۇسسولىن بىلەن بېتاشنى ئاپتوموبىلغا چىقاردى، تاسادىپىي ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋالېيرىئو كىشىلەر مۇسسولىنىن تونۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭ شەپكىسىنى كۆزىگە چۈشۈرۈپ قويدى. ئاپتوموبىل بېلمونتتىكى داچىغا يېقىن جايدىكى ئېگىز يەرگە كېلىپ توختىتدى. پارتىزانلار مۇسسولىن بىلەن بېتاشنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈپ، داچىنىڭ رىشاتكىسى ئالدىدا تۇرغۇزدى. داچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يوللارنى پارتىزانلار ساقلاپ تۇراتتى. ۋالېيرىئو ئىتالىيە خەلقى نامىدىن ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى جاكالىدى. مۇسسولىن جان تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ غال - غال تىترەپ كەتتى. «پاڭ - پۇڭ» قىلغان ئىككى ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭلا، مۇسسولىن بىلەن بېتاش يەرگە يىقىلدى. ۋالبېرىئو مۇسسولىنغا قارىتىپ يەنە بىر پاي ئاتتى. بۇ ئىتالىيە خەلقىنىڭ قىساس ئېلىش ئوقى، شۇنداقلا تارىخنىڭ ھەققانىي ھۆكمى ئىدى. مۇسسولىننىڭ جەسىتى مىلاندىكى لورتو مەيدانىغا ئەكېلىنىپ، ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى لاپاسنىڭ تۆمۈر جازىسىغا دۈم ئېسىپ سازايى قىلىندى. بۇ فاشىست باش جىنايەتچى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن خەلقنىڭ لەنىتى ۋە تىل - ھاقارەتلىرىگە قالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
مۇسسولىننىڭ ھالاكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki