تاش تۈۋرۈككە ئويۇلغان قانۇن
بەش مىڭ يىل
1901 - يىلى، ئىرانلىقلار قاتناشقان فرانسىيە ئارخلوگ ئەترىدى ئىراننىڭ سۇسا دېگەن يېرىدىن قارا بازارلىت تاشتىن ياسالغان چوڭ بىر تاش تۈۋرۈكنى قېزىپ چىققان. بۇ تاش تۈۋرۈك 8 پارچە بولۇپ كەتكەن بولىسمۇ، لېكىن قۇراشتۇرسا يەنىلا پۈتۈن ئىكەن. تاش تۈۋرۈكنىڭ ئىگىزلىكى 2.5 مېتىر، ئايلانمىسى تەخمىنەن 1.5 مېتىر كېلىدىكەن. تۈۋرۈكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە 2 ئادەمنىڭ قاپارتما ھەيكىلى ئويۇلغان، بۇنىڭ بىرى ئولتۇرغان بولۇپ، قولىدا بىر كالتە تاياق تۇتقان؛ يەنە بىرى ئۆرە تۇرغان بولۇپ، قول قوشتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقان. تاش تۈۋرۈكنىڭ تۆۋەن قىسمىغا نۇرغۇنلىغان قوناقتەك يېزىقلار ئويۇلغان. كېيىن دەلىلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىراننىڭ قەدىمقى يېزىقى _ پارىس يېزىقى بولماستىن 6000 _ 5000 يىللاردىن بۇرۇن سۇمېرلىقلار ئىجات قىلغان، كېيىن بابىلۇنلار كەڭ قوللارنغان مىخ يېزىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. روشەنكى، بۇ تاش تۈۋرۈكنى قەدىمقى پىرسىيىلىكلەر بابلىنى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن ئولجا تەرىقىسىدە شۇنچە يىراق جايدىن ئىرانغا ئېلىپ كەلگەن
ئارخىلوگلار تاش تۈۋرۈكتىكى يېزىقنى ئىنچىكە تەكشۈرۈگەن. ئەسلىدە بۇنىڭغا ئويۇلغىنى تامامەن قانۇن بولۇپ، جەمئى 282 ماددا ئىكەن، بۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 18 - ئەسىردە قەدىمقى بابىل خانلىقىنىڭ پادىشاھسى خامۇراپى جاكالىغان «قانۇن دەستۇرى» ئىكەن. ھېلىقى ئىككى قاپارتما ھەيكەلنىڭ ئولتۇرغىنى قۇياش خۇداسى ساماش، ئورە تۇرغىنى خامۇراپى ئىكەن. بۇ قاپارتما ھەيكەل خامۇراپنىڭ قۇياش خۇداسىدىن ئەدلىيە ھوقۇقى تاپشۇرۋېلىپ، دۇنيا خەلقىغە ھوكۇمرانلىق قىلىدىغانلىرقىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. قۇياش خۇداسىنىڭ قولىدىكى كالتەك تاياق بولسا «زاكۇن تايىغى» دەپ ئاتىلىدىغان تاياق بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن. خامۇراپى قەدىمقى بابىل خانلىقىنىڭ تازا قۇدرەت تاپقان دەۋرىدىكى پادىشاھسى بولۇپ، ئۇ ئىككى دەريا ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى «ئالەمنىڭ پادىشاھسى» دەپ ئاتىۋالغان.
ھازىر كىشىلە«قانۇن دەستۇرى» نىڭ ماددىلىرىنى ئوقۇيدىغان بولسا، ئۆزلىرىنى گويا بۇنىڭدىن 3700 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئىككى دەريا ۋادىسىغا كېلىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ...
يالقۇنلاپ تۇرغان قۇياشنىڭ تەپتىدىن ئېفرات دەرياسى ياقىسىدىكى بابىلۇن شەھىرى ھەم ئىسىق ھەم دىمىق بولۇپ كەتكەن. يەردىن چاڭ _ توزاڭلار كوتىرىلىپ، پۇقىراپ بېرىپ كىشىلەرنىڭ يۈزىگە ئۇزۇلغان، نەتىجىدە كىشلەر تېخىمۇ قۇرغاقچىلىق ھىس قىلغلان، ھەتتا لەۋلىرىمۇ يېرىلىپ كەتكەن. شۇنداق بولىسمۇ كىشىلەر تومۇز ئاپتاپتا مىدىرلاپ تۆت ئەتراپىغا چىلان دەرىخى تىكىلگەن چوڭ قوراغا كەلگەن. ئەسلىدە بۈگۈن قازى دەۋا سورايدىكەن.
_ قازى جاناپىلىرى، ئۇ مېنىڭدىن پۇل قەرز ئالغان ئىدى. تا بۈگۈنگىچە قايتۇرمىدى، جاناپلىرى لىللا سوراپ قويسىلا، _ دەپ دەرت ئېيتقان سېمىز بىر ئادەم.
_ قازى جاناپلىرى، _ دېگەن قاقشال بولۇپ قالغان بىر ئادەم، _ مېنىڭ تۆلىمەسلىك نىيىتىم يوق، رەپقەم ئاغرىپ قېلىپ بىرمۇنچە پۇل خەجلىدىم، دەرھال تۆلىيەلمەيمەن، جاناپلىرى ئىلتىپات قىلىپ بىر نەچچە كۈن سۈزۈك بەرسىلە.
_ تاكاللاشماڭلار! _ دېگەن قازى ئالدىدىرىماي قولىنى شىلتىپ، _ جاۋاپ بېرىڭلار، پۇلنى قايتۇرۇشنىڭ قەرەلى توشتىمۇ؟
_ 3 كۈن ئۆتۈپ كەتتى! _ دېگەن سېمىز كېشى قەددىنى رۇسلاپ.
_ 3 كۈنلا ئۆتتىغۇ، كېيىنكى ئايدا چوقۇم تۆلىۋېتىمەن! _ دەپ ئاۋاق ئادەم يالۋۇرغان.
_ رەپىقەڭنىڭ كېسىلى ساقايدىمۇ؟ _ دەپ سورىغان قازى سالماق ھالدا.
_ ساقايدى، ياخشى بولۇپ كەتتى! _ دەپ ئاۋاق ئادەم جاۋاب بەرگەن.
_ چوڭ ئوغلۇك نەچچە ياشقا كىردى؟
_ 17 گە كىردى، تېخى كىچىك. ئەمدىلا 17 ياشقا كىردى، _ ئاۋاق ئادەم بىرئاز ھودۇققان.
_ ھازىر ھۆكۈم قىلىسەن! _ دېگەن قازى ئۈستەلنى ئۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ.
سېمىز بىلەن ئاۋاق ئادەم قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىغان.
_ خامۇراپى ئالىلىرى جاكالىغان «قانۇن دەستۇرى» نىڭ 117 _ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قەرزدار قەرزنى بەلگلەنگەن قەرەل ئىچىدە تولىمىسە رەپىقىسى ۋە ئوغلى قەرز بەرگۈچىگە ئۈچ يىللىق قۇل قىلىپ بېرىلسۇن، 4 - يىلدىن باشلاپ ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسۇن!
سېمىزنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلى كۈلۈپ كەتكەن. ئاۋاق يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ يېلىنغان.
_ قازى جاناپلىرى، رەھىم قىلسىلا، كېلەر ئايدا چوقۇم تۆلىۋېتىمەن.
_ يوقال كۆزۈمدىن! _ قازى غەزەپ بىلەن ۋارقىرىغان. ئىككىسى مەھكىمە شەرئىدىن چىقىپ كەتكەن. كىشىلەرگە ئاۋاقنىڭ يىغا _ زارى بوش ئاڭلىنىپ تۇرغان.
بىردەمدىن كېيىن، تەمبەل كەلگەن بىر ئەزىمەت چەمبەرچەس قىلىپ باغلانغان بىر ئادەمنى ئىتتىرىگەن پېتى كىرىپ كەلگەن.
_ جاناپلىرى، _ دېگەن ئەزىمەت دوكلات قىلىپ، _ مەن قاچقان بىر قۇلنى تۇتۇۋالدىم.
_ سەن تەكشۈرۈپ باق! _ دېگەن قازى يېنىدىكى بىر ئەملدارغا بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىپ.
ئەملدار ئورنىدىن چۈشۈپ، باغلانغان ئادەمنىڭ ئالدىغا بارغان ۋە ئۇنىڭ دوپپىسىنى ئالغان، قارىسا ئۇنىڭ چېكىسىدە تامغا بار ئىكەن.
_ تامغىسى بار ئىكەن. قۇل ئىكەن! _ دەپ مەلۇم قىلغان ئەمەلدار قازىغا.
_ خامۇراپى ئالىلىرى جاكالىغان «قانۇن دەستۇرى» نىڭ 17 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۇتۇۋلىنغان قۇل ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن، _ دېگەن قازى لاغايلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ، _ قۇلنى تۇتۇۋالغان ئەركىن پۇقرا مۇكاپاتلانسۇن. ھە، ئۇنىڭغا ئىككى شېكلى مۇكاپات بېرىلسۇن!
«شېكلى» كۈمۈش بىرلىكى بولۇپ، شۇ چاغدا بىر شېكىلى كۈمۈشكە 120 شىڭ ئارپا ياكى ياخشى ئۆسۈملۈك مېيىدىن ئىككى لىتىر سېتىۋالغىلى بولىدىكەن
ئەملدار ھېلىقى قاچقان قۇلنى تارتىشلىغان، كۈتۈلمىگەن يەردىن بۇ قۇل ئۇنى ئىتتىرىۋەتكەن. بۇ قۇلنىڭ ئىككى قولى باغلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ غەزىۋىنى باغلىۋېلىشقا ئامالىسىز قالغان. ئۇ ئىككى كۆزىنى چەكچەيتىپ دەرغەزەپ بىلەن ۋاقىرىغان:
_ بۇ قانداق قانۇن؟
_ ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! _ دەپ چىرقىرىغان قازى. يەنە ئىككى ئادەم تاكاللاشقان پېتى مەھكىمە شەرئىگە كىرگەن.
_ قازى جاناپلىرى، _ دېگەن بىر پەتەك ئادەم ئەرز قىلىپ، _ ئۇ مېنىڭ بىر قۇلۇمنىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويدى، ماڭا تۆلەپ بەرسۇن.
_ قازى جاناپلىرى، مەن ئۇنىڭغا يېرىم قۇلنىڭ باھاسىدا پۇل تۆلەي دېسەم ئۇنىمايۋاتىدۇ، _ دەپ ئۆزىنى ئاقىلىغان ئىگىز بويلۇق ئادەم، _ يەنە قاقتى - سوقتى قىلىمەن دەۋاتىدۇ.
_ قازى جاناپلىرى، كالىنىڭ بىر كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويسىمۇ كالىنىڭ يېرىم باھاسىدا پۇل تۆلەيدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بىر كۆزىنى ئۇرۇپ قارغۇ قىلىپ قويغان تۇرسا ! ئۇ تولۇق باھادا پۇل تۆلىشى كېرەك. بولمىسا ماڭا بەك زىيان بولۇپ كېتىدۇ، _ دەپ قوشۇمچە قىلىغان پەتەك ئادەم.
_ ھەي دەيۈز! _ قازى تاقەت قىلالماي ۋاقرىغان، _ سەن راستىنلا قاقتى _ سوقتى قىلماقچىمۇ _ ھە؟ خامۇراپى ئالىلىرى جاكالىغان «قانۇن دەستۇرى» نىڭ 199 - 247 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسەن، قۇلنىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويغانلار بىلەن ئۆينىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويغانلارغا ئوخشاش چارە كۆرۈلىدۇ. سەنلەر كۆزۈمدىن يوقىلىش!
پەتەك ئادەم بىلەن ئىگىز ئادەم ئەمدىلا چىقىپ كېتىشىگە. يەنە ئىككى قېرى كىرىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىرىس ھاسىلىق، يەنە بىرىسى ساقاللىق ئىكەن.
_ ئۇ ماڭا قەست قىماقچى بولۇۋاتىدۇ، _ دېگەن ھاسىلىق بوۋاي ساقالىلىق بوۋاينى كۆرسىتىپ، _ قازى جاناپلىرى، لىللا سوراپ قويسىلا!
_ ئىللا _ بىللا يوق ئىش ! - دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان ساقاللىق بوۋاي.
_ بولدى، بولىدى! _ دېگەن بىزار بولغان قازى ۋە بۇرۇلۇپ يېنىدكى ئەمەلدارغا، _ سەن بۇ ئىككىسىنى دەريا بويىغا ئېلىپ بار. خامۇراپى ئالىلىرى جاكالىغان «قانۇن دەستۇرى» نىڭ 199 - 247 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسەن، قۇلنىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويغانلارغا ئوخشاش چارە كۆرۈلىدۇ. سەنلەر كۆزۈمدىن يوقىلىش! پەتەك ئادەم بىلەن ئىگىز ئادەم ئەمدىلا چىقىپ كېتىشىگە، يەنە ئىككى قېرى كىرىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىرسى ھاسىلىق، يەنە بىرسى ساقاللىق ئىكەن.
_ ئۇ ماڭا قەست قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، _ دېگەن ھاسىلىق بوۋاي ساقاللىق بوۋاينى كۆرۈسىتىپ، _ قازى جاناپلىرى، لىللا سوراپ قويسىلا!
_ ئىللا _ بىللا يوق ئىش! _ دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان ساقاللىق بوۋاي.
_ بولدى، بولدى! _ دېگەن بىزار بولغان قازى ۋە بۇرۇلۇپ يېنىدىكى ئەمەلدارغا، _ سەن بۇ ئىككىسىنى دەريا بويىغا ئېلىپ بار. خامۇراپى ئالىلىرى جاكارلىغان «قانۇن دەستۇرى» نىڭ ئىككى _ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جاۋابكارنى دەرياغا تاشلا. ئەگەر ئۇ چۆكۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش نىيىتى بولغان بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مال _ مۈلكىنى مۇسادىر قىلىپ، دەۋاگەرگە بۆلۈپ بەر؛ ئەگەر ئۇ لەيلەپ چىقالىسا ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش نىيىتى بولمىغان بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنى ئەيىپسىز دەپ جاكالاپ قويۇۋەت.
_ بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟ مېنى دەرياغا تاشلىسا چۆكۈپ ئۆلمەيمەنمۇ؟ _ ساقاللىق بوۋاي ناھەقچىلىق بولدى دەپ زارلانغان ھەمدە قاتتىق قورققان.
_ ئىجرا قىلىنسۇن! _ قازى ئۈسستەلنى مۇشتىلاپ ۋارقىرىغان.
ئەمەلدار ساقاللىق بوۋاينى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن يەنە بىر بوۋايمۇ ئارقىسىدىن چىقىپ كەتكەن.
_ بۇ قانداق ھۆكۈم! _ دېگەن كۆرۈپ تۇرغان بىرسى نارازى بولۇپ.
_ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا دەريانىڭ ھۆكۈم قىلىشقا تاپشۇرامدىكىنە؟ _ دېگەن كۆرۈپ تۇرغانلاردىن يەنە بىرسى كايىپ.
_ سەنلەر ئىش تېرىماقچىمۇ؟ _ دەپ ۋاقىرىغان قازى ئۆرنىدىن تۇرۇپ ۋە چىرايىنى تۈرۈپ، _ مەن پادىشاھ ئالىلىرىنىڭ «قانۇن دەستۇرى» گە بىنائەن ئىش قىلدىم، سەنلەر ھۆ پۆ قىلىشما!
ئۇ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلارغا قول شىلتىپ:
_ داۋا سوراش تاماملاندى! _ دەپ ۋارقىرىغان.
مەھكىمە شەرئىدىكى كىشىلەر تارىلىپ كەتكەن.
خامۇراپى قانۇنى ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى سىنىپىي جەمئىيەتتىكى ئەڭ مۇكەممەل بولغان تۇنجى يازما قانۇن بولۇپ، ھەق تەلەپ رەسىمىيەتلىرى، ئوغرىلارنى جازالاش، ئىجارىگە بېرىش _ ئېلىش، ئادەم ياللاش، سودا، جازانىخورلۇق، قەرز ئىشلىرى، نىكاھ، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، قۇللار ئىشلىرى قاتارلىقلارغا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ شۇ چاغدىكى ئىجتىمائى ئەھۋاللارنى بىر قەدەر مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. قەدىمقى بايىلنىڭ خامۇراپى «قانۇن دەستۇرى» ئويۇلغان تاش تۈۋرۈك ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى رۇپۇر مۇزېيىدا ساقلانماقتا.