ئوسۋېنتىسم جازا لاگېرى
بەش مىڭ يىل
1939 - يىلى گېرمانىيە پولشانى بېسىۋالغاندىن كېيىن، پولشانىڭ جەنۇبىدىكى ئوسۋېنتىسمدا ناھايىتى زور ئادەم قۇشخانىسى - ئوسۋېنتسم جازا لاگىرىنى قۇردى. بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتا جىمجىت سەھرا ئىدى. مانا ئەمدى چۆرىسى تىكەنلىك سىملار بىلەن ئورالدى. مەخسۇس ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك گاز ئۆي، ئۆلۈك كۆيدۈرىدىغان مەيدان ۋە لابراتورىيە قۇرۇلدى. جازا لاگىرىنى پۈتۈنلەي ۋەھشىيلىكتە ئۇچچىغا چىققان فاشىست ئىسئىسچىلار ساقلايتتى. ئۇلارنىڭ ياقا بەلگىسى ۋە شەپكىسىگە ئۆزلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەزىپىنىڭ بەلگىسى بولغان تېگى قارا، ئىككى تال ئۇستىخان گىرەلىشىپ تۇرغان باش سۆڭىكى چۈشۈرۈلگەنىدى.
1940 - يىل ئىيۇندىن باشلاپ، پويىز بىلەن ھەركۈنى دېگۈدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈم ئەسىرلەر ۋە بەختىسىز خەلق بۇ يەرگە توشۇلۇپ تۇردى. ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىكى ئەر - ئاياللار ھەربىي پويىزدىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن دېزىنفېكسىيە پونكىتىغا ئەكىرىلەتتى. بۇ يەردە ھەممىسىنىڭ چېچى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، نەرسە - كېرەكلىرى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنىپ، مەھبۇسلارنىڭ ئەسكى كىيىملىرى كىيگۈزۈلەتتى. ھەربىر كىشىنىڭ سول يېڭىگە نۇمۇر سېلىناتتى ھەمدە سول ياقىسى بىلەن شىمىغا ئوخشاش نۇمۇر سېلىنغان ئۈچ بۇرجەك لاتا تىكىپ قويۇلاتتى. ئۈچ بۇرجەك لاتىنىڭ رەڭگى«جىنايەت » نىڭ خاراكتېرىنى بىلدۈرەتتى. قىزىل ئۈچ بۇرجەك لاتا تاقىغانلار سىياسىي مەھبۇسلار، قارا ئۈچ بۇرجەك لاتا تاقىغانلار ئەمگەكتىن باش تارتقانلار، سېرىق ئۈچ بۇرجەك تاقىغانلار يەھۇدىيلار ئىدى. ۋاھاكازالا؛ ھەربىر «جىنايەتچى» نىڭ قانداق رەڭلىك ئۈچ بۇرجەك لاتا تاقايدىغانلىقىنى گىستاپوچىلارنىڭ ئۆزى بەلگىلەيتتى. «جىنايەتچى» لەر دېزىنفېكسىيە پونكىتىدىن چىققاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىپ، ئېغىر ئەمگەككە سېلىناتتى. ئەمگەك كۈچىدىن قالغان كىشىلەر پويىزدىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنلا ئۇدۇل زەھەرلىك گاز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلىپ، تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈلەتتى.
جازا لاگېرىدا كىشىلەر ئەگەرتۈزۈك ئەمگەك قىلمىسا ياكى قائىدە - تۈزۈملەرگە سەللا خىلاپلىق قىلىپ قويسا، خىلمۇخىل دەھشەتلىك جازاغا تارتىلاتتى. 25 قامچا ئۇرۇش ئەڭ ئادەتتىكى جازا ئىدى. بۇنداق جازالار ھەمىشە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ ئالىدىدا ئىجرا قىلىناتتى. جازالانغۇچى ئۇرۇندۇققا ماتالغاندىن كېيىن، ئىسئىسچىلار رېزىنكە قامچا ياكى پولات سىم بىلەن سالاتتى. ئۇرۇلغۇچىلارنىڭ بەدىنى بىردەمدىلا تىتىلىپ، قانغا بويالغان، كىيىم پارچىلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى. جازالاش جەريانىدا، تەگكەن قامچان سانىنى ئۇرۇلغۇچىنىڭ ئۆزى ساناپ تۇراتتى. ئەگەر ئاغرىق ئازابىدىن ھوشىدىن كېتىپ سانىيالماي قالسا، باشقىدىن ئۇراتتى. ئۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، «جىنايەتچى» جازا لاگېرىنى باشقۇرىدىغان باشلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ :«باشلىق جانابلىرى x x x - نۇمۇرلۇق جىنايەتچى 25 قامچا يېگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدۇ! » دەپ دوكلات قىلاتتى. يەنە بىر خىل جازالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە قەپەز ئىشلىنەتتى. بۇنداق قەپەزدە ئىككى كىشى ئارانلا تىك تۇرالايتتى. ئۇنىڭدا ھەمىشە بۇنداق پاجىئەلىك ئەھۋال يۈز بېرەتتى. تىرىك بىر «جىنايەتچى » تاكى ئۆزىمۇ ئۆلگىچە مۇزلاپ ئۆلگەن بىر كىشى بىلەن بىللە قەپەزدە تىك تۇرغۇزۇلاتتى. تۈزۈك ئەمگەك قىلمىغان توپ - توپ « جىنايەتچىلەر» گە « ھەرىكەت قىلىش » دەپ ئاتالغان بىر خىل جازا قوللىناتتى. يەنى كىشىلەر مەجبۇرىي ھالدا يەرگە ياتقۇزۇلۇپ ئۆمىلىتىلەتتى. ئاندىن تىزى بىلەن ماڭغۇزۇلاتتى . . . بۇنداق جازالاش تاكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئورنىدىن تۇرالمىغۇچە داۋاملاشتۇرۇلاتتى.
قېچىشقا ئۇرۇنغانلار ئەڭ دەھشەتلىك جازاغا تارتىلاتتى. بىرۇ ئىسىملىك بىر چېخوسلوۋاكىيىلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىنىڭ ئىسئىسچىلار ئارىسىدا گۇندىپايلىق قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قالدى. بۇ ساۋاقداش ئۇنى قېچىپ كېتىشىگە ياردىم بېرىدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە بىر ئاز پۇل بېرىدىغان بولۇشتى. بىرۇ باشقا تۆت كىشى بىلەن بىرلىكتە پۇل يىغىپ ئۇنىڭغا بەردى. ئەتىسى ئىسئىسچىلار قېچىپ كەتمەكچى بولغان بىرۇ قاتارلىق بەش كىشىنى تىكەنلىك سىم سىرتىغا ئەمگەككە ئاچىقتى. قېچىش ئەپلىشىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇلار ئىككى كىلومېتىرچە يەرگە قېچىپ بارغاندا، قوغلاپ كەلگەن ئىسئىسچىلار ئوق چىقىرىپ، بەشەيلەننىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلىدى. ئىسئىسچىلار يۇقىرىغا : بىز قېچىشقا ئۇرۇنغان بىرنەچچە جىنايەتچىنى بايقاپ قېلىپ ئېتىپ تاشلىدۇق، دەپ دوكلات قىلدى. ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە مۇكاپاتلاندى. كەچقۇرۇن ئۇلار قاچقۇنلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىۋاتقانلار ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جازا لاگېرىنىڭ گۇندىپېيى :«سولغا قارا» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قاراشقا كۆز بارمايدىغان، تىتما كاتاڭ قىلىپ تاشلانغان جەسەتلەر نامايان بولدى. گۇندىپاي يەنە ۋارقىراپ:« كىمىكى قاچماقچى بولىدىكەن، مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ!» - دېدى.
جازا لاگېرىدىكى ئۆلۈم جازالىرى ئەمگەك قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىجرا قىلىناتتى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كىشىلەرنى قورقۇتۇش، كىشىلەرنى قېچىشقا بولغان ئۇرۇنۇشلىرىنى تۈگىتىش ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھەركۈنى مىڭلىغان بەختىسىز كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدىغان بۇ جازا لاگېرىدا، بۇنداق جازالاشلار ئەكىسچە كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئەتىسى يەنە سىگنال چېلىندى، جازا لاگېرىدىن كىشىلەر يەنە قېچىپ كەتتى . . .
ئوسۋېنتىسم جازا لاگېرىدا بىر دوختۇرخانىمۇ بار ئىدى. ئەمما، بۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار راستىنلا «جىنايەتچى» لەنىڭ كېسىلىنى كۆرمەتتى. بەلكى ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈپ خوردا بولۇپ كەتكەن جاللاتلار ئىدى. بۇلار داۋالاشقا بولمايدۇ دەپ قارىغان كىشىلەرنى ياكى جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىز كىشىلەرنى يالىڭاچلاپ، جازا لاگېرىدىكى مەخسۇس بىر ئۆيگە ئەكىرىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە زەھەرلىك ئۇكۇل سالاتتى. بىرنەچچە سېكۇنت ، ئۇزاق بولغاندا بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا، كېسەللەر دەرھال جان ئۈزەتتى.
ئىسئىسچىلارنىڭ دوختۇرلىرى يەنە ھەمىشە تىرىك ئادەملەر ئارقىلىق باكتېرىيە قورالىنى تەتقىق قىلاتتى ۋە باشقا «ئىلمىي » سىناقلارنى ئېلىپ باراتتى. ناتسىتلارنىڭ مېنگېل ئىسىملىك بىر دوختۇرى بولۇپ، ئۇ جازا لاگېرىدا مەخسۇس قوشكېزەك بىئولوگىيە «ئىلىمىي تەتقىقاتى » بىلەن شۇغۇللاندى. جازا لاگېرىغا ئەكىلىنگەن بالىلار ئادەتتە پويىزدىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنلا، توغرىدىن توغرا زەھەرلىك گاز ئۆيىگە ئەكىرىپ ئۆلتۈرۈلەتتى. مېنگېل بالىلار ئارىسىدىن ئۆزى «ئىلىمىي تەتقىقات » ئېلىپ بارىدىغان قوشكېزەكلەرنى تاللىۋالاتتى. بىر كۈنى، ئۇ تەتقىق قىلماقچى بولغان بالا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالدى. بالىنىڭ جەسىتىنى ئوپراتىسىيە قىلىپ تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ئۆپكىسىدىمۇ ياكى يۈرىكىدىمۇ مەلۇم بىرخىل غەيرىي نورمال ئەھۋال كۆرۈلدى. مېنگېل قوشكېزەك بالىلاردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جازا لاگېرىغا كېلىپ، بىر بالىغا شاكىلات بېرىپ ئوينىتىپ كېلىمەن دەپ ئالداپ ئەكەتتى. ئاپتوموبىل ئۆلۈك كۆيدۈرىدىغان مەيداننىڭ قورۇسىغا كېلىپ توختىغاندىن كېيىن، مېنگېل يېنىدىن تاپانچىسىنى چىقىرىپ، بالىنىڭ مېڭىسىگە چەنلەپ ئاتتى. قوشكېزەك بالىلارنىڭ ئەزاسىدىكىگە ئوخشايدىغان غەيرىي نورمال ئەھۋالنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ، ياردەمچىسىگە بالىنىڭ قارنىنى دەرھال يېرىش توغۈرىسىدا بۇيرۇق بەردى.
ئوسۋېنتىسم جازا لاگېرىغا قامالغان مەھبۇسلار دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن ۋە مىللەتلەر ئىچىدىن ئەكىلىنگەنىدى. ئۇلار ئىچىدە پولشالىقلار، روسىيىلىكلەر،ۋېنگىرىيىلىكلەر، فرانسىيىلىكلەر، چېخوسلوۋاكىيىلىكلەر، گرىتسىيىلىكلەر، جۇڭگولۇقلار، بېلگىيىلىكلەر، ئامېرىكىلىقلار ۋە باشقىلار بار ئىدى. ئۇلار ئىچىدىكىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى يا ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، يا ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلار ياكى بىرەر پارتىيىگە قاراشلىق ئەمەس ئىدى. ئۇلار جازا لاگېرىغا ئەكېلىنىشىگە پەقەت مىللىي كېلىپ چىقىشقىلا سەۋەب بولغان. ئاتالمىش «دۆلەت ۋە مىللەت قوغدىغۇچى » ناتسىتلارنىڭ قانۇن - پەرمانىغا ئاساسەن، بۇ كىشىلەر مەجبۇرىي ھالدا «قوغداش خاراكتىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان» ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇلار يا ئاچلىقتىن، كېسەل ئازابى بىلەن ئۇرۇپ ئازابلاش بىلەن ئۆلتۈرۈلەتتى. يا زەھەرلىك گاز بىلەن ئۆلتۈرۈلەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەكىلىنگەن نۇرغۇن ئەسىرلەرنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ پاجىئەلىك بولدى. ئۇلار جازا لاگىرىغا ئەكېلىنىش بىلەنلا، دۈمبىسىگە مەخسۇس «US» دېگەن خەت چاپلاندى. گىستاپو سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەكېلىنگەن ئەسىرلەرگە نىسبەتەن «ئالاھىدە پىششىقلاپ ئىشلەش » تەدبىرىنى بەلگىلەش ئارقىسىدا، ھايال قىلماي تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈلدى. جازا لاگېرىدىكى يەھۇدىيلەرمۇ ئەڭ قەبىھ جازاغا تارتىلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ، ئەمگەكلەرنىڭ ھۆددىسدىن چىقالماي ئازابلىنىپ ئۆلدى ياكى توغرىدىن توغرا زەھەرلىك گاز ئۆيىدە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى.
زەھەرلىك گاز ئۆيى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا سېلىنغان ئۆلۈك كۆيدۈرۈش مەيدانىنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ياخشى چىملىق ياسالغان، چىملىقنىڭ چۆرىسىگە رەڭگارەڭ گۈللەر تېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىكىگە «مۇنچا » دېگەن خەت يېزىلغانىدى. ئىككى تەرىپىدە ئوركېستىر ۋېنا تىياتىرىنىڭ يېنىك مۇزىكىسىنى چېلىپ تۇراتتى. تۈركۈم - تۈركۈم يەھۇدىيلار ۋە باشقا مەھبۇسلار مۇنچىغا كىرگەندە ، بەدىنىمىزدىكى پىتلارنى تازىلىۋېتىدىغان بولدى دېيىشەتتى. ئۇلار «دۇش» قا كىرگەندىن كېيىنلا، ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئالدانغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى بۇ ئۆيگە كۆپ بولغاندا 2000 كىشى خۇددى سارتىن بېلىقىدەك قىستاپ كىرگۈزۈلگەنلىكتىن، يۇيۇنۇش زادىلا مۇمكىن بولمايتتى. بۇ چاغدا دەرۋازا يېپىلىپ قۇلۇپلىناتتى ھەمدە پېچەتلىنەتتى. بىردەمدىن كېيىن، گېرمان ئەسكەرلىرى ئۆزىدىكى موگو شەكىللىك ھاۋا تۆشۈكچىلىرىدىن كۆكۈش بېغىررەڭ زەھەرلىك دورىنى تۆككەندىن كېيىن ھاۋا تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىپ تاشلايتتى.
ئۆيدىكى مەھبۇسلار زەھەرلىك دورا تۆكۈلگەنلىكىنى بايقاپ، ھەممىسى تەڭلا تۆمۈر ئىشىككە ئېتىلاتتى - دە، تاغدەك دۆۋلىشىپ كېتەتتى. ھەممىسىنىڭ بەدىنى كۆكىرىپ، قان داغلىرى پەيدا بولاتتى. ئۇلار بىر - بىرىنى تارتقۇشلىشىپ، ئۆمىلەپ ئۆتۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. 20 - 30 مىنۇتتىن كېيىن مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئۆلەتتى. ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىن «ئالاھىدە ئەترەت» تىكى خادىملار ئاۋۋال ئۆلۈكلەرنىڭ بەدىنىنى ئاختۇرۇپ، ئالتۇن ۋە باشقا قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىۋالاتتى. ئاندىن ئۆلۈكلەرنىڭ چىشىنى يۇلۇپ، چېچىنى يۇڭداپ، ئۇنى فاشىستلارنىڭ سىتراتېگىيىلىك خام ئەشياسى قىلاتتى؛ ئاخىردا ئۆلۈكلەرنى كۆيدۈرەتتى. مۇشۇ زەھەرلىك گاز ئۆيىدە بەزى كۈنلىرى 6000 دىن ئارتۇق كىشى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلەتتى.
بۇ جازا لاگېرىغا 1940 - يىلى بىرىنچى تۈركۈم مەھبۇسلار توشۇلغاندىن تارتىپ، 1945 - يىلى يانۋاردا، ئوسۋېنتسم سوۋېت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغىچە، ئوسۋېنتسم جازا لاگېرىدا جەمئىي تۆت مىليوندىن ئارتۇق كىشى گېرمانىيە فاشىستلىرى تەرىپىدىن دەھشەتلىك تۈردە ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئازابلىنىپ ئۆلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پولەكلەر بىلەن روسلار ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ!
ئوسۋېنتسىم جازا لاگېرىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ھېچقانداق خەت - خەۋەر قالدۇرالمىدى. ئەمما ھايات قالغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ياكى باتۇرلار ئۆلۈم ئالدىدىكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئالەمدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغان سادالىرىنى قالدۇردى، نامسىز بىر يازغۇچىنىڭ ئۆلۈم ئالىدىدا يېزىپ قالدۇرغان تۆۋەندىكى مۇڭلۇق مىسرالىرىنى كۆرۈپ باقايلى :
تۇرىدۇ بۇ يەردە، سىم تور كەينىدە،
قاغجىراپ دۆۋلىنىپ باش سۆڭەكلىرى.
ئادەملەر تاشلىنار ئاتەش ئوچاققا،
توزۇشار ھەريانغا جەسەت كۈللىرى.
بورانلار ئۇچۇرتقان ئۇرۇقلار كەبى،
يىغىلدۇق دۇنيادا بارچە مىللەتلەر.
ۋە لېكىن زورىيىپ تۇردۇق كۈنسېرى،
گەر ئاستا ئۆتىسىمۇ بۇ يەردە كۈنلەر.
دالىلار تەۋرىنىپ كېلىدۇ بىر كۈن،
چىقىمىز تۇپراقنى يېرىپ شۇ سائەت.
شۇڭلاشقا ياڭراتتۇق مۇنداق بىر خىتاب،
بىز - ئۆلگەن ئادەملەر قىلىپ شىكايەت!