ⅩⅩ ئەسىردىكى نيۇتون
بەش مىڭ يىل
1911 -يىلى، ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن بىر ئالىم، مەشھۇر پراگا ئۇنىۋېرستېتىغا پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىندى. بۇ ئالىمنىڭ ئىسمى ئېينشتېيىن ئىدى.
قائىدە بويىچە، تەكلىپ قىلىشتىن ئاۋۋال. تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ كۆرسىتىش خېنى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئېينشتېيىننىڭ كۆرسەتكۈچىسى گېرمانىيىلىك ئەڭ مەشھۇر فىزىك پلانك ئىدى. ئۇ كۆرسىتىش خېتىدە مۇنداق يازغان:
>ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيىسىگە سەمىمىي باھا بېرىش توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا ⅩⅩ ئەسىرنىڭ كوپىرنىكى دەپ باھا بەرسە بولىدۇ. مانا بۇ دەل مەن ئۈمىد قىلىدىغان باھا<.
بۇ باھا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز يۇقىرى بولۇپ كەتمىگەن. ئەمەلىيەتتە، ئېينىشتېيىن 1905 - يىلىلا فىزىكا جەھەتتە زور بۆسۈشكە مۇۋەپپەق بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغىنى - ئۇ ئىجاد قىلغان تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ تۇنجى 26 ياشتا ئىدى!
نيۇتون ئالەمنىڭ تارتىش قانۇنىنى تاپقاندىن كېيىن، كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەزلىك تەلىماتى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىلمىي ئاساسقا تۇرغۇزۇلدى. ئەمما، نيۇتون دىنامىكىسىنىڭ زامان ۋە ماكان قارشى تۇرغۇن، مۇتلەق بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىدا، ماكان، زامان، جىسىم ۋە جىسىم ھەرىكىتىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ ھېچقانداق ئىچكى باغلىنىشى يوق ھالدا يېگانە تۇراتتى. تار مەنىدىكى نىسپىي نەزەرىيە نيۇتوننىڭ دىنامىكىسىدىكى ماكان، زامان قارىشىنى ماھىيەتتىن ئۆزگەرتىپ، يۇقىرىقى تەرەپلەرنىڭ ئايرىلماس زىچ مۇناسىۋىتىنى: ماكان ۋە زامان، بىرلىككە كەلگەن ماددىي ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى بولۇپ، ماددىنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. جىسىمنىڭ سۈپىتىمۇ مۇقىم تۇرمايدۇ، ھەرىكەتنىڭ تېزلىكى ئاشسا، سۈپەتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، دەپ شەرھلىدى ۋە مۇشۇ ئاساستا ئاتوم نەزەرىيىسىنىڭ سىرىنى ئاچتى، ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىسى فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئالىي شۆھرەت كەلتۈردى، شۇڭا، پراگا ئۇنىۋېرستېتى ئۇنى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلدى.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تولىمۇ ئابىستراكت بولۇپ كەتكەچكە، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چۈشىنەلمىدى، بىر قېتىم بىر توپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېينىشتېيىننىڭ قېشىغا كېلىپ، بۇ نەزەرىيىنى ئاممىباب قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى ئۆتۈندى، ئېينىشتېيىن ياشلارغا قاراپ:
- ئەگەر سىز بىر چىرايلىق قىزنىڭ يېنىدا ئىككى سائەت ئولتۇرسىڭىز، بىر مىنۇتتەك ھېس قىلىسىز؛ ئەگەر بىر پېچنىڭ قېشىدا بىر مىنۇت ئولتۇرغىنىڭىزدا بولسا، ئىككى سائەت ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىسىز. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى دېگەن مانا شۇ، - دېدى.
ئېينىشتېيىن بۇ ئۇلۇغ نەزەرىيىنى قانداق ياراتقان؟
ئېينىشتېيىن 1879 - يىلى گېرمانىيىنىڭ ئۇلم شەھىرىدە بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 16 يېشىدا گېرمانىيە مەكتەپلىرىدىكى مىلتارىزملىق مائارىپ تەربىيىسىدىن يىرگەنگەچكە، گېرمانىيىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كېيىنچە، شۋېتسارىيىدە فېدېراتىپ ئالىي سانائەت مەكتىپىگە كىرىپ فىزىكا ئۆگەنەەن. 1900 - يىلى ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىشسىز قالغان، ئىككى يىلدىن كېيىن خۇسۇسىي پايدا ئىدارىسىگە تەكشۈرگۈچىلىككە ياللانغان. بۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي شۋېتسارىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.
ئېينىشتېيىن ئۈچ يىل قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەردىن بىرى كېيىنچە 1921 - يىللىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئېينشتېيىن پراگا ئۇنىۋېرستېتىدا ئىككى يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى شۆھرەتكە ئېرىشتى 1913 - يىل 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۇ پرۇسسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسمىي ئاكادېمىكى بولۇپ سايلاندى.
سايلاشتىن بۇرۇن، نامزاتلىققا كۆرسەتكۈچى پلانك ئۆزى باشچىلىقىدىكى بىر نەچچە مەشھۇر ئالىم ئىمزا قويغان نامزاتلىققا كۆرسىتىش خېتىنى ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
>ئىمزا قويغۇچىلارغا مەلۇمكى، بىزنىڭ بۇ ياش ئالىمنى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسمىي ئاكادېمىكى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشىمىز ئادەتتە كۆرۈلمىگەن ئىش. لېكىن بىز، ئۇنىڭ خاسىيەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇنىڭ ئاكادېمىك شەرتلىرىگە توشىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، دەپ قارايمىز. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغاندىمۇ مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ئەربابلارنىڭ سايلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. كۆرسەتكۈچلەر قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پۈتكۈل فىزىكا ساھەسىدىكىلەر ئېينىشتېيىننىڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرىشىنى پەنلەر ئاكادېمىيىسى پۈچۈن پەۋقۇلئاددە پايدا دەپ قارايدۇ<.
سايلام نەتىجىسىدە، ئېينىشتېيىن 2,44 گە قارشى ئاۋاز بىلەن سايلاندى.
بۇ بەكمۇ ئالىي شەرەب ئىدى. بىلىش كېرەككى، ئېينىشتېيىن ئۇ چاغدا تېخى ئەمدىلا 34 ياشقا كىرگەنىدى؛ ئەمما ئېينىشتېيىننىڭ كۆڭلىدە جىددىي كۈرەش بولۇۋاتاتتى. سايلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنلا، بېرلىنگە، يەنە نېمىس مىلتارىزمىنىڭ پايتەختىگە قايتىپ بېرىپ، خىزمەت قىلىش مۇقەررەر ئىدى. بۇ ئەسلىدىكى سىياىسي ئېتىقادتىن چەتلەشتىن دېرەك بېرەتتى. ئەمما، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەت شارائىتى يەنە ئۇنى كۈچلۈك جەلىپ قىلدى. چۈنكى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسمىي ئاكادىمىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ دەرس سۆزلىمەي تۇرۇپمۇ بېرلىن ئۇنىۋېرستېتى باش پروفېسسورىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولالايتتى. خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاتراشنىڭمۇ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. بۇ - ئەينى چاغدىكى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئالىي ئىلمىي ئۇنۋان بولۇپ، ئۇنى پۈتۈن زېھنى بىلەن فىزىكا نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلاتتى.
ئۇ قايتا - قايتا ئويلاپ، بۇ سايلامنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىككىنچى يىلى 4 - ئايدا بېرلىنگە مۇھاجىر سۈپىتىدە بېرىپ، ئىمپېراتور ۋىلياچ فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە بېرلىن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى بولدى.
ئېينىشتېيىن بېرلىنغا كېلىپ تۆت ئايدىن كېيىن، بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى.
چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ >ۋەتەنپەرۋەرلىك< ۋە مىللىي ئۆچمەنلىكنىڭ قارىغۇلارچە كۈشكۈرتۈشى ئارقىسىدا، گېرمانىيىنىڭ 93 مەشھۇر ئالىمى خىتابنامە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئاقلىدى، ھەتتا قىرغىن قىلىچىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان گېرمانىيە پادىشاھىنى >دۇنيا تىنچلىقىنىڭ پاسىبانى< دەپ كۆككە كۆتۈردى.
ئەمما ئېينىشتېيىن بۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويمىدى. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇرۇشقا نەپرەتلىنەتتى. ياشلىق دەۋرىدە يەنە مىلتارىزىم مائارىپىغا قارشى تۇرۇپ، گېرمانىيىدىن چىقىپ كەتكەن. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ بىر پەيلاسوپ بىلەن بىرلىكتە >ياۋروپا خەلقىگە خىتاب< نى يېزىپ، ياۋروپا ئالىملىرىغا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئىنسانىيەت ئۈستىدىكى بۇ ئۇرۇش قىرغىنچىلىقىغا ئىمكانقەدەر تېزلىكتە خاتىمە بېرىشكە مۇراجىئەت قىلدى. ئەمما، بۇ خىتابنامىگە مەشھۇر زاتلاردىن ئىمزا قويىدىغانلار چىقمىدى.
ئۇرۇش يىللىرىدا ئېينىشتېيىن ھەمىشە غەم - قايغۇ ئىچىدە يۈردى. ئەمما ئىلىم جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى نەتىجىگە ئېرىشتى. 1915 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېينىشتېيىن يەنە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ، ماكان، زامان ۋە ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى توغرىسىدىكى بىر خىل نەزەرىيە ئىدى.
كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تارتىش كۈچى نەزەرىيىسى ۋە ھەرىكەت تەڭلىمىسىگە ئاساسەن، ئېينىشتېيىن نۇرنىڭ تارتىشىش كۈچى مەيدانىدا قايتىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلدى ھەمدە يەنە بىر قېتىم كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ نەزەرىيىۋى ئالدىن مۆلچەرنى دەلىللەشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
1919 - يىل 5 - ئايدا، ئەنگلىيىلىك ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر فىزىكا ئالىمى ئىككى ئاسترونومىيە تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ، كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، برازىلىيە ۋە غەربىي ئافرىقىدا ئايرىم - ئايرىم سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى چىقارغان بۇ مۇھىم يەكۈننى دەلىللىمەكچى بولدى. شۇ يىلى 11 - ئايدا، لوندون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى كۆزىتىش نەتىجىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. كۆزىتىشتىن مەلۇم بولغان نۇرنىڭ قېيىش گرادۇسى ئېنىشتېيىننىڭ ھېسابى بىلەن تامامەن بىردەك چىقتى. بۇنىڭ بىلەن نيۇتوننىڭ تارتىش كۈچى تەلىماتىنىڭ ئومۇمىي ئەھمىيىتى يوققا چىقتى.
كۆزىتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىش بىلەنلا پۈتۈن دۇنيا زىلزىلىگە كەلدى. ئېينىشتېيىننىڭ شۆھرىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىملار ئېينىشتېيىننى گالىلى، كوپىرنكلاردىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكىلاردىن بىرى دەپ ئورتاق ئېتىراپ قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ نامى جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىپ، ھەممە ئائىلىلەر دېگۈدەك بىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ سۈرىتى رەسىملىك ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىلىرىغا بېسىلدى. ئۇنىڭ ئىسمى گېزىت - ژۇرناللارنىڭ چوڭ خەتلىك سەرلەۋھىلىرىدە كۆرۈلدى. كىشىلەر ئۇنى >ⅩⅩ ئەسىردىكى نيۇتون< دەپ تەرىپلەشتى.
ئېينىشتېيىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىدىن كەلگەن تەبرىكنامە، تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالدى. سوۋغاتلار ئىچىدە پادىشاھ، زۇڭتۇڭلار ھەدىيە قىلغان ساياھەت كېمىسى، زىلچا، كۈمۈشتە ياسالغان تاۋاق، قوشۇقلار بار ئىدى. ئۇ بۇ قىممەتلىك بۇيۇملارغا تەپسىلىي قاراپمۇ چىقمىدى، توساتتىن ئۇ بىر بۇلۇڭدا تۇرغان تاماكا خالتىسىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ خالتىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ قول بىلەن ئىشلەنگەنلىكىنى، ئىچىدە بىر پارچە خەت بارلىقىنى كۆردى. ئەسلىدە، ئىشسىز قالغان بۇ پېشقەدەم ئىشچى، تېجەپ قالغان بىر نەچچە تەڭگىسىگە تاماكا سېتىۋېلىپ، مۇشۇ تاماكا خالتىسىغا سېلىپ ئەۋەتكەنىكەن. ئېينىشتېيىن بۇ خەتنى ئوقۇپ ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، پادىشاھ، زۇڭتۇڭ قاتارلىقلارغا رەھمەت خېتى يازىدىغان ئىشنى قايرىپ قويۇپ، بىرىنچى رەھمەت خېتىنى ئىشسىز قالغان مۇشۇ پېشقەدەم ئىشچىغا يازدى.
1933 - يىلى فاشست گىتلېر تەختكە چىقىپ، يەھۇدىيلەرگە بولغان زىيانكەشلىكنى كۈچەيتتى. ئېينىشتېيىن مەجبۇرىي ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىپ، پرىنستون ئالىي ئىلمىي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا پروفېسسور بولدى. 1940 - يىلى ئۇ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتتى.
ئېينىشتېيىن كىشىلەر تەرىپىدىن >ⅩⅩ ئەسىردىكى نيۇتون< دەپ تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل تۈردە نيۇتونغا ئاپىرىن ئېيتتى ھەمدە: نيۇتوننىڭ كلاسسىك دىنامكىسى بولمىغان بولسا، مېنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەممۇ بولمىغان بولاتتى، دەپ قارىدى. بىر خىل توغرا نەزەرىيە مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. ئۇ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە:
>نيۇتون! سەن كەشىپ قىلغان يول، دەۋرىڭدە بىردىنبىر يول ئىدى!< - دەپ كايىدى.
1955 - يىل 4 - ئايدا، ئېينىشتېيىن پىرىنستوندا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بۇ ئالىم ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسىبەت خەۋىرى چىقارماسلىق، قەبرە ياسىماسلىق، گۈل چەمبىرەك قويماسلىق ۋە ماتەم مۇزىكىسى ئورۇنلىماسلىق، جەسەت كۈلىنى ئادەم بىلمەيدىغان جايغا چېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
شۇڭا، جەسەتنى كۆيدۈرۈش مۇراسىمىغا ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئاز ساندىكى سادىق دوستلىرىلا قاتناشتى. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىش مۇراسىم ئاياغلاشقاندا، گېرمانىيىنىڭ بۈيۈك شائىرى گيوتې دوستى شېللېرنىڭ ۋاپاتىغا ماتەم بىلدۈرگەن شېئىرنى ئوقۇدى:
ھەممىمىز سۆزىدىن ئالدۇق، نەپ - مەنپەئەت،
ئېيتىدۇ يەر - جاھان ئۇنىڭغا رەھمەت.
قارىغىن، ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسە،
تارقالدى كەڭ ئاۋام ئىچىگە ئەبەد.
ئۇ گويا نۇرلىنىپ ئاققان بىر يۇلتۇز،
ھە، بۇ نۇر چاقنايدۇ، ئۆچمەيدۇ ئەبەد.