روگېر بېكىن
بەش مىڭ يىل
-بۇرادەر، ئوكسفود ئۇنۋېرسىتېتىدا روگېر بېكىن دېگەن بىرئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ئۇ ياسىغان مىس باشلىق چوڭ ھەيكەل ھەر قانداق سوئال قويسىڭىز ھەممىسىگە سۇدەك جاۋاپ بېرىدىكەن.
- راستمۇ؟
- راست بولماي، ئۇ تېخى ھاۋانى قاتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئەنگىلىيە بۇغۇزىدىن ئۆتىدىغان 30 مىل ئۇزۇنلۇقتا بىر دېڭىز كۆۋرۈكى ياساپتۇ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولۇپ ھاۋانى ئېرىتىۋەتكەن ئىكەن، كۆۋرۈك ھەدەپ قىسقىراپ، تارىيىپ، بارا - بارا....
- ھە، نېمە بولۇپتۇ؟
- پۈتۈنلەي غايىپ بولۇپتۇ.
يۇقىرىقىلار تەجرىبە قىلىشنىڭ بۈيۈك پىرى روگېر بېكىن ھەققىدىكى خىلمۇ خىل سىرلىق رىۋايەتلەر.
ئۇنداق بولسا، روگېر بېكىن زادى قانداق ئادە، مىس باشلىق چوڭ ھەيكەل، دېڭىز ئۈستىدىكى كۆۋرۈك دېگەنلەر قانداق گەپ؟
- روگېر بېكىن، ئەنگىلىيىنىڭ 13 - ئەسىردىكى بۈيۈك مۇتەپپەككۈرى ۋە ئالىمى ئىدى. ئۇ ئاۋۋال ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ پەلسەپىدىن دەرس ئۆتتى. ئۇ چاغدا، دىنىي خۇراپاتلىق ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقتىن ئاللانىڭ نوپۇزىغا چوقۇنۇشقىلا رۇخسەت قىلىناتتى. ھەر قانداق يېڭى پىكىرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يول قويۇلمايتتى. شۇنىڭدەك، كىشلەر قەدىكى يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىلنىڭ ئىلىم - پەن ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىرىنسىپ ۋە تەشەببۇسلىرىغا چەكسىز رەۋىشتە ئىلاھىيەتتەك ئېتىقاد قىلاتتى. ئەمما، روگېر بېكىن:ئارستوتىل نۇقتىنەزەرلىرىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلمىي تەجرىبە ئارقىلىقلا ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى پىروفېسسورلار ئەيىپلىدى ۋە مەسخىرە قىلدى.
- بېكىن ئەپەندى، - دېدى ئوكسفورد ئونۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، - سەمىمىي نەسىھىتىم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، نوپۇزغا شەك كەلتۈرگىلى بولمايدۇ!
- مۇدىر ئەپەندى، مەنمۇ سىزگە سەمىمىي نەسىھەت قىلىمەنكى، ئۇ چاغدا ئارىستوتىلدا ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئىسپاتلاپ بەرگۈدەك تەجرىبە سايمانلىرى يوق ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ تامامەن ئىلمىي، نوقسانسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولمايدۇ.
- ئەپەندىلەر، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ كىچىككىنە بىر نېمىنىڭ شۇنچە ئۇلۇغ ئارىستوتىلغا شەك كەلتۈرۋاتقىنىنى قاراڭلار، ھا... ھا... بۇ ئاجايىپ بولمىغۇر خىياللاردا بولۇۋاتىدىغۇ دەيمەن!
- ھا... ھا... بولمىغۇر خىيال!
ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ >ئىلىم - پەن پىروفېسسورلىرى< قەيسەر بېكىننى ئاشۇنداق مەسخىرە قىلىشتى.
- ھەقىقى بىلىم بىراۋانىڭ نوپۇزىدىن پەيدا بولمايدۇ. بىر زامانلاردىكى چىرىك ئەقىدىلەرگە چوقۇنۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، - دېدى بېكىن، >ئىلىم - پەن پىروفېسسورلىرى<غا تىكىلگەن ھالدا جەسۇرلۇق بىلەن، - نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنىڭ سىرىنى نامى ئۇلۇغ كىشىلەر ئەمەس، بەلكى كۆزگە ئىلىنمىغان كىشىلەر تاپقان. چۈنكى نامى ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ نام ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.
بېكىن، پىروفېسسورلارنىڭ مەسخىرىلىرىگە چىداپ تۇرالماي قەيسەرلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىستىپا بەردى. بۇ چاغدا ئۇ تېخى 30 ياشقا كىرمىگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ سانپانچى جەمئىيىتىگە قاتناشتى. بۇ - شۇ ئىسىملىك بىر دىن تارقاتقۇچى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان دىنىي تەشكىل ئىدى. بۇ تەشكىلگە قاتناشقاندىن كېيىن، بېكىن توسالغۇسىز ھالدا پۈتۈن نىيەت بىلەن ئىلمىي تەجرىبە ئىشلىرىنى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى ۋە >ئاللانىڭ شەرىپىنى دەلىللەش< نامى بىلەن تۈرلۈك ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ كۆزەينەك، دۇربۇن، مىكروسكوپلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇياش نۇرىنىڭ يامغۇر تامچىسى ئارىسىدىن ھەسەن - ھۈسەن بولۇپ چېچىلىدىغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ چۈشەندۈرۈپ بەردى. فوسفور، تۆمۈر ۋە ۋىسمۇت قاتارلىق خىمىيىۋى ماددىلارنى ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ،ھەتتا پار ئېنېرگىيىسى... قاتارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلدى.
بىر كۈنى، بېكىن كىچىككىنە بىر ئۆيدە بىر پارچە كاردون قەغەز ۋە بىر ئاز كالىي سېلىترا، نىتروللاشتۇرۇلغان گۈڭگۈرت بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى. ئۇ كالىي سېلىتىرانى گۈڭگۈرت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن كاردون قەغەزگە ئورىدى. دەرىزىدىن كىرگەن ئىزغىرىن شامالدىن بېكىن شۈركىنىپ كەتتى - دە، قولىدىكى قەغەز شىرت... قىلىپ يېرىلىپ كەتتى. بادۇرمۇ ئەمەس. كېيىنمۇ ئەمەس دەل شۇ چاغدا، چاقماق چاققاندەك ۋال - ۋۇل نۇر چاقنىدى - دە، گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز چىقتى. بېكىننىڭ قوللىرى قولىشىپ شۇ ھامانلا يەرگە يىقىلدى ۋە ئىس - تۈتەك ئىچىدە قالدى. ئىس - تۈتەك تارقىغاندا، بېكىننىڭ قوللىرى ساپ - سېرىق سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ، چاپىنىنىڭ پېشىدىن كۆيۈك ھىدى چىقىپ تۇراتتى، باش كىيىمى ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئۇچۇپ بېرىپ قالغان ئىدى. پەقەت ئۇنىڭ كۆزلىرىلا ئوتتەك چاقناپ تۇراتتى.
- مىلتىق دورىسى! ئاھ، مىلتىق دورىسى! ئى خۇدا ماڭا مىلتىق دورىسىنى ئاتا قىلدىڭ! - بېكىن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە قولىغا قەلەم ئالدى - دە، بىر بۇلۇڭى كۆيۈپ كەتكەن قەغەزگە ھەش - پەش دىگىچىلا تەجرىبە ئەھۋالىنى خاتىرىلىۋالدى؛ ئاندىن بۇ قەغەزنى ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر تۆشۈككە تىقىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى، بۇ تەجرىبە نەتىجىسى قولىدىن ھەر بال كېلىدىغان كاززاپلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئىنسانىيەتكە ئېغىر بالا - قازالارنى كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى. ھېلىقى تۆشۈكتە يەنە زەھەرلىك گاز تەجرىبىسى ھەققىدىكى قوليازما قەغەزمۇ بار ئىدى.
بېكىننىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەجرىبىلىرى ئاخىر زور بالا - قازاغا سەۋەپ بولدى. سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان شىۋىرغان غۇيۇلداۋاتقان بىر ئەتىگەندە، بىر توپ ئەسكەرلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كىردى ۋە سەۋەبىنىمۇ ئېيتماستىن، تەجرىبە ئۈستىدىكى بېكىنغا كويزا - كىشەن سېلىپ ۋاتىكان )شەرىئەت( غا ئېلىپ مېڭىشتى.
- بېكىن، ئاللارنىڭ سىرىنى ئاچقان گۇناھىڭنى بىلەمسەن؟
- بېكىن، سەن ئاللا ياراتقان نەرسىلەر بىلەن خىيانەتلىك تەجرىبە ئېلىپ باردىڭ، گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىسەن!
- سەن جىدىتلىق قىلىپ ئېزىتقۇ تەلىمات يارىتىش قەستىدە بولدۇڭ، جامائەت بىردەك ئېتراپ قىلىدىغان قائىدە - نىزامغا قارشى تۇردۇڭ، مانا، ئادەم ۋە ماددى پاكىت، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟
ۋاتىكاندا، بېكىننى يامان كۆرىدىغان بىر قىسىم دىن تارقاتقۇچىلار قاتتىق تىل - ھاقارەت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سانپانچى جەمئىيىتىنىڭ رىياسەتچىسىمۇ بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق تىل - ھاقارەت ئىچىدە بېكىن ۋاتىكان تۈرمىسىگە تاشلاندى.
ئەمما، ئۇزۇن يىللىق تۈرمىگە قاماش، بېكىننى تىز پۈكتۈرەلمىدى، ئۇ يەنىلا تەجرىبىنى ئەستىن چىقارمىدى. ئۇ تۈرمە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بىر ئاماللار بىەلن ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت ئالدى ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات تەجرىبىلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا مەخپى ھالدا ئۆگەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ، ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەمىشە>بىزدەك، ئادەمگە خاس روھقا ئىگە ئالىملار تەجرىبە، يەنە تەجرىبە، مەڭگۈ تەجرىبە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم< دەيتتى.
بېكىن يات - يات تۈرمىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلار توپىغا تەلپۈنەتتى - دە، كۆڭلىدە شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كېلەر، ئۇ كۈنلەردە بۇ ئالەمدىكى كىشىلەر روگېر بېكىن ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئۆتكەنلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەر تاپار، ئۇ چاغدا ئالىملار لىنزا ياساپ، يىراقتىكى يۇلتۇزلارنى يېقىن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ھەقىقەتەن نۇرى بىلەن يورۇتار، دېگەن ئويلارنى كەچۈرەتتى.
كۈتۈلمىگەندە، روگېر بېكىننىڭ يۇقىرى بىلىملىك ئىكەنلىكى رىم پاپىسىنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پاپا، بېكىننى داۋالاش قىيىن بولغان بەزى كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ چارىسىنى ئىمكان قەدەر مەخپى خەت يېزىپ دەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى؛ بېكىن ئۇزۇن خەت يېزىپ، ئۆزىگە سادىق بىر ئوقۇغۇچىسىدىن پاپىغا ئەۋەتتى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن، يول يۈرۈشنىڭ ئاستا بولۇشى سەۋەبلىك، پاپا خەت يېتىپ بېرىشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئەپسۇسكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئۇلۇغ ئىلمىي ئەسەر بولغان بۇ خەت 450 يىل كۆمۈلۈپ يېتىپ 1733 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئېلان قىلىندى.
1292 - يىلى بىر كۈن ئەتىگەندە، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان روگېر بېكىن تۈرمىدىن سەندىرەكلەپ مېڭىپ چىقتى. بۇ چاغدا ئۇ 78 ياشلىق بوۋايغا ئايلانغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ نادانلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئالەمدىن دەرت - ئەلەم بىلەن ئايرىلدى.
روگېر بېكىننىڭ ئۆمرى بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتتى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا، ئىزچىل تۈردە دىنىي جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۇردى، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىمۇ ئىزچىل ھاقارەتلەندى. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ نامى بارا - بارا كىشىلەر تەرىپىدىن ئەسكە ئېلىندى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ھەيرانۇمەس بولۇشتى. 15 -، 16 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامى پۈتۈن دۇنياغا تارالدى.
ئەنگىلىيىنىڭ ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتىدىكى سانپانچى قورۇسىغا ئورنىتىلغان ئابىدىگە مۇنداق سۆزلەر نەقىش قىلىنغان:
>روگېر بېكىن - ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئۇ، تەجرىبە قىلىش يولى بىلەن ئىلىم - پەن پادىشاھلىقىنىڭ تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتتى. ئۇ ھارماي - تالماي بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىپ، مىلادىنىڭ 1294 - يىلى ئەلۋىدا بولدى<.
بۇ 13 - ئەسىردە گېرمانىيىدە ئۆتكەن ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم، تەجرىبە پىرى بېكىننىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا بېرىلگەن توغرا باھا. ئەمما، يەنە بەزىلەر نۇرغۇن ئەپسانىۋى ھېكايىلەرنىمۇ توقۇدى. بۇ ئەپسانىۋى ھېكايىلەر ئىچىدە، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مىس باشلىق ھەيكەل ۋە دېڭىز كۆۋرۈكى قاتارلىقلار توغرىلىق ھېكايىلەر بار. بۇ ھېكايىلەرنىڭ بەزىلىرى مۇبالىغە، بەزىلىرى بولسا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئوقۇلغان مەدھىيىدۇر.