UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ5 - ئايدىكى قانلىق ھەپتە

5 - ئايدىكى قانلىق ھەپتە

بەش مىڭ يىل تېيىر پارىژدىن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋېرسالغا قېچىپ بارغاندا، قول ئاستىدا يېڭىلگەن قالدۇق ئەسكەرلەردىن پەقەت 20 - 30 مىڭلا ئادەم بولغاچقا، پارىژ قوزغىلاڭچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا زادىلا قۇدرىتى يەتمەيتتى. شۇڭا، پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بىسمارك بىلەن تىل بىرىكتۈردى، پرۇسسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشتىن باش تارتمىدى. بىسمارك سېدان قاتارلىق جايلاردا تەسلىم بولغان 100 مىڭ فرانسىيە ئەسىرىنى قويۇپ بەردى ھەمدە تېيىر ئەسكەرلىرىنىڭ پرۇسسىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىدىن ئۆتۈپ، پارىژغا شىمالدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. ۋېرسالدىكى ھەربىي ھۇجۇم ئالدىدا، كوممۇنىنىڭ باتۇرلىرى قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بەردى. ئەمما قوماندانلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنلىكى، ستىراتېگىيە جەھەتتە خاتالىق بولغانلىقى ئۈچۈن جەڭدە ناھايىتى تېزلىكتە ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 1871 - يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن باشلاپ، ۋېرسال قوشۇنلىرى پارىژغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. غەربىي جەنۇب تەرەپتىن پارىژغا ھۇجۇم قىلغان دۈشمەن 130 مىڭغا، ئۇلاردىكى زەمبىرەك 700 گە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ھەر بىر كىلومېتىر ھۇجۇم لىنىيىسىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 تىن سېپىل، ئاتىدىغان زەمبىرەك ۋە 25 تىن دالا زەمبىرىكى تۇرغۇزۇلدى. كوممۇنىسىنىڭ پارىژنىڭ تاشقى مۇھاپىزىتىگە قارايدىغان ئەسكىرىي كۈچى ناھايىتى ئاجىز ئىدى. لىنىيە ئۇزۇن، ئەسكىرىي كۈچى تارقاق بولغاچقا، يارىدارلانغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش مۇمكىن بولمىدى. بۇ چاغدا غەربىي جەنۇب لىنىيىسىدىكى بارلىق ئەسكەرلەر 18 مىڭ كىشى بولۇپ، ھەر بىر جەڭچى يەتتە - سەككىز دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى مۇھىم دەرۋازا - سېن - كلۇ ئەتراپىغا ئالاھازەل مۇھاپىزەتچى قىسىملار ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانىدى. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغان بۇ كۈنى، ۋېرسال قوشۇنلىرى شەھەر ئىچىگە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ كىرىشكىمۇ پېتىنالمىدى، ئەتىسى چۈشتە بىر جاسۇسنىڭ يول كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن سېن - كلۇ دەرۋازىسىدىن پارىژغا بېسىپ كىردى. شىددەتلىك كوچا جېڭى باشلىنىپ كەتتى. پارىژ كوممۇنىسى باتۇرلىرى كوچا ئىستىھكاملىرىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەنگە جەسۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. توختىماي گۈمبۈرلەۋاتقان زەمبىرەك ئاۋازى يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدە، كوچا ئىستىھكاملىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. 500 دىن ئارتۇق كوچا ئىستىھكاملىرى دۈشمەننى دەپنە قىلىدىغان 500 دىن ئارتۇق گۆرىستانلىققا ئايلاندى. بۇ ئىستىھكاملار يول ئۈستىدىكى تاشلار، ئاسفالىت پارچىلىرى، يوغان دەرەخلەر، قۇم قاچىلانغان تاغار ۋە ياغاچ چېلەكلەردىن ياسالغانىدى. پرۇسسىيە قوشۇنى غەربىي شىمال تەرەپتىكى قامال لىنىيىسىنى بوشىتىپ، زور تۈركۈمدىكى ۋېرسال ئەسكەرلىرىنىڭ سېن ئوئان دەرۋازىسىدىن باستۇرۇپ كىرىشىگە يول ئېچىپ بەردى. سېن ئوئان دەرۋازىسى ستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي مۇنمارتىر ئېگىزلىكىدىن پەقەت بىر كىلومېىت يىراقلىقتا بولغاچقا، ئېگىزلىك شۇ ھامانلا غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلەردىن دۈشمەننىڭ قوش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. دۈشمەننىڭ بىر جۈن ئەسكىرى قىستاپ كېلىپ ئېگىزلىككە 500 مېتىر ئارىلىق قالغاندا، كوچا ئىستىھكامىدىكى جەڭچىلەرنىڭ توسقۇنىغا ئۇچرىدى. كوممۇنىسىنىڭ 50 نەپەر جەڭچىسى بىر كوچا ئىستىھكامى ۋە ئىككى دانە تېز ئوق چاچار زەمبىرىكىگە تايىنىپ دۈشمەنگە جەسۇرانە تاقابىللاشتى. زەمبىرەك ۋە مىلتىق ئوقلىرى تۈگەپ كەتتى، جەڭچىلەر تاش ۋە ئاسفالىت پارچىلىرى بىلەن جەڭ قىلدى. نەتىجىدە 30 نەپەر جەڭچى مەردانىلەرچە قۇربان بولدى، ئېغىر يارىلانسىمۇ قەتئىي تەسلىم بولمىغان 20 نەپەر جەڭچى دۈشمەن تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئېتىپ تاشلاندى. كوممۇنىنىڭ ئېگىزلىكىنى ساقلاۋاتقان جەڭچىلىرى 300 - 400 چە ئادەم ئىدى، 200 مىڭ ئادەم بىلەن ھۇجۇم قىلدى. شىددەتلىك زەمبىرەك ئوقلىرىدا ئېگىزلىك تۈزلىنىپ كەتتى. قاتمۇ قات قورشاۋدىن بۆسۈپ چىقىپ كەتكەن ئاز ساندىكى جەڭچىلەردىن باشقا، ھەممىسى قۇربان بولدى. ئادەتتە بىر نەچچە مىنۇتتىلا چىققىلى بولىدىغان بۇ ئېگىزلىكنى دۈشمەن دەل ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران ئىشغال قىلدى. دۈشمەن ئېگىزلىك ئەتراپىدىن 42 ئەر، ئۈچ ئايال، تۆت بالىنى تۇتۇۋالدى ۋە بۇنىڭدىن ئىككى يېرىم ئاي ئىلگىرى خەلق تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان لېكونت بىلەن يەنە بىر ئوفىتسېرنىڭ ئەرۋاھى ئۈچۈن، ئۇلارنى باش كىيىملىرىنى ئېلىۋېتىپ ئاشۇ ئىككى ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر ئېتىپ تاشلانغان تام تۈۋىدە تىزلىنىپ توۋا قىلىشقا مەجبۇرلىدى. بالىسىنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىر ئايال باشقا تۇتقۇنلارغا قاراپ: - شەرەپلىك كوممۇنا ئەزالىرى، ھېچقايسىمىز تىزلانمايمىز! بۇ ھايۋانلارغا ئۆزىمىزنىڭ تىك تۇرۇپ ئۆلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويايلى! - دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ جامائەت ئالدىغا كېلىپ، بالىسىنى يەرگە قويۇپ، تىك تۇرغۇزۇپ، ۋەزمىن ھالدا بالىسىغا: - بالام، ئوڭ قولۇڭنى كۆتۈرۈپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ياشىسۇن كوممۇنا! دەپ توۋلىغىن، - دېدى ۋە ئارقىدىنلا غەزەپ بىلەن دۈشمەننى كۆرسىتىپ تىللىدى، - ئەبلەخلەر، ھايۋانلار، بىلىپ قويۇشقىنكى، كوممۇنا ئەزاسى ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدۇ، ئاتساڭ ئېتىش، ياشىسۇن كوممۇنا! بالا كىچىك قولىنى كۆتۈرۈپ، نازۇك بالىلار ئاۋازىدا: >ياشىسۇن كوممۇنا!< - دەپ توۋلىدى. دۈشمەننىڭ مىلتىقىدىن ئوق ياغدى. باتۇر ئايال ۋە ئۇنىڭ بالىسى قانغا مىلەندى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان كوممۇنا ئەزالىرىمۇ ئالدىغا چىقىپ ئۆزلىرىگە مىلتىقنى بەتلەپ تۇرغان جاللاتلارغا بۇيرۇق بەردى: - ئېتىشە، بىز ئۆلۈمدىن قورقمايمىز! ياشىسۇن كوممۇنا! مۇنمارتىر ئېگىزلىكى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، دۈشمەن قوشۇنلىرى جەنۇبقا قاراپ تېزلىكتە ئىلگىرىلەپ، كوممۇنىنىڭ مەركىزىي ئورنى بولغان شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىگە ئۇدۇللاپ ئېتىلدى. كوممۇنىنىڭ بىر ھەيئەت ئەزاسى بۇيرۇققا بىنائەن غەربىي شىمال تەرەپتىن شەھەر مەمۇرىي مەھكىمىسىگە كېلىشتىكى مۇھىم يول ئېغىزى شېىې مەيدانىنى ساقلىدى. ئۇ بۇ يەرگە 20 دانە زەمبىرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولنى يانتۇ كېسىۋەتكەن بىر كوچا ئىستىھكامىدا تۇرۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلدى. دۈشمەننىڭ ئون نەچچە قېتىملىق ئاتاكىسى بىردەك بىتچىت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئاماللار بىلەن ئىككى تەرەپتىكى بىر نەچچە بىنانى ئىگىلىۋالدى، بالكون ۋە دېرىزىلەردىن كوچا ئىستىھكامىدىكى جەڭچىلەرگە ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇن ئوق چىقىرىپ تۇردى. كوممۇنىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى يېنىدىكى بىر جەڭچىگە بىنالارغا ئوت قويۇشقا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ جەڭچى ئىستىھكامدىن ئېتىلىپ چىقىپ ئىككى قەدەم مېڭىپلا ئوق تېگىپ يىقىلدى، شۇئان يەنە تۆت جەڭچى ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى، بىردەمدىلا كوچا ئىستىھكامىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئۆيلەر لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىشىكتىن قېچىپ چىققۇچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بەزىلىرى دېرىزىدىن سەكرەپ ئۆلدى. دۈشمەن شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىگە ئۆتىدىغان بۆسۈش ئېغىزىنى ئېچىش ئۈچۈن 80 زەمبىرەك ئوقلىرى زەربىسىدىن خۇددى ئاغدۇرغان يەرگە ئوخشاش بولۇپ كەتتى، مەيدان، ھەيكەللەر، فونتانلار ۋە چىراغ تۈۋرۈكلىرىنىڭ پارچىلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتتى. كوممۇنا جەڭچىلىرى شۇ ھالدا ئىككى كېچە - كۈندۈز قوغداش جېڭى قىلغاندىن كېيىن بۇيرۇققا بىنائەن چېكىندى. كوممۇنىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىدە قالدۇرۇلغان ئون نەچچە ھەيئەت ئەزاسى شەھەر مەمۇرىيەت مەھكىمىسىدىن ئۆزى تۇرۇشلۇق رايونلارغا بېرىپ جەڭگە قوماندانلىق قىلىشنى قارار قىلدى. كوممۇنىنىڭ ھەربىي ۋەكىلى قايغۇلۇق ھالدا: - مەن، كوممۇنىنىڭ ھەر بىر ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بەلباغلىرىنى چىڭ باغلاپ، كوچىغا چىقىپ جەڭ قىلىشنى تەكلىپ قىلىمەن. بىز بۇرۇن بەلباغلىرىمىزنى باغلاپ، مۇشۇ بىنانىڭ ئالدىدا ئۆز قوشۇنىمىزنى پاراتتىن ئۆتكۈزگەن، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كوممۇنا قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنە قىلغان؛ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەلبېغىمىزنى باغلاپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىنى قوغداش جېڭىگە قاتنىشىشىمىز، ھەتتا ئۆز ھاياتىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك! - دېدى. بۇ تەكلىپ ماقۇللاندى. يېرىم سائەتتىن كېيىن شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسى ئۈستىدىكى قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا چۈشۈرۈلدى. بايراقنى چۈشۈرگەن جەڭچى قىزىل بايراقنى ئۆزىگە چىڭ ئورىۋېلىپ، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتقىچە قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەربىي ۋەكىل ئۆز رايونىغا قايتىپ بېرىپ، ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىنى يېڭىباشتىن قۇردى ۋە شەخسەن ئۆزى ئوت كۈچى ئەڭ شىددەتلىك جايغا بېرىپ جەڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى قارار قىلىپ كوممۇنا جەڭچىلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئىلھام بەردى. ئۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپلا بىر ئاغىنىسىگە ئۇچراپ قالدى. بۇ ئاغىنىسى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشقا نەسىھەت قىلدى. - ھەربىي ۋەكىل ئەپەندىم، سىز بولسىڭىز كوممۇنىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ۋېرساللىقلار سىزنى ھەرگىز بوش قويۇپ بەرمەيدۇ - جۇمۇ! - توغرا، دېدى ھەربىي ۋەكىل تەمكىنلىك بىلەن، - بىز ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرىپىمىزنى بوش قويۇپ بەرمەيمىز. مەن كوممۇنا ئىشلىرىنىڭ ھەققانىلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا رازىمەن! ئۇ قىزىل بەلبېغىنى يېشىپ رۇسلاپ، يېڭىباشتىن بېلىگە باغلاپ، خۇددى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك ۋەزمىن قەدەم تاشلاپ ئالغا قاراپ ماڭدى. چاسىغا 50 مېتىر قالغاندا يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئارىسىدا قالدى. ئۇ شۇئان بەلبېغىنى سىلاپ قويدى - دە، بىر ئەسكى تامنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئەمما چاسىغا بېرىش بىلەنلا توساتتىن يەرگە يېقىلدى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان تۆت كىشى ئېتىلىپ باردىيۇ، ئۇلاردىن ئۈچ كىسىمۇ ئۇنىڭ جەسىتى يېنىغا يىقىلدى. دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسى بارغانسېرى كىچىكلىدى. 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگە كەلگەندە كوممۇنا جەڭچىلىرىنىڭ قولىدا پۈتۈن شەھەردىكى 20 رايوندىن شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ - تۆت رايونلا قالدى. مۇشۇ جىددىي پەيتتە، ۋېرسال قوشۇنلىرى يەنە پرۇسسىيە قوشۇنلىرىنىڭ پارىژنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قامال لىنىيىسى ئارقىلىق شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، كوممۇنا جەڭچىلىرىگە قامال ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. كوممۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي قوماندانلىق شتابى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىدىكى سېپىلدىن 500 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر كوچىغا قۇرۇلغانىدى. قوماندانلىق شتابىغا ئەڭ يېقىن بولغان بىر ئېگىزلىك - لاشىز پوپ قەبرىستانلىقى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇيدىغان بازا بولدى. 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، 5000 دۈشمە ئەسكىرى كوممۇنىنىڭ 200 گە يەتمەيدىغان باتۇرلىرى ئىشغال قىلىپ تۇرغان لاشىز قەبرىستانلىقىغا قاراپ ئېتىلدى. قەبرىستانلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر ئىستىھكام ئىنتايىن تېزلىكتە قولدىن كەتتى. زەمبىرەك ئوقلىرى قەبرىستانلىقنىڭ ھەممە يېرىدە پارتلاپ، گۆردىكى جەسەتلەرنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋەتتى. باتۇرلىرىنىڭ زەمبىرەك ئوقى تۈگەپ كەتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنى زەمبىرەك دالدىسىغا ئېلىپ، ئاددىي مىلتىق بىلەن دۈشمەننى ئوققا تۇتتى. كەچ كىرگەندە قەبرىستانلىقنىڭ دەرۋازىسى پارتلىتىۋېتىلدى. دۈشمەن قەبرىستانلىققا بېسىپ كىردى. جەڭچىلەر قەبرە ئالدىدىكى چوڭ خاتىرە تاشلارنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپ، دۈشمەنگە داۋاملىق قايتۇرما زەربە بەردى. دۈشمەن قىستاپ كەلگەندە، جەڭچىلەر قەبرىلەر ئارىسا دۈشمەن بىلەن نەيزىۋازلىق جېڭى قىلدى. ئېغىر جاراھەتلەنگەن جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن خۇددى شىردەك ئېلىشىپ، دۈشمەننى قۇچاقلاپ بىرلىكتە پارتىلىتىۋېتىلگەن گۆرلەرگە دومىلاپ كېتىشتى. ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر تۈركۈم جەڭچىلەر بىر تام تۈۋىدە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. تەڭ كېچىدە شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇردا بىر يورۇقلۇق كۆزگە قادالدى. دۈشمەننىڭ زور تۈركۈمدىكى ئاتلىق ئەسكەرلىرى كوممۇنىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغان 1200 جەڭچىسىنى قەبرىستانلىققا يالاپ كەلدى. تېز ئوق چاچار زەمبىرەكتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يالقۇنلار بىلەن تەڭ كوممۇنىنىڭ بۇ جەڭچىلىرىمۇ قۇربان بولغىنىغا ئۇزاق بولمىغان سەپداشلىرىنىڭ يېنىغا يىقىلدى. 2 - كۈنى يەنە، كوممۇنىنىڭ 147 نەپەر جەڭچىسى قەبرىستانلىقنىڭ قورغىنى ئەتراپىغا يالاپ كېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. جەڭچىلەر ئۆلۈش ئالدىدا >ياشىسۇن كوممۇنا!< دېگەن شۇئارنى ئۈنلۈك توۋلاشتى. كېيىنكى كۈنلەردە پارىژ خەلقى بىر خاتىرە مۇنار تىكلەپ، ئۈستىگە بۇ قېىمقى چوڭ قىرغىنچىلىق مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەيدىغان چوڭ تىپتىكى قاپارتما نەقىش ئويدى. مانا بۇ - مەشھۇر >كوممۇنا ئەزالىرى تېمى<. كوممۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كوچا ئىستىھكامى قولدىن كەتتى. كوممۇنىنىڭ بىر نەپەر باتورى بۇ ئىستىھكامنى تەنھا ئۆزى 15 مىنۇتقىچە قوغدىدى ۋە يەنە ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا قادالغان دۈشمەن بايرىقىنىڭ سېپىنى ئۈچ قېتىم سۇندۇرۇۋەتتى. كوممۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي زەمبىرەك ئوقىمۇ ئېتىلدى. ئىككى جەڭچى ئوقدانغا ئىككى ھەسسە كۆپ پارتلاتقۇچ دورا قاچىلاپ ئاتقانىدى. دۈشمەننىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتدىغان پارتلاش ساداسى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەزەپلىك چۇقانى بولدى! 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالىبىيەت مېۋىسىنى قوغداش يولىدا كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن تولۇق بىر ھەپتە قانلىق جەڭ قىلدى. مانا بۇ جاھانغا مەشھۇر >5 - ئايدىكى قانلىق ھەپتە!< مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەكسلئىنقىلابچىلارنىڭ ئورتاق باستۇرىشى بىلەن پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىي ھەرىكىتى مەغلوب بولدى، كوممۇنا جەڭچىلىرىنىڭ كۈرەش ئەمەلىيىتىدە قان بەدىلىگە ئېرىشكەن تەجرىبە - ساۋاقلىرى كېيىنكى كۈنلەردىكى پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئۈچۈن پايدىلىق ئەينەك بولۇپ، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى. پارىژ كوممۇنىسى - دۇنيا تارىخىدىكى پرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى قېتىملىق باتۇرانە سىنىقى. ئۇ پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئازىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىشتىكى تۇنجى مانېۋرى، پرولېتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى. شۇنداقلا كاپىتالىزمىغا بېرىلگەن تۇنجى قېتىملىق ئېغىر زەربە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى، كاپىتالىزمنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتقان دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ