UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭۋېكتور ھيۇگو

ۋېكتور ھيۇگو

بەش مىڭ يىل 1850 - يىل 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى پارىژدىكى پوپ لاشىز قەۋرىستانىغا مەشھۇر يازغۇچى بالزاكنىڭ مېيىتىنى ئېلىپ ماڭغان كىشىلەر ئارىسىدا 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىران كىشى تۇراتتى. يۈزى دۈپ - دۈگلەك، چېچىغا ئاستا قەدەم تاشلاپ بالزاكنىڭ قەۋرىسى ئالدىغا كېلىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن بىر تۇتام گۈلنى قويدى - دە، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كېتىپ قالدى. سىنچىلاپ قارىسىڭىز ئۇنىڭ كۆزىدىن يول بويى ياش تامچىلىرىنى - ياخشى بۇرادىرىنى سېغىنىپ ئاققۇزغان ئىسسىق ياش مونچاقلىرىنى كۆرەتتىڭىز. بۇ قىران كىشى فرانسىيىنىڭ ئۇلۇغ رومانتىزىمچى ئەدەبىي ۋېكتور ھيۇگو ئىدى. ئۇنىڭ بالزاك بىلەن بولغان دوستلۇغى ئۈستىدە سۆز ئېچىشقا توغرا كەلسە، 20 يىلدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. 1830 - يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، پارىژدىكى فرانسىيە تىياتىرخانىسىدا ياش يازغۇچى ھيۇگو يازغان رومانتىك تىياتىر >ئېنانى< قويۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى. ئويۇن تېخى باشلانمايلا، تىياتىر ئالدىدا تۇرغان تاماشىبىنلار ئىچىدە جىدەل چىقتى. - قويۇلمىسۇن! قويۇلمىسۇن! بۇ ئويۇن ئىنتايىن ئوسال، ئۇنىڭدا كىلاسسىك سەنئەت ئاياك ئاستى قىلىنىپتۇ! ئۇنى قويۇشقا قارشى تۇرىمىز! - دېيىشتى بىر مۇنچە كىشى ۋايساپ. - قويۇلسۇن! قويۇلسۇن! بۇ ئويۇن ئىنتايىن ياخشى، ئۇنىڭدا سەنئەتكارنىڭ تەسەۋۇرى بىلەن ئىجادىيىتى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان، بىز ئويۇننىڭ قويۇلۇشىنى قارشى ئالىمىز! - دېيىشتى يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر قەتئى رەددىيە بېرىپ. دەسلەپ ئىككى تەرەپ تالاش - تارتىش قىلىشتى، ئاخىرى بېرىپ سوقۇشۇپ كەتتى. ئويۇننىڭ قويۇلۇشىغا قارشى چىققان تەرەپ ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ، ئەخلەت ساندۇغىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى ئۆلە - تىرىلىشىگە باقماي پەسكە ئېتىشقا باشلىدى. ئويۇننى قۇيۇشنى تەلەپ قىلغان تەرەپ تىياتىرخانىدىن چىقماي چىڭ تۇردى، ئۇلارنىڭ قولىشى ئارقىسىدا، تىياتىر باشتىن ـ ئاخىر تولۇق قويۇلدى. زالنىڭ ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئويۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالدى. ئويۇننىڭ قويۇلۇشىنى قوللىغان تاماشىبىنلار ئىچىدە، ئۇلۇغ يازغۇچى بالزاكمۇ بار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بىر تال بەسەينىڭ كۆتىگى كېلىپ تەگدى. ھيۇگو ئۇنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، بالزاك بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. >ئېنانى< نىڭ ئوينىلىشىغا نېمە ئۈچۈن بەزىلەر قارشى چىقىدۇ؟ بۇ درامىنىڭ پىرسۇناژى ئېنانى دادىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغان قاۋۇل يىگىت ئىدى. ئۇ پادىشاھ بىلەن زادى ئەيىپلەپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىدۇ. ۋەقەلىك گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىپ يارىشىشى بىلەن ئاياقلاشقان، ئۇنىڭدىكى فېئوداللىققا قارشى ئىدىيە ئۈزۈل - كېسىل بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما پادىشاھنىڭ يېغىرىغا تەككەنلىكتىن، مۇتەئەسسىپلەر ئۇنىڭغا قەتئى قارشى چىقتى. بۇ درامىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىمۇ كىلاسسىك تىياتىرلارغا ئوخشاشمايتتى. ئۇنىڭغا لاتاپەتلىك ۋە ئەدەپلىك شېئىرىي تىياتىرشەكلى بۇزۇپ تاشلىنىپ، نىقاپلاش، يوشۇرۇش، زەھەر سېلىش، شەمشەر قاتارلىق ئاجايىپ ۋەقەلىكلەر ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، تىياتىرنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلگەن ئىدى.بۇ ئەھۋالنىڭ پادىشاھنى ھىمايە قىلىدىغان >ئالىجاناپلار< نىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشىمۇ تەبىئىي ئىدى. ئەمما، بۇ سەھنە ئەسىرنىڭ ئوينىلىشى ھيۇگونىڭ رومانتىك قىزغىنلىقىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. 1830 - يىل 7 - ئايدا، فرانسىيىدە >ئىيۇل ئىنقىلابى< پارتلاپ، تىرىلگەن سۇلالە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. خەلقنىڭ ئىنقىلابى قوزغىلىڭى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بەردى. ھيۇگو بىر يىل جالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىسىدا، 1831 - يىل مەشھۇر رومان >پارىژ بۈۋى مارىيە چېركاۋىسى<نى ئېلان قىلدى. >پارىژ بۈۋى مارىيە چېركاۋىسى< نىڭ ۋەقلىكى مۇنداق: پارىژدىكى مارىيە ئانا چېركاۋىسىدا فلورو ئىسملىك، سالاپەتلىك بىر ياردەمچى پوپ بار ئىدى. >كىشىلەرنى ئالداش بايرىمى< بولغان كۈنى، ئۇ مەيداندا ئۇيۇن كۆرسىتىپ پۇل تاپىدىغان ئەسمىخاردا ئىسملىك سىگان قىزنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ قىزنىڭ گۈزەللىكى، ئۇسۇلغا ئۇستىلىقى فلورونى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ فلورو چېركاۋنىڭ قوڭغۇراقچىسى كاشمۇدونى قىزنى بۇلاپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئەسمىخاردا قۇتقۇزۇۋېلىڭلار دەپ توۋلىغاندا، ئوقياچىلار ئەترىدىنىڭ باشلىقى فىبىس يېتىپ كېلىپ، قوڭغۇراقچىنى تۇتۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى مەيدانغا ئېلىپ بېرىپ قامچىلايدۇ، ياردەمچى پوپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالمايدۇ، ئەكسىچە، سىگان قىز ئۇنىڭغا سۇ بېرىدۇ، قۇڭغۇراقچى ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. كېيىن، سىگان قىز ئوقياچىلار ئەترىدىنىڭ باشلىقىنى ئىزلەپ بارغاندا، ياردەمچى پوپ قىزنىڭ ئارقىسىدىن يوشۇرۇن بېرىپ، ئوقياچىلار ئەترىدىنىڭ باشلىقىغا پىچاق تىقىدۇ ۋە بۇ قاتىللىقنى سىگان قىزغا دۆڭگەپ قويىدۇ. پارىژ ھۆكۈمىتى قىزنى قولغا ئېلىپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئوقياچىلار ئەترىدىنىڭ باشلىقى قىزغا گۇۋالىق بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ياردەمچى پوپ قانۇنىي جازاغا تارتىلماي قالىدۇ. قەيسەر قوڭغۇراقچى قىزنى تۈرمىدىن ئېلىپ قېچىپ، بۈۋى مارىيە چېركاۋسىغا يوشۇرۇپ مۇھاپىزەت ئېلىپ قېچىپ، بۈۋى مارىيە چېركاۋسىغا يوشۇرۇپ ماھاپىزەت قىلىدۇ. سىگان قىزنىڭ بىرلىكتە ئويۇن كۆرسىتىپ پۇل تاپىدىغان شىرىكلىرى چېركاۋغا كىرىپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا، ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى ئۇلارنى چېپىپ تاشلايدۇ ۋە قوغلىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ياردەمچى پوپ سىگان قىزنى قورقۇتۇپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ، قىز قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ھۆكۈمەت قۇشۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ. ياردەمچى قوڭغۇراقچى غەزەپلىنىپ، پوپنى چېركاۋدىن ئىتتىرىۋېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. روماندا گەرچە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغ ئۇچى فېئوداللىق ھۆكۈمەتكە، فېئوداللىق دىنىي جەمىئىيەتنى پاش قىلىشقا قارىتىلىپ، 1830 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدىكى فرانسىيىنىڭ يۇقۇرى تەبىقىسى قاتتىق قامچىلارنغان. شۇ سەۋەپتىن، بۇ رومان تۆۋەن قاتلامدىكى كەڭ خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. فرانسىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر بۇ چوڭ يازغۇچى ھيۇگوغا قاتتىق تەسىر قىلدى. 1851 - يىل 12 ـ ئايدا، ناپولېئون Ⅲ فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسىگە پادىشاھ بولدى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ 10 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆلمەس ئەسەر - >پاجىئەلىك دۇنيا< نى يېزىپ چىقتى. بۇ روماندا، ئېزىلگۈچى سىنىپ تارتىۋاتقان ئېغىر جەۋرى - جاپالار تەسۋىرلىنىپ، جەمىئىيەتتىكى تەڭسىزلىك ئۈستىدىن ئىسسىق قان ۋە ياش ئارقىلىق شىكايەت قىلىنغان، ئۇ بىزنىڭ كاپىتالىزىم جەمىئىيىتىنى چۈشىنىشىمىزگە ئىمكانىيەت بېرىدىغان بەدىئىي دەرسلىك. >پاجىئەلىك دۇنيا< نىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: ژان ئاژان دېگەن بىر ئىشسىز ياش بولۇپ ئاچىسىنىڭ يەتتە بالىسى ئاچ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بىر بولكا ئوغرىلاپ بەرمەكچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قالىدۇ ۋە ئېغىرلىتىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقتىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 19 يىل قاماقتا ياتىدۇ. ئۇ تۈرمىدىكى چاغدا نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلسىمۇ، كەڭچىلىك قىلىنمايدۇ. كېيىنكى چاغلاردا ئۇ، بىر پوپنىڭ ياردىمى بىلەن تۈزۈلۈشكە باغلايدۇ. ئۇ ئىسمىنى مادراندقا ئۆزگەرتىپ، دېڭىز بويىدىكى بىر شەھەردىكى زاۋۇت ئىچىدە تېخنىكىنى يېڭىلاپ، مىليونىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇ لىللا ئىش قىلغان ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا خوشاللىق بىلەن ياردەم بەرگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى شەھەر باشلىقى قىلىپ سايلايدۇ. شەھەردە تۈزۈكلا بىر قىز بولۇپ، پارىژدا ئالدىنىپ كېتىپ، قوساق كۆتىرىپ قالىدۇ ۋە قىز تۇغىدۇ. ئۇ زاۋۇتتا ئىشلىمەكچى بولۇپ، قىزىنى مېھمانخانا خوجايىنىغا باققىلى بېرىدۇ. مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنى قاقتى - سوقتى قىلىۋەرگەنلىكتىن، بۇ چوكان چېچى ۋە چىشىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەتتا نومۇسىنى سېتىپ جالاپ بولۇپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا نامراتلىشىپ كېسەلمەن بولۇپ يېتىپ قالىدۇ. ژان ئاژان ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ قىزى كوسەيتنى بېقىۋېلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇ كەملەردە، ساقچى باشلىقى ساۋېي ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان مەھبۇس ژان ئاژاننى ئىزلەپ يۈرەتتى، ئاخىرى ئۇ بىگۇنا بىر ئادەمنى تۇتۇۋالىدۇ. شەھەر باشلىقى مادراند ئۆزىنى ژان ئاژان مەن بولىمەن دەپ سوتقا چىقىدۇ، ساۋېي ئۇنى قولغا ئېلىپ، قايتا تۈرمىگە قامايدۇ. گۆدەك كوسەيت مېھمانخانىدا ئېغىر ئەمگەك قىلىدۇ، خارلىنىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنى بىر كىشى پۇل تۆلەپ قۇتقۇزۇۋالىدۇ. بۇ كىشى كىمدۇ؟ بۇ كىشى تۈرمىدىن يەنە بىر قېتىم قېچىپ چىققان ژان ئاژان ئىدى. ئۇ يەنە تۇتۇلۇپ قالماي دەپ، كىچىك كوسەيتنى ئېلىپ مۇناستىرخانىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. كوسايت چوڭ بولىدۇ، مارىيوس ئىسىملىك بىر ياش ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. 1832 ـ يىلى ئىيۇل خاندانلىقى خەلقنى قانلىق تۈردە باستۇرغانلىقتىن، پارىژ خەلقى قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ. مارىيوس بۇ قۇزغىلاڭغا قاتنىشىپ ئېغىر يارىدار بولۇپ خۇدىنى بىلمەي يېتىپ قالىدۇ، ژان ئاژان خەۋپ - خەتەرگە قارىماي ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. بۇ چاغدا ساۋېي ئىنقىلابى قوشۇنغا كۆز بوياپ كىرىۋېلىپ پايلاقچىلىق قىلىۋاتقاندا تۇتۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئەمما ژان ئاژان ساۋېينى جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا قويۇپ بېرىدۇ، ساۋېي قاتتىق خىجالەت بولۇپ ئۆلۈۋالىدۇ. كوسەيت بىلەن مارىيوس توي قىلىدۇ. ژان ئاژان ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخىغا چېتىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، پارىژدىن لوندونغا تۇيدۇرماي كېتىپ قالىدۇ. مارىيوس ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان شاپائەتچىنى ئىزلەپ يۈرەتتى، ئۇ كىشى ژان ئاژان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كوسەيت بىلەن بىللە دەرھال لوندۇنغا بارىدۇ. ئەمما، ياشىنىپ قالغان ژان ئاژان كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقتىن، ئاخىرقى قېتىم يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ روماننى 19 - ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدىكى فرانسىيە جەمىئىيىتىنىڭ ھەقىقى تەسۋىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر قايسى قاتلامدىكى خەلقنىڭ روھىي ھالىتى ۋە تۇرمۇشى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان؛ شۇ كەملەردىكى زور سىياسى ۋەقەلەر، ئالايلى، ۋاتېرلوئو ئۇرۇشى، 1832 ـ يىلدىكى قوزغىلاڭ قاتارلىقلار جانلىق ۋە كونكىرىت تەۋسۋىرلەنگەن؛ بولۇپمۇ بۇرژۇئا قانۇنىنىڭ ساختا ماھىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇر پاش قىلىنغان ۋە تەنقىت قىلىنغان، شۇڭا، بۇ ئەسەر دۇنياغا كېلىش بىلەنلا، پۈتۈن دۇنيانىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسر بولغان. 1870 - يىلى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، ناپولېئون Ⅲ تەسلىم بولدى، فرانسىيىدە يېڭىۋاشتىن جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. ھيۇگو دەرھال ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، تاپقان - تۇتقىنىغا ئىككى زەمبىرەك قۇيغۇزۇپ، پرۇسسىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىغا قارشى تۇردى. ھيۇگو ئۇزۇن ئۆتمەي بېلگىيىگە كەلدى. شۇ چاغدا پارىژ پۇرولېتارلىرى ساتقىن ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قۇردى. ھيۇگو بۇ ئىشنى تازا چۈشىنەلمىدى. ئەمما، ساتقىن ھۆكۈمەت پرۇسسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قانلىق باستۇرغاندا، ھيۇگو بېلگىيە گېزىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، كوممۇنا ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئۆيىگە كېلىپ پاناھلىنىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا ئۇ پارىژغا قايتىپ كېلىپ، كوممۇنا ئەزالىرىنى ئاشكارا ئاقلاپ ماقالا يازدى، نۇتۇق سۆزلىدى. پرۇسسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، كۈچلۈك ئادالەتپەرۋەرلىكى ۋە روشەن ۋەتپەرۋەرلىكىنى كۆرسەتتى. 1885 - يىل 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھيۇگو ۋاپات بولدى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا، 19 - ئەسىرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بېشىدىن كەچۈردى؛ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى 19 - ئەسىردىكى فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ گۇۋاچىسى دېيىشكە بولىدۇ. فرانسىيە خەلقى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇنى سەمىمى ئەسلىدى. پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزالىرى گېزىتتە خىتاتاپنامە ئېلان قىلىپ، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزالىرى گېزىتتە خىتاپنامە ئېلان قىلىپ، پارىژ كوممۇنىسى جەڭچىلىرىنى ھيۇگونىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا چاقىردى. خەلق ھيۇگونى ئۇنتۇپ قالمىدى، ھيۇگونىڭ ئەسەرلىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ