UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمەككىگە ھەج قىلىش

مەككىگە ھەج قىلىش

بەش مىڭ يىل مەككە - ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس جاي، ھېجىرىيە ھېسابى بويىچە ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيى كەلگەندە، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن مۇسۇلمانلار مۇقەددەس جايغا يېتىپ كېلىپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك ھەج قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. دۇنيدىكى بەش قىتئەنىڭ ئوخشاشمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە كېلىپلا ئوخشاشمىغان تىللاردا ئوخشاش مەنىلىك سۆزلەر ئارقىلىق چوڭقۇر ئېتىقادى بىلەن: >ئاللا! ئاللا!< دەپ ھەمدۇسانا قىلىدۇ. ئۇلار مەسچىدىل ھەرەمنىڭ مەركىزىدىكى مەيدانغا خۇددى دېڭىز دولقۇنلىغاندەك ئېقىپ كىرىدۇ ۋە مەيداننىڭ مەركىزىدىكى تۆت چاسا ئىمارەت ئەتراپىغا يۈگۈرۈپ بارىدۇ. بىر مۇنچە كىشىلەر ھاياجان ئىلكىدە ئىسسىق ياش تۆكسە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خۇشاللىق ئىلكىدە دۇئاغا قول كۆتىرىشىدۇ. خالايىق بارغانسېرى تېز قەدەم تاشلاپ، بىر نەچچە، ھەتتا ئون نەچچە تۈمەن ئدەم بۇ چاسا ئىمارەت ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ تېز قەدەم بىلەن يۈگۈرۈپ ئايلىنىدۇ. بىردەمدىلا چاسا ئىمارەتنى مەركەز قىلغان ھالدا دەۋر قىلىپ ئايلىنىۋاتقان بىر قاينام ھاسىل بولىدۇ. ئۇلار توختىماستىن يۈگۈرىدۇ ۋە پىقىرايدۇ. تاكى كەچ كىرىپ، مەسچىدىل ھەرەمدە چىراقلار يورۇغاندىمۇ كىشىلەر يەنىلا توختىماي پىقىرايدۇ. شۇنداق قىلىپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەج تاۋاپ قىلىش تەدرىجى ھالدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلىدۇ. بۇ تۆت چاسا قەدىمىي ئىمارەت ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئورنى بولغان >بەيتۇللا< بولۇپ، ئەسلى ئىسمى >كەئىبە< ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ قەدىمىي ئىبادەتخانىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالام سالدۇرغان ئىكەن. ئۇ تاشتىن ياسالغان تۆت چاسا ئىمارەت بولۇپ، ئىگىزلىگى 50 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ تېمىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە بىر پارچە قارا ساماۋى تاش - ھەجرۇل ئەسۋەت ئورنىتىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇمۇ ئاشۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەۋەرۈكى ئىكەن. بەيتۇللا، مەيداننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مەيداننىڭ تۆت ئەتراپى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس مەسچىدى - >مەسچىدىل ھەرەم< دۇر. مەسچىدىل ھەرەمنىڭ تۆت ئەتراپىغا يەنە بۇلۇتقا تاقاشقۇدەك يەتتە مۇنار ياسالغان بولۇپ، ھەپتىدە يەتتە كۈن بولىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. تاققا چىقىپ پەسكە قارىغاندا، مەسچىدىل ھەرەم گويا نۇرغۇن تاش تىزمىلىرى ئارىسىغا ئورۇنلاشقان تۆت چاسا تاغدەك، بۇ چاسا تاغنىڭ مەركىزىدە بەيتۇللا تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە، مەسچىدىل ھەرەم پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا ئېچىلغان بولۇپ، كۇپارلار، يەنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ كىرىشىگە بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مەسچىدىل ھەرەم. ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق جەۋھىرى، ئىسلامىيەت سەنئىتىنىڭ قىممەتلىك مەھسۇلى. مەسچىدىل ھەرەمنىڭ دەرۋازىسى ئالتۇندىن ياسالغان. دەرۋازا يۈزىگە نازۇك ۋە نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەشتىلەنگەن يوپۇق يېپىلغان بولۇپ، تولىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە يېقىملىقتۇر. ئىسلامىيەت نەقىشگەرلكىنىڭ ئالاھىدىلىكى - ئۇلار ئادەم ۋە جان - جانىۋار ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنى نەقىشلىمەيدۇ، بەلكى خىلمۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر ۋە گېئومىتېرىيىلىك نەقىشلەرنى ئويىدۇ. نەقىش ئويمىلارنىڭ نەپىسلىگى، نەقىش تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈگىدە دۇنيادا مۆجىزە ئاتالسىمۇ بولىدۇ. >ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!< مەسچىدىل ھەرەمنىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا كىشىلەرنىڭ تەگبىر ئېيتقان سۈرەنلىرى دولقۇنلىنىدۇ. نەچچە تۈمەن، نەچچە ئون تۈرمەن مۇسۇلمانلار مەسچىدىل ھەرەمگە كىرىش نۆلاۋىتى كۈتۈپ تالادا تۇرىدۇ، ئارقا - ئارقىدىن كۆتىرىلىپ تۇرىدىغان ھەمدۇسانا سادالىرى پەللەككە ياڭرايدۇ. خالايىق >ئاللاھۇ ئەكبەر!< )ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر!( دەپ تەپ - تەكشى تەگبىر ئېيتىدۇ. بىر توپ جامائەت، بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، خۇددى دولقۇن مەۋج ئۇرغاندەك مەسچىدىل ھەرەمدىن قايتىپ چىقىدۇ. دەرۋازا سىرتىدىكى يەنە بىر توپ مۇسۇلمانلار ئۆركەشلەۋاتقان ئەزىم دەريادەك مەسچىدىل ھەرەمنىڭ مەركىزىدىكى مەيدانغا قاراپ ئاقىدۇ. بەيتۇللانى دەۋر قىلىپ تېز قەدەم بىلەن يۈگۈرىدۇ ۋە >بىز كەلدۇق!< دەپ ھەمدۇسانا قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئىمان كەلتۈرۈش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج تاۋاپ قىلىشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك پروگراممىسى بولۇپ، بۇلار >بەش پەرز< دەپ ئاتىلىدۇ. ھەج تاۋاپ قىلىش بەشىنچى پەرزدۇر. تېنى ساغلام، بېرىپ كەلگۈدەك يول خىراجىتى بار، ئائىلىسىدە قالغانلار تۇرمۇشىنى قامداق كېتەلەيدىغان ھەربىر ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمان ياش ياكى قېرى، يول يېقىن ياكى يىراق بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ئۆمرىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشى شەرت. ھەج قىلىش ـ پەرز ھەج ۋە ئۆمرە ھەج قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. پەرز ھەج، ھېجىرىيە يىل ھېساۋى بويىچە ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 - كۈنىدە ئادا قىلىنىدۇ. بۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرقېتىم ھەج تاۋاپ قىلىشىدۇر. ئۆمرە ھەج ھەرقانداق ۋاقىتتا ئادا قىلىنىۋېرىدۇ. پەرز ھەجنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدۇ: ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار يىل ھېسابى بويىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 - كۈنىدىن بۇرۇن مۇقەددەس شەھەر مەككىگە كېلىپ بولىدۇ. ئاندىن مەسچىدىل ھەرەمگە تاۋاپ قىلىپ، مەسچىدىل ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بەيتۇللانى دەۋر قىلىپ يەتتە قېتىم ئايلىنىدۇ. قارا تاشنى بوسە قىلىش )سۆيۈش( كە مۇيەسەر بولغانلار ئەڭ بەختلىك بولىدۇ. ئەمما، پەرز ھەج نەچە تۈمەن، نەچچە ئون تۈمەن مۇسۇلماننىڭ كوللېكتىپ پائالىيىتى بولغاچقا، قاراتاشنى سىلاش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ، شۇڭا، ئادەتتە جامائەت قارا تاشقا قاراپ >ئامىن< دېيىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بەيتۇللانى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كوللېكتىپ ھالدا ساپا بىلەن مەرۋەدىن ئىبارەت ئىككى كىچىك تاغا ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم ئۇياقتن - بۇياققا يۈگۈرىدۇ. بۇر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى ھەجەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئىزلەپ ئۇياقتىن ـ بۇياققا يۈگۈرگەن مۇساپىسى بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ يۈگۈرۈشنى ئىخلاس بىلەن بىجا كەلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن >زەمزەم بۇلاق< تىن سۇ ئىچىدۇ. بەزىلەر سۇ ئالىدىغان قاچا ئالغان كېلىپ، زەمزەم سۈيىنى ئۇرۇق ـ تۇغقان، يار ـ بۇرادەرلىرىگە ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالغاچ كېتىدۇ. ئىككى كىچىك تاغ ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن. يەنە بەيتۇللانىڭ ئالدىغا قايتىدۇ. قۇياش مىردىئاندىن قايرىلغاندا، جامائەت ئۆزلۈگىدىن سەپراس بولۇپ، لەرزان ئېيتىلىۋاتقان تەگبىرىگە ئەگىشىپ رۇكۇدا تۇرىدۇ. سەجدە قىلىدۇ. ھېجىرىيە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 - كۈنى >قىيامدا تۇرۇش كۈنى< )مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇق سۆزلىگەن كۈنى( دۇر. بۇ كۈنى ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار تېزلىكتە مەككىنىڭ شەرقىدىن 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەرپات تېغىغا چىقىدۇ ۋە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام شۇ چاغدا تۆگىگە مىنىپ تۇرۇپ ۋىدالىشىش نۇتقى سۆزلىگە بۇ جايدا تىك تۇرۇپ سۈكۈت قىلىدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال، ياش ياكى قېرى بولسۇن، پادىشاھ ۋە ياكى ۋەزىر ـ ۋۇزرا بولسۇن، مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئوتتەك قىزىق گىياسىز تاغدا جىددى يۈگۈرىدۇ. سۈكۈت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مىناغا كېلىدۇ. مىناغا >قىيامدا تۇرۇش كۈنى< نىڭ ئەتىسى ـ زۇلھەججىنىڭ 10 كۈنى بېرىپ بولۇش شەرت قىلىنغاچق، يەنە بىر قېتىم جىددى يۈگۈرىدۇ. مىنا - مەكىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى مۇقەددەس جاي. مىناغا بېرىش يولىدىكى زۇمرەت ئاغپا ناملىق سايدا >شەيتان< سىياقىدا بىر تاش بولۇپ، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا قارىتىپ تاش ئاتىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا تاش ئېتىش ئاقرىلىق يامانلىق، شۇملۇق بىلەن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، زۇلھەجقىنىڭ 10 كۈنى مىنا تېغىدا قوي، كالىلارنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق قۇربان ھېيىت ئۆتكۈزىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە، قۇربان ھېيىت كۈنى ئىقتىسادى يار بەرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان بىر قوي ياكى يەتتە مۇسۇلمان بىر كالا قۇربانلىق قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئۈچ ئۈلۈشكە بۆلۈپ، بىر ئۈلۈشىنى ئۇرۇق ـ تۇغقان ۋە يار ـ بۇرادەرلىرىگە، بىر ئۈلۈشىنى يوقسۇللارغا، بىر ئۈلۈشىنى ئۆزىگە سەرپ ئېيتىشى شەرت قىلىنىدۇ. ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار قۇربان ھېيتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، زۇلھەججىنىڭ 12 - كۈنىدىن بۇرۇن مەككىگە قايتىپ، پەرز ھەجنى ئاخىرلاشتۇرۇشى شەرت، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە 3 - قېتىم يۈگۈرىدۇ. ھەج قىلىپ مەككىگە كېلىش ۋاقتىدا ھەج قىلغۇچىلار ئادەتتىكى كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ، ئىككى پارچە ئاق رەخت بىلەن بەدىنىنى ئورايدۇ، يەنى بۇ ئارقىلىق باي - كەمبەغەللىكىنى ئايرىمايدىغان باپ - باراۋەرلىكنى ئىپادىلەيدۇ. ھەج قىلىش مەزگىلىدە جىدەل - ماجرا چىقىرىشقا، نىكاھلىنىشقا، جان - جانىۋار ۋە ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە، ئوۋ قىلىشقا، گىياھلارنى يۇلۇپ تاشلاشقا، دەل ـ دەرەخلەرنى سۇندۇرۇشقا، يول قويۇلمايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەڭ تولۇق تەقۋادارلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ھەج قىلغۇچىلار ئاشۇ بىر يۈرۈش مۇرەككەپ پائالىيەتلەرنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، >ھاجى< دېگەن شەرەپلىك نامغائ ىگە بولىدۇ. 1000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سەھرايى - كەبىرنىڭ غەربىدىكى ئافرىقىدىن تېچ ئوكيانغا تۇتىشىدىغان جۇڭگوغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار، توپ - توپى بىلەن مەككە - مۇكەررەمگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بىر مۇنچە مۇسۇلمانلار يول ئۈستىدە خېيىم - خەتەرلەرگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن تەقۋادار شېھىتلەرگە ئايلاندى؛ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بولسا >ھاجى< دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ