UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭھەكىملەر پادىشاسى

ھەكىملەر پادىشاسى

بەش مىڭ يىل مىلادى ئونىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئەرەپ دۇنياسىدىكى ھەممە جايلارغا ئەلى ئىبن سنا ھەققىدىكى خىلمۇ خىل ھېكايىلەر تارقالدى. بىر خان كۈن بويى مەجنۇنلاردەك ھەررەڭ - سەررەڭ سۆزلەپ يۈرىدىغان ئاجايىپ بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ، نۇرغۇن دوختۇرلار، داخان، پىرخونلار ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان بولسىمۇ، پەقەت ئۈنۈم بەمەپتۇ. شۇ چاغدا ئەمدىلا سەككىز - توققۇز ياشلارغا كىرگەن ئەلى ئىبىن سىنا پىداكارلىق بىلەن خان ئوردىسى ئالدىغا بېرىپ، خاننىڭ كېسىلىنى داۋالاشنى تەلەپ قىلپتۇ. ئەمما خان ئوردىسىنىڭ قاراۋۇللىرى ئۇنى دەرۋازىدىنمۇ كىرگۈزمەپتۇ. ئەلى ئىبن سنا كىشىلەردىن خاننىڭ كېسىلى ھەقىدە ئڭلىغانلىرىغا ئاساسەن قويغان دىئاگنوزىنى قەغەزگە يېزىپ ئوردىغا كىرگۈزۈپ بېرىپتۇ. خاننىڭ يېقىن بىر ۋەزىرى ئۇنى كۆرۈپلا ھەيرانۇ - مەس بوپتۇ ـ دە، دەرھال ئۇنى ئوردىغا چاقىرىپ كىرىپتۇ. ئەلى ئىبىن سىنا خانغا دورا ئىچكۈزمەستىن، بەلكى ئالاھىدە بىر خىل روھىي جەھەتتىن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا خاننىڭ ئەس ـ ھۇشى جايىغا كېلىپ، بىر ئايدىن كېيىن، پۈتۈنلەي ساقىيىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، ئەلى ئىبىن سىنانىڭ نام - شۆھرەتى زىلزىلە پەيدا قىلغان: بىراق - يېقىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا كېسەل كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇنى >ھەكىملەر پادىشاھى< دەپ ئاتىغان. خان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا خانلىق كۇتۇپخانىسىدكى بارلىق كىتاپ - ماتېرىيللارنى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان. ئەلى ئىبن سنا بۇ غەنىمەت پۈرسەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تۈرلۈك كىتاپلارنى قولدىن چۈشۈرمەي تەشنالىق بىلەن كۆرۈپ، تىبابەت ماھارىتىدە تېخىمۇ دان بولۇپ يېتىشكەن. ئەلى ئىبن سنا مىلادى 980 - يىلى بۇخاراغا يېقىن بىر كىچىك بازار )ھازىرقى ئۆزبىكىستان( تەۋەلىگىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىگىدىن باشلاپلا: ئەقىللىق ھەمدە ئۆگىنىشكە تىرىشچان بولغاچقا، ئون يېشىدىلا ئەرەپچە ۋە پارىسچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولغان؛ گېئومېترىيىلىك شەكىللەردىن پەقەت ئالتە خىلىنىلا ئۆگىنىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ ئاساستا ئەقىل يۈرگۈزۈپ ئەينى زاماندا تېخى ئىنتايىن سىرلىق ھېساپلانغان گېئومېتىرىيىلىك ھېساپلاش ئۇسۇلىنى مۇھاكىمە قىلغان. 71 - 16 ياشلارغا كىرگەندە، ئۇنىڭ تىبابەتچىلىك جەھەتتىكى بىلىمى كامالىغا يەتكەن ئىدى؛ نامى چىققاندىن كېيىن، يەنە دىئاگنوز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنىڭ مول تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدى. ئەلى ئىبن سىنانىڭ ياش ۋاقتىدىلا، ئەلدە يېغىلىق ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا ئۇ يرتمۇ يرت سەرسان بولۇپ يۈردى. كېيىنچە ئۇ ھامادەنگە بېرىپ ئېغىر كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىر پادىشاھنى داۋالاپ ساقايتتى، شۇڭا پادىشاھ ئۇنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. لېكىن، ئۇ تىبابەت ئىلمىگە ئىنتايىن ئىخلاس بىلەن بېرىلگەن ئىدى، خوشامەتچىلىك - تەخسىكەشلىكنى بىلمەيتتى، شۇڭا ئوردىدىكى ھوقۇق پەرەسلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى. بىر قېتىم ئوردىدا ئىچكى ماجرا تۇغۇلغاندا، ئوردا قاراۋۇللىرى ئۇنىڭغا خائىننى يوشۇرغان دېگەن بەتنامنى چاپلاپ، ئۇنىڭ سارىيىغا ئۇشتۇمتۇ باستۇرۇپ كىرىپ، مال - مۈلۈكلىرىنى پۈتۈنلەي بۇلاپ چىقىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتتى، شاھزادىلەر ئارىسىدا پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. ئۇ >خۇداغا ئېتقاد قىلماي جىدىتلىقنى تەشۋىق قىلدى< دەپ ئەيىپلىنىپ، تۈرمىگە تاشلاندى. يېڭى پادىشاھ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇنى تۈرمىدىن بوشتىپ، پادىشاھقا ھەمراھ بولىدىغان ۋەزىر ھەم ئىلمىي مۇشاۋۇرلۇققا تەيىنلدى. مىلادى 1037 - يىلى تۈركلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئەلى ئىبن سىنا ئارمىيە بىلەن بىللە جەڭگە چىقتى. يولدا كېتىۋېتىپ توساتتىن جىددى كېسەلگە گىرىپتار بولد ۋە ئۆزىنى ئۆز ىداۋالىغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولماي 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ قەدىمكى پىرسىيە تەۋەلىگىدە ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭ قەۋرىسى ھازىرغىچە ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھامادەن شەھىرىدە بار. ئەلى ئىبىن سىنانىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى 100 نەچچە خىلدىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تىبابەتكە ئائىت ئەسەرلەر 16 خىلغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى >قانۇن< دا يۇناننىڭ قەدىمىي كلاسسىك تېبابەتچىلىگىنىڭ مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى جۇڭگو ۋە ھندىستانلارنىڭ تىببىي دورىگەرلىك جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ قوبۇل قىلىنغان، پۈتۈن كىتاپ بىر مىليوندىن كۆپرەك سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خىلمۇخىل كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاشقا ئائىت تەلىماتلارنى مۇپەسسەل بايان قىلغان. ئوتتۇرا ئەسىردە. ياۋرپانىڭ پەن - مەدەنىيەتتە نادان، قالاق دەۋرى ئىدى، چالا دوختۇرلار، داخان، پىرىخونلار ھەممىلا يەردە كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈۋاتاتتى، ئەلى ئىبن سىنا بولسا، تىبابەت ئىلمىي ئۈستدىكى تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ ھال "قانۇن< ئەسىرىنىڭ مۇھىم ئىلمىي قىممىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلدى. >قانۇن< مەزمۇنغا باي، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولغاچقا، ئوتتۇرا ئەسردىن بۇيان ياۋروپا ئەللىرىدە تىبابەتچىلىكنىڭ كلاسسىك دەستۇريى قىلىندى. 12 - ئەسىردىن باشلاپ، ئالدى بىلەن ئىسپانىيىلىكەر ئۇنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلدى، ئارقىدىنلا يەھۇدىلەر ئۇنى شەرھىلەپ چىقتى؛ بىر مۇنچە ئۇنىۋېرسىتېتلار، مەسىلەن، ئىتالىيىنىڭ سورېنو ئۇنىۋېرسىتېتى، گىرمانىيىنىڭ لېيپىسىگ ئۇنىۋېرسىتېتى، فرانسىيىنىڭ مۇڭبېرې ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا >قانۇن< دەرسلىك قىلىندى. >قانۇن< كېيىنكى كۈنلەردە جۇڭگوغمۇ يېتىپ كەلدى. تېبابەتچىلىك جەھەتتىكى تۆھپىلىرىدىن باشقا، ئەلى ئىبن سىنا ئاسترونومىيە، پەلسەپە، ئىلاھىيەت، گېئولوگىيە ۋە شېئىرىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن كۆپ تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ ئاسترونومىيىگە ئائىت ئەسەرلىرى 11 خىلغا يېتىدۇ، پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەتكە ئائىت ئەسەرلىرى 60 خىلدىن ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ھەكىملەر پادىشاسى | UyghurWiki | UyghurWiki