UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭفېڭچىن شيۇجى

فېڭچىن شيۇجى

بەش مىڭ يىل مىلادى 1467 - يىلىدىن باشلاپ، ياپونىيە «بەگلىكلەر ئۇرۇش دەۋرى» گە قەدەم قويدى. ئۇ چاغدا، ياپونىيە 66 بەگلىككە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ سوقۇشۇپلا يۈرەتتى. نەچچە تۈمەن كىشىلىك قوشۇنلار ئۇزاققا سوزۇلغان يېغىلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئاۋات پايتەخت ئۇرۇش ئوتىدا ساپالغا ئايلانغان، يوقسۇل پۇقرالارغا جېنىنى ئالغۇدەك يەر قالمىغان ئىدى. 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋېيجاڭ (ھازىرقى گۇۋۇ ئەتراپى) بەگلىكنىڭ بېگى جژتيەن شىنجاڭنىڭ كۈچ - قۇدرىتى تەدرىجىي ئۆرلەشكە باشلىدى. جژتيەن دېگەن بۇ ئادەم ئادەتتىكى ياپونلۇقلارغا ئوخشىمايتتى. باشقىلارنىڭ ھەممىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلسا، ئۇ غەرب ئەجنەبىيلىرىنىڭ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى؛ باشقىلار جەڭ قىلغاندا قىلىچ ۋە ئۇزۇن نەيزىلەرنى ئىشلەتسە، ئۇنىڭ قوشۇنىدىكىلەر پۈتۈنلەي غەرب ئەللىرىدە ياسالغان مىلتىق - توپلارنى ئىشلىتەتتى. شۇڭا، ئۇ 11 يىل ئىچىدىلا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 36 بەگلىكنى يوقاتتى. 1573 - يىلى، جژتيەن پايتەختكە باستۇرۇپ كىرىپ، چوڭ ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋام قىلغان «بەگلىكلەر ئۇرۇش دەۋرى» گە خاتىمە بەردى. جژتيەن، خاندانلىق ھاكىمىيىتىنى جەمئىي توققۇز يىل ئىگەللەپ تۇردى. 1582 - يىلى، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئىسيان كۆتىرىپ، جژتيەننى پايتەختتىكى بىر ئىبادەتخانىغا قورشىۋېلىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەت مالىمانچىلىقتا قالدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا شيۇجى دېگەن بىر سەركەردە بولۇپ، ئۇ تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان ئىدى، ئۇ ھەر تەرەپتىكى ئۇرۇشلاردا تەكرار خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، ئەمىلىي كۈچى ئەڭ چوڭ ھەربىي قوماندانغا ئايلانغان ئىدى. جژتيەن ئۆلگەندىن كېيىن، شيۇجى، ساماۋى خاننى ھىمايە قىلىش نامى بىلەن 20 تۈمەندىن كۆپرەك ئادەم بار قوشۇننى باشلاپ يۈرۈپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ پايتەخت ئەتراپى، سىگو، جيۇجۇ، گۇەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى بەگلىكەرنى تىنجىتىپ، 1590 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. جايلاردىكى بەگلىكلەر ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە قايىل بولمىغان ئىدى. شۇڭا،م شيۇجى يەنە بىر قارارغا كەلدى. شيۇجى خارابلاشقان پايتەختتە ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن مىسلىسىز گۈزەل بىر خانبالىق ياساشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى چىۋەر ئۇستىلار توپلاندى، ھەر كۈنى 30 تۈمەن ھاشاچى ناھايىتى يىراقتىكى تاغلاردىن غايەت يوغان قىيارلارنى توشۇدى. بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا خانبالىق پۈتتۈرۈلدى، شيۇجى بۇ شەھەرگە «شاتلىق شەھەر» دەپ نام بەردى. بىر كۈنى، شيۇجى ساماۋى خان، خانزادە، خانىش - مەلىكىلەرنى شاتلىق شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ، مەملىكەت بويىچە چوڭ - كىچىك بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوردىغا كېلىپ ساماۋى خاننى تاۋاپ قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. شيۇجى زەر كەشتىلەنگەن سۆلەت كىيىمىنى كىيىپ، قەلەمكەش ھەم ئەلەمكەش ئەمەلدارلىرىنى ئەگەشتۈرگەن ھالدا ئالدى بىلەن كىرىپ ساماۋى خانغا باش ئۇردى. «كەمىنە ۋەزىرلىرى ھەزرەتلىرىگە تىۋىنگىلى كەلدىم. ھەزرەتلىرىگە تۈمەن يىل، تۈمەن مىڭ يىللىق ئۆمۈر تىلەيمەن!» شيۇجىنىڭ ئاللىقاچان چوڭ ھوقۇقنى قولغا ئېلىۋالغانلىقى، ھازىر پەقەت ساماۋى خاننىڭ نامى بىلەن بەگلەرگە ئۆز تاماشىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈنلا بۇ يەردە باش ئۇرۇۋاتقانلىقىنى خان ئۆز كۆڭلىدە چۈشىنەتتى. شۇڭا نامى خالىس گەپتىن بىرنى قىلدى: - ۋاپادار ۋەزىرىم، مۇشەققەتلەر ئىچىدە كېزىپ يۈرۈپ، ئالىي خىزمەت كۆرسەتتىڭىز، مەن ھازىر سىزگە «گۇەنبەي» ئۇنۋانى فېڭچن نامى بەردىم، گۈلىرەنا ۋە ياكى دۆلىتى بايلىق تاللاش ئىختىيارىڭىزدۇر. - ھەزرىتىمنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت! ياشىسۇن ساماۋى خانىمىز! تۈمەن مىڭ يىللار ياشىسۇن! - فېڭچېن شيۇجى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋەزىلەر ئورنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ تىك تۇردى. ئۇنىڭ قەلەمكەش ھەم ئەلەمكەش ئەمەلدارلىرىغىمۇ بىر - بىرلەپ ئۇنۋان بېرىلدى. «گۇەنبەي» دېگەن ياپونىيىنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ، ۋەزىرگە تەڭ كېلەتتى. بەگلەر ساماۋى خاننى تاۋاپ قىلغاندا، فېڭچېن شيۇجى گۇەنبەيلىك سالاھىيىتى بىلەن گەپلەرنى نەق مەيداندىلا قەسەم قىلدۇردى: «ساماۋى خاننى ياقىلاپ، گۈەبەيگە بويسۇنىمىز، خىلاپلىق قىلساق كاللىمىز ئېلىنىپ نەسلىمىز قۇرۇتۇلىدۇ!» - دەپ قەسەم ئىچتى بەگلەر. قەسەمدىن كېيىن، ئۇ 5 كۈنگىچە كاتتا زىياپەت بېرىپ، بەتخەجلىكتە تارىختا ئۆتكەن خان - پادىشاھلاردىن ئاشۇرۇۋەتتى. مانا مۇشۇنداق باش قاتۇرۇپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق فېڭچېن شيۇجى ئاخىرقى ھېسابتا بەگلەرنى بويسۇنسۇرۇۋالدى. فېڭچېن بولسا، جژتيەنگە ئوخشىمايتتى. ئۇ: كاتولىك دىنى دېگەن ئەجنەبىيلەرنىڭ دىنى، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندا، ئەجنەبىيلەرنىڭ ئۇياق - بۇياق قىلىشىغا بويسۇنۇشى توغرا كېلىدۇ، دەپ ئويلايتتى. شۇڭا، ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە جايلاردا كاتولىك دىنىنى مەنئىي قىلىپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئارقىسىدىنلا يەنە: «كاتتا بۇتساۋا ياساش ئۈچۈن مىخ، ھەرىگە ئېھتىياج تۇغۇلدى. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پۇقرالار ئۆيلىرىدىكى قىلىچ، مىلتىق قاتارلىق قوراللارنىڭ ھەممىسىنى 30 كۈن ئىچىدە مەھكىمىگە تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇ _ ئەل - جامائەتنىڭ شات - خۇراملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان چوڭ ئىش بولغاچقا، ئارقىلىق قىلماي ئىجرا قىلىشىڭلارنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز! ئەجەبا بىر نەچچە تال مىخ ۋە ھەرىگە ھاجەت تۇغۇلغانمۇ؟ ياق بۇ فېڭچېننىڭ ھىيلىسى ئىدى. چۈنكى بەگلىكلەر ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، يوقسۇل دېھقانلار ۋە سامۇرايلار جاننى قويغۇدەك يەر تاپالماي، ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. فېڭچېننىڭ كاتتا بۇتساۋا ياساش باناسى بىلەن قورال - ياراقلارنى يىغىۋېلىشى، ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ جاي - جايلىرىدا: «گۇەنبەي جاناب چۈش كۆرگەن كۈنى تۇغۇلغان» ئىكەن، قۇياش نۇرى يەتكەن جايلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى لازىم ئىكەن دېگەن ئاجايىپ رىۋايەت تارقالدى. «چۈش كۆرگەن كۈنى تۇغۇلغان» دېگەن بۇ رىۋايەت فېڭچېن شيۇجى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئانىسى بىر چۈش كۆرۈپ، چۈشىدە قۇياشنى كۆرگەن ئىكەن. كىشىلەر فېڭچېن شيۇجىغا ئالەمنى يورۇتىدىغان قۇياشقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك دېگەن مەنادا تارقالغان ئىكەن. بۇ رىۋايەتنىڭ نەدىن تارقالغانلىقىغا كەلسەك، بۇمۇ فېڭچېننىڭ ھىيلىسى بولۇپ، ئۇ خۇراپىيلىقتىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى قورقۇتماقچى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تېخىمۇ چوڭ قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئىكەن. «قۇياش نۇرى يەتكەن جايلارنىڭ ھەممىسى بويسۇنۇش» دېگىنى - فېڭچېن شيۇجىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمران بولماقچى بولغىنى ئىكەن. بۇ رىۋايەت تارقالغاندىن كېيىن، فېڭچېننىڭ قورسىقىدىكىنى بىلىدىغان بىرمۇنچە قەلەمكەش ھەم ئەلەمكەش ئەمەلدارلار گۇەنبەي مەھكىمىسىگە كېلىپ ئۇنى تەبرىكلىدى. فېڭچېن ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك «ئۈچ تۈرلۈك پىلان» ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئىككى يىل ئىچىدە ئەسكەر چىقىرىپ چاۋشىيەننى يوقىتىپ، ئۇنى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ ھىندىستاننى يوقىتىپ، ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولۇش. - جانابلار، - دېدى فېڭچېن شيۇجى تېخىمۇ گىدىيىپ، - سىلەر ماڭا جۇڭگونى ئېلىشقا كۈچەپ جەڭ قىلىشىپ بېرىدىغانلار بولساڭلار، سىلەرگە ئون ھەسسە ئارتۇق خوجىلىق يېرى بېرىمەن! ھا- ھا - ھا! ياپونىيىنىڭ 66 ۋىلايىتىنى تىنجىتىپ بولدۇم، ھازىر جۇڭگونىڭ 400 ۋىلايىتىنى قولغا ئالماقچىمەن! - ھەممىدە گۇەنبەي جانابلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى بىجا كەلتۈرىمىز! جەڭگە قاچان ئاتلىنىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئىجازەت بەرگەيلا؟ - ئۇرۇش ئارقىلىق باي بولۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتقان قەلەمكەش ھەم ئەلەمكەش ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى فېڭچېنگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن بەس - بەس بىلەن بارىكاللا ئوقۇشتى. دەل شۇ چاغدا، فېڭچېن شيۇجىنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى فېڭچېن شيۇىدىن كۈتۈلمىگەن بىر خەت كېلىپ قالدى. ئۇ خەتتە: مەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن، يامان يېرى كەلسە تېخى جاندىن ئايرىلىمەن، ئەمما ھەممە خورلۇق بېقىۋالغان دادامغا يېتىدۇ دەپ قاراپ، ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. فېڭچېن شيۇجى پېشانىسىنى تۇتۇپ، قوشۇمىسىنى بىر تۈرۈۋىدى، كۆڭلىگە ئەقىل كەلدى، ئۇ شۇئان موي قەلەمنى ئالدى - دە، تېزلىكتە بىر پارچە خەت يېزىپ دەرھال قول ئاستىدىكىلەردىن ئەۋەتتى. ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى بۇ خەتنى كۆرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا قول ئاستىدىكى ھۇدەيچىلەرگە: «سەركەردىلەرگە دەرھال مۇھاكىمە قىلىشقا ئۇقتۇرۇڭلار، چاۋشىيەنگە قاچان ئەسكەر چىقىرىشنى مەسلىھەتلىشىمىز!» - دەپ ئۈنلۈك بۇيرۇق بەردى. فېڭچېننىڭ بېقىۋالغان ئوغلىنىڭ ئىدىيىسى نىمىشقا مۇنچىۋالا تېز ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟ ئەسلىدە فېڭچېن شيۇجى ئۇنىڭغا يازغان خېتىدە: «چاۋشىيەننى ئېلىپ، بېيجىڭغا قەدەم قويىدىغانلا بولساڭ، جۇڭگونىڭ گۇەنبەيى سەن بولىسەن!» دېگەن ئىدى. فېڭچېنلار ئاتا - بالا بىرسى - بىرسىدىن ئەزۋەيلەپ، ئۇخلىماي چۈش كۆردى! ئەمما، چاۋشىيەنگە قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
فېڭچىن شيۇجى | UyghurWiki | UyghurWiki