UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭۋېنادىكى سەرگەندان

ۋېنادىكى سەرگەندان

بەش مىڭ يىل ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېنا ياپيېشىل دوناي دەرياسى بويىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر تۈز كەتكەن تاغ چوققىلىرى بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى بۈك - باراقسان تاغ باغرىنى ياپيېشىل ئۈزۈمزارلىقلار قاپىلىغان. تەبىئىي مەنزىرىلىك بۇ جاي دۇنياغا مەشھۇر نەغمە - ناۋا يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. بىر كۈنى، ۋېنا كوچىسىدا بىر ياش سەرگەندان پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇچىسىغا كونا قارا پەلتو، بېشىغا ياغلىشىپ پارقىراپ كەتكەن قارا سوكنا شەپكە كىيىۋالغان، چاچلىرى چوۋۇق ئىدى. پېشانىسى دوقىچاق، گەدىنىدىكى چۇۋالچاق چاچلىرى مەينەت ياقىسىنى يېپىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەزايىدىن ئۇزاقتىن بۇيان چېچىنى ياسىتىپ باقمىغانلقى چىقىپ تۇراتتى. ئىككى چىكىسى بىلەن ئىڭىكىنى ساقال بېسىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىنى سەيلە قىلىشقىمۇ، مۇزاتنىڭ توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان گۈزەل مۇزىكىسىدىن زوقلىنىشقىمۇ تاۋى يوق ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ئاچ قورساق بولۇپ، قورسىقىنى بىر ئامال قىلىپ تويغۇزۇش ئۈچۈن، كەمبەغەللەر گەمىسى يېنىدا قۇرۇلغان سادىغا ئۇماش بېكىتىگە ئالدىراش كېتىۋاتاتتى. بۇ سەرگەندان ئادولف گىتلېر ئىدى. ئۇ 1889 - يىلى گېرمانىيە - ئاۋسترىيە چېگرىسىنىڭ ئاۋستىرىيە تەرىپىدىكى برائۇنائۇ بازىرىدا تۇغۇلغان. دادىسى مۇزدوزلۇق قىلىپ، كېيىن تاموژنا خىزمەتچىسى بولغان. گىتلېر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندا نەتىجىسى ناھايىتى ناچار بولغانلىقتىن، مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ رەسسام بولۇشنى ئويلايتتى. 18 ياشقا كىرگەن يىلى ۋېناغا كېلىپ سەنئەت ئىنىستۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ، «رەسىم سىزىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقى » ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمىغان. ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇرمۇش كەچۈرەلمەي، سەرگەردان بولۇپ ۋېناغا كېلىپ قېلىپ، نامرات، چۈشكۈن ھايات كەچۈرگەن. ئەمما ئۇ بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىشنى ياكى بىرەر نۇرمال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمىدى. ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن، قار سۈپۈرۈش، گىلەم قېقىش ياكى پويىز ئىستانسىسىدا يۈك - تاق كۆتۈرۈش قاتارلىق ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى قىلىشقا رازى ئىدى. ئۇ بىر مەھەل دەرۋەقە، «كىچىك رەسسام» لىققا تايىنىپ جان باقتى. ئۇ دەسلەپ ۋېنانىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن قوپال رەسىملەرنى سىزدى. بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنىدى. ئۇ مۇشۇنداق قوپال رەسىملەردىن بىر نەچچە يۈز پارچىنى سىزىپ، تاملارنى بېزەيدىغان ياكى ئەرزان باھالىق كرېسلو ۋە ئورۇندۇقلارنىڭ يۆلەنچۈكىگە چاپلايدىغان ئوقەتچىلەرگە ساتتى. بەزىدە دۇكان خوجايىنلىرىنىڭ سېسىق پۇراق كېسىلى پاراشوكى قاتارلىق تاۋارلىرىغا تەشۋىقات ۋە ئېلان رەسىملىرىنى سىزىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق «سەنئەت» تالانتى بىلەن ئاز - تولا پۇل تېپىپ قورساق باققىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ «سەنئەتكار» ھېسابلايتتى. گىتلېر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدىلا، ئەسەبىي گېرمان مىللەتچىلىكىگە قىزىقاتتى. ئۇ ۋېنادىكى چاغلىرىدا سىياسىي ئىشلارغا قىزىقىپ، گېرمانىيە تارىخىغا دائىر ۋە يەھۇدىيلەرگە قارشى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇدى. 1913 - يىلى گىتلېر ۋېنادىن گېرمانىيىدىكى ميۇنخېنغا كەلدى. شۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۇ خۇشاللىقىدىن قېن - قىنىغا پاتماي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېيىش خىيالىدا بولۇپ، مۇشۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا نېسىپ قىلغان خۇداغا تىزلىنىپ رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۆز ئىختىيارىي بىلەن باۋارىيە پىيادە ئەسكەرلەر پولكىغا قاتنىشىپ، غەربىي سەپتە تۆت يىل تۇردى. 1917 - يىلى بۇيرۇق يەتكۈزىدىغان ئەسكەرلىكتىن مىلادشى ئۇنتېرلىققا ئۆستۈرۈلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىدە رازۋېتچىك بولدى. 1919 - يىلى سېنتەبر كۈنلىرىنىڭ بىرىدە گىتلېر قۇرۇقلۇق ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ميۇنخېندىكى ئۆزىنى «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى »دەپ ئاتىۋالغان بىر كىچىك سىياسىي تەشكىلاتنىڭ كومپارتىيە تىزگىنلەپ تۇرغان تەشكىلات ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇكۈنى كېچىدە، گىتلېر بۇيرۇققا بىنائەن ئاشۇ «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى » نىڭ يىغىلىشىغا قاتناشتى. يىغىلىش مەلۇم بىر پىۋىخانىنىڭ يۇرۇشۇرۇن ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى. يىغىنغا 25 كىشى قاتناشتى. گىتلېر يىغىننىڭ ئاياغلىشىپ تارقىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، يىغىندا بىردىنلا بەس - مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى. تەقى - تۇرقى پروفېسسورغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، باۋارىيە شىتاتىنى گېرمانىيىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئاۋسترىيە بىلەن قوشۇپ ئايرىم گېرمانىيە جەنۇب دۆلىتى تەشكىل قىلىش تەكلىپىنى بەردى. گىتلېر چىداپ ئولتۇرالماي، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ رەددىيە بەردى. ئۇ باۋارىيىنى گېرمانىيىدىن ئايرىۋېتىشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ئەكسچە قۇدرەتلىك، بىرلىككە كەلگەن مىللەتچى گېرمانىيە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن كەسكىن بولغانلىقتىن ، بۇ نامسىز چۈپرەندە كىشىلەرنىڭ دېققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. يىغىندىن تارقالغاندىن كېيىن،كۆزەينەك تاقىۋالغان بىركىشى گىتلېرنىڭ ئارقىسدىن كېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا بىر كىتابچىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. گىتلېر ئۇنى پۈكلەپ يانچۇقىغا سالدى - دە، سىياسىي بۆلۈمگە قايتىپ كەلدى. گىتلېر باشلىقىغا ئاتالمىش« گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى » نىڭ باشقا تەشكىلاتلاردىن پەرقلەنمەيدىغان يېڭى بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلىپ بۇلۇپلا، ئۇخلاپ قالدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ھېلىقى كىتابچە گىتلېرنىڭ ئېسىگە كەلدى. ئۇنى ئېچىپ قارىۋىدى. ئاپتورى ھېلىقى كۆزەينەك تاقىۋالغان دېئېلكىس دېگەن كىشى بولۇپ چىقتى. ئۇ كىتابنى كۆرۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى دەل بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئويلاپ كەلگەن ئىدىيىلەر يەنى ئىشچىلار ئاممىسىنى ئاساس قىلغان. ۋەھالەنكى سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسگە ئوخشايدىغان، ئەمما كۈچلۈك مىللەتچىلىككە ئىگە سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ئىرادىسى يېزىلغانلىقنى ئۇشتۇمتۇت بايقاپ قالدى. گىتلېر بۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىپ، كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گىتلېر دېئېلكىسىنىڭ گىتلېرنىڭ « گېرمانىيە ئىشچىلار پاتىيىسى » گە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلغان ۋە كومىتېت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان بىر ئاترىتكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ تازا بىر چاقچاققۇ! دەپ ئويلىدى گىتلېر، پارتىيىگە قاتنىشىشقا توغرا كەلسە، تەييار پارتىيىگە قاتناشقاندىن كۆرە، ئۆزۈملا بىرنى قۇرسام بولمامدۇ؟ ئۇ خەت يېزىپ رەت قىلماقچى بولدىيۇ، ئەمما تۆنۈگۈنكى يىغىننى ۋە دېئېلكىسىنىڭ كىتابچىسىنى ئېسىگە كەلتۈردى. ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىش ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى - دە، كومىتېتىنى يىغىنىغا قاتىنىش قارارىغا كەلدى. يىغىن تۆۋەن دەرىجىلىك بىر پىۋىخانىدا ئېچىلدى. غۇۋا لامپا يېقىلغان ئۆيدىكى ئۈستەل ئەتراپىدا تۆت نەپەر ياش ئولتۇراتتى. ئۇلار ئارىسىدا دېئېلكىسمۇ بار ئىدى. ئۇ گىتلېرنى كۆرۈپلا قىزغىن سالاملىشىپ، «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى» نىڭ بۇ يېڭى ئەزاسىنى قارشى ئالدى.شۇنداق قىلىپ گىتلېر «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى» نىڭ 7 - ئەزاسى بولۇپ قالدى. «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى » دەسلەپتە ئادىمى 100 گە يەتمەيدىغان كىچىك تەشكىلات ئىدى. گىتلېر ئۆزىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە قۇتراتقۇلۇققا باي نۇتۇقلىرى ئارقىلىق، بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پات ئارىدا چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى ھەمدە پارتىيە قوشۇنى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتتى. 1920 - يىلى فېۋرالدا، ئۇغەرەزلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارتىيىنىڭ «25 ماددىلىق پروگرامما» سىنى ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش « سوتسىيالىزم» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىشچىلارنى كارخانا پايدىسىدىن بەھرىمان قىلىش. يەر ئىجارىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاممىنى تېخىمۇ بەكرەك ئالداش ئۈچۈن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارتىيىنىڭ نامىنى « گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىزمى ئىشچىلار پارتىيىسى » (نېمىسچە قىسقارتىلمىسى «ناتسىت ») گە ئۆزگەرتتى. 1921 - يىلى 7 - ئايدا گىتلېر يەنە پارتىيىدە «داھىي پىرىنسىپى » نى تۇرغۇزدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ۋېنادىكى بۇ سەرگەردان ئاخىرى ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ «باشلىقى » بولۇپ، ئەڭ ئالىي مۇستەبت ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولۇۋالدى. گىتلېر سىياسىي رەقىبلىرىگە تېرورلۇق ۋاستىلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ھەربىي سەپتىن قايتقاندا مۇشتۇمزورلار دىن «ئاتاكىچىلار ئەترىتى » تەشكىل قىلدى. ئاتاكىچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قۇڭۇر رەڭ كىيىم كىيىپ، دەسلەپتە ناتىسىتلار پارتىسىنى ئاچقان يىغىلىشلاردا تەرتىپ ساقلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، باشقا پارتىيىلەرنىڭ يىغىلىشلىرىنى پاراكەندە قىلىپ، گىتلېرنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى ۋە ئاممىنى باستۇرىدىغان قولچومىقىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىتلېر تەرەپ - تەرەپتىن سېسىق پۇرىقى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مۇرىتلارنى توپلىدى. مەيلى ھەرقانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، قاتىللار زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىدىغانلار ۋە مۇتىھەم ھورۇنلار بولسىمۇ، گىتلېرغا سادىق ۋە ياراملىق بولسىلا، ھەممىنى پارتىيىگە سۆرەپ كىردى. ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، قارانىيەت گىتلېر مىڭبىر ھىيلە - مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش كويىغا چۈشتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ