UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭزەھەرلىك گاز ئۇرۇشى

زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى

بەش مىڭ يىل گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ بېلگىيىنىڭ غەربىدىكى ئىپرنى چوڭ تىپتىكى توپلار بىلەن ئوققا تۇتۇشى تولۇق ئۈچ كۈن داۋاملاشتى، ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېكرى 16 دىيۇيملىق گائۇبىتسادىن ئېتىلىۋاتقان بىر توننا ئېغىرلىقتىكى پارتلاتقۇچ ئوقلار، بېلگىيە بىلەن فرانسىيە چېگرىلىشىدىغان جايغا جايلاشقان بۇ بازارنى ئالاھازەل ئۈزۈل - كېسىل پاچاقلىدى، ئەمما، فرانسىيە، ئەنگلىيە بىرلەشمە قوشۇنلىرى يەر ئاستى ئىستىھكاملارنى ئىنتايىن پۇختا ياسىغاچقا، نېمىسلار رەقىبىنىڭ پوزىيتسىيىسىگە يەنىلا كىرەلمىدى. قاش قارايغاندا، توپقا تۇتۇش بىردىنلا توختاپ، پوزىتسىيە گويا ھاياتتىن ئايرىلغاندەك جىمجىتلىققا چۆمدى. - قانداق نېمە ئىكەن ئاۋۇ؟ - دەپ سورىدى بىرلەشمە قوشۇندىن بىر ئەسكەر گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ بازىسىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان تۇمانسىمان نەرسىنى كۆرسىتىپ. - ئۇ يەرگە ئوت كەتتىمۇ يە؟ - ياق، ئوتقا ئوخشىمايدۇ، - ھېلىقى ئەسكەر بىر دەم سەپسالدى - دە، قاراڭلار، ئۇ سارغۇچ، يېشىل كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ئوت كەتكەن بولسا، ئۇنداق كۆرۈنمەيتتى. بىر مۇنچە ئەسكەرلەر بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ئاجايىپ تۇمانغا سىنچىلىدى. - ئەنە قاراڭلار، - بىز تەرەپكە كېلىۋاتىدۇ. راست دېگەندەك، سارغۇچ يېشىل تۇمان بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ پوزىتسىيىسى تەرەپكە قاراپ شامال كۈچى بىلەن ئۇچۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ، پەقەت ئادەم بويى ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ كەلگىنىچە بىردەمدىلا بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ پوزىتسىيىسىگە يېتىپ كەلدى. >ۋاي، نېمە پۇراۋاتىدۇ...< بىر ئەسكەر تۇمانسىمان گازنى پۇراش بىلەن تەڭلا شۇنداق توۋلىدىيۇ، ئاۋازى ئۆچۈپ بوغۇلۇشقا باشلىدى، بىر مەھەلدىن كېيىن نەپەسلىنەلمەي تۇنجۇقتى. بۇ ئەسكەر بىلەن بىر چاغدىلا ئەسكەرلەرنىڭ كۆز - بۇرۇنلىرى ۋە نەپەس يوللىرى كىسلاتالىق بىر خىل ماددا بىلەن كۆيدۈرۈلۈۋاتقاندەك ۋىژىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى ۋە بىر - بىرلەپ بوغۇلۇپ كەتتى. بىر مۇنچىلىرى يەرگە يېقىلدى، بەزىلىرى ئاللا - چۇقان كۆتۈرۈپ كەينىگە قاراپ چاپتى. - زەھەرلىك گاز! دىققەت قىلىڭلار! - بىر ئوفىتسېر بۇيرۇق قىلىشقا تەمشەلدىيۇ، ھايالسىز يەرگە يېقىلىپ تۇنجۇقۇپ كەتتى. بىرلەشمە قوشۇن پوزىتسىيىسىدە ھەش - پەش دېگۈچە مالىمانچىلىق بولۇپ كەتتى. ھېچكىم نېمە قىلىشىنى بىلەلمىدى. سارغۇچ يېشىل رەڭدە كۆتۈرۈلگەن بۇ تۇمان گېرمانىيە قوشۇنلىرى قويۇۋەتكەن زەھەر خلور گازى ئىدى. ئۇ ھاۋا ئېغىرلىقىدىن ئۈچ ھەسسە ئېغىر بولغاچقا، ئۇنىڭدىن نەپەسلەنگەن كىشى تۇنجۇقاتتى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتاتتى. بۇ، 1915 - يىل 22 - ئاپرېل، يەنى گېرمانىيە قوشۇنلىرى غەربىي سەپتە ئىپر ئۇرۇشىنى قوزغىماقچى بولغان كۈن ئىدى. گېرمانىيە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، كەچ قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ ئالتە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى فرونتقا 150 زەھەر كۈيى توختىتىش سۇپىسى ئورنىتىپ، جەمئىي 6000 زەھەر كۈبى قويغانىدى. بۇ كۈنى قاش قارايغاندا، سالقىن شامال يۆنىلىشى تازا ماس كېلىپ بەردى - دە، بەش مىنۇت خلور گازى قويۇپ بەردى. 180 توننا زەھەرلىك گاز بىرلەشمە قوشۇن پوزىتسىيىسىگە گۈپۈلدەپ ئۇرۇلدى. نەتىجىدە 15 مىڭ ئادەم زەھەرلىنىپ، بۇلاردىن 5000 كىشى ئۆلۈپ كەتتى. زەھەرلىك گاز تارقىلىۋاتقاندا، زەھەرلىك گازدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ماسكا تاقىۋالغان نېمىسلار، بىرلەشمە قوشۇن پوزىتسىيىسىگە قاراپ ھۇجۇم قىلدى. ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇداپىئە لىنىيىسىدىكى مۇداپىئەچىلەر زەھەرلىنىپ كەتكەچە، گېرمانىيە قوشۇنلىرى غەنىيمەت پۇرسەتتە ئىشغالىيەت يۈرگۈزدى. بۇ كۈنى يېرىم كېچىدە بىرلەشمە قوشۇن قارا ماشىنا ئارقىلىق ھەمدەمچى قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ بۇ كاۋاكنى ئاران تولدۇرۇۋالدى. بۇنداق زەھەرلىك گازدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟ بىرلەشمە قوشۇن باشلىقلىرى ۋاقىتلىق تەييارلاپ قويغان زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش چۈمپەردىسىنى ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى. ئەمما ئۇلار بۇنداق زەھەرلىك گازنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىنى بىلمىگەچكە، زەھەردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنەلمىدى. بىرلەشمە قوشۇن فرانسىيىلىك جاسۇس روستونى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سېپىگە بېرىپ بۇقىرغۇچ قورالنىڭ سىرىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. روستو، نېمىس سودىگىرى تۇرقىدا ياسىنىپ گېرمانىيىگە مەخپىي كىردى. ئۇ، شىمال تەرەپكە ئارقا - ئارقىدىن كېتىۋاتقان پويىزلارغا دىققەت قىلدى ۋە شۇ لىنىيە بويىچە بېلگىيىگە يېقىن جايدىكى ئاسسېن شەھىرىگە كەلدى. ئاسسېن - گېرمانىيىنىڭ قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولۇپ، غايەت چوڭ كرېب قورال - ياراق زاۋۇتى مانا مۇشۇ يەردە ئىدى. روستو زەھەرلىك گازنى مۇشۇ يەردە ئىشلەيدۇ دەپ پەرەز قىلدى - دە، مۇشۇ زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرى ھەمىشە كىرىپ ھاراق ئىچىدىغان بىر شارابخانىغا كىرىپ - چىقىپ يۈردى. روستو، بىر نەچچە كۈندىلا كرېب زاۋۇتىدىكى بىر بويتاق بوۋاي - كۆزەتچى بىلەن تونۇشۇۋالدى ۋە مەردلىك بىلەن پۇل خەجىلەپ بۇ كۆزەتچى بوۋاينى پىۋا بىلەن مېھمان قىلىپ يۈرۈپ، ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى، كۆزەتچى بوۋاي پىۋىنى بولۇشىغا ئىچىپ قىزىۋالغاندىن كېيىن، روستونىڭ دولىسىنى قاقتى - دە، بىر خىل سىرلىق ئاھاڭدا: - سۆيۈملۈك ئەپەندىم، توپ بىلەن زەھەرلىك ئوق ئاتقاننى ئاڭلىغانمۇسىز؟ - دېدى. روستو چۆچۈپ كەتتىيۇ، ئەمما چاندۇرماستىن قاقاقلاپ كۈلۈپ: - بۇرادەر، چاقچاق قىلماڭچۇ، جاھاندا يوق گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز، مەست بولۇپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن، - دېدى. - راست ئېيتىۋاتىمەن ئەپەندىم، ھەقىقىي بار ئىش بۇ. پادىشاھ ئالىيلىرى كېلىپ تەجرىبە قىلغاننى كۆزدىن كەچۈرمەكچى تېخى! - مەن ئىشەنمەيمەن، - دېدى روستو يەنە كۈلۈپ، - ئەگەر سىز مېنى ئىشەندۈرەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەن سىزدىن ھەر نېمىنى ئايىمايمەن. - نېمىڭىزنى ئايىمايسىز؟ - كۆزەتچى بوۋاي ئالدىراپ سورىدى. - بولدى، 2000 مارك تىكتىم. - راستمۇ؟ - راست بولمايچۇ، - روستو، بوۋاينىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويدى - دە: - بەرىبىر سىز ئۇتۇۋالالمايسىز، - دېدى. - 2000 ماركىنى ئۇتماي قويمايمەن، نوچى بولسىڭىز گەپ قىلىڭ، كۆرۈشكە بارالامسىز؟ - بۇ تولىمۇ خەتەرلىكقۇ؟ - دېدى روستو بېشىنى چايقاپ. - ياق، خەتەرلىك ئەمەس، ھەممىگە ئۆزۈم ئىگە، ئەمما نامەردلىك قىلىپ گېپىڭىزدىن يېنىۋالسىڭىز بولمايدۇ. - بولىدۇ، ئەمىسە، گەپ، گەپ بولسۇن! پۈتۈشكەن كۈنى، روستو كۆزەتچى بوۋاي بىلەن تەجرىبە مەيدانىنىڭ يېنىغا بېرىپ يوشۇرۇندى. ئانچە ھايال بولمايلا، راست دېگەندەك گېرمانىيە پادىشاھى بىلەن بىر تۈركۈم ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئولتۇرغان ماشىنلارنىڭ تەجرىبە مەيدانىغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. تەجرىبە مەيدانىدا، دېڭىز ئارمىيىسىدە ئىشلىتىلىدىغان غايەت چوڭ تىپتىكى بىر توپ ۋە ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى ئۈچ دىيۇيم كېلىدىغان بىر دالا زەمبىرىكى قويۇقلۇق تۇراتتى. بىر يېرىم كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر دۆڭلەكتە ئوتلاۋاتقان بىر توپ قوي بولۇپ، قويلار قارىغا ئالىدىغان نىشان قىلىنغاندەك قىلاتتى. تەقى - تۇرقى ئوفىتسېرغا ئوخشايدىغان بىر ئادەم ئىززەت - ئېكرام بىلەن پادىشاھقا ئاللىقانداق بىر نېمىلەرنى تونۇشتۇردى. كىشىلەر ھايالسىز كەينىگە يېنىشتى، ئوفىتسېرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ دالا توپى تىترىگەندەك بولدى - دە، بىر پاي ئوق چىقىپ كەتتى. روستو ئوقنىڭ پارتلاش ساداسى ئۆلچەملىك پارتلاش سادالىرىدىن بوش ئىكەنلىكىنى بايقىۋالدى. بىر نەچچە دەقىقىدىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيىسىگە خاس توپمۇ ئوق ئۈزدى. غەلىتە يېرى شۇكى، ئوق ئۇدۇل بېرىپ قويلار توپىغا تەگمەستىن، بەلكى ھەر قېتىم ئاتقاندا، بۇلۇتسىمان بىر سارغۇچ يېشىل گاز كۆتۈرۈلۈپ قويلار تەرەپكە ئۇچتى. بۇلۇتسىمان گاز گويا بەزى چاغلاردا تۇمانلار يەرنى سۆيۈپ ماڭغاندەك قويلارنى سۆيۈپ ماڭدى. بۇ تۇمان پۈتۈنلەي تاراپ بولغاندىن كېيىن قويلار ئۆلدى. روستو تەقەززالىق بىلەن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، كۆڭلىدە بۇ گازنى خىمىيىلىك تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈدىغان ئىشەنچلىك ماتېرىيالنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈش خىيالىغا چۆمدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر ئەقىل كىردى - دە، مەيۈسلەنگەن قىياپەتتە كۆزەتچى بوۋايغا: - بولدى، ھېساب، سىز ئۇتۇۋالدىڭىز، - دېدى ئۇ ۋە يانچۇقىدىن 2000 ماركىنى چىقىرىپ كۆزەتچى بوۋايغا تەڭلىدى، - پۇلنى بەرگىنىم بەرگەن، ئەمما سىز ماڭا زەھەرلىك ئوقنڭ پارچىسىدىن بىرنى تېپىپ بېرىسىز - دە، ئۇنى پۇل خەجلىگەننىڭ خاتىرىسى قىلىمەن. كۆزەتچى بوۋاي 2000 ماركنى خۇشال ھالدا ئالدى ۋە رازىمەنلىك بىلەن: - چاتاي يوق، بولدى، سىزگە بىر پارچە تېپىپ بېرەي! - دېدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، زەھەرلىك ئوقنىڭ بىر پارچىسى پارىژ تەجرىبىخانىسىغا قويۇلدى. مەشھۇر بىر خېمىك زەھەرلىك گازنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىنى ئېنىقلاپ چىقتى، ئەمما، دەسلەپكى ئىشلەنگەن زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش چۈمپەردىلىرى زادىلا كارغا كەلمىدى. زەھەرلىك گاز تىكىش ئارىلىقىدىن ئۆتۈپ چۈمپەردە تاقىۋالغان كىشىلەرنىڭ نەپەس يوللىرىغا كىرىپ كەتتى. بۇنداق چۈمپەردىلەرنى تاقىغان ئەسكەرلەر تاقىمىغان ئەسكەرلەردىنمۇ تېزرەك تۇنجۇقۇپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك توپ ئوقلىرىنى مۇقىم بېكىتىۋېتىلگەن زەھەر كۈيلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. بۇ ئوقلار، شامالنىڭ تەسىرىدىن خالىي ھالدا بىۋاستە بىرلەشمە قوشۇننىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىگە بېرىپ تېگەتتى. ئوقلارغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان زەھەرلىك گاز كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇق پارتلىغان ھامان گازغا ئايلىنىپ يېيىلاتتى. 1915 - يىلى نويابىرغا كەلگەندە، بىرلەشمە قوشۇن بىر قېتىملىق ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدا ئاشۇنداق چۈمپەردە تاقىغان 12 نېمىسنى ئەسىرگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ماسكىلىرىنى تەقلد قىلىپ بىر قەدەر ئۈنۈملۈك بولغان چۈمپەردە ياساپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن نېمىسلار يەنە يېڭى بىر خىل زەھەرلىك گاز - رەڭسىز گاز ئىشلەپ چىقاردى. بۇنداق گاز رەڭسىز بولغاچقا، قارشى تەرەپتىكىلەر ئۆزى تەرەپكە ئېتىلغان بۇ گازنى كۆرەلمەي قالىدۇ. بۇنداق گازنىڭ ئېغىرلىقى ھاۋا ئېغىرلىقىدىن ئۈچ يېرىم ھەسسە ئېغىر بولۇپ، قىرىش كۈچى خلور گازىدىن ئون ھەسسە كۈچلۈك ئىدى. بىرلەشمە قوشۇنمۇ >ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈر< دەپ، ئۆزلىرىنىڭ زەھەرلىك گاز قاچىلانغان توپ ئوقلىرىنى ياساپ چىقتى. بۇنداق توپ ئوقلىرىغا ئۆتكۈر زەھەرلىك سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان بولۇپ، دۈشمەننىڭ تېرىسىنى چىرىتىپ تاشلايتتى. ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىغا كەلگەندە، گېرمانىيە قوشۇنلىرى توپ ئوقلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىگە زەھەر قاچىلىدى. ئىككى تەرەپ ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە زەھەرلىك گاز ئۇرۇشىدا، تەبىئىيكى، ئەڭ زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئەسكەرلەر بولدى. تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەسكەر زەھەرلەندى. بۇلاردىن ئوندىن بىر قىسمى ئۆلۈپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ