UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ماتەم سىگنالى

ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ماتەم سىگنالى

بەش مىڭ يىل ئوتتۇرا ئەسىر _ مۇتەئەسسىپلىكنىڭ سىمۋولى. ئوتتۇرا ئەسىرنى تىلغا ئالغان ھامان، كىشىلەر ئۇ زاماننىڭ سۈرلۈك قەلئەلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇ زاماندا، ئاقسۆڭەكلەر ئېگىز ھەم قېلىن سوقۇلغان ئاشۇ سېپىللار ئىچىدە، ساۋۇتلارغا ئورىنىۋالغان چەۋەندازلارنىڭ ھىمايىسىدە كەيپ - ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇلار كونا قائىدىلەرگە يېپىشىۋېلىپ، كىچىككىنە ئىسلاھاتلارغىمۇ قارشى تۇراتتى. چۈنكى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ساقلاپ قالماقچى بولغىنى _ ۋارىسلىق قىلىش ئىمتىيازى ئىدى. «گۈمبۈر - گۈمباڭ!» توپ ئاۋازى ياڭرىدى. قەلئەلەر بىر - بىرلەپ تارمار كەلتۈرۈلدى. ئېگىز ھەم قېلىن تاش سېپىللار كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىنى ئەمدى توساپ قالالمىدى. «پاڭ - پۇڭ» قارا مىلتىقنىڭ ئوقلىرى چەۋەندازلارنىڭ ساۋۇتلىرىنى ئۆتمە - تۆشۈك قىلىۋەتتى. بۇرۇن قوراللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ھەيۋە قىلىپ، ھەممىلا يەردە زوراۋانلىق قىلىپ يۈرگەن چەۋەندازلار، پالۋانلار ئەمدىلىكتە كىشىلەرنىڭ ھەزىلە قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. ئوتتۇرا ئەسىر _ نادانلىقنىڭ سىمۋولى. ئوتتۇرا ئەسىرنى تىلغا ئالغان ھامان كىشىلەر ئۇ زاماننىڭ ئاللىقانداق جىمجىتلىق بېسىپ تۇرغان چېركاۋلىرىدىن كۆتىرىلگەن قوڭغۇراق ئاۋازلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. چېركاۋلاردىكى ئۇزۇن - ئۇزۇن تون كىيىۋالغان راھىبلار «ئىنجىل» نى كۆتۈرۈۋېلىپ، سۈرە - تىلاۋەت قىلاتتى. «ئىنجىل» نىڭ ئۆشكە تېرىسىگە كۆچۈرۈلگەن قوليازمىسىنى بارلىق مەدەنىي ئىدىيىلەرنىڭ «باش ئامبىرى» دەپ رىۋايەت قىلىناتتى. كىمدە كىم ئۇنىڭغا ئاز - پاز شەك كەلتۈرسە ياكى ئۇ توغرىلىق غىڭ - پىڭ قىلىپ قويسا، شۇ ھامانلا دىنىي سوت تەرىپىدىن ئەڭ دەھشەتلىك جازا _ كۆيدۈرۈش جازاسىغا تارتىلاتتى. «تاقىراق! تاقىراق!» باسما ماشىنىلىرى ئايلىنىشقا باشلىدى. مىڭلاپ، تۈمەنلەپ ئاق ۋاراقلارغا دەرمەھەلدىلا تۈپ - تۈز قۇرلارغا ئايرىلغان خەتلەر بېسىلىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كىتابلار ئاز سانلىق دىندارلارنىڭ مونڭپولىيىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئىنتايىن ئومۇملاشقان كەڭ تۈردە تارقىلىشى «ئىنجىل» نىلا بىلىدىغان راھىبلارنى كىشىلەرنىڭ پكىر يوللىرىنى رامكىلاپ تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى. ئوتتۇرا ئەسىر _ قالاقلىقنىڭ سىمۋولى. ئوتتۇرا ئەسىرنى تىلغا ئالغان ھامان، كىشىلەر نۇرغۇن قۇللارنىڭ پالاق بىلەن كېمە ھەيدەپ يۈرگەنلىكلىرىنى، ياغاچ كېمىلەرنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى دولقۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇياقتىن - بۇياققا قاڭقىپ يۈرگەنلىكلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇ چاغدا، ياۋروپالىقلار كېچە - كۈندۈز تەلپۈنىدىغان يىراق شەرققە بارالمايتتى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىغا تېخىمۇ بارالمايتتى. يەلكەن شارىلداپ كۆتىرىلدى. كاپىتانلار تۇمانلىق كۈنلەردىمۇ كومپاسقا قاراپ تۇرۇپ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگەللەپ ماڭىدىغان بولدى. كېمە كارۋانلىرى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىزلارنىڭ ئۆتۈپ، ئاخىر يىراق شەرققە يېتىپ باردى ۋە ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەزەلدىن نامى چىقمىغان «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق» نى تاپتى. يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىگە زور پايدا يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، چەتئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، يېڭى تاۋارلار ياۋروپا بازارلىرىغا كۆپلەپ تۆكۈلدى، غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر كۈندىن - كۈنگە نامراتلىشىپ ۋەيران بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر غەربىي ياۋروپا فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ زەئىپلىشىشىنى ۋە كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. مىلتىق دورىسى، قەغەز، مەتبەئەتچىلىك، كومپاسلارنى جۇڭگو ئىجاد قىلغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ئەرەپلەر ۋە موڭغۇللار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياۋروپاغا بېسىپ كىردى. 15 - 16 - ئەسىرلەردە ياۋروپادا كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىخ سۈرگەچكە، يېڭى سىنىپتا يەنە فېئوداللارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى ئىدىيە ھاسىل بولدى. ئۇلار ئىلغار تېخنىكىنى ئىگەللىشى بىلەنلا جەمئىيەتتە يېڭى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كونا تەرتىپلىرىگە شىددەت بىلەن زەربە بەردى، ئوتتۇرا ئەسىر ئاقىۋەت ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. تەبىئىيكى، بۇ «ئاخىرقى باسقۇچ» مۇ خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان بولدى. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تەخمىنەن 200 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋام قىلدى، ھالبۇكى، بۇ ئاخىرقى باسقۇچنىڭ باشلىنىشى _ غەرب تارىخچىلىرى دەپ يۈرگەن «جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات» بولدى. 1492 - يىلى ئىتالىيىلىك كولومبونىڭ ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشى، 1479 - يىلى پورتۇگالىيىلىك ۋاسكو داگامانىڭ ئۈمىد تۇمشۇغى ئارقىلىق ھىدىستانغا يېتىپ بېرىشى، 1519 - يىلى پورتۇگالىيىلىك ماگېللاننىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىشى، ئەنە شۇ «جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات» نىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرى. جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى يېڭىدىن تېپىلغان رايونلاردىن غالجىرلىق بىلەن مال - بايلىق بۇلاشنىمۇ باشلىۋەتتى. ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىن زور مىقداردىكى ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى غەربىي ياۋروپاغا يۆتكەپ كېتىپ، ئۇ يەردىكى خەلقلەرگە ئېغىر ئاپەت كەلتۈردى. جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە، فېئوداللىق كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلاش يولىدىكى كۈرەشلەر بىرسى پەسەيسە، يەنە بىرسى ئۆرلەپ كەتتى. دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىدا قاينام تاشقىنلىق ئىنقىلابىي قوزغىلاڭلار كۆتىرىلدى. فېئودال كۈچلەرنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى تېخىمۇ زور قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋەردى. جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە، پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. يېڭى كەشپىيات سانائەت، ھەربىي ئىشلار ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە، پەن - مەدەنىيەت مىسلى كۆۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللەپ ياشناپ تەرەققىي تاپتى. ئەدەبىيات، رەسساملىق، بىناكارلىق، تىياتىر ساھەلىرىدە غۇنچىلار ھۈپپىدە گۈللەپ ياشنىدى؛ ئەتتا خىيالىي سوتسىيالىزم _ ئوتۇپىيەمۇ مەيدانغا كەلدى. پۈتكۈل دۇنيا توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرغان ۋەزىيەتتە ئالغا باستى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ماتەم سىگنالى چېلىندى! ئەمدى، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تارىخىنى كونكرېت تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ