ئاتا تۈرك
بەش مىڭ يىل
1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيىدىمۇ ئىنقىلاب پارتلاپ، مىللىي مۇستەقىللىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. كامال ئاتا تۈرك مۇشۇ ئىنقىلابنىڭ يول باشچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇستاپا كامال . ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، فامىلە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئالىي مىللىي كېڭەش كامالغا ئاتا تۈرك فامىلىسىنى بىرىشنى بىر ئېغىزدىن قارار قىلدى. «ئاتا » تۈركچىدە «دادا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «ئاتا تۈرك» دېگىنىمىز «تۈركلەرنىڭ ئاتىسى » «تۈركلەرنىڭ دۆلەت ئاتىسى » دېگەنلىك بولىدۇ.
ئالىي مىللىي كېڭەش كامالنى نېمە ئۈچۈن بىر ئېغىزدىن «دۆلەت ئاتىسى » دەپ كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن بۇ نام بېرىلگەن.
كامال 1881 - يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى كىچىك باجگىر ئىدى. كامال تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي دادسى قازا تاپتى. ئۇ ۋە سىڭلىسى ئانىسىغا تايىنىپ كۈن كەچۈردى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى. ئوغلىنىڭ چوڭ بولغاندا ئاخۇن ياكى قازى - قۇززات بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، كامال تۈركىيە كوماندىرى بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلپ يۈرگەنلىكتىن، سالۇنىكا ھەربىي تەييارلىق مەكتىپىگە كىردى. ئۇ ئەقىللىق بولۇپ تىرىشىپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى ناھايىتى ياقتۇراتتى. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى مۇستاپا دېمەي «كامال» دەپ چاقىراتتى.
كامال تۈركچىدە «ئادالەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ 18 ياشقا كىرگەن يىلى ئىستامبۇل ھەربىي ئونۋېرستېتىغا كىردى.
شۇ كەملەردە تۈركىيە نامدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى دېيىلسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئاللىقاچان غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ يېرىم مۇستەملىكسى بولۇپ قالغانىدى. كامال كىچىكىدىنلا ئېغىر مىللىي خورلۇقنى سېزىپ، كۈچلۈك مىللىي ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئۇرغۇغانىدى.
بىر كۈنى ئۇ ھەربىي ئونۋېرستېتتىكى ياتىقىدا پۈتۈن زېھنى بىلەن قېلىن بىر كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى. كىتاب گېزىت بىلەن مۇقاۋىلانغانىدى. ئۇ كىتابقا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، ھەربىي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغانلىقىنىمۇ سەزمىدى.
_ قانداق كىتابنى ئوقۇۋاتىسەن ؟ - دەپ سورىدى ئوقۇتقۇچى.
_ ئوھۇ، ياخشىمۇ سىز! - دېدى كامال بېشىنى كۆتۈرۈپلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،- چەتئەل رومانىنى ئوقۇۋاتىمەن . . .
كامال گەپ ئارىسىدا كىتابنى يېپىپ، ھەربىي ئوقۇتقۇچىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ كىتابىغا دىققەت قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن ھەربىي تەلىم تەربىيە ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. كامال كىتابنى ياستۇق يېنىدا قويۇپ، ئىختىيارسىز دەككە - دۈككىگە چۈشتى. بۇ تۈركىيلىك بىر چوڭ ئەدىب ياۋروپا ئىنقىلابىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «ئانا ۋەتەن » دېگەن كىتاب ئىدى. ئىستىبدات تۈركىيە سۇلتانى بۇ كىتابقا «پادىشاھنى ھاقارەتلىدى» دېگەن بەتنامنى چاپلاپ، بۇيرۇق بىلەن ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەنىدى. بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئەنگىلىيىگە پالاندى. شۇنىڭدىن كېيىن « ئانا ۋەتەن» دېگەن كىتابنى ئوقۇغانلار بايقالسا، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان بولدى.
كامال نۇرغۇن ئىلغار كىتابلارنى ئوقۇغانلىقتىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ سىنىپتىكى بىر ئىنقىلابىي كىچىك گۇرۇپىغا قاتناشتى ھەمدە قولىدا كۆچۈرۈلگەن كىچىك گېزىت چىقىرىپ، مەكتەپتىكى 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئارىسىدا تارقاتتى. گېزىتتىكى ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى كامال يازاتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ياش تۈركلەر پارتىيىسىگە يېقىنلىشىپ، ئىستىبدات تۈركىيە سۇلتانىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشتى.
1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، كامال ئالدىنقى سەپكە باردى. كېيىن ئۇ گېنىراللىققا كۆتۈرۈلدى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، تۈركىيىمۇ گېرمانىيە بىلەن بىللە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ، ئۇنىڭ زېمىنىنى ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۆلۈشۈۋالدى. تۈركىيە مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.
«مۇستەقىل بولمىساق، ئۆلگىنىمىز ياخشى !»تۈركىيە خەلقى مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا قارشىلىق كۆرسىتىشكە قەسەمياد قىلدى. كامال سۇلتان ئىلتىپات قىلغان ھەربىي ۋەزىپىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئاددىي پۇقرا سۈپىتىدە قارشلىق كۆرسىتىش ھەركىتىگە قاتناشتى. ئۇ خەلقنى ھەرقانداق قۇربانلارنى بېرىپ بولسىمۇ، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۈرمىتىنى قوغداشقا چاقىردى ھەمدە:
_ جەڭ قىلغاندا قورالىمىز بولمىسا، چىشىمىز ۋە تىرنىقىمىز بىلەن بولسىمۇ جەڭ قىلىشىمىز لازىم!- دېدى ئۇ قەتئىيەتلىك بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ھەرقايسى مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالدى.
1920 - يىلى ئاپرېلدا جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزى ۋە سۇلتانلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ساتقۇنلىقىغا قارىتا ، مۇستاپا كامالچىلار ئىچىدە ئەنقەرەدە ئالىي مىللىي كېڭەش چاقىرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى ھەمدە مۇنتىزىم ئارمىيە تەشكىل قىلىشقا كىرىشتى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ خەيرىخاھلىقى ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدى. لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت روسىيىسى كامال ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى ھەمدە تۈرلۈك ياردەملەرنى بەردى.
1921 - يىل ئاۋغۇستتا، گرىتسىيە ئامىيىسى ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 100 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ئەنقەرەگە ھۇجۇم قىلدى. يېڭىلا قۇرۇلغان تۈركىيە مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سانى گىرىتسىيە ئارمىيىسىنىڭ يېرىمىغا يەتمىسىمۇ، قورال - ياراغلىرى ناچار بولسىمۇ، ئۇلار ماھىرلىق بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، قۇربان بولۇشتىن قورقماي، ئون نەچچە كۈندىلا گرىتسىيە ئارمىيىسىنىڭ يۈز نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. جەڭ داۋامىدا نۇرغۇن تۈركىيە ئاياللىرى كالا ھارۋىسىنى ھەيدەپ، مىللىي ئارمىيىگە ئوق - دورا يەتكۈزۈپ بەردى. كالا ھارۋىلىرى جەڭ سېپىگە يېقىنلاشقاندا ئۇلار ھارۋىلىرىدىن سەكرۈپ چشۈپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا پەرۋا قىلماي، زەمبىرەك ئوقلىرىنى مۈرىسىگە ئېلىپ ئاكوپلارغا توشۇدى. نۇرغۇن ئاياللار قولىغا قورال ئېلىپ، ئەسكەرلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى.
كامال جەڭ مەيدانىنى كېچە - كۈندۈز كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇردى. بىر كۈنى ئۇ ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، قوۋۇرغىس سۇنۇپ كەتتى. ئەسكەرلەر ئۇنى يۆلەپ ئارقا سەپتە دەم ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. كامال :«بۇنداق چاغدا دەم ئېلىشقا ھەققىم يوق!» دېدى - دە، تەسلىكتە ئاتقا مىنىپ، بېلىنى قولى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ، جەڭگە داۋاملىق قوماندانلىق قىلدى. تۈركىيە مىللىي ئارمىيىسى بىر ئايدىن ئارتۇق قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، ئاز تۇرۇپ كۆپ دۈشمەننى يېڭىپ، گرېتسىيە ئارمىيىسىنى ئىگەي دېڭىزىغا قوغلۋەتتى. گرېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئەسىر ئالدى. ئارقىدىنلا تۈركىيە مىللىي ئارمىيىسى ئىستانبولغا كىردى. تۈركىيىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى سۇلتان مۇھەممەت تۆتنچى بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئارقا ئوردا بىلەن ئەنگىلىيە ھەربىي پاراخوتىغا چىقىپ قېچىپ كەتتى.
كامال مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە غەلبىنى تەبرىكلەش كەچلىك يىغىنىنى ئاچتى. كەچلىك يىغىندىكى ئاخىرقى بىر نومۇر چېلىشىش مۇسابىقىسى ئىدى. كامال چېلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇ كۈنى كەچتەئۇ، ئارمىيە ئىچىدە بىر چېلىشچىغا مۇسابىقە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بەسلەشمەكچى بولدى. مۇسابىقە باشلاندى. ئەتراپتا كىشىلەر مىغىلداپ كەتتى. ھېلىقى چېلىشچى كامالنىڭ ئىككى يوتىسىنى چىڭ قامىۋېلىپ، بىر كۈچەپلا ئۇنى كۆتۈرۈۋالدى. ئۇنى يەرگە ئېتىۋېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. ئەمما بۇ ئەسكەر كامالىنى ئاستا ياتقۇزۇپ قويدى.
_ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى يەرگە ئېتىۋەتمەيسەن؟ مەن كوماندىر بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭمۇ؟ - دېدى كامال ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
_ سىز تۈركىيە مىللىتىنىڭ باشلىقى، سىزنى يەتتە دۆلەت يېقىتالمايۋاتسا، مەن قانداق يېقىتىمەن؟
چېلىشچىنىڭ جاۋابىغا پۈتۈن مەيداندا ئالقىشلار ياڭرىدى. بۇ ئالقىش ئەسكەرلەرنىڭ ئۆز داھىيىسىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتنى ئىپادىلىدى.
1922 - يىلى ئۆكتەبردە، كامال ئەنقەرەدە يەنە بىر قېتىم ئالىي مىللىي كېڭەش چاقىردى. يىغىن دۈشمەنگە ئوچۇق - ئاشكارا تەسلىم بولغان سۇلتاننى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلاپ، تۈركىيەجۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. كامال تۈركىيىنىڭ 1 - قارار زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. ئەنقەرە جۇمھۇرىيەتنىڭ پايتەختى بولدى.
كامال زۇڭتۇڭ بولغان كۈنى، بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن :
_ سىز ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز، سىز ئەمدى نېمە ئىشلارنى قىلماقچى؟- دەپ سورىدى.
_ ئۇرۇش تۈگىدى. كىشىلەر مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر باشلىنىش ، بىزنىڭ ھەقىقىي ئىشىمىز ئەمدى باشلاندى!- دېدى كامال جاۋاب بېرىپ.
كامال ئېيتقان «ھەقىقىي ئىش» ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، تۈركىيىنى گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتەتتى. ئۇ بارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ مائارىپنىڭ ئەھمىيىتنى تەشۋىق قىلدى. شۇ كەملەردە، تۈركىيىدە ئەرەب يېزىقى قوللىنىلاتتى. ئۇنى ئوقۇش، يېزىش قىيىن بولۇپ، تۈركچە خاتىرە يېزىشقا ئەپ كەلمىگەنلىكتىن، تۈركىيىدە ساۋاتسىزلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. كامال ئوقۇتقۇچىلار، ئالىملار بىلەن بىلىكتە يېزىقنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ۋە تۈزۈپ چىقىپ، لاتىنچە يېڭى ھەرپنى قوللاندى. ئۇ يىغىن چاقىرىپ يېڭى يېزىقنى تەشۋىق قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تېز ئۆگۈنۈشىنى تەلەپ قىلدى. ھەر بىر تۈركىيە خەلقىدىن، دېھقانلار، ھامماللار، پاراخوت ئىشچىلىرىدىن بۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي مەجبۇرىيەت دەپ قاراشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تەشۋىق قىلىش بىلەنلا قالماي، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مېنىستىلارغا يېڭى يېزىقنى ئۆزى ئۆگەتتى. ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، قارا تاختىنى ئېلىپ يۈردى. باغچىلار، مەيدانلار، يېزىلار، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا كىشىلەرنىڭ يېڭى يېزىق ساۋاتىنى چىقاردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر كامالنى قىزغىنلىق بىلەن «باش ئوقۇتقۇچى» دەپ ئاتىدى.
فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدىكى تۈركىيە داڭقى چىققان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، ئاياللارنىڭ قىلچىمۇ ھوقۇقى يوق ئىدى. ئاياللار تالاغا چىققاندا چۈمبەل تارتاتتى. پويىز كېمىلەرگە چىققاندا كۆرسىتىلگەن بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردا سىقىلىپ ئولتۇراتتى. سورۇنلارغا چىقالمايتتى. ئەركىن - ئازادە سۆزلىشەلمەيتتى. سايلام ۋە ھاكىمىيەتكە قاتنىشتىن گەپ ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭىچە تەلىم - تەربىيە كۆرگەن ئاياللاردىن تەخمىنەن 400 كىشى ئىستامبۇلدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ قانۇن لايھىسىنى تۈزۈپ چىقتى. يىغىن سەككىز كىشىدىن تەشكىل تاپقان تەلەپ قويۇش ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى. قانۇن بىلىمگە باي تۆت نەپەر ئەر مەسلىھەتچىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشتى. تەلەپ قويۇش ھەيئىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن لايىھىسىنى ئالىي مىللىي كېڭەش تېزلا تەستىقلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم رەسمىي بىكار قىلىنىپ، ئەر - ئاياللار توي قىلسا تىزىملىتىدىغان بولدى. مۈلۈككە ئەر بىلەن ئايال ئوخشاش ۋارىسلىق قىلىش، تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى قاتارلىقلار بەلگىلەندى. بۇ قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغانلىقتىن ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئىستامبۇل ئونۋېرستىدە ئۈچ نەپەر ئايال ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەدەبىيات ، قانۇن ۋە جۇغراپىيە بويىچە ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە بولدى. تۈركىيە سوتلىرىدىمۇ ئاياللار ئەدلىيە ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى.
بىراق، مۇستاپا كامال ئىنقىلابىي بەرىبىر بۇرژۇئا خاراكتېرىدىكى ئىنقىلاب ئىدى. ئىنقىلاب جەريانىدا، كامالچىلار بىر تەرەپتىن ئۇلارنى چەكلىدى ۋە باستۇردى. تۈركىيە كوممۇنىستىك پارتىيىنىمۇ باستۇردى. 1939 - يىلى كامال ئۆلگەندىن كېيىن، شۇ چاغدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە، فرانسىيە بىلەن يەنە ئۆزئارا ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزىنى ئەنگىلىيە، فرانسىيە جاھانگىرلىكىنى قوينىغا ئېتىپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.