ئافرىقىنى تۇنجى قېتىم كېمە بىلەن ئايلىنىپ چىقىش
بەش مىڭ يىل
مىلادىدىن 2000 نەچچە يۈز بۇرۇن، ئوتتۇرا دڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلاردا دېڭىز قاتنىشىغا ماھىرلىقى بىلەن ئالەمگە تۇنۇلغان فىنكلار ياشىغان.
شۇ چاغلاردا، ياۋرۇپالىقلار ئارىسىدا، ئاتلانتىك ئوكيان جاھاننىڭ ئۇچېتى، ھېچكىم جەبىلتارىق بوغىزىدىن ئۆتەلمەيدۇ، دەيدىغان گەپ - سۆزلەر تارقالغان. لېكىن فىنىك دېڭىزچىلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىن غەلىبە بىلەن ئۆتۈپ، ئاتلانتىك ئوكياننى بويلاپ شىمالدا ئەنگىلىيىگە، جەنۇپتا غەربىي ئافرىقىغا بارغان جەبىلتارىق بوغىزىدىكى ئىككى ئۇچلۇق بەلگە شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن فىنىكلارنىڭ خۇداسىنىڭ نامى بىلەن «مىلكالتا» دەپ ئاتالغان.
فىنىكلار توغرىسىدا مۇنداق قىزىق بىر ھېكايىمۇ بار:
«فىنىكىلار» دېگەن جىگەر رەڭ دېگەن گەپ. شۇ چاغلاردا مىسىر، بابىل، ھىتىت شۇنىڭدەك يۇنان ئاقسۇڭەكلىرى ۋە راھىپلىرى جىگەر رەڭ تون كىيىشكە ئامراق ئىكەن. بىراق، بۇ رەڭ ناھايىتى ئوڭايلا ئۆڭۈپ كېتىدىكەن، پەقەت فىنكتىن چىققان رەختلا ئوڭمەيدىكەن، كىيىم كونىراپ يىرتىلىپ جۇل _ جۇل بولۇپ كەتسىمۇ، رەڭگى ئوڭمەي تۇرۇۋېرىدىكەن، شۇڭا كىشىلەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلاردا ياشىغان بۇ ئاھالىنى فىنىكلار دەپ ئاتىغان ئىكەن.
فىنىكلار بۇنداق جىگەررەڭ بوياقنى قانداق تاپقان؟
ئېيتىشقلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ياشايدىغان بىر پادىچى بىر تايغان باققان ئىكەن. بىر كۈنى، تايغان دېڭىز بويىدىن بىر قۇلۇلە قېپىنى چىشلەپ ئېلىپ كېلىپتۇ. ئۇ قاتتىق چىشلىگەچكە، ئۇنىڭ ئاغزى - بۇرنى قىپقىزىل بويىلىپ كېتىپتۇ. پادىچى تايغاننىڭ كالپۇگى قاناپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ پاكىز سۇ بىلەن ئۇنىڭ ئاغزى _ بۇرنىنى يۇيۇپتۇ. بىراق يۇغاندىن كېيىنمۇ تايغاننىڭ ئاغزى - بۇرنى قىپقىزىل پېتى تۇرۇۋېرىپتۇ. پادىچى، قۇلۇلە قېپىنىڭ ئىچىدە قىزىل پېتى تۇرۇۋېرىپتۇ. پادىچى، قۇلۇلە قېپىنىڭ ئىچىدە قىزىل بوياق بارمۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلۇلە قېپىنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، دېگەندەكلا ئىككى يېرىدە قىزىل رەڭ بار ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن دېڭىزغا چۈشۈپ، ئاشۇنداق قۇلۇلە قاپلىرىنى سۇزۇپ، قىزىل بوياق ياساپتۇ. كېيىنكى چاغلاردا، ئاشۇنداق رەڭ بىلەن بويالغان جىگەررەڭ رەخت ئوتتۇرا دېڭىز بويلىدىكى دۆلەتلەردە كەڭ سېتىلىپ، فخنكلارغا كۆپلەپ كىرىم قىلىپ بېرىپتۇ. فىنكارلارمۇ بارا _ بارا دىھقانچىلىقنى تاشلاپ سودىگەرچىلىك قىلىدىغان بولۇپتۇ. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى پورتلاردىن ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتمىگەن جاي قالماپتۇ.
مىلادىدىن ئىلگىرى 7 - ئەسىردە، مىسىر فىرئون نېكو فىنكلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر دېڭىزچىلارنى ئوردىسىغا چاقىرتىپتۇ.
_ سېلەرنى دېڭىز قاتنىشىغا بەك ئۇستا دەيدۇ، راستمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ فىرئون.
_ ئالىلىرى، پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمىز، _ دەپتۇ فىنكلار بىر _ بىرىگە قارىشىۋېلىپ، ئىشەنچ بىلەن، _ ئۆزلىرى بىزنى نەگە بار دېسىلە، بىز شۇ يەرگە بارىمىز.
_ نېمە دېگەن چوڭ گەپ بۇ، _ دەپتۇ فىرئون، بىلەن ئافرىقىنى ئايلىنىپ چىقالامسىلەر؟
دېڭىزچىلار يەنە بىر _ بىرىگە قارىشىپتۇ، ئۇلار بۇ دورەم دەرھال جاۋاپ قايتۇرماپتۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇ چاغدا ئوتتۇرا بولۇپ، پۈتۈن ئافرىقا قىتئەسى توغرىسىدا ھېچنەرسە بولۇپ، پۈتۈن ئافرىقا قىتئەسى توغرىسىدا ھىچنەرسە بىلمەيدىكەن.
_ سىلەر قىزىل دېڭىزدىن چىقىپ، ئافرىقىنى ئايلىنىپ مېڭىڭلار، _ دەپتۇ فىرئون ئارقىدىنلا، _ بىر قېتىممۇ كەينىڭلەرگە قايتماڭلار، يەنە كېلىپ دېڭىز ياقىسى ھامان ئوڭ تەرىپىڭلەردە بولسۇ، ئاخىر جەبىلتارىق بوغىزىدىن ئايلىنىپ ئوتۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزغاكىرىپ، مىسىرغا قايتىپ كېلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلالىساڭلار، مەن سىلەرنى چوقۇم كاتتا مۇكاپاتلايمەن!
بۇ، ئۇ چاغلاردا تېخى دېڭىز يولى ئېچىلمىغان ۋاقىت بولۇپ، خېيىم _ خەتىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇ ۋەزىرپىنى باتۇرلۇق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ ياكى قورقۇنچاقلىق قىلىپ رەت قىلىش كېرەكمۇ؟ فىنىك دېڭىزچىلىرى بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن فىرئونغا كەسكىن تۈردە:
_ ئالىلىرى، بىز سىناپ كۆرۈشنى خالايىمىز! _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
_ ئەگەر سىلەر قورقۇنچاقلىق قىلىپ، _ دەپتۇ فىرئون بىردىنلا جىددىي تۈسكە كىرىپ، _ يېرىم يولدىن قايتىپ كېلىدىغان بولساڭلار، قاتتىق جازالايمەن!
_ ئالىلىرى، خاتىرجەم بولسىلا! _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ باشقىلادىن بوش كەلمەيدىغان فىنىك دېڭىزچىلىرى قەتئىلىك بىلەن. شۇنداق قىلىپ 3 دانە فىنىك كېمىسى تېزلا تەييارلانغان. بۇ كېمىلەر پالاق بىلەن ھەيدىلىدىغان بېشى ئۇچلۇق، قۇيرۇغى ئىگىز ئىككى قەۋەتلىك كېمىلەر ئىكەن. ئۈستى قەۋەتتىكى دېڭىزچىلار سەپەر يولىغا مەسئۇل بولغان، ئاستى قەۋەتتىكى دېڭىزچىلار كېمە ھەيدەشكىلا مەسئول بولغان، كېمە قوغۇشۇن سۇرۇق ۋە قىزىل تۆمۈر مەدىنى بىلەن قىزىل قىلىپ بويالغان بولۇپ، يالتىراپ تۇرىدىكەن. سەپەردە كېرەكلىك ئاشلىق ۋە دېڭىز بويلىرىدا ئالماشتۇرىدىغان تاۋارلارنى قاچىلىغاندىن كېيىن،كېمىلەر مىسىر پورتىدىن يولغا چىققان.
كېمىلەر 40 كۈن يۈرۈپ، بىر كەنتكە بارغان. بۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئەتلىرى قاپ - قارا، تېنىنىڭ يېرىمى يالىڭاچ ئىكەن. ئۇلار دېڭىزچىلارنى ئوبدان مېھمان قىلغان. سودىگەرچىلىك قىلشقا ئۇستا فىنكلار تۈرلۈك تاۋارلىرىنى يەنى جىگەررەڭ رەخت، ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسالغان جام، كەھرىۋا قوندۇرۇلغان زۇننار، ئۆتكۈر تۆمۈر خەنجەرلەرنى... يەرگە يايغان، يەرلىك خەلق بۇنداق چىرايلىق نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، نۇرغۇن ھايۋاناتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ تېگىشكەن بۇ يەردە كۆندۈرۈلگەن مايمۇن، چاپارمەن تايغان، ئۇزۇن مۇڭگۈزلۈك ئۇي... بولىسمۇ، فىنكلار بۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ ياراتمىغان، پەقەت خۇشپۇرىغى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان دېۋىرقاينىلا ياراتقان. چۈنكى مىسىر راھىپلىرىنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن، كۈمۈش چىقىرىپ بۇ قىممەتلىك دورىنى ئالىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلدىكەن.
يەنە نۇرغۇن كۈنلەر ماڭغاندىن كېيىن، كۈن بارغانسېرى ئىسسىپ كەتكەن. دېڭىزچىلارنىڭ تازا دەم ئالغۇسى كەلسىمۇ كېمىلەر بىخەتەر يېقىنلاشقۇدەك جاي تاپالمىغان. ئەسلىدە بۇ يەردىكى خەلق بولۇپ، ئۇلار بۇنداق ئادەملەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىلەكلىرى يالىڭاچ بولۇپ، بېلىگە يىلىپىز فىنكلارنىڭ كېمىلىرىنى كۆرۈپلا، ئۇلارغا تاش ئېتىپ ۋە قىرغاقتا تۇرۇپ ئوقيالىرىنى تەڭلەپ قورقىتىپ، فىنكلارنى قىرغاققا چىقارغۇزمىغان. ئۇلار ھىچقاچان كۆرۈپ باقمىغان بۇ دېڭىزچىلاردىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلغان.
كېمىلەر ئەترىدى نائىلاج داۋاملىق يۈرۈپ، ئادەم يوق بىر سايغا كەلگەندىن كېيىن، فىنىكلار ئاندىن قىرغاققا چىقىپ دەم ئالغان.
_ بۇ نېمە؟ _ دەپ سورىغان بىر دوۋە پىل چىشىنى كۆرۈپ بىر دېڭىزچى. پىل چىشى يېنىدا يەنە بىرنەچچە يىلپىز تېرىسى بار ئىكەن.
_ ھە... راسىت، _ دېگەن قېرىراق بىر دېڭىزچى بېشىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ، _ بۇ يەردىكى كىشىلەر بىز بىلەن تاۋار ئالماشتۇرماقچى ئىكەن، بىراق بىزنىڭ ئۇلارنىڭ كەنتىگە كىرىشىمىزدىن قورقىدىكەن. شۇڭا ماللىرىنى دېڭىز ساھىلىغا يېيىپ قويۇپتۇ.
_ ئامەت دېگەن مانا شۇ! _ ياش دېڭىزچىلار 120 تال پىل چىشىنىڭ ھەممىسىنى كېمىگە توشۇغان. ئاندىن كېيىن سايغا پارقىراپ تۇرىدىغان ئۈنچە _ مارجان تىزىقلىرىنى، رەڭلىك ئېماللىق سىر قاچا ۋە تۇچتىن ياسالغان پالتىلارنى قويۇپ قويغان.
_ بۇ قېتىم تازا باي بولدۇق! _ دېيىشكەن ئۇلار قىرغاقتىن كېتىۋېتىپ كۈلۈشۈپ.
12 ئاي يۈرگەندىن كېيىن توساتتىن بىر غەلىتە ئىش يۈز بەرگەن.
_ نېمە ئۈچۈن كۈن شىمال تەرەپتىن چىقىپ قالدى؟ _دېگەن بىر دېڭىزچى ھەيران بولۇپ. ئەسلىدە، ئۇ چاغلاردا شىمالىي يېرىم شاردىكى كىشىلەر ھېچقاچان ئېكۋاتوردىن ئۆتۈپ باقمىغاچقا، چۈش ئوپچورىسىدىكى كۈن نۇرىنىڭ جەنۇپ تەرەپتىن چۈشىدىغانلىقىنىلا بىلدىكەن. ھازىر ئۇلار جەنۇبىي يېرىم شارغا كېلىپ قالغاچقا، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشقان.
يەنە بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېمىلەر دېڭىز ساھىلىغا يېقىن جايدا توختىغان. دېڭىزچىلار مەسلىھەتلشىشكە باشلىغان.
_ كېمىدىكى ئاشلىقمۇ تۈگىدى. قانداق قىلىمىز؟_ دېگەن بىر دېڭىزچى ئەنسىرەپ.
_ ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىز بۇ يەردە تېرىقچىلىق قىلدىغان ئوخشايمىز، _ دېيىشكەن ھەممەيلەن ئۇھ تارتىشىپ.
ئۇلار نائىلاج قىرغاققا چىقىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، يېمەكلىك تاپقان؛ شۇنىڭدەك يەرگە ئارپا ۋە بۇغداي تېرىغان تومۇز ئىسسىقتا ئارپا، بۇغدايلار 3 ئايغا قالماي پىشقان. ئۇلار ئاشلىقنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، يەنە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان _ ئەجەپ ئوبدان بولدى! _ دېيىشكەن دېڭىزچىلار ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە كەلگەندىن كېيىن، خۇشلىغىدىن سەكرەپ، _ قۇرقلۇق غەرپكە بۇرالدى! يۇرتىمىزغا قايتىدىغان بۈلدۇق!
كېمىلەر شىمالغا قاراپ يۈرۈشكە باشلىغان. ئىككىنچى يىللىق سەپەر ئاياقلاشقاندا، چۈش ئوپچورىسىدىكى كۈن نۇرى يەنە جەنۇپ تەرەپتىن چۈشىدىغان بولغان _ ئۇلار شىمالىي يېرىم شارغا قايتىپ كەلگەن.
دېڭىزچىلار كىچىك بىر ئارالغا چىقىپ يەنە بىر غەلىتە ئىشنى ئۇچراتقان.
_ بۇ نېمە؟ _ دېڭىزچىلار ئالدى تەرەپكە قاراپ پۈتۈن بەدىنىنى تۇك باسقان «ئادەم» لەرنى كۆرگەن. بۇ «تۈكلۈك ئادەملەر» ئىگىز قىيالارغا ئۇچقاندەك يامىشىپ چىقىپ كەتكەن. ئەملىيەتتە بۇلار ئورانگۇتان بولۇپ، ئۇ چاغلاردا كىشىلەر بۇنداق ھايۋاننى تېخى بىلمىگەچكە، ئۇنى «تۈكلۈك ئادەم» دەپ ئاتاشقان.
_ بىز نەچچىنى تۇتۇپ كېلەيلى! _ ئوۋچىلىققا ماھىر بىر نەچچە فىنكلار ئۇزۇن نەيزە ئېلىپ ئېتىلىپ بارغان بىراق «تۈكلۈك ئادەملەر» قېچىپ كەتكەن. ئۇلار تەسلىكتە ئۇچنى تۇتۇپ كەلگەن. بۇ ئورانگۇتانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاغزى يوغان، بەللىرى توم، پۈتۈن بەدىنى تۈك بولۇپ، دەرغەزەپ بىلەن ۋاقىراشقان. تاتىلاپ چىشلىگەن. بۇلارنى ئېلىپ كېتىش مۇمكىن بولمىغاچقا، ئولتۇرۇپ، تېرىسىنى سويۇپ ئېلىپ كەتكەن.
ئۇلار يەنە نەچچە ئاي يۈرۈپ، بىر چوڭ دەريا ئېغىزىغا كەلگەن دەريادا غىچلا تىمساق ۋە سۇ ئېتى ياشايدىكەن، لېكىن دەريا بويلىرىدا نۇرغۇن كەنت بار ئىكەن. قىرغاققا چىقىپ سورىسا ھەممىسى يۇرتداشلار _ فىنكلار ئىكەن. بۇلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيا بويلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. «خۇداغا شۈكرى، يۇرتىمىزغا كېلىپتۇق!»
ئۇلار يەنە يۈرۈپ جەبىلتارىق بوغىزىدىن ئۆتۈپ، تېزلا ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىپ، 3 يىل مۇساپىنى تۈگىتىپ، مىسىرغا قايتىپ كەلگەن.
فىنىك دېڭىزچىلىرىنىڭ ئافرىقىنى تۇنجى قېتىم كېمە بىلەن ئايلىنىپ چىققىنىغا ھازىر 2600 نەچچە يىل بولدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ دېڭىز قاتنىشى تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىجادىيەت ھېساپلىنىدۇ.