مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشى
بەش مىڭ يىل
ياپوىيىنىڭ پيورل - خاربورغا قىلغان ئۇشتۇمتۇت ھۇقۇمى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈردى. پيورل - خاربوردا، ئامېرىكىنىڭ تەبىر - تەرجىمە گۇرۇپپىسى كېچە - كۈندۈز ياپونىيىنىڭ مەخپىي تېلېگراممىسىنى تىڭشىدى. ياپونىيە ئارمىيە شتابىنىڭ تىنچ ئوكيان پاراخوت ئەترىتىگە بەرگەن بىر قاتار تېلېگراممىلىرى ئىچىدە، «AF» ھەرپى كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك قوزغىدى. بۇ شەرتلىك بەلگە بىرەر چوڭ ھەربىي ھەرىكەتتىن ئېنىق دېرەك بېرەتتى.
_ «AF» ، ھە ئەمدى ئېسىمگە كەلدى....
تېلېگرامما تەرجىمانى ياپونىيىنىڭ ئاۋىئاماتكا ئايروپىلانلىرى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن پيورل - خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندا، ياپونىيىنىڭ بىر تېلېگراممىسىدا «AF» نى تىلغا ئالغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈردى. تېلېگراممىدا، ئاۋىئاماتكا ئايروپىلانلىرى بۇيرۇققا بىنائەن «AF» ئەتراپىدىكى بىر كىچىك ئارالدا ماي قاچىلايدۇ، دېيىلگەنىدى.
_ «AF» پەقەت مىدۋېي ئارىلىنى كۆرسەتسە كېرەك! _ دەپ پەرەز قىلدى تېلېگرامما تەرجىمانى.
بۇ ئاخباراتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى بۇيرۇق بويىچە، جەلپ قىلىش خاراكتېرىدىكى بىر پارچە ئىنگلىزچە ئاددىي تېلېگراما تارقىتىپ، مىدۋېي ئارىلىدا تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەشتە كاشىلا تۇغۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ «AF» ئارىلىدا تاتلىق سۇ قىس بولۇشى مۇمكىن دېيىلگەن بىر مەخپىي تېلېگرامى قولغا چۈشتى.
_ ئويلىغىنىمىزدەك بولۇپ چىقتى، ياپونىيىنىڭ بۇ چوڭ ھەربىي ھەرىكىتى مىدۋېي ئارىلىنى كۆرسىتىدۇ! _ دېدى ئامېرىكىنىڭ مىدۋېي ئارىلىنى كۆرسىتىدۇ! _ دېدى ئامېرىكىنىڭ مىدۋېي ئارىلىدىكى جەڭگە مەسئۇل بولغان كوماندىرى گېنېرال پولكوۋنىڭ نېمىز ۋە ئۆز يولى بىلەن ئۆزىنى باپلاش، توزاق قۇرۇپ ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى تورغا چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى.
مىدۋېي ئارىلى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئاۋىئاتسىيە بازىسى ئىدى. ياپونىيە پيورل - خاربورغا قىلغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدا زور غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرى بۇ چاغدا پورتتا بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى. بۇ ھال ياونىيىلىكلەرنى خاپلىققا سېلىپ قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياپونىيە ئەڭ زور ئۈستۈن كۈچىنى توپلاپ، ئاېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش قارارىغا كەلدى. بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مىدۋېي ئارىلىنى ئېلىشى، ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى.
ياپونىيىنىڭ مىدۋېي ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىدىغان دېڭىز ئارمىيىسىگە يەنىلا باش قوماندان، گېنېرال شەنبېن ۋۇشىليۇ باشچىلىق قىلدى. بۇ پاراخوت ئەترىتى جەمئىي سەككىز ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن پاراخوت ئەترىتىگە بۆلۈندى: 2 - ئەترەتكە گېنېرال لېيتىنانت نەنيۈن قوماندانلىق قىلىپ، پىلان بويىچە غەربىي شىمال تەرەپتىن ئاساسىي ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى، قالغان يەتتە پاراخوت ئەترەتلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇھاپىزەت قىلىش، راۋېتكا قىلىش، ئېھتىياتتا تۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە گېنېرال لېيتىنانت نەنيۈنگە ماسلىشىپ، مىدۋېي ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى. شەنبېن ۋۇشىليۇ باشچىلىق قىلغان 8 - پاراخوت ئەترىتى مىدۋېي ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىزدا تۇرۇپ، پۈتۈن جەڭگە قوماندانلىق قىلىدىغان بولدى.
6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەردە، ياپونىيىنىڭ سەككىز پاراخوت ئەترىتى ئالدىن بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ باردى. 4 - كۈنى كۈن چىقىشقا 40 مىنۇت قالغاندا، نەنيۈننىڭ قىسىملىرى ئاۋىئاماتكىدىكى ئاۋاز كۈچەيتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق: «ئۇچقۇچىلار يىغىلسۇن!» دەپ بۇيرۇق بەردى. ئارقىدىنلا «چىشچېڭ»، «جياخې»، «ئۇچار ئەقدىھا» ۋە «ساڭلۇڭ» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تۆت ئاۋىئاماتكىدا تەڭلا چىراغ يېقىلدى. ئۇچقۇچىلار پاراخوت ئۈستىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئايروپىلانىغا قاراپ يۈگۈردى.
_ ئۇچۇش باشلانسۇن!
15 مىنۇت ئىچىدە 108 ئايروپىلان ئاۋىئاماتكىدىن ئۇچۇپ، گۈركىرىشىپ بىر ئايلانغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇب تەرەپكە كەتتى. بىردەمدىن كېيىن، ئاۋاز كۈچەيتىش ئاپپاراتىدىن: «2 - قېتىملىق زەربىگە تەييارلان!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. كۆتۈرۈلۈش - چۈشۈش ماشىنىسى ئايروپىلانلارنى ئاۋىئاماتكا ئۈستىگە ئاچىقتى. نەنيۈن ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، غەلىبە خەۋىرىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.
شۇ چاغدا، ئامېرىكىنىڭ باش كوماندىرى گېنېرال مايور نېمىز سەپ تارتىپ تەييار تۇرغانىدى. ياپونىيە ئايروپىلانلىرى مىدۋېي ئارىلىغا 30 مىل قالغاندا، 25 «تالا مۈشۈكى» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاندىن تەركىب تاپقان توسۇپ زەربە بېرىش ئەترىتى ياپونىيە ئەسكەرلىرى ئالدىدا ھازىر بولدى. ياپونىيىنىڭ مۇھاپىزەچى ئايروپىلانلىرى «تالا مۈشۈكى» بىلەن شىددەتلىك جەڭ باشلىۋەتتى. «تالا مۈشۈكى» مەغلۇپ قىلىندى. ياپونىيىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى مىدۋېي ئارىلىنىڭ ئۈستىگە يېتىپ كېلىپ، ئامېرىكا مىناميوتچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئوت كۈچىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 250 كىلوگراملىق بومبىلارنى كەينى - كەينىدىن تاشلاۋەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 12 ئۇپۇقنى بومباردىمان قىلىش ئايروپىلانى 800 كىلوگراملىق بومبىلارنى ئارقا - ئارقىدىن تاشلاپ، ئايرودرومنى بومباردىمان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى بومباردىمان قىلالمىدى. چۈنكى ئۇلار بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقتىن، بەزىلىرى ئۇچۇپ كۆككە چىقىۋالغان، بەزىلىرى توسۇپ زەربە بېرىشكە ۋە ھۇجۇمغا ئەۋەتىلگەن، قالغانلىرى يوشۇرۇپ قويۇلغانىدى.
نەنيۈن 2 - قېتىملىق زەربىگە تەييارلىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەندە، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئدمىرالى سپرۇئېس قوماندانلىقىدىكى ئالدىنقى پاراخوت ئەترىتى ياپونىيە ئاۋىئاماتسكىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەممە تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ قويغانىدى. نەنيۈننىڭ ئىككى - تۈركۈم ئايروپىلانلىرى قوزغالغىچە، ئامېرىكىنىڭ تۆت سۇ بومبىسى ئايروپىلانى تۇيۇقسىزلا نەنيۈن پاراخوت ئەترىتىنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولدى. نەنيۈن مىناميوتچىلارغا قاتتىق ئوققا تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. ئامېرىكىنىڭ ئۈچ ئايروپىلانى بىردەمدىلا دېڭىزغا غەرق قىلىندى، بىرسى قايتىپ كەتتى. بىراق، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، يەنە يەتتە ئايروپىلان ياپونىيە ئاۋىئاماتكىسىغا باتۇرلۇق بىلەن سۇ مىناسى قويۇپ بەردى؛ ئەمما، ئۇنىڭ بىرسىمۇ تەگمىدى، ئايروپىلاننىڭ كۆپ قىسمى ئۇرۇپ چۈشۈرۈلدى. نەنيۈن، ھەرقانداق چىقىملارغا قارىماي،مىدۋېي ئارىلىدىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى يوقاتمىغۇچە تەھدىت تۈگىمەيدىغانلىقىنى تونۇغانىدى. سائەت ئوندىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، نەنيۈن 2 _ تۈركۈم ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە پارتىلايدىغان بومبىلارنى ئېلىپ، بەش مىنۇت ئىچىدە پۈتۈنلەي ئۇچۇپ بولۇپش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.
مۇشۇ قىسقىغىنا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان بەش مىنۇت ئىچىدە جەڭ ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش يۈز بەردى!
سائەت ئوندىن 24 مىنۇت ئۆتۈپ، نەنيۈن ئۇچۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن، ئۇچقۇچىلار باشلىقى بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، شەپەرەڭ شەكىللىك بىرىنچى ئايروپىلان ئاۋىئاماتكىدىن كۆتۈرۈلگەندە، دۇربۇنچى ئۇشتۇمتۇتلا:
_ شۇڭقۇغۇچ بومباردىمانچى ئايروپىلان! _ دەپ ۋاقىرىدى.
بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭلا، ئامېرىكىنىڭ «قورقماس» بەلگىلىك ئۈچ بومباردىمانچى ئاروپىلانى نەنيۈن تۇرغان بايراقدار پاراخوت «چىشچېڭ» غا قاراپ شۇڭغۇپ كەلدى. ياپونىيە پاراخوتىدىكى توپ - زەمبىرەكلەر بومباردىمانچى ئايروپىلاننى قاتتىق ئوققا تۇتتى، شۇنداقتىمۇ كېچىككەنىدى. بىردەملىك قورقۇنچلۇق ئۈشقىرتىشلار بىلەن تەڭ قارامتۇل بومبىلار ئايروپىلاننىڭ قانىنى ئاستىدىن لەپەڭشىپ چۈشۈشكە باشلىدى؛ ئارقىدىنلا بومبىلارنىڭ گۈلدۈرلىگەن پارتلاش ساداسى ئاڭلاندى. ئاندىن كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇر بىلەن تەڭ يەنە بىردەم پارتلاش بولدى. پاراخوتتىكى توپ _ زەمبىرەكلەر ئئېتىشتىن توخاپ، شۇنچە كاتتا ئاۋىئاماتكا جىمىپ قالدى. «چىشچېڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىغا ئاران ئىككى بومبا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كەلتۈرۈ چىققان بېنزىن ۋە ئوق _ دورىلارنىڭ پارتلىشى ئارقىسىدا، ئاسماننى ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇۋاق _ چۈۋەكلەر قاپلىدى. ئوت پاراخوت ئۈستىگە يامراپ ئايروپىلاندى ھېلى تاشلانغان سۇ بومبىلىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۈتۈن ئايروپىلان ئامبارلىرى بىردەمدىلا ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ، شۇنچە زور ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى.
_ باشلىق! - دېدى پاراخوت باشلىقى چىڭمۇ گېنېرال لېيتىنانت نەنيۈنگە، _ بىز سىزنىڭ دەرھال يۆتكىلىپ، قىسىملارغا داۋاملىق قوماندانلىق قىلىشىڭىزنى تىلەيمىز.
نەنيۈن نائىلاج بېشىنى لىڭشىتقان بولسىمۇ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بايراقدار پاراخوتىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.قايتا - قايتا سۈيلىگەندىن كېيىنلا، ئۇ قوماندانلىق بايرىقىنى ئېلىپ، ئارقانغا يامىشىپ، «چاڭلياڭ» نالىق ئوكيان چارلاش پاراخوتىغا يۆتكەلدى.
«چىشچېڭ» ناملىق پاراخوتتىكى يالقۇن تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتتى، تالاپەت ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، پۈتۈن پاراخوت ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ قالدى. 5 - كۈنى سائەت ئۈچتىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، گېنېرال شەنبېن تاقەتىسزلىك بىلەن «چېشچېڭ» ناملىق پاراخوتنى چۆكۈرۈۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. «يېفىڭ» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ باشلىقى بۇيرۇققا بىنائەن، «چىشچېڭ» ناملىق پاراخوتقا قۇدرەتلىك، يېڭى تىپتىكى سۇ مىناسىنى قويۇپ بەردى. يەتتە مىنۇتتىن كېيىن، بۇ كاتتا پاراخوت دېڭىزغا غەرق بولۇپ، سۇ ئاستىدا دەھشەتلىك پارتلاش يۈز بەردى. «يىفىڭ» ناملىق پاراىوتنىڭ باشلىقى ئۆزىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى دېڭىزغا پاتۇرۇۋېتىش بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىكى بىرىنچى ئوققا تۇتۇش نىشانى بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى!
«چىشچېڭ» ناملىق پاراخوت پارتلىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ توققۇز شۇڭغۇغۇچ ئايروپىلانى «چېشچېڭ» ناملىق پاراخوتنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى «جياخې» ناملىق پاراخوتقا قاراپ شۇڭغۇدى. بۇ ئايروپلانلارنىڭ ھەممىسى بىردىن بومبا تاشلاپ ئۆتتى. ئالدىنقى ئۈچ بومبا جايىغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، كېيىنكى ئالتە بومبا «جياڭخې» ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ باش، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى قىسمىغا چۈشۈپ، پۈتۈن پاراخوتنىڭ ئۈستىگە ئوت كەتتى، يوشۇرۇنغۇدەك بىرەر جايمۇ چىقمىدى. ياپونىيىنىڭ خىللانغان ئاۋىئاماتكىسى ھېسابلانغان بۇ پاراخوت ئاخىرقى ھېسابتا يالقۇن ئىچىدىكى كېمە جىنازىسىغا ئايلىنىپ، ئىككى قېتىملىق قاتتىق پارتلاشتىن كېيىن، دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتتى.
«چىشچېڭ» ناملىق پاراخوتنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى «ساڭلۇڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىغا «جياڭخې» ناملىق پاراخوتقا قارىغاندا ئاران بىر بومبا ئاز چۈشكەنىدى. يالقۇن ۋە پارتلاش نۇرغۇن كىشىنى بىراقلا دېڭىزغا غەرق قىلدى، قالغان ماتروسلار ئىككى ئوكيان چارلاش پاراخوتىغا چىقىۋالدى. ئۇلار بۇ يەردە «ساڭلۇڭ« ناملىق پاراخوتنىڭ دېڭىز يۈزىدىن غايىب بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى. پاراخوت باشلىقى ۋە 718 ئادەم ھەربىي پاراخوت بىلەن بىللە ھۆكۈپ كەتتى.
شەنبېن ۋۇشىليۇ ئۈچ ئاۋىئاماتكىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئىشنىڭ جايىدا بولمايۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئاخىرغىچە ئېلىشىش قارارىغا كەلدى، ئۇ ئالدىن ئەۋەتىلگەن پاراخوت ئەترەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىگە يېقىنلىشىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى ھەمدە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى شەنكوۋنىڭ بايراقدار پاراخوتى «ئۇچار ئەجدىھا» ناملىق ئاۋىئاماتكىدىن دەرھال قىساس ئېلىش ھۇجۇمىغا ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى. «ئۇچار ئەجدىھا» ناملىق پاراخوتتىكى 18 غۇڭغۇغۇچ بومباردىمانچى ئايروپىلان شەپەرەڭ شەكىللىك ئالتە كۈرەشچى ئايروپىلاننڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ «يوركتوۋن» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىغا ھۇقۇم قىلدى. «يوركتوۋن» ناملىق پاراخوتنىڭ ئوڭ بېقىنى بىلەن ئوتتۇرا قىسمىغا بومبا تېگىپ بىردەمدىلا غەرق بولدى.
«يوركتوۋن» ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا، ياپونىيىنىڭ «ئۇچار ئەجدىھا» ناملىق پاراخوتىدىكى ئايروپىلانلارمۇ زەخىملىنىپ تۈگىدى. «ئۇچار ئەجدىھا» ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى توختىماي دەھشەتلىك ھۇجۇم قىلىدىغان نىشان بولۇپ قېلىپ، ئىلگىرى _ كېيىن 79 ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۇ 26 سۇ مىناسى ۋە تەخمىنەن 71 بومبىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلۇپ قالدى، شۇنداقتىمۇ، ئىلگىرى _ ئاخىر تۆت بومبا تېگىپ، ئوت كەتتى ۋە پارتلىدى. «ئۇچار ئەجدىھا». «ئوت ئەجدىھا» غا ئايلىنىپ، ئاخىرىدا يۈرۈشتىن پۈتۈنلەي توختاپ قىڭغىيىپ قالدى. دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى شەنكۇ «ئۇچار ئەجدىھا» ناملىق پاراخوتنى سۇ مىناسى بىلەن غەرق قىلىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. «پاراخوت بىلەن بىللە ھالاك بولۇش» نى راۋا كۆرگەن دېڭىز ئارمىيەئادمىرالى شەنكۇنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 400 دىن ئارتۇق ماتروس جېنىدىن جۇدا بولدى.
مۇشۇ چاغدا، شەنبېن ئۆزىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىغا يېتىپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. ئەمما ئۇ كۆڭلىدە بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئاللىقاچان ئاياغلاشقانلىقىنى پەملىگەنىدى. ئۇنىڭ تۆت ئاۋىئاماتكىسى پۈتۈنلەي تۈگىدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاۋىئاماتكىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى بىكار ئاۋارىگەرچىلىك بولۇپ قالدى.
مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشى ياپونىيىنىڭ ئېغىر مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشتى: ياپونىيىنىڭ تۆت ئاۋىئاماتكىسى، بىر ئوكيان چارلاش پاراخوتى غەرق قىلىندى، 330 ئايروپىلانى ئرۇپ چۈشۈرۈلدى ۋە ۋەيران قىلىندى، نەچچە يۈزلىگەن تەجرىبىلىك ئۇچقۇچلىرى ئۆلدى، نەچچە مىڭ ماتروس ھاياتىدىن ئايرىلىپ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى. ئامېرىكا بولسا، ئاران بىر ئاۋىئاماتكا، بىر قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە 147 ئايروپىلانىنى زىيان تارتتى.
مىدۋېي ئارىلىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ياپونىيە تىنچ ئوكيانداھاۋانى ۋە دېڭىزنى تىزەىنلەپ تۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ياپونىيە بىر مۈدۈرۈس بىلەنلا ئورنىدىن ترالماي، ئاخىرىدا ھالاك بولۇشقا قاراپ ماڭدى.