ئاتوم سىرىنىڭ ئېچىلىشى
بەش مىڭ يىل
كىشىلەر ئاتومنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرگەن ئاتاقلىق فىزىك رۇتېرفوردنى ىاتىرىلەش ئۈچۈن، ئەگلىيىدىكى پادىشاھ ئىلمىي قەمئىيىتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ئالدىغا سۈرىتى يېرىم چۈشۈرۈلگەن بىر مىس ھەيكەل قاتۇردى. بۇ مىس ھەيكەلنىڭ يېنىغا يەنە بىر تىمساھ ھەيكىلىنى قاتۇردى.
- تىمساھ ھەيكىلى نېمە ئۈچۈن قاتۇرۇلغان؟ - دېيىشەتتى كىشىلەر چۈشەنمەي.
- تىمساھ ئىلىم - پەننىڭ سىمۋولى، - دېدى تەجرىبىخانا ئىشچىلىرى چۈشەندۈرۈپ، - بۇژغۇنلار ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز - ئوكياندا، تىمسھا ھەرگىز ئارقىغا يانمايدۇ، ئۇ ئارقىسىغا قارىمادىغان ھايۋان، ئۇ خۇددى ئىلىم - پەنكە ئوخشاش، ھەممىسى يۇتۇۋېتىدىغان يوغان ئاغزىنى ئېچىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.
ئەينى يىللاردا رۇتېرفورد بىلەن بىللە ئىشلىگەن ئالىملار ئۇنىڭغا «تىمساھ» دېگەن لەقەمنى قويۇپ قويغانىدى. ھازىرئ ۇنىڭ مىس ھەيكىلىنىڭ يېنىدىكى تىمساھنىڭ ھەيكىلى دەل رۇتېرفوردنىڭ ئىلم - پەن يولىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا باسىدىغان قەيسەر مىجگزىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
رۇتېرفورد 1871 - يىلى يېڭى زېلاندىيىدىكى بىر يېزىدا تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە جان سانى كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇ كىچىكىدىنلا ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. بەش يېشىدا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدى، ئۇ لاتىن تىلى دەرسى بلەن كلاسسىك ئەدەبىيات دەرسىنى ئەڭ يايخشى كۆرەتتى، ئۇ ئون ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئالىم بولۇش ئالامەتلىرى تەدرىجىي ھالدا نامايان بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ناھايىتى بەڭ مېڭە ئىشلىتەتتى. بىر كۈنى ئۇ، «يىراق مۇساپىگە ئاتىدىغا زەمبىرەك ئوقى» ئويۇنچۇقىنى كەشپ ىلدى ھەمدە زەمبىرەك ھۇجۇمىنىڭ ئارىلىقىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلىنى ئۇستىلىق بىلەن لايىھىلەپ چىقتى؛ يەنە بىر كۈنى، ئۇ بۇزۇق بىر سائەتنى چۇۋۇپ تاشلىدى، بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنى ئەمدى رېمونت قىلغىلى بولمايد دەپ قاراشقانىدى، ئەمما ئۇ، بۇ سائەتنى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرا ماڭىدىغان قىلىپ ياسىدى؛ كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭ ئۆزى بىر سۈرەت ئاپپاراتى ياساپ، ئۆزى سۈرەت تارتىپ، لېنتىنى ئۆزى يۈيۇپ، سۈرەت تارتىش مەستانسى بولۇپ قالدى.
مەكتەپتە، رۇتېرفوردنىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان تەشنالىقى ئاجايىپ يۇقىرى بولدى. ئۇ ئۆگىنىپ تويمايتتى، بىلىمنى خۇددى تىمساھتەك ھام ئېتەتتى. ئۇ 18 ياشقا كىرگەن يىلى يېڭى زېلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىردى، 24 يېشىدا ئەنگلىيىدىكى كېمبرچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېۋىندىش تەجرىبىخانىسىدا بىلىم ئاشۇرۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىگە بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ ئۇزاققىچە ئەنگلىيىدە تۇرمۇش كەچۈردى ۋە پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ 37 ياشقا كىرگەن يىلى رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىلەر تەتقىقاتىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتقانلىقتىن، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەمما ئۇ بۇلار بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىدى، بەلكى ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىشكە بەل باغلىدى.
بەزىلەر قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىلا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى سان - ساناقسىز شەيئىلەر ئاتومدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇنداق بولسا، ئاتوم نېمىدىن تۈزۈلگەن؟ ئۇنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى قانداق؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە، ئالىملار بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان خىلمۇ خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بەزىلەر ئاتوم - ماددا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەڭ كىچىك ئورۇن، ئۇنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ شەكلى برىلىيانتقا ئوخشايدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر، ئاتومنىڭ شەكلى تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، تاۋۇز ئېتى ئاتومنىڭ ئىچىگە تەكشى تارقالغان مۇسبەت زەرەتنىڭ سىمۋولى، تاۋۇز ئۇرۇقى بولسا، ئېلېكترون دېيشكەنىدى. رۇتېرفوردنىڭ ئۇستازى تومىسۇن كېيىنكى قاراشتا چىڭ تۇرغانلاردىن ئىدى.
«ئۇستازىمنىڭ قاراشلىرى زادى توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟» رۇتېرفورد بۇ مەسىلىنى ئۇزاققىچە مۇلاھىزە قىلدى. ئۇ، ئەگەر ئاتوم راستتىنلا تاۋۇزغا ئوخشايدىغان بولسا، ئەگەر ئۇنىڭغا ئاتومدىنمۇ ئۇششاق زەررىچىلەرنى «زەمبىرەك ئوقى» قىلىپ ئاتساق، مۇقەررەر ھالدا ئۇنى ئاسانلا تېشىپ ئۆتۈپ، تۈپتۈز ئىلگىرىلەۋېرىدۇ، دەپ ئايلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ «a» دەپ ئاتىلىدىغان زەررىچىنى «زەمبىرەك ئوقى» قىلىپ ئاتومغا ئاتقاندا، زادى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش قارارىغا كەلدى.
ئەمما، ئۇنداق تەجرىبىنى ئېلىپ بېرىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بىر يۈرۈش مەخقسۇس ئەسۋابلارنى لايىھىلەپ چىقىشنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ تەجرىبىنىڭ ئۆزىلا خۇددى بىپايان يايلاقتا چېچىلىپ ياتقان ئۇششاق ياڭاقلارنى پىلىموتقا تۇتۇشتىنمۇ تەس ئىدى.
رۇتېرفورد ياش ياردەمچىسى گېيك ۋە بىر نەچچە ئوقۇغۇچىسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، بىر تەجرىبە ئۈسكۈنىسىنى ئاخىر لايىھىلەپ چىقتى:
a نۇر سىزىقىنىڭ رادىئاتسىيە مەنبەسى ئاپتومات زەمبىرەككە ئوخشىتىلىدى؛ بىر مېتال پەردە خۇددى ياڭاق قويۇلغان ئوتلاققا ئوخشاش قارانچۇق قىلىندى. ئۇلارنىڭ قېشىغا گۈڭگۈرتلەشتۈرۈلەەن سىنكتىن ياسالغان پارقىراق دەرپەردە ئۇرنىتىلدى، تەجرىبە ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن دەرپەردىنىڭ ئارقىسىغا مىكراسكوپ بېكىتىلدى.
رۇتېرفورد «باشلانسۇن» دېيىش بىلەن تەڭلا [ھۇجۇم» باشلاندى. «زەمبىرەك ئوقى» _ a زەررىچىلىرى ھەر بىر سېكۇنتىغا 2000 مېتر سۈرئەت بىلەن مېتال پەردىنى تېشىپ ئۆتتى. قاپقاراڭغۇ تەجرىبىخانىدىكى دەرپەردىدە چېكىت - چېكىت نۇرلار پەيدا بولدى.
_ قاراڭلار، قاراڭلار! _ دېدى رۇتېرفورد مۇتلەق كۆپ ساندىكى a زەررىچىلىرىنىڭ مېتال قارانچۇقنى تېشىپ ئۆتۈپ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئايرىم a زەررىچىلىرىنىڭلا قاڭقىپ قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، _ بۇ، نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
تەجرىبە رۇتېرفوردنى دېلىغۇل قىلىپ قويدى. ئۇ توختىماي پىكىر يۈرگۈزدى، سىناق قىلدى. خىزمەتتە بارغانسېرى جەلپ قىلغۇچى كۈچ ھاسىل بولدى. ئۇ پۈتۈن كۈن ۋە تۈنلەرنى تەجرىبىخانىدائ ۆتكۈزدى. ئۇنڭ خوتۇنى بىلەن قىزىمۇ ئۇنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇنىڭ قايسى چاغدا تەجرىبىخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە بارغانلىقىنى ئىشچى دوستلىرىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتتى.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، گېيك تەجرىبىخانىدا ئەسۋابىلارنى رەتلەۋاتاتتى، رۇتېرفورد ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ كەلدى.
_ بىلدىم! _ دېدى رۇتېرفورد، _ ئاتومنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم! _ ئۇ سەل - پەل توختىۋالدى، ئاندىن، _ بۇنى ئومۇمەن كىچىك قۇياش سىستېمىسى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ، _ دېدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
_ نېمە؟ بىزنى مۇشۇ كۆرۈنمەس دۇنيادا پرومىشيۇس بولدى دېمەكچىمۇ سىز؟ _ دېدى گېيك دۇدۇقلاپ (پرومىشيۇس يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ بەرگەن خۇدا ئىدى).
) شۇنداق، قۇياش سىستتېمىسى، _ دېدى رۇتېرفورد چۈشەندۈرۈپ، _ ئاتوم بىرىليانتقىمۇ، تاۋۇزغىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇ ناھايىتى ئازادە قۇرۇلما، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەجمى ئىنتايىن كىچىك، مۇسبى زەرەتلەنگەن يادرو بار، ئۇنىڭ تېشىدا يادرونى ئايلىنىپ تۇرىدىغان مەنپىي زەرەتلەنگەن ئېلېكترون بار. مەسىلەن، ئاتوم يادروسىنى قۇياش، ئۇنىڭ مەركىزى دېسەك، ئېلېكترون خۇددى سەييارىلەرگە ئوخشاش قۇياشنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ ...
_ ئۇنداقتا، a زەررىچىلىرى بۇ قاتتىق يادروغا تەگكەندە كەينىگە قاڭقىيدۇ.
ئاتومنىڭ سىرى ئاخىر ئېچىلدى!
دېمەك، رۇتېرفورد ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى يېپيېڭى نەزەرىيىنى كەشپ قىلدى. بۇ نەزەرىيە دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاتوم ۋە ئاتوم يادروسى فىزىكىسى دۇنياغا كەلدى ھەمدە تەرەققىي قىلدى.
ۋتېرفورد ئىلىم - پەن يولىدا بىر كۈنمۇ توختىماي ئالغا باستى. ئۇ قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئاتوم مودېلى نەزەرىيىسىنى كەشپ قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئاتوم يادروسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يادرونىڭ ئىچكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا كىرىشتى. 1919 - يىلى،ئۇ دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ئاتومنى پارچىلاپ، بىر خىل ئېلېمېنت بولغان نېتروگىنئۇمنى يەنە بىر خىل ئېلىمېنت بولغان نېتروگىنىئۇمغا ئايلاندۇردى. 1926 - يىلى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋېرسۇن بىلەن كوكرىفۇرت چوڭ تىپتىكى ئاتوم پارچىلاش ماشىنىسىنى لايىھىلەپ چىقتى، ئۇلار مۇشۇ ماشىنىدىن پايدىلىنىپ،يېنىڭ مېتال لىتىينى گېلىيغا ئايلاندۇردى.
«ئاتوم پارچىلاندى!»
_ دۇنيادا ئاخىر زامان بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟»
«ئالتۇن پات _ ئارىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، پۇل پات «ئارىدا پاخاللىشىدۇ!»
بۇرژۇئازىيىنىڭ بەزى سودا گېزىتلىرى ئاتومنى پارچىلاشماشىنىسىنىڭمۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،ئالاقزادە بولۇپ، چۇقان - سۈرەن سالدى، بۇ خەۋەر پۈتۈن يەر شارىغا چاقماق تېزلىكىدە تارقالدى.
ئەمما، ئالىملار رۇتېراوردنىڭ دوكلاتىنى ئاخىرغىچە جىم تۇرۇپ ئاڭلىدى. ئۇلار يېڭى بىر دەۋر - ئاتوم دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى!
1933 - يىلى، رۇتېرفورد 62 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تولۇپ تاشقان كۈرەش ئىرادىسى ۋە «تىمساھ» لارچە پىداكارلىق روھىنى بالدۇرقىدەكلا ساقلاپ قالدى. شۇ يىلى ئۇ يەنە پروتون _ ھىدروگېن ئاتوم يادروسىنى تاپتى ۋە ئۇنىڭغا نام بەردى ھەمدە يادرو ئىچىدىن نېترون بارلىقىدىن بىشارەت بەردى.
ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەسىرى ئارقىسىدا، ھەرخىل شان - شەرەپ ۋە مۇكاپاتلار ئۇنىڭغا قارپا ئېقىشقا باشلىدى. ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇنىڭغائ ەڭ ئالىي مۇكاپات _ كوبېللى ئوردېنى بەردى. نەچچە ئونلىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلەر ئۇنىڭغا بەس - بەستە شەرەپ ئىلمىي ئۇنۋانى ھەمدە جەمئىيەت ئەزالىقىنى تەقدىم قىلدى.
ئەمما، رۇتېرفورد ئىنتايىن كەمتەر كىشى ئىدى، ئۇ ئۆىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەلتىرىنى ھەرەىز ماختىمايتتى. ئۇ بىر كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا: «25 يىلدىن بۇيان، مەن ئاران ئۈچ ئاساسىي كەشپىيات ياراتتىم يەنە 1895 - يىلدىكى X نۇرى، 1896- يىلدىكى رادىئوئاكتىپلىق ۋە 1897 - يىلدىكى تومسۇن دەلىللىەەن ئېلېكتەرون بولدى»دېگەن ئىدى. ئۇ مىسال كەلتۈرگەن ئۈچ كەشپىياتنىڭ بىرەرسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەس.
2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىستلار گېرمايىسى يەھۇدىيلەرگە دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلىپ، يۈزلىگەن - مىڭلىغان يەھۇدىي ئالىملارنى قوغلىۋەتتى. رۇتېرفورد قول قوشتۇرۇش تۇرماستىن، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياردەم بېرىش - قۇتقۇزۇش ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكىنى قەيسەرلىك بىلەن ئۈستىگە ئالدى. ئۇ تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ، قوغلىۋېتىلگەن ئالىملارغا خىزمەت تېپىپ بەردى ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى.
1937 - يىل 01 - ئايدا، رۇتېرفورد ئۇزاق مۇددەت جىددىي ئىلمىي تەجرىبە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قاتتىق چارچىغانلىقىن، ئەنگلىيىدىكى كېمبرچ دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ قەبرىسىگە ھەر يىلى نۇرغۇن كشىلەر گۈل دەستىلەرنى قويۇپ، ئاتومنىڭ سىرىنى ئاچقان بۇ پېشىۋاغا چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ.