لوندون مۇزېيخانىسىدا
بەش مىڭ يىل
لوندوندىكى ئەنگىلىيە مۇزېيخانىسىنىڭ قىرائەتخانا زالىدا، كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئولتۇرىدىغان رەت - رەت ئورۇندۇق تىزىلغان ئىدى. كىتابخانىلار ھەمىشە ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلارنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، مەسىلەن، K رەتتىن P رەتكىچە بولغان ئورۇندۇققا يېقىن كىتاب جازىسىغا تارىخىي كىتابلار تىزىلغان بولۇپ، تارىخنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىدىغان كىتابخانلار مۇشۇ رەتلەردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. 0 رەتنىڭ چېتىدىكى 7 - ئورۇن ماركس ھەمىشە كىتاب ئوقۇيدىغان ئورۇن ئىدى.
ماركسنىڭ لوندونغا كېلىپ قېلىشىدا، ئادەتتىن تاشقىرى بىر جەريان بار.
1849 - يىلى يازنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى، قوراللىق بىر قانچە ساقچى پارىژنىڭ پىيازگۈل كوچىسىدىكى 45 - نومۇرلۇق ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ماركسقا «چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش» بۇيرۇقىنى ئوقۇپ بەردى. ماركس ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تۆتىنچى قېتىملىق ئىش ئىدى. پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى، بېلگىيە ھۆكۈمىتى، فرانسىيە ھۆكۈمىتى پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابچىسىغا قايتا - قايتا «قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى» چىقارغانلىقتىن، ماركس غەزەپلىنىپ بۇ پرۇسسىيە تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتتى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان «دۇنيا پۇقراسى» بولۇپ قالدى.
ئەمما، بۇ قېتىمقى ئىش ناھايىتى ئۇشتۇمتۇت بولدى. ماركسنىڭ رەپىقىسى يېننى بوشىنىش ئالدىدا تۇراتتى، ئۆي بىساتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنقىلاب ئۈچۈن راسخورت قىلىنىپ بولغان. ئەقەللىسى بىر يۈرۈش كۈمۈش تاماق جابدۇقلىرىمۇ گۆرۈگە قويۇلغان ئىدى. ماركس ئائىلىسىدە قېپقالغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىپ، ئەنگىلىيە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تۇمان بېسىپ تۇرىدىغان لوندونغا كېلىپ قالدى.
ماركس دەسلەپتە لوندوندىكى ئاندىرسون كوچىسىدىكى 4 - نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇردى، ئۆينىڭك ھەپتىلىك ئىجارىسى ئالتە فوندستېرلىڭ ئىدى. ماركس نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان تۇرسا، بۇنچىۋالا قىممەت ئۆي ئىجارىسىنى قانداق تۆلىيەلەيدۇ دەيسىز! بىر كۈنى قەرز بەرگۈچى ساقچىنى باشلاپ كېلىپ، ماركسنىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى، ھەتتا بوۋاقنىڭ بۆشۈكى، قىزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنىمۇ تارتىۋالدى. ماركس ئائىلىسىنىمۇ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.
ئۇلار لېستون كوچىسىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتى. ئىككى ئېغىز كىچىك ئۆينىڭ ھەپتىلىك ئىجارىسى بەش فوند ستېرلىڭ ئىدى. ماركىسنىڭ بۇنى تۆلەشكە مادارى يەتمىدى، بىر كۈنى مېھمانخانا ئىگىسى ئەتىگەنلىك چاي بېرىشتىن باش تارتقانلىقتىن، شۇ كۈنىلا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
1850 - يىل 5 - ئايدا، ماركس دېئن كوچىسىدىكى 46 - نومۇرلۇق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. بىر نەچچە ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا، يەنە ھېلىقىدەك سەۋەپلەر بىلەن شۇ كوچىدىكى 28 - نومۇرلۇق بىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىگە كۆچۈپ كىرىپ، يەتتە جان ئادەم ئىككى ئېغىز كىچىك ئۆيدە تۇردى. شۇ يىل 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ماركس ئەنگىلىيە مۇزېيخانىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش كىنىشكىسىنى ئالدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھەمىشە 0 رەت 7 - ئورۇندا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇدى ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى.
ماركس كىتابلارنى كىشى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئەستايىدىل ئوقۇيتتى. ئۇ ئەتىگەن سائەت توققۇزدا مۇزېيخانىنىڭ كىتاب ئوقۇش زالىغا كېلىپ، نۇرغۇن كىتابلارنى قەرز ئېلىپ ماتېرىياللارنى كۆچۈرەتتى، خاتىرە يازاتتى، كەچ سائەت يەتتە - سەككىزلەردىلا قايتىپ كېتەتتى. كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، بالىلارنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، خاتىرىلەرنى رەتلەپ، تاكى كېچە سائەت ئىككى - ئۈچلەرگىچە يېزىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. بىر كۈنى، ماركس بىر دوستىغا، ئىشچىلارنىڭ كۈنىگە سەككىز سائەت ئىشلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزەم نەچچە سائەت ھەسسە ئارتۇق ۋاقىت ئىشلىشىم لازىم، دېدى.
ماركس لوندوندىكى مۇزېيخانىدا كىتاب ئوقۇغان مەزگىلىدە، نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلەرنى يېزىپ پۈتتۈردى،«كاپىتال» ئۇلار ئىچىدىكى كۈچ ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىنغان ئەسەر بولدى.
ماركس بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن، 1843 - يىلدىن باشلاپ سىياسى ئىقتىسادنى تەتقىق قىلدى. ئەنگىلىيە مۇزېيخانىسىدا شۇ كەملەردە ساقلانغان كىتابلار دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى. ماركس ناھايىتى نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ماركس ئوقۇغان ۋە كۆچۈرۈپ خاتىرە يازغان كىتابلار 1500 خىلدىن ئاشىدۇ؛ ئۇ 100 دىن ئارتۇق دەپتەرگە ئىجىر - مىجىر خاترىلەر، كۆچۈرۈلمىلەر ۋە تىزىسلارنى يازغان. ئۇ «كاپىتال» نى يېزىشقا ئالاقىدار بولغان ئاگرونومىيە، ھۈنەر - سەنئەت ئىلمى، ئىقتىساد، ئاناتومىيە، پەن - تېخنىكا تارىخى، ھېساۋات سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلدى؛ ھەتتا ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ دەستە - دەستە «كۆك تاشلىق كىتاب» لىرىنىمۇ بىر - بىرلەپ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتى.
«كۆك تاشلىق كىتاب» دېگەن نېمە؟ ئۇ ئەنگىلىيە پارلامېنتى مەخسۇس پارلامېنت ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىدىغان دوكلاتلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مۇقاۋىسى كۆك رەڭلىك بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى«كۆك تاشلىق كىتاب» دەپ ئاتايتتى. بۇ بىر نېمىلەر ھەم كۆپ، ھەم قېلىن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدەپ يېڭىلىرى تارقىتىلاتتى، بۇرژۇئا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنى قىزىقىپ ئوقۇيدۇ، دەمسىز؟ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنى كېرەكسىز قەغەز ئورنىدا ساتاتتى؛ بەزىلىرى ئۇنى تاپانچا ئېتىپ ئوينايدىغان قارانچۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاپانچا ئېتىشىدىكى ھەيۋىسىنى ئوق تەككەن بەت سانىغا قاراپ سىنايتتى. ئەمما «كۆك تاشلىق كىتاب» قا ئەنگىلىيىنىڭ ھەر يىللىق، ھەر باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىقتىسادنى تەتقىق قىلىشقا بولىدىغان نۇرغۇن مۇھىم ماتىرىياللار بار ئىدى، ماركس بۇ ماترىياللارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئەنگىلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئەمگەكچىلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىدىكى ئىچكى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى.
1856 - يىل 10 - ئايدا، ماركس لوندوننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كېنېتش بازىرىغا كۆچۈپ باردى. لوندون مۇزېيخانىسى يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كىتاب ئوقۇش زالىغا ئاۋالقىدەكلا كېلىپ كىتاب كۆرۈپ تۇردى. لوندوندا كۈن ناھايىتى قىسقا بولۇپ، بالدۇرلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ. شۇ كەملەردە ئېلېكتر چىراق بولمىغانلىقتىن، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ - تۆتلەردىلا شام ياكى كىرسىن لامپىسى يېقىشقا توغرا كېلەتتى. كىشىلەر ماركىسنىڭ مۇزېيخانىدىكى شام يورۇقىدا كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقى، يېزىۋاتقانلىقى ۋە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇراتتى.
1867 - يىلى، «كاپىتال» نىڭ 1 - تومى نەشىر قىلىندى. بۇ، ماركىسنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى، شۇنداقلا خەلقئارا كوممۇىزىم ھەركىتىدىكى زور ۋەقە ئىدى. ماركس كىتابتا كىشلەرگە كاپىتالىستىلارنىڭ ئىشچىلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشتىكى سىرىنى - قوشۇمچە قىممەتنى ئېچىپ بەردى. ئىلگىرى، كاپىتالىستلار، ئىشچىلار ئەمگەك قىلسا، ئىش ھەققى ئالىدۇ، «تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش» دېگەن ئەنە شۇ، دېيىشەتتى. ئىشچىلار ئەمگەك جەريانىدا ياراتقان قىممەتنىڭ ئىش ھەققى مىقدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئارتۇق قىسىمىنى («قوشۇمچە قىممەت» نى) پۈتۈنلەي كاپىتالىستلار ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغانلىقىنى كىشىلەر ئەمدى چۈشەندى. بۇ ھال مۇدھىش كاپىتالىزىمنىڭ ئەۋرەت لاتىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ قانخور ئەكسىيەتچىللىك ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى! ماركس كىتابتا، پۇرولېتارىياتنىڭ كاپىتالىزىمنى مۇقەررەر ھالدا يوقىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا دەھشەتلىك ئېكىسپلاتاتسىيە تۈزۈمىنىڭ ئۆلۈم سىگىنالىنى چالدى. ماركس:كاپىتالىستىك خۇسۇسى مۈلۈكچىلىكنىڭ ماتەم سېگنالى چېلىندى. مەھرۇم قىلغۇچىلار مەھرۇم قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، دەپ يازدى.
1864 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، لوندوندىكى سېن - مارتىن زالى ئالاھىدە قىزىقىپ كەتتى. زالغا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ئېسىلدى. ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانيە، ئىتالىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشچىلار ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، پولشا خەلقىنىڭ روسىيە چار پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىنى قوللاپ تەنتەنىلىك يىغىن ئاچتى.
ئەنگىلىيىنىڭ ئىشچىلار ۋەكىلى ئالدى بىلەن «مۇراجەتنامە» نى ئوقۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى بىردەك ئېتتىپاقلىشىشى كېرەك» دېدى. ئارقىدىنلا، فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ ۋەكىلى قىزغىن جاۋاب نۇتقى سۆزلەپ:«بىز ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىمىزنى قۇتقۇزىشىمىز كېرەك!» دېدى. رەئىس مۇنبىرىدە ئولتۇرغان گېرمانىيە ۋەكىلى ماركس ئۇلارنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلاپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ، قىزغىن چاۋاك چالدى ۋە : بۇ ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشنىڭ باشلىنىشى بولدى، دېگەندەك قىلدى.
نېمە ئۈچۈن «ئىنتېرناتسىئونال» نى قۇرۇش كېرەك بولۇپ قالدى؟ ئەينى ۋاقىتتا، 1848 - يىلى، فرانسىيە، گېرمانىيە (جۈملىدىن ئاۋستىرىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق نۇرغۇن بەگلىكلەردە)، ئىتالىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق نۇرغۇن بەگلىكلەردە)، ئىتالىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق بىر مۇنچە ياۋروپا مەملىكەتلىرىدە داغدۇغىلىق ئىنقىلابىي كۈرەشلەر پارتىلىغان ئىدى. ئۇ چاغدا، ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بىر قەدەر قۇدەتلىك بولغانلىقتىن، ئىنقىلابىي قوزغىلاڭلار قانلىق باستۇرۇلدى ۋە مەغلۇپ بولدى. 1852 - يىلى، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى كيۇلىن مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئېلىپ، بىر مۇنچە كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلدى. ئەنگىلىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ مەملىكەت ئىچى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ماركس قاتارلىقلار يېڭى بىر خەلقئارا ئىشچىلار تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. بۇ قېتىم ئەنگىلىيە ئىشچىلىرى فرانسىيە ئىشچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېلىپ بارغان پولشا خەلقىغە مەدەت بېرىش كۈرىشى دەل خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا يېڭى خەلقئارا ئىشچىلار تەشكىلاتىنى قۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولدى.
ھەر قايسى ئەللەر ئىشچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىردەك تەلىپىگە ئاساسەن، قۇرۇلتاي «خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى» (كېيىن قىسقارتىلىپ«1 - ئىنتېرناتسىئونال» دەپ ئاتالدى) نى قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە رەھبەرلىك ئاپاراتى - مەركىزىي كومىتېتىنى (كېيىن «باش كومىتېت» - قا ئۆزگەرتىلدى) سايلىدى. ماركس باش كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى ۋە گېرمانىيە ئاخبارات سېكرىتارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.
قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1 - ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پروگرامما بىلەن نىزامنامە تەييارلاشقا كىرىشتى. بىراق، بۇ خىزمەت قىيىنچىلىققا دۇچكەلدى.
ماركس ئاغرىپ قالغانلىقتىن، يىغىنغا داۋاملىق قاتنىشالمىدى. ئەنگىلىيە ۋەكىللىرى تەييارلىغان پروگىراممىدا، ئىشچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى ياخشىلاش يولىدا كۈرەش قىلىشلا ئېغىزغا ئېلىندى؛ ئىتالىيە ۋەكىللىرى ئىتالىيە ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى 1 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ نىزامنامىسى قىلماقچى بولدى، ھەتتا ئىتالىيانلار باشچىلىقىدىكى «ياۋروپا ئىشچىلار سىنىپى مەركىزىي كومىتىتى» دېگەن بىر نېمىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدىن ئىبارەت ئىنقىلابتىكى تۈپ مەسىلىنى تىلغا ئالمىدى، شۇ ۋەجىدىن، باش كومىتېت مۇزاكىرە ئېلىپ بارلمىدى.
گېرمانىيە ۋەكىللىرى مەسىلىنىڭ شۇ قەدەر مۇرەككەپلىكىنى كۆرۈپ، ماركقا دەرھال خەت يېزىپ، ئۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى. 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ماركس كېسىلىگە قارىماي، باش كومىتېتنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇزاق ۋاقىت كەسكىن بەس - مۇنازىرە قىلىش ئارقىسىدا، 20 - كۈنى ماركسنىڭ كېسەل ئازابىغا قارىماي، كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ، يەتتە كۈن چامىسىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىر 1 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ «قۇرۇلۇش خىتابنامىسى» بىلەن «ئورتاق نىزامنامە» دىن ئىبارەت ئىككى ھۆججەتنى يېزىپ چىقتى، ئۇ 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باش كومىتېتنىڭ يىغىنىدا بىر ئېغىزدىن ماقۇللاندى.
ماركس «خىتابنامە» دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازدى:« ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى». پۇرولېتارىيات ئۇيۇشقاندىلا، قۇدرەتلىك كۆرۈنفگەن بۇرژۇئازىيىنى يېڭەلەيدۇ.
خەلقئارا ئىشچىلار سىنىپى ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىغا ئىگە بولدى، ئۆزىنىڭ ھەركەت پروگراممسىغا ئىگە بولدى، ئىنقىلابى كۈرەش يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە بولدى. 1 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا، 1866 - يىلى ئەنگىلىيە تىككۈچىلىك ئىشچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىدى؛ 1867 - يىلى پارىژدىكى مىسكەرلىك ئىشچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىدى؛ 1868 - يىلى جەنۋەدىكى بىناكارلىق ئىشچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى زور غەلىبىگە ئېرىشتى.
بىراق، ئىلگىرىلەش يولىدا نۇرغۇن پۇتلىكاشاڭلار ساقلاندى. ماركس - ئېنگېلسنىڭ ئاغمىچىلىق ئىدىيىلىرىگە قارشى كۈرەشلەر داۋامىدا راۋاجلاندى. ئالدى بىلەن پرودونچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا توغرا كەلدى.
پرودون دېگەن كىم؟ ئۇ فرانسىيىلىك، يېقىنقى زامان ھۆكۈمەتسىزلىكىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ شەخسلەرنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىنى، دۆلەت ۋە پارتىيىنى كېرەك قىلماسلىقنى قۇۋۋەتلەيتتى. فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيىلەردە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى بار ئىدى. 1864 - يىلى ئۇ 1 - ئىنتېرناتسىئونالغا كۆز بوياپ كىرىۋالدى، ياندۇرقى يىلى 1 - ئايدا ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ مۇرىتلىرى 1 - ئىنتېرناتسىئونالدا مەلۇم كۈچكە ئىگە ئىدى.
1865 - يىل 9 - ئايدا، 1 - ئىنتېرناتسىئونال لوندوندا ۋەكىللەر يىغىنى چاقىردى. پارىژ ياچېيكىسى بىر زور ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى پرۇدونچىلار بولۇپ، ئۇلار 1 - ئىنتېرناتسىئونالنى ئىگەللىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىش كويىدا بولدى. يىغىن ئېچىلىش بىلەنلا، ئۇلار ئاۋۋال 1 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ سىياسى كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى چىقىپ، پولشانىڭ چار پادىشاھىغا قارشى كۈرىشى ھەر قايسى ئەللەر پۇرولېتارىياتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پولشانى قوللاش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزمەسلىك كېرەك، ۋاھاكازا، دېدى. ماركس ئۇلارغا دەل - مۇقابىل تۇرۇپ رەددىيە بەردى ۋە: پۇرۇلېتارىيات مىللى ئازادلىق كۈرىشىنى قوللىغاندىلا، ئۆزىنى ئازاد قىلالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ماركسنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، يىغىن پولشانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ قارار ماقۇللىدى، پرۇدونچىلار بىرىنچى قېتىمدا ئۇتتۇردى.
پرۇدونچىلار بىرىنچى ھىلە - نەيرەڭ ئاقمىغاندىن كېيىن، يەنە نەيرەڭۋازلىق قىلىپ، بىمەنە بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار، 1 - ئىنتېرناتسىئونال خەلقئارا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تەشكىلاتى، ئۇنىڭغا جىسمانىي ئەمگەكچىلەر قاتنىشىشى كېرەك، ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنى قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دېيىشتى. بۇ تەكلىپ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى، ماركس بىلەن ئېنگېلس زىيالى بولغانلىقتىن، پرۇدونچىلار ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنى قاتناشتۇرماسلىقنى باھانە قىلىپ، ماركس بىلەن ئېنگېلسنى رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىن چىقىرىۋېتىپ، پۈتۈن 1 - ئىنتېرناتسىئونالنى قولىغا ئېلىۋالماقچى بولدى. ماركس بۇ سەپسەتىگە قاتتىق رەددىيە بەردى. ماركس بىلىمنىڭ مۇھىم رولىنى ئاللىقاچان كۆرسىتىپ ئۆتكەن ۋە ئىشچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئامىل ئادەم سانى، ئەمما ئۇلار ئۇيۇشقان ھەمدە بېلىمنى يېتەكچى قىلغاندىلا، ئادەم سانى يېڭىش ۋە يېڭىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، دەپ ھېسابلىدى، شۇڭا، ماركس كىشلەرنى قەتئىيلىك بىلەن:زىيالىلارنى چەتكە قاقىدىغان بارلىق قىلىقلار بىمەنىلىك بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. پۈتۈن ۋەكىللەرنىڭ قەتئى قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، پرۇدونچىلار يەنە بىر قېتىم ئۇتتۇردى.
كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پرۇدونچىلاردا بۆلۈنۈش بولۇپ، بىر قىسىمى توغرا مەيدانغا ئۆتۈپ، ماركسىزىمنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايدى.
1868 - يىل 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ماركس لوندوندا جەنۋەدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. خەتتە :«مەن ھازىر سىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىڭىزنى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك چۈشەندىم. سىز پارلاق يولنى تاللىۋالدىڭىز، بىزنى ئۆز ئىزىڭىزدىن مېڭىشقا چاقىردىڭىز... مەن سىزنىڭ شاگىرتىڭىز، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن» دەپ يېزىلغان ئىدى. ماركس دەرھال خەتنىڭ ئاخىرىدىكى ئىسىمغا قارىغان ئىدى، «م. باكونىن» ئىكەن. ماركس مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى، چۈنكى ئۇ، بۇ چىرايلىق گەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ ئۆزى ياخشى ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا بىلەتتى.
باكونىنمۇ ھۆكۈمەتسىز بولۇپ، 19 يېشىدىن باشلاپلا روسىيە چار پادىشاھىغا كوماندىر بولغان ئىدى. 1848 - يىلى ئاۋستىرىيە ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، چار پادىشاھقا كەڭچىلىك تىلەپ ئۈچ قېتىم خەت يازدى. ئاندىن ئەنگىلىيىگە بېرىپ، بۇ رەزىل تارىخىنى يوشۇرۇپ، 1 - ئىنتېرناتسىئونالغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالدى.
باكونىن نېمە ئۈچۈن ماركسقا خەت يازىدۇ؟ ئەسلىدە، شۇ يىل 10 - ئايدا، باكونىن 1 - ئىنتېرناتسىئونالدىن يوشۇرۇن ھالدا، جەنۋەدە «سوتسىيالىستىك دېموكىراتىيە ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ، «مۇتلەق ئەركىنلىك»، «سىنىپلار باراۋەرلىكى»، «دۆلەتنى بىكار قىلىش» دېگەن ئوخشاش بىر يۈرۈش ئاغمىچىلىق بىر نېمىلەرنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىگە بىرىپ ياچېيكا قۇردى. ئۇ، بۇ كىشىلەرنى توپلاشتا، 1 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلىگەن ئىدى. باكونىن بۇ خەتنى ئۆزىنىڭ «ئىتتىپاقى» نى 1 - ئىنتېرناتسىئونالغا كوللىكتىپ قوبۇل قىلدۇرۇش مەقسىتىدە يازغان ئىدى.
ماركس ئۇنىڭ ھىيلىسىنى بىر قاراپلا بىلىۋالدى. باش كومىتېتقا ۋاكالىتەن يازغان جاۋاب خېتىدە، 1 - ئىنتېرناتسىئونالدا باشقا بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، باكونىننىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلدى. باكونىن ماركىس يازغان جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تاكتىكىسىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ، كۆرۈنۈشتە ئۆزىنىڭ «ئىتتىپاقى» نى تارقىتىۋېتىپ، ئىشەنچىلىك ئادەملىرىنى يوشۇرۇن ۋە ئايرىم ھالدا 1 - ئىنتېرناتسىئونالغا كىرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ، 1 - ئىنتېرناتسىئونالغا بىر مۇنچە باكونىنچىلار كۆز بوياپ كىرىۋالدى.
1869 - يىلى، 1 - ئىنتېرناتسىئونال بازېلدا قۇرۇلتاي چاقىردى. باكونىنچىلار رەزىللىك بىلەن ۋەكىللەر بېلىتى ياساپ، كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولۇۋېلىپ، ماركس رەھبەرلىك قىلغان باش كومىتېتنى ئۆزلىرى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرغان جەنۋەگە كۆچۈرمەكچى بولدى. ماركس بىلەن ئېنگېلس ئۇنىڭ سۈيىقەستىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ تاشلىدى، باكونىننىڭ ئۇرۇنۇشلىرى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى.
ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1 - ئىنېرناتسىئونال ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىشچىلار سىنىپى قوشۇنىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ماركىسىزىملىق ئىلمىي سوتسىيالىزىمنى تارقاتتى ھەمدە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىشچىلار ھەركىتى كادىرلىرىنى تەربىيىلىدى.