باكتېرىيە ئاتىسى
بەش مىڭ يىل
ۋولتون شەرقىي پرۇسىيىگە جايلاشقان بىر كىچىك شەھەر بولۇپ، پولشانىڭ چېگرىسىغا يېقىن بۇ شەھەردە 4000 ئاھالە ياشايتتى. 1872 - يىلى 29 ياشلىق روبېرت كوخ تەكلىپكە بىنائەن بۇ يەرنىڭ رايون دوختۇرلۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
كوخ كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئەقىللىق بالا بولغاچقا، بەش يېشىدىلا گېزىت ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغان. بالىلىق دەۋرىدە كۆرگەن بىر ئىش ئۇنى كېيىنكى كۈنلەردە شىپاسىز كېسەلنى باش ئەگدۈرۈشتىن ئىبارەت تىببىي پەن ئىشىغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا سەۋەبچى بولدى.
سەككىز ياشقا كىرگەن يىلىنىڭ بىر كۈنىدە، كوخ تۇغۇلغان يۇرتتىكى بىر چېركاۋنىڭ دېڭى توختىماي جاراڭلاپ كەتتى. ئاھالە قايغۇ - ھەسرەت ئىچىدە چېركاۋغا جەم بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن بىر پوپقا ماتەم بىلدۈرۈشتى.
ئۆيگە قايتىپ كېلىۋېتىپ، كوخ ئانىسىدىن:
- ئانا، ھېلىقى پوپ نېمە بولۇپ ئۆلۈپتۇ؟ - دەپ سورىدى.
- كېسەل بولۇپ ئۆلۈپتۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ئانىسى.
- بۇ شەھەردە شۇنچە كۆپ دوختۇرلار تۇرۇپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىياماپتۇغۇ؟
- دوختۇرلار زادىلا ئامال قىلالمايدىغان بىر خىل شىپاسىز كېسەلگە گىرىپتار بولۇپتىكەن!
- شىپاسىز كېسەل؟ - دەپ سورىدى كوخ قىزىقىپ، - شىپاسىز كېسەلنى مەڭگۈ داۋالاپ ساقايتىشقا بولمامدۇ؟ - ئۇ، كەلگۈسىدە مەن شپاسىز كېسەلنى باش ئەگدۈرىدىغان دوختۇر بولىمەن دەپ خىيال سۈردى.
كوخ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، راست دېگەندەك كيوتتىگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى، 1866 - يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، دوختۇرلۇق ئىلمىدە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى ئۇ تېخى ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەنىدى.
ئەمما، كوخ ئۇنىۋېرستېتتا دوختۇرلۇق ئىلىمىنى تەتقىق قىلىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدى. ئۇ ھامبۇرگ باش دوختۇرخانىسىدا ئۈچ يىل پراكتىكا قىلغاندىن كېيىن، كىچىك شەھىرىگە قايتىپ كېتىپ دوختۇرلۇق قىلدى. 1870 - يىلى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىدى، ئۇ پىدائىي بولۇپ، داۋالاش ئەترىتىگە قاتناشتى. ئارمىيىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەنىلا ۋولستونغا بېرىپ رايون دوختۇرى بولدى.
كوخنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق ئىدى. ئۇ شەھەر ئاھالىسى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ خىلمۇ خىل كېسەللىرىنى داۋالايتتى، ھەتتا، ھايۋانلارنىڭ كېسىلىنىمۇ داۋالايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشتىياقى دوختۇرلۇقتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا باكتېرىيە ئىلىمىنى تەتقىق قىلىشتا ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادا تىبابەتچىلىك زور دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانىدى. فرانسىيىلىك پاستېر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالاھىدە جانلىق ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقتى. ئەنگلىيىلىك بىر تاشقى كېسەللەر دوختۇرى پاستېرنىڭ باكتېرىيە توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى تىبابەتچىلىك ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ، جاراھەتنى تاڭىدىغان داكا، ئوپېراتسىيە سايمانلىرى ۋە ئوپېراتسىيە قىلىدىغان بىر جۈپ قول ئۈزۈل - كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىنىدىغان بولسىلا، تاشقى كېسەللەرگە ئائىت جاراھەتلەر باكتېرىيىلەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. كوخ گەرچە چەت ياقىدىكى ۋولستوندا بولسىمۇ، يۇقىرىقى تىببىي نەتىجىلەرنى ئاڭلاپ تۇردى. ئەمما، ئىنتايىن كىچىك، ئادەتتە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ جانلىقلار ھايۋانات ۋە ئادەملەردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىدىكى سەۋەبچىمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئۇ چاغدا بىرمۇ ئالىم ئىسپاتلاپ چىقالمىغانىدى.
كوخ ياۋروپا ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر ھەل قىلالمىغان مۇشۇ تېمىنى تەتقىق قىلدى.
1876 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، بىر دېھقان، كوخنىڭ كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە ئالدىراش ئۈسۈپ كىرىپ:
- دوختۇر ئەپەندىم، خىزمىتىڭىزگە دەخلى قىلىپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ، - دېدى دېھقان ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ، - ئۈچ قويۇم بار ئىدى، بۈگۈن ئەتىگەندە تېخى بىر ئوبدان تۇراتتى، ئەمما ھازىر بىرى ئۆلۈپ قالدى، يەنە بىرىمۇ ئۆلەي دەپ قالدى، ئۈچىنچىسى بولسا، ساپساق تۇرىدۇ، قويلارنىڭ زادى نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى زادىلا بىلەلمىدىم. ئېغىر كۆرمەي بىر كۆرۈپ باقسىلا! - دېدى.
- ئاپلا، جەزمەن كۆيدۈرگە چىققان ئوخشايدۇ! - دەپ خۇرسىندى كوخ، - ماقۇل، مەن بېرىپ تەكشۈرۈپ باقاي.
كوخ، دېھقان بىلەن بىرلىكتە ئېغىلغا كەلدى ۋە ئەھۋالنىڭ دېھقان ئېيتقان بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشلىقىنى كۆردى.
- دوختۇر ئەپەندىم، بۇ ئىككى قوينى قۇتۇلدۇرغىلى بولارمۇ؟
- بولمايدۇ، - تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن جاۋاب بەردى كوخ، - ئۈچىنچى قويىڭىزمۇ ئەتە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
كوخ ئېڭىشتى ۋە ئۆلگەن قويدىن بىر ئاز قان ئالدى. دوختۇرخانىسىغا قايتقاندىن كېيىن، قاننى مىكروسكوپتا ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، قان دانىچىلىرىدە ئۇششاق تاياقچىغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ مىدىرلاپ يۈرگەنلىكىنى بايقىدى. بۇنداق تەكشۈرۈشنى بىر نەچچە ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆلۈك قويدىن ئېلىنغان قان ئۈلگىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن مۇشۇنداق ئۇششاق نەرسىلەرنى بايقىدى: ساغلام قوينىڭ قېنىدىن بۇنداق نەرسىلەرنى زادىلا تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ كۆيدۈرگە كېسەل مەنبەسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ: بۇ، تۈركۈم - تۈركۈملىگەن قويلارنىڭ ئىنتايىن تېزلىكتە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپلا قالماستىن، ئادەمگە يۇققانمۇ، ئادەملەرنىڭ قورقۇنچلۇق ئۆتكۈر يۆتەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىگىمۇ سەۋەبچى بولىدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ يۇقۇشى ھايۋانات ئاۋە ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، داۋالىغىلى بولمايدىغان شىپاسىز كېسەل پەيدا قىلىدۇ، - دەپ ھېسابلىدى.
ئەمما بۇ ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىشىم كېرەك؟ كوخ قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئويلاندى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش، كۆپىيىش، كېسەل پەيدا قىلىشلىرىنى ھەقىقىي تۈردە كۆرمىسەم بولمايدۇ...
ئۇ ناھايىتى ساغلام بىر ئاق چاشقاننى تاللاپ، ئۆلگەن قوينىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئوكۇل قىلدى. بىر كۈندىن كېيىنلا بۇ ساغلام چاشقان ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ، بۇ ئۆلۈك چاشقاننىڭ تىلىنى ئېلىپ مىكروسكوپتا كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاش شەكىللىك ئۇششاق نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ ئۆلۈك چاشقاننىڭ قېنىنى ئىككىنچى ئاق چاشقانغا ئوكۇل قىلدى. بىر سوتكىدىن كېيىن، ئىككىنچى ئاق چاشقانمۇ ئۆلدى. ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە ئارقا - ئارقىدىن 30 قېتىم سىناق قىلىۋىدى، ھەر قېتىمقى سىناق يېڭىدىن بىر چاشقاننىڭ ئۆلۈشى بىلەن نەتىجىلەندى.
>بۇ ئۇششاق نەرسىلەرنى ھايۋاناتلارنىڭ تېنى سىرتىدا ئۆستۈرگەندىلا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ<، - دېدى كوخ ئۆز - ئۆزىگە.
ئۇ كۆيدۈرگەن بىلەن ئەمدىلا ئۆلگەن ئاق چاشقاننىڭ تىلىنى بىر خىل ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزەتتى. ئىككى سائەتتىن كېيىن، بەزى ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ پارچىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆسۈۋاتقانلىقىنى؛ يەنە بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن سۇيۇقلۇققا تاياقچىلارنىڭ توشۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇ، ئۇلاردىن ئازغىنا ئېلىپ، باشقا بىر قاچىدىكى سۇيۇقلۇققا سېلىۋىدى، يۇقىرىقىدەك جەريان ئۆز پېتىچە تەكرارلاندى. ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادىنى ھايۋانغا ئوكۇل قىلىۋىدى، ھايۋان ناھايىتى تېزلىكتە ئۆلدى؛ ھالبۇكى، ھايۋان بەدىنىدىمۇ مۇشۇنداق ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى.
>ھە، ئەسلىدە ئۇلار مىڭلاپ، تۈمەنلەپ كۆپىيىدىكەن - دە! - دەپ چۆچۈدى كوخ، - ئۇلار ساغلام ھايۋاننىڭ پۈتكۈل تېنىگە تېز سۈرئەتتە تارقالغاندا، ھايۋاننىڭ قان تومۇرلىرىنى توسۇۋېلىپ، ھايۋاننى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈمگە دۇچار قىلىدۇ، ئەلۋەتتە<.
شۇنىسى ئاجايىپكى، - دەپ ئويلىدى كوخ، - ئۇنىڭ تېنى شۇنچە نازۇك تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يىل بويى دالادا ھايات كەچۈرەلەيدۇ؟
كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ، بۇ تاياقسىمان باكتېرىيىلەرنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن بىرى - بىرىگە تۇتاشقان كىچىك شارچىلارغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىغا سالغاندىن كېيىنلا يەنە تاياقسىمان كىچىك نەرسىلەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ھە، ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن - دە! - كوخ ئەمدى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ يەتتى. ئەسلىدە كۆيدۈرگە تىپىدىكى باكتېرىيىلەر تۆكۈلۈپ كىچىك شارچىلارغا ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قۇرغاقچىلىق، ئاپتاپنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدىكەن؛ ھايات شارائىتى مۇۋاپىقلاشقان ھامانلا تىرىلىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار سوغۇق، ئىسسىق ياكى قۇرغاق ھاۋالاردا يىل بويى ھايات كەچۈرۈپ، ھايۋانلارنىڭ ھاياتىنى قىرغۇچى دۈشمەنگە ئايلانغانىكەن. دېمەك، كۆيدۈرگە كېسىلىنى تارقاتقۇچى باكتېرىيىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغان قۇمچاق ئىكەن! كۆيدۈرگە كېسىلى يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق كېسەل بىلەن ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ياكى چوڭقۇر كۆمۈش كېرەك ئىكەن.
1876 - يىل 4 - ئايدا، كوخ بۇ مۇھىم كەشپىياتنى گېرمانىيىلىك مەشھۇر باكتېرىيە ئالىمى دوكتور كونغا دوكلات قىلدى ۋە بىر مۇنچە داڭلىق ئالىملار ئالدىدا تەجرىبە قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ تىببىي پەن نوپۇزلۇقلىرىغا: بىر خىل ئالاھىدە مىكروبنىڭ بىر خىل ئالاھىدە كېسەل پەيدا قىلىش سەۋەبىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى رېكورت ياراتتى. ئۇنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن قويلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى، ئىنسانىيەتتىمۇ كۆيدۈرگە تىپىدىكى بۇ خىل كېسەللەرنىڭ يۇقۇملىنىشى زور دەرىجىدە ئازايدى.
بۇ ئالاھىدە نەتىجە ياراتقانلىقتىن، 1880 - يىلى ئەتىيازدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرلىن ئىمپېرىيە سالامەتلىك مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.
ئارقىدىنلا، كوخ ئەڭ ئەشەددىي كېسەل - ئۆپكە تۇبېركۇليوزغا قانداق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى تېمىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدى.
بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى ئىنسانىيەتتە ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر خىل داۋاسىز كېسەل بولۇپ ئۆتكەنىدى. ⅩⅨ ئەسىردە، تەخمىنەن 30 مىليون ئادەم ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
ئۇ چاغدا تېخى رېنتگېن كەشىپ قىلىنمىغاچقا، ئۆپكە تۇبېركۇليوززىنى تەكشۈرۈپ بىلىش كەمدىن كەم ئىدى. ھالبۇكى، بۇنداق كېسەل ئەۋج ئېلىپ، ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا، ھەرقانداق تەبىر قوللانغان بىلەنمۇ كارغا كەلمەيتتى. تىببىي ئالىملار، بۇنداق داۋاسىز كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ تېنىدە تۇبېركۇليوز ناملىق بىر خىل ئۆسمە ياكى ئىششىق بارلىقىنى، ئۇنىڭ مىكروبىنى ھايۋانات تېنىگە كۆچۈرگەندە ھايۋانلارنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق تۇبېركۇليوز سىياقىنىڭ زادى قانداقلىقىنى مىكروسكوپ بىلەن كۆزەتكىلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ يۇقىدىغان ياكى يۇقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىدى.
كۆپ قېتىملىق تەجرىبىلەر ئارقىسىدا، كوخ رەڭلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۇبېركۇليوز تاياقسىمان باكتېرىيىسىنى مىكروسكوپتا تاپتى. ئۇنى ھايۋانلارغا ئوكۇل قىلىۋىدى، ھايۋانلار جۈدەپ ئۆلۈپ كەتتى؛ ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تېنىدىن ئالغان ئۈلگىلەردىن يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا تاياقسىمان باكتېرىيىلەرنى بايقىدى. كېيىنچە، ئۇ ھايۋانلار تېنى سىرتىدا تاياقسىمان باكتېرىيىنى يېتىشتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇنىڭ بىلەن كوخ تۇبېركۇليوز تاياقسىمان باكتېرىيىسىنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليوزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىۋاستە مەنبە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئۇنداقتا بۇ خىل كېسەل يۇقامدۇ، يۇقمامدۇ؟ كوخ تۇبېركۇليوز تاياقسىمان باكتېرىيىسىنى ھايۋانلار بەدىنىگە پۈركۈدى. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ھايۋانلار جۈدەشكە باشلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا بىر - بىرلەپ ئۆلدى. بۇنىڭ بىلەن، تۇبېركۇليوز تاياقسىمان باكتېرىيىسىنىڭ ھاۋا ۋە ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئەسلىدە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ دوختۇرخانىلىرىدا مۇنداق كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارغا دوختۇرخانا پەۋقۇلئاددە تەلەپ قويمايتتى، ئۇلارنىڭ تۈكۈرۈك ۋە بەلغەملىرى تۇبېركۇليوز باكتېرىيىلىرىنى داۋاملىق تارقىتىۋېرەتتى. كوخنىڭ كەشپىياتى ئارقىسىدا ھەر قايسى دوختۇرخانىلار ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بىلەن ئاغرىغانلارغا ھەر خىل تازلىق قائىدىلىرىنى بەلگىلەش ئارقىلىق بۇنداق كېسەل باكتېرىيىسىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتتى.1882 - يىل 4 - ئايدا، كوخ ئۆزىنىڭ يېڭى كەشپىياتىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ نامىنى گېرمانىيىدە ھەممە ئائىلىلەر بىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ سۈرئىتى قىزىل قول ياغلىققا چۈشۈرۈلدى. كىشىلەر ئۇنى >باكتېرىيە ئاتىسى< دەپ ئاتىدى.
ئىككىنچى يىلى، كوخ يەنە خولىرا نەيچىسىمان باكتېرىيىسىنى بىرىنچى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقىش ئارقىلىق، يەنە بىر مەرتىۋە بىر خىل خەتەرلىك كېسەلنى تىزگىنلىدى.
1885 - يىلى، كوخ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولدى ۋە بۇ مەكتەپتىكى سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالدى. كېيىنچە، بېرلىندا ئۇنىڭغا مەخسۇس يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ بېرىلدى ۋە بۇ ئورۇن ئۇنىڭ باشچىلىقىدا بولدى. 1896 - يىل كوخ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ، كالا ۋاباسىنى يوقىتىشقا ياردەملەشتى، ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ كالا ۋاباسىنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ، ياخشى ئۈمىد تۇمشۇقىدا ئىككى مىليون تۇياق كالىنى قۇتقۇزۇۋالى. 1897 - يىلى، ئۇ يەنە شەرقىي ئافرىقىغا بېرىپ، چاشقان بۈرگىسىنىڭ بەزچۇماسىنى تارقىتىشتىن ئىبارەت سىرىنى ئاچتى.
كوخنىڭ باكتېرىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1905 - يىلى شۋېتسيىنىڭ ستوكھولم مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى ئۇنىڭغا فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي پەنلەر بويىچە نوبىل مۇكاپاتى بەردى.
نوبىل مۇكاپاتى ئالغاننىڭ ئىككىنچى يىلى، چارچاشنى بىلمەيدىغان بۇ باكتېرىيە ئالىمى يەنە شەرقىي ئافرىقىغا بېرىپ، دەھشەت بىر خىل بىھوش ئۇخلاش كېسىلىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ بۇ يەردە بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ: بىھوش ئۇخلاش كېسىلىنىڭ مەنبەسى چىۋىن دېگەن ھۆكمىنى دەللىلىدى. ئەمما، ئۇ بۇ قېتىمقى يىراققا قىلغان سەپىرىدە بەختكە قارشى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. 1910 - يىل 5 - ئايدا، كىشىلەر تەرىپىدىن >باكتېرىيە ئاتىسى< دەپ تەرىپلەنگەن ئۇلۇغ ئالىم ئۈستەلدە ئولتۇرغان پېتى تىپتىنچ ھالدا كىشىلىك دۇنياسىدىن ئايرىلدى.