تېلمان تۈرمىدە
بەش مىڭ يىل
2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ستالىننىڭ ئوغلى ئالدىنقى سەپتە گېرمانىيە قاراقچىلىرىغا ئەسىر چۈشۈپ قالدى. ستالىننىڭ كەيپىياتى ناھايىتى بۇزۇلدى.
_ يولداش ستالىن، ئوغلىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىشىنىڭ بىرەر ئامالىنى قىلساق قانداق؟ - دېدى قىزىل ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى.
_ قانداق ئامالىڭىز بار؟
_ بىز گېرمانىيىنىڭ بىر مۇنچە گېنېراللىرىنى ئەسىر ئالدۇق، بىز تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق گىتلېر بىلەن ئالماشتۇرساقمىكىن. بۇنداق ئالماشتۇرۇش ئۇرۇش جەرياندىكى ئىش.
_ ئەگەر ئالماشتۇرۇشقا بولدىغان بولسا، - دېدى ستالىن ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن، - ئەسىرگە چۈشكەن گېرمانىيە گېنېراللىرىنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىپ، بىر كىشىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن بولاتتىم. ئۇ كىشى گېرمانىيە خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى ئېرنىست تېلمان بولىدۇ.
تېلمان قانداق كىشى، ئۇ نېمە ئۈچۈن ستالىننىڭ شۇنچە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان؟ ئۇ ئەركىنلىكىدىن قانداق مەھرۇم قىلىندى ؟
ئېرنىست تېلمان 1886 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ھامبۇرگتىكى بىر ھارۋىكەش ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. ئۇ 16 يېشىدىن باشلاپلا ئىشلەپ، ئىلگىرى - كېيىن تىياتىرخانىدا دېكراتسىيىچى، پرىستاندا ھاممال بولدى، ئۇ ياش چېغىدىلا گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالدى. تېلمان 17 - يېشىدا گېرمانىيە سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، سوتسيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلدى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئىنقىلابىي خىزمەت ئېلىپ بېرىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇردى. سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ شوۋىنىزمچىلىقىغا قارشى تۇردى ھەمدە 1918 - يىلىدىكى نويابر ئىنقىلابىغا پائال قاتنىشىپ، كەڭ گېرمانىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە پادىشاھىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. تېلمان 1920 - يىلى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ھامبۇرگ ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىغا چىۋەرلىك بىلەن رەھبەرلىك قىلدى. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى ئىجرائىي كومىتېت ئەزاسى بولدى ھەمدە 1925 - يىلى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
1932 - يىلى گېرمانىيىدە زۇڭتۇڭ سايلىمى بولغاندا، تۆت پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىرى كەسكىن سايلام مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئۈچى گېرمانىيىنىڭ بۇرۇنقى زۇڭتۇڭى ھىندىنبۇرگ، ناتسىتلارنىڭ كاتتىبېشى گىتلېر ۋە كومپارتىيىسىنىڭ رەئىسى تېلمانلار ئىدى. شۇ كەملەردە ئۇرۇش كەيپىياتى خېلىلا ئەدەپ قالغانىدى. تېلمان:« كىمكى گىتلېرنى سايلىسا، ئۇرۇشنى تاللىغانلىق بولىدۇ!» دېگەن سايلام مۇسابىقىسى شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىندىنبۇرگنىڭ بۇرۇنقى ئورنى تۈپەيلىدىن، ئۇ داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى. تېلماننىڭ پەرىزى توغرا بولۇپ چىقتى. ھىندىنبۇرگ تەخىتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، گىتلېرنى زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەپ، ئۇرۇش ئەسەبىيلىكىنى قوزغىدى. فاشىستىك ئەكسىيەتچىل سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، گىتلېر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان گېرمانىيە كومپارتىيىسى بىلەن ئۇنىڭ داھىيىسى تېلماننى ئۆزىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ، بەدىنىگە سانجىلغان تىكەن دەپ قارىدى. 1933 - يىل 22 - يانۋاردا، گىتلېر ناتسىتلارنىڭ ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، گېرمانىيە كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تۇرۇشلۇق ئورۇننى پاراكەندە قىلدى. تېلمان بۇ ئەھۋالنى دەرھال «قىزىل تۇغ» ژۇرنىلىدا پاش قىلدى ھەمدە 130 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسى بىلەن فاشىزمغا قارشى جەڭچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بېرلىندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ناتىستىلارغا سىياسىي جەھەتتە قاتتىق زەربە بەردى.
گىتلېر زۇڭلى بولغاندىن كېيىن، ھەممىدىن ئاۋۋال دۆلەت كېڭىشىنى تارقىتىۋەتتى. كومپارتىيىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى مەنئىي قىلدى. گېرمانىيە كومپارتىيىسى يەر ئاستىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. تېلمان فاشىستلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى كەڭ خەلق ئارىسىدا پاش قىلدى ۋە تەنقىدلىدى. خەلقنى قوزغىلىپ گىتلېر ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىردى. گىتلېر سىياسىي جەھەتتە پاش قىلىنغاندىن كېيىن، قورال كۈچى ئىشلەتتى. ئۇ «پارلامىنتىقا ئوت قويۇش ۋەقەسى » نى باھانە قىلىپ، كوممۇنىستلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى. تېلمان 1933 - يىلى 3 - مارت كۈنى بېرلىندا ناتىستلار تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنىپ، ئالىكساندىر مەيدانىدىكى باش ساقچى ئىدارىسىگە سولاندى.
تېلمان شۇ يىلى قولغا ئېلىنىپ تاكى 1944 - يىلى 18 - ئاۋغۇستتا فاشىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندە قەدەر، توپتوغرا 11 يېرىم يىل تۈرمىگە قامالدى. بۇ جەرياندا ئۇ، نۇرغۇن قىيىن قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاققىچە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلدى.
ئۇ تۈرمىگە سولانغان دەسلەپكى چاغلاردا تۆت نەپەر ياردەمچى سوتچى ئۇنى ھەر كۈنى ئون سائەت نۆۋەت بىلەن سوراق قىلدى. تېلمان پارتىيىدىكى ھەرقانداق بىر كادىرنىڭ ئىسمىنى ئېيىتىشنى مەرتلىك بىلەن قەتئىي رەت قىلدى. دۈشمەنلەر تەييارلىق سوتىدا مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنى گىستاپوچىلارنىڭ باش شتابىغا يۆتكەپ، تۆت قەۋەتلىك بىنادىكى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. ئاۋۋال ئۇنى بەستلىك كەلگەن سەككىز ئەبلەخ قاتتىق ئۇردى، ئاندىن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرماقچى بولدى. تېلماننىڭ تۆت چىشى تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئاغرىققا چىداپ، لام - جىم دېمىدى؛ فاشىست باندىتلار ئۇنى تېقىمى، مەيدىسى ۋە دۈمبىسىنى زەھەرخەندىلىك بىلەن تۆت يېرىم سائەت قامچىلاپ، ئۇنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. شۇنداقتىمۇ، باندىتلارنىڭ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئۈندۈرەلمەي، ئۇنى لەخمىگە سولاشقا مەجبۇر بولدى.
سوراق قىلىنىشلاردىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى روسسا تۈرمىگە كېلىپ ئۇنى يوقلىدى. تېلمان قاتتىق نەزەربەند قىلىنىۋاتقان بولىسىمۇ، سوراقتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى. روسسا تېلماننىڭ دەھشەتلىك جازاغا تارتىلغانلىق ئەھۋالىنى خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلاپ، ئاممىدا فاشىستلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارىتا قاتتىق غەزەپ - نەپرەت پەيدا قىلدى.
گىتلېر تېلماننى قولغا ئالغان چاغدا، تېلماننى ئوچۇق سوتلاش، ئۇنىڭ «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش » جىنايىتىنى سوراق قىلىش ئۈستىدە ھەدەپ گەپ ساتقانىدى. ئەمما يىللار كەينى - كەينىدىن ئۆتۈۋەردى. تېلماننىڭ ھېچقانداق جىنايەت پاكىتلرىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن گىتلېر كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلاشماي داڭ چىقارغان بىر ئادۋوكاتنى قورقۇتۇپ، ئۇنىڭ سوراققا قاتنىشىپ سوتقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئادۋوكات تۈرمىگە بېرىپ تېلمان بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، تېلماننىڭ گۇناھسىزلىقىنى چۈشەندى. ئۇنىڭ سىياسىي قارىشى كومپارتىيىنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشىمىغان بولىسىمۇ، ئەمما ھازىر ۋەتەنپەرۋەرلىك - ئادالەت تۇيغۇسى ئۇنى سوراققا چىقىشتىن قەتئىي ۋاز كېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. فاشىست ئونسۇرلار ئۇنى سۈرۈشتە قىلىپ يۈرگەندە، بۇ ئادۋوكات غىپپىدە چەتكە چىقىپ كەتتى. گىتلېرنىڭ تېلىمانغا زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، ئۇچۇق سوتنى مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈپ، تېلىماننى مەخپىي نەزەربەند قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
تېلىمان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت تۈرمىدە نەزەربەند قىلىندى. ناتىستىلار ئۇنىڭ ئىنقىلابىي تەسىرىدىن قورقۇپ ئايرىم - ئايرىم قامىدى ھەمدە ھەرقانداق مەھبۇس بىلەن ئۇچىرىشىشىغا يول قويمىدى. ھەتتا كۆپرەك ئۇچراشقاندا تېلىماننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشتىن قورقۇپ، گۇندىپايلارنىمۇ پات - پات ئالماشتۇرۇپ تۇردى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تېلمان ئۆزىنىڭ رەپىقىسى يوقلاپ كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىپ تۇردى.
تېلمان تۈرمىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شىجائەت بىلەن ماركىسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى ئۆگەندى. 1937 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە بولغان يەتتە يىل ئىچىدە ، ئۇ تۈرمىدە تۇرۇپ 22 خاتىرە دەپتەرگە سىياسىي، تارىخىي ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى خاتىرىلەرنى يازدى. بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تۈرمە سىرتىغا ئەۋەتىپ تۇردى.
ئۇزاق تۈرمە ھاياتى تېلماننىڭ سالامەتلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە خاراب قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى قىلچە تەۋرىتەلمىدى. ئۇ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ يازغان خېتىدە : «ھەممىز ئازاب - ئوقۇبەتلىك تەقدىرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بولۇپمۇسىز ياش ۋاقتىڭىزىدا مۇشۇنداق قىيىن سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىسىز، بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى يوقىتالمايدۇ، ئەسكىچە، بىز مۇشۇ دەۋردىكى جاپا - مۇشەققەتلەرنى مەنسىتمەي، جەسۇرلۇقىمىزنى 100 ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشىمىز لازىم. شۇڭا، سىز تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە، كەلگۈسى كەسپىڭىزنى قانداق تاللاش، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزىدا، قانداق ئىش قىلغاندا ۋەتەنگە، خەلققە پايدىلىق بولىدىغانلىقىڭىزنى چوقۇم ئويلاپ كۆرۈشىڭىز لازىم . . . » دېدى.
1941 - يىل كۈزدە، گىتلېر ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىپ، موسكۋا، لېنىنگراد شەھەرلەرنى بېسىپ كەلدى. بۇ چاغدا، گىستاپو مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى تېلمان سولانغان كامېرغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن مەسخىرە قىلغان ھالدا:
_ قانداق؟ تېلمان ئەپەندى، مانا ئەمدى نېمىمۇ دەرسىز؟ سوۋېت روسىيىسى تۈگەشتى. قىزىل ئارمىيە غۇلاپ چۈشتى، ستالىن تۈگەشتى! -دېدى.
_ سوۋېت ئىتتىپاقى 20 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. - دېدى تېلمان ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن قەتئىي جاۋاب بېرىپ، ئۈچىنىچى ئىمپىرىيە ئۇنىڭچىلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ستالىن گىتلېرنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ!
1944- يىل يازدىن كېيىن، ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى ئومۇمىي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. گۇمران بولۇش ئالدىدا گىتلېر تېلمانغا ئاخىر زەھەرلىك قول سالدى. 1944 - يىل 18 - ئاۋغۇستتا، تېلمان بۇ خېنۋالىد جازا لاگېرىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى.
تېلمان قۇربان بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ غايىسى ۋە روھىي گېرمانىيە ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مىليونلىغان تېنچلىقپەرۋەر خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە فاشىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش يولىدا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىشقا ئىلھام بەردى.