UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭدانىشمەن بالا

دانىشمەن بالا

بەش مىڭ يىل ۋېنادىكى شېنبالۇن يازلىق سارىيى ئاجايىپ قىزىپ كەتتى، ئاۋستىرىيە پادىشاھىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەر توپ - توپ بولۇپ مۇزىكا زالىغا كىرىشتى، ئۇلار «زېرەك بالا» ئورۇنلايدىغان مۇزىكا نومۇرلىرىنى ئاڭلىغىلى كەپتۇدەك. ئەمما ئۇلار قىزىقسىنىشتىن باشقا، ئىشىنىپ - ئىشەنمەي كېلىشكەن ئىدى. پەردە ئېچىلدى، ئىككى بالا سەھنىگە چىقتى. ئاچىسى 11 ياش، ئىنىسى ئاران ئالتە ياش ئىدى. ئۇلار تاماشىبىنلارغا ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ تازىم قىلدى، ئولتۇرغاندىن كېيىن، رايالغا تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا باشلىدى، مۇزىكا ئاجايىپ يېقىملىق ئاڭلىناتتى. ئاندىن ئۇلار ئايرىم - ئايرىم نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. ئوغۇل بالا ئورۇنلىغان نومۇرلار تېخىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ ئىسكىرىپكىنى چالغاندا، خۇددى بۇلبۇل سايرىغاندەك يېقىملىق ئاڭلىناتتى، كونا پاسوندىكى رايالنى چالغاندا، رايال ئاۋازى گويا شىرىلداپ ئاققان بۇلاق سۈيىدەك راۋان، ساز ئاڭلىناتتى؛ ئاندىن ئۇ گارمۇن قاتارلىق بىر مۇنچە مۇزىكىلارنى چالدى. ئۇ ئورۇنلىغان مۇزىكىلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى مۇزىكا پىرلىرىنىڭ قىيىن مۇزىكىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قىل سىغمايدىغان دەرىجىدە يېقىملىق ۋە چەبدەسلىك بىلەن ئورۇنلىدى. بۇ ئاخايىپ يېقىملىق مۇزىكا ساداسى تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلىۋالغانلىقتىن، ئۇلار دەممۇ دەم قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ تۇردى. - ئۇماق ئوغلۇم، ئۆزەڭمۇ مۇزىكا ئىجاد قىلالامسەن؟ - دەپ سورىدى ئاقسۆڭەك خانىم ئالتە ياشلىق ئوغۇل بالىدىن. - خانىم، ئۆزلىرى بىرەر تېما كۆرسىتىپ بەرسىلە! - دېدى بالا تەمكىنلىك بىلەن. ئاقسۆڭەك خانىم ھودۇقۇپ ھەيران بولدى. كىچىككىنە بالىمۇ باشقىلار كۆرسىتىپ بەرگەن سيۇژېت بويىچە مۇزىكا ئىجاد قىلالامدىكىن - ھە! ئۇ سىناپ باقماقچى بولۇپ بىر تېما چىقىرىپ بەردى. ئوغۇل بال رايال ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بېشىنى كۆتەرگەن پېتى بىر پەس ئويلىدى - دە، دەرھال رايال تىللىرىنى باستى، رايال ساداسى گويا سۈزۈك بۇلاق سۈيى شىلدىرلىغاندەك ياڭراپ، ئاساسىي تېمىدىكى رىتىملار جايىدغا ئورۇنلاندى. تاماشىبىنلار ھاڭ - تاڭ قېلىپ، خوشاللىقىدىن ئۆزىنى توختىتىۋالالماي ئاپىرىن ئوقۇدى. - ئەقىللىق ئوغلۇم، سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ شۇنچە مەلىكىلىشىپ كەتكىنىدىن قارىغاندا، رايالنىڭ تىللىرىنى قارىمايمۇ باسالايدىغان ئوخشىمامسەن؟ - دېدى ئاقسۆڭەك بايۋەچچە كۈلۈمسىرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ. - ماختىغانلىرىغا رەھمەت، ئەپەندىم بىر پارچە لاتا بەرسىلە، - دېدى بال يەنە تەمكىنلىك بىلەن. تۆۋەندىكىلەر بىر پارچە ئاق لاتا ئەكىلىپ، رايالنىڭ تىلىغا يېپىپ قويدى. بالا ئىككى قولىنى ئۇزىتىپ لاتا ئاستىغا تىقتى. دېمەك، رايالنىڭ تىلىمۇ، بالىنىڭ قولىمۇ كۆرۈنمىدى. رايال جاراڭلاپ، دۇنيا بويىچە داڭلىق ۋە مۇرەككەپ بىر كۈي پۈتۈن زالدا جەۋلان قىلىپ، كىشىلەرنى ئاخايىپ بىر مەنزىرىگە ئېلىپ كىردى. - دانىشمەن بالىكەن! دانىشمەن بالىكەن! - نامىغا لايىق دانىشمەن بالىكەن! - دېيىشتى تۆۋەندىكىلەر تەنتەنە قىلىشىپ. ۋېنا دۇنيا بويىچە داڭلىق مۇزىكا مەركىزى بولۇپ، بۇ يەردە نۇرغۇن مۇزىكا پىرلىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ بال بۇ يەردە ئىككى ھەپتىگىچە ئۈزمەي مۇزىكا ئولتۇرۇشى ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زال ھەر كۈنى لىق توشۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى، بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىدى! بۇ ئىش 1762 - يىلى كۈزدە بولۇپ ئۆتكەن، ئاچىسىنىڭ ئىسىمى ئاننا مارىيە، ئۇكىسىنىڭ ئىسىمى ۋولفگاڭ موزارت ئىدى. كىچىك موزارت 1756 - يىل 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى ئوبېرت موزارت ئاۋستىرىيىنىڭ زالىتسبۇرگ شىتاتىدىكى داڭلىق مۇزىكانت ئىدى. ئۇنىڭ تالانتى دىنىي كۈچلەرنىڭ تەقىبىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۈمىدىنى كېيىنكى ئەۋلادىغا باغلاپ، كىچىك موزارتنى پۈتۈن زېھنى ۋە كۈچى بىلەن تەربىيلىدى. كىچىك موزارتمۇ ئالاھىدە ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بولغانلىقتىن، ئۈچ يېشىدا مۇزىكىنى چۈشىنىدىغان، تۆت يېشىدا رايال بىلەن گارمون چالىدىغان، بەش يېشىدا مۇزىكا مەشىق قىلىدىغان بولدى. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەندە، دادىسى مەشق ئۇنى ۋېناغا ئېلىپ بېرىپ، مۇزىكا ئولتۇرۇشى ئۆتكۈزدى، ئارقىدىنلا بالىنى ئېلىپ ياۋروپادا 10 يىل ساياھەت قىلىپ، ھەر قايسى ئەللەردىكى داڭلىق ئۇستىلارنى زىيارەت قىلىپ، ماھارەت ئۆگەندى ۋە ئويۇن قويدى. 1763 - يىلى كىچىك موزارت پارىژدا مۇزىكا ئولتۇرۇشى ئۆتكۈزگەندە، ئولتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى لەرزىگە كېلىپ، پۈتۈن فرانسىيىنى قايىل قىلدى. پارىژ كىتابخانىسى يەتتە ياشلىق بۇ بال ئۈچۈن مۇزىكا ئىجادىيەت توپلىمىنى نەشىر قىلىپ، ئۇنىڭغا كىچىك موزارت فرانسىيىدە ئىقاد قىلغان تۆت پارچە رايال ۋە ئىسكىرىپكا مۇزىكىسىنى كىرگۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن، دادىسى ئۇنى ئەنگىلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېلىپ باردى ۋە ھەممىسىدە قىزغىن قارشى ئېلىندى. موزارت 1764 - يىلى قاتناشقان بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئىمتىھان ھەممىدىن قىزىق بولدى. بولونىيە مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدىكى پروفېسسورلار موزارتنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە تالانتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇنى بىر كىچىك ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، قولىغا قەغەز تۈگۈنچەكنى بەردى. - ئوغلۇم، قەغەزدە بىر تېما بار، سىزنىڭ ئىككى سائەت ئىچىدە رايال مۇزىكىسىدىن بىرنى ئىجاد قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز، - دېدى پروفېسسورلار. ئاندىن موزارتنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ، ئىشىككە قولۇپ سالدى. مۇتەخەسسىس، پروفېسسورلار پاراڭ سېلىشىپ تۇراتتى، يېرىم سائەت ئۆتە - ئۆتمەيلا، موزارت ئىشىكنى «گۇم - گۇم!» ئۇردى. پروفېسسورلار ھەيران بولۇپ ئىشىكنى ئېچىۋىدى، موزارت ھىجىيىپ ئۆيدىن چىقتى ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى خوشال - خورام ھالدا تاپشۇردى. پروفېسسورلار ئۇنىڭ ئەسىرىنى تەپسىلىي باھالىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھەممىسى ئاپىرىن ئوقۇدى. چۈنكى، ئۇلارغا مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر پارچە رايال مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلىش تاپشۇرۇلغان بولسا، بۇنى ئورۇنلاش ھەممىسىگە قىيىن چۈشەتتى. موزارت گەرچە مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇزىكا قابىلىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئاتا قىلغىنى غۇربەتچىلىك ۋە زۇلۇمدىن ئىبارەت بولدى. ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي قارا كۈچلەر ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاتمۇ قات توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇ زوراۋانلىققا قارىماي، زىيانكەشلىك قىلىنىشتىن قورقماي، كەمبەغەللىك ۋە قىيىنچىلىق شارائىتتىمۇ ئۆزلۈكسىز ئىجاد قىلدى ۋە كۈرەش قىلدى. ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا، 17 ئوپېرا، 49 سىمفونىيە ۋە نۇرغۇن مۇزىكا ئىجاد قىلىپ«18 - ئەسىردىكى مۆجىزە» دەپ ئاتالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «فېكارونىڭ تويى»، «دون. جان» قاتارلىق ئوپېرالىرىدا، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىك ۋە ساختىلىقلىرىنى قاتتىق سۆكتى ۋە مەسخىرە قىلدى، بۇ ئەسەرلەر ئىجابىي ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ۋە دېموكىراتىك روھقا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 1791 - يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كېچىدە، موزارت ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئاستىدا ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ چاغدا ئۇ تېخى 36 ياشقا توشمىغان ئىدى. جىنازا چىقىرىلغان كۈنى قاتتىق قار يېغىپ، ھېچبىر يەرنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قار قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كەمبەغەللەر قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. كەمبەغەللەر قەبرىستانلىقىغا جەسەتلەر ئۈستى - ئۈستىگە قويۇلغانلىقتىن، موزارتنىڭ جەسىدىنى ئايرىۋالغىلى بولمىدى. شۇڭا، موزارتنىڭ زادى نەگە دەپنە قىلىنغانلىقى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما بىر ئەۋلاد مۇزىكا پىرى ۋولفاگاڭ موزارتنىڭ نامى كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ساقىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ