UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقانخور نېرو

قانخور نېرو

بەش مىڭ يىل مىلادى 54 _ يىلىنىڭ بىر كۈنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ 78 ياشلىق پادىشاھى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان. ئوردا ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر پادىشاھنى ئۇنىڭ ياش خوتۇنى ئاگىرىپىنا زەھەرلەپ ئولتۇرۇۋەتتى دېگەن گەپلەرنى تارقاتقان. ئاگىرىپنا نېمە ئۈچۈن ئۆز ئېرىنى ئۆلتۈرىدۇ؟ ئەسلىدە، ئۇ پادىشاھنىڭ جىيەن قىزى بولۇپ، بىر قېتىم ياتلىق بولغان ھەمدە نېرو ئاتلىق بىر ئوغلى توغقان ئىكەن. پادىشاھ ئۈچىنچى خوتۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنى ئەمىرىگە ئالغان. ئاگىرىپنا ھوقۇق مەستانىسى ئىكەن، ئۇ خانىش بلغاندىن كېيىن، پادىشاھنى پادىشاھ ۋارىسىنى بىكار قىلىشقا كۈشكۈتۈپ، ئۆز ئوغلى نېرونى پادىشاھ ۋارىسى قىلدۇرغان، كېيىن، ئۇ پادىشاھنىڭ پۇشايمان قىلىپ قالتانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، زەھەرلىك ۋاستىنى ئىشقا سالغان. پادىشاھ جان ئۈزگەندە، ئاگېرىپتا دەرھال مۇلازىملار، ئوردا دوختۇرلىرىغا پادىشاھنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى سىرتقا چىقارماسلىققا بۇيرۇق بەرگەن ھەمدە مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ باشلىقى برۇسنى چاقىرتقان. _ پادىشاھنىڭ كېسىلى ناھايىتى ئېغىر، سەن بىلەمسەن؟ _ ھە... _ برۇس ئەجەپلىنىپتۇ، چۈنكى پادىشاھنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئۇ خانىشنىڭ غەرىزىنى چۈشەنمىگەچكە، دەرھال نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى ئۇخماي تۇرپ قېلىپتۇ. _ ئەگەر پادىشاھ بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، سەن خان جەمەتىگە داۋملىق سادىق بولالامىسەن؟ _ ئاگىرىپىنانىڭ كۆزلىرىدىن شۇملۇق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ ئۇنى جاۋاپ بېرىشكە قىستاپتۇ. _ ئەل... ۋەتتە! _ برۇس ئەمدىلا خانىشنىڭ غەرىزىنى چۈشىنىپ ئېنىق جاۋاپ بېرىپتۇ، _ ئەگەر پادىشاھ بىرەر كېلشمەسىككە ئۇچرىسا، مۇھاپىزەتچى قۇشۇن، ئەلۋەتتە خانىشقا سادىق بولىدۇ، نېرو شاھزادىنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى ھىمايە قىلىدۇ. خاتىرجەم بولسىلا خانىش! ئاگىرىپىنا كۈلۈمسىرەپ، مۇلايىم ھالدا: _ ئەگەر بۇنداق بولىدىغان بولسا، شاھزادە سېنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، _ دەپتۇ، بىردەم تۇرۋالغاندىن كېيىن، ئۇ تۇيۇقسىزلا قايغۇلۇق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، _ سەن دەرھال ئاق ساقاللار مەھكىمىسىگە خەۋەر قىل، پادىشاھ ئالىلىرى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى! برۇسنىڭ ياردىمى بىلەن ئاقساقاللار مەھكىمىسى نېروغا رەسمىيەت بويىچە ھەممە ئۇنۋانلىرىنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن 17 ياشقا كىرگەن نېرو پادىشاھ بولۇپتۇ. ئاگىرىپنا نېرونى كىچىك چېغىدىن تارتىپلا ھوقۇق مەستانىسى قىلىپ تەربىيىلىگەن، شۇڭا ئۇ ۋەھشى، زالىم، ھوقۇق مەنپەئەت دېسە جان بېرىدىغان بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ، ئانىسىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چۈشەپ قويغانلىقىنى ھىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئانا _ بالا ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغان. _ ئاڭلىسام سەن خوتۇنىڭنى ياراتمايدىكەنسەن، _ سورىغان ئاگىرىپىنا بىر كۈنى نېرودىن، _ بىر پەس دېدەك بىلەن يۈرگىدەكسەن، بۇراستىمۇ؟ ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ساڭا خانىشنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن تاللاپ بەرگەن، مەن سېنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىشىڭغا يول قويمايمەن! ئۇ ئەسلىدە نېرونى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنىدىن بولغان قىزىنى ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىپ نېروغا ئېلىپ بەرگەن. بىراق نېرونىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشمىگەن. ئۇنىڭ ئۇستازى بىلەن برۇس ئاگىرىپىنانىڭ ھازازوللىقىدىن نارازى بولۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نېروغا چىرايلىق بىر دىدەكنى ئېلىپ كېلىپ بەرگەن. بۇ ئىش ئاگىرىپنانىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان. _ مەن كىمنى ياخشى كۆرسەم شۇنى ئالىمەن، _ نېرو ئانىسىنىڭ تەھدىتىگە پىسەنت قىلماپتۇ، _ مەن كىچىك بالا ئەمەس، پادىشاھ. مەن ھەممىنى بەلگىلىيەلەيمەن! _ سەن تېخى ئاناڭغا يانغىدەك بولدۇڭما! _ دەپتۇ گىرىپنا ئەلپازىنى بۇزۇپ، _ ئەگەر سەن يەنە مېنىڭ گېپىمگە كرىمەي، ئۇستازىڭ ۋە بروس بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان بولساڭ، ئۇ چاغدا مەن ئاكاڭنىڭ قېشىغا كېتىمەن! ئاخىرقى سۆز نېرونىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئاگىرىپنانىڭ «ئاكاڭ» دېگىنى ئۆزى پادىشاھنى كۈشكۈرتۈپ پادىشاھ ۋارىسىلىقىدىن قالدۇرۇپ قويغان ھېلىقى شاھزادە ئىكەن. نېرو ئانىسىنىڭ راستلا ئاكىسىنىڭ پادىشاھلىقنى تارتىۋېلىشنى قوللىشىدىن قورقۇپ، بۇيرۇق بېرىپ ئاكىسىنى مەخپىي ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئانا _بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەن. نېرو 19 ياشقا كىرگەندە، ئۇ يەنە بىر ئىسىلزادە خېنىمغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۆز خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغان. ئاگىرىپنا بارلىق كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن نېرو ئانىسىغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتكەن. ئاخىرىدا، نېرو ئۆز ئانىسىغا زەھەرلىك قولىنى سالغان: ئاگىرىپىنا كېمىگە چۈشۈپ دەريادىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ كېمىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان؛ بىراق باشقىلار ئانىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان، كېيىن ئۇ يەنە قوشۇن ئەۋەتىپ ئۆز ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈزۋەتكەن! شۇنىڭدىن كېيىن، نېرو خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ، ئۇنى بىر ئارالغا سۈرگۈن قىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. نېرو ھېلىقى ئىسىلزادە خېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئېرى بىلەن ئاجىرىشىشقا قېىتىغان. بىراق ئىسىلزادە خېنىمنىڭ كۈنىمۇ تەس بولغان، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ قالغاندا، ۋەھشى نېرو ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ ھەتتا ئۇنى تىزگىنلىمەكچى بولغان ئۇستازىنىمۇ بوش قويمىغان. بۇ ئۇستازى ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالغان بولسىمۇ، نېرو يەنىلا ئۇنى ئۆلۈۋېلىشقا بۇيرۇغان. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي، تەپ تارتماستىن ئويۇن كۆرۈش، بۇزۇپ _ چېچىش ۋە بۇزۇقچىلىقلارغا بەنت بولۇپ كەتكەن. نېرو تەختكە چىقىپ 7 - يىلى رىم شەھىرىدە چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ. ئوت ئۇلغىيىپ توپ _ توغرا ئالتە كۈن كۆيۈپ، شەھەردىكى 14 رايوندىن پەقەت تۆ رايونلا قېلىپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلۈپتۇ،تېخىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر ماكانىسىز قېلىپتۇ. كىشىلەر ئارىسىدا، پادىشاھ يېڭى رىم شەھىرى سېلىش ھەم ئوت تاماشىسى قىلىش مەقسىتىدە بۇيرۇق بېرىپ ئوت قويدۇرغان ئىكەن. دېگەن سۆزلەر تارىلىپتۇ. ئوت ۋەقەسىدىن كېيىن، نېرو يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گۇمانلىق دېگەنلەرنى ئۆلتۈرۈپتۇ ھەمدە جەمىئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن كەلگەن خىرىستىيان مۇرىتلىرىغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلىپتۇ. رىمدا يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ۋەقەسى ۋە نېرونىڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق قىلىشى ئارقىسىدا، كىشىلەر بارغانسېرى نېرودىن نارازى بولغان. نېرو بولسا داۋاملىق تۈردە ئەيشى _ ئىشرەتلىك، كەيىپ _ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋەرگەن . ئۇ ھەشەمەتلىك خان سارىيى سالدۇرغان، ئەسەبىلىك بىلەن مۇزىكا ۋە تىياتىرغا مەستانە بولۇپ، ئاشكارا تۈردە سەھنىلەردە ناخشىچىلار، شائىرلار ۋە چالغۇچىلارنىڭ روللىرىنى ئېلىپ چىققان، ھەتتا يۇناننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئارتىس ۋە مۇزىكانتلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئۇ زامانلاردا، ئويۇن قويغاندا، راست قىرىشىش ۋە ئۆلتۈرۈشلەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان؛ «ئۆلتۈرۈلدىغان مەھبۇس» نىڭ رولىنى قۇللار ئېلىپ چىققان. ئۇ يەنە يېڭى ھېيت _ ئايەم، بايراملارنى بەلگىلەپ، كۆپ مىقداردا سوغا بېرىش ۋە تارتۇقلارش ئارقىلىق دۆلەت غەزىنىسىنى قۇرۇغداپ قويغان. ئۆلكىلەرنىڭ باج _ سېلىقىنى ھەدەپ ئېغىرلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. مىلادى 68 _ يىلى، ئىسپانىيە ۋە گاللىيە ئۆلكىلىرىنىڭ باش ۋالىلىرى نېرونىڭ مۇستەبىت ھۆمرانلىقىغا قارشى چىقىشنى چاقىرىق قىلىپ، قوشۇنمۇ نېروغا ئاسىيلىق قىلغان. رىم ئاقساقاللار مەھكىمىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نېرونىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى قانۇنىي ئەمەس دەپ جاكالىغان. كىشىلەر تەرىپىدىن تۈكۈرۈپ تاشلانغان قانخور پادىشاھ نېرو ئالدىراپ _ تېنەپ رىمدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇزاققا قالماي، ئۇ شەھەر رايونىدىكى داچىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۆلۈشتىن بۇرۇن تېخى توختىماي «نېمە دېگەن ئۇلۇغ بىر سەنئەتكار ئۆلىدىغان بولدى _ ھە!» دەپ ھەسرەت چەككەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
قانخور نېرو | UyghurWiki | UyghurWiki