گومېرنىڭ داستانى
بەش مىڭ يىل
يۇنان بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ترويا شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى مىلادىدىن ئىلگىرى 12 - ئەسىردە بولغان. بۇ ئۇرۇشتىكى قىزىق ھېكايىلەر يۇنان خەلقىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. كەڭ تارقىلىش داۋامدا، ئۇنىڭغا بارا _بارا بىرمۇنچە ئەپسانە، رىۋايەتلەر قوشۇلغان. ئەل ئارىسىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشى ئارقىسىسدا ترويا ئۇرۇشىغا دائىر ھېكايىلەر كارامەت قىزىق ئەپسانىۋى كارامەت قىزىق ئەپسانىۋى ئىككى داستان بولۇپ شەكىللەنگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرى 8 - ئەسىرگە كەلگەندە، يۇناننىڭ مەشھۇر ئەما شائىرى گومېرنىڭ بۇ ئىككى داستاننى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىششىقلاپ ئىشلىشى ئارقىدا، ئاخىر ئىككى غايەت زور ئەسەر - «ئېلىيادا» ۋە «ئودېسىيا» بولۇپ شەكىللەنگەن. «ئېلىيادا» دېگەن داستان 15000 نەچچە يۈز مىسرا بولۇپ، ئۇنىڭدا 10 يىللىق ترويا ئۇرۇشى تەسىۋىرلەنگەن. «ئودېسسىيا» دېگەن داستان 12000 نەچچە يۈز مىسرا بولۇپ، يۇنان قەھرىمانى ئودېسسيانىڭ يۇرتقا قايتىش داۋامىدىكى 10 يىللىق پائالىيىتى تەسىۋىرلەنگەن. بۇ ئىككى داستان قەدىمقى يۇناننىڭ ئالەمشۇمۇل سەنئەت تەۋەرۇكى _ «گومېر داستانى» دۇر.
«ئېلىيادا» دا يۇنان قەھرىمانى ئاخىللېسىنىڭ بۇيۇك ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاپتورى يەنە مۇھىم نۇقتىنى ئۇرۇشنىڭ 10 - يىلدىكى بىر ۋەقە ئۈستىگە قويغان.
ترويا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان چاغدا، يۇنان بىرلەشمە قۇشۇنلىرىنىڭ باش سەركەردىسى ئاخىللېس باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇرۇش 10 _ يىلغا قەدەم قويغاندا، يۇنان بىرلەشمە قوشۇنلىرىنىڭ لەشكەر بېشى ئاگامىمنون ئاخىللېسىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان دىدىكىنى تارتىۋالغان ئاخىللېس قاتتىق غەزەپكە كېلىپ جەڭگە كىرىشنى قەتئى رەت قىلغان ھەمدە ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ يۇنانغا قايتىپ كەتمەكچى بولغان، باش سەركەردە جەڭگە چىقىمىغاچقا، ترويالىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يۇنان بىرلەشمە قوشۇنلىرىنى ترويا شەھىرىنىڭ تۈۋىدىن قوغلاپ دېڭىز ياقىسىغا ئاپىرىۋەتدكەن.
يۇنانلىقلار دەرھال دېڭىز بويىدا ئىستىھكام قۇرۇپ ترويا قوشۇنلىرىنى توسقان. «ئاگامىمنون ئاخىللېسقا ناماقۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال _ مۈلۈك سوغا قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا بىر نەچچە شەھەر بېرىشكە ۋەدە بەرگەن، لېكىن ئاخىللېس يەنىلا ئاگامىمنون بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۇنىمىغان.
ترۇيالىقلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى باشلانغا. ئۇلار يۇنانلىقلارنىڭ مۇداپئە سەپلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۇنانلىقلارنىڭ كېمىلىرىگە ئوت قويغان. ئاخىللېس ئەھۋالىنىڭ جىدىيلىكنى كۆرۈپ، دەرھال ساۋۇت _ دۇبۇلفىلىرىنى ئېلىپ دوستى پاترۇكلۇسقا ئېتىلىپ بېرىپ ترويا بىرلەشمە قوشۇنلىرىنىڭ باش سەركەردىسىنى ئولتۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قازانغان.
ترويا پادىشاھنىڭ شاھزادىسى ھېكتۇر پاراسەتلىك ھەم باتۇر سەركەردە ئىكەن. ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئاخىللېس دۇبۇلغا - ساۋۇتىنى كىيىگەن يۇنان سەركەردىسىنىڭ ئاخىللېس ئەمەسلىكىنى بايقىۋالغان. ئۇ كۈتۈلمىگەن يەردىن ئېتىلىپ بېرىپ پاترۇكلۇسنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئاخىللېسىنىڭ دۇبۇلغا ساۋۇتلىرىنى سالدۇرۇۋالغان ھەتتا ئاخىللېسىنىڭ قالقىنىنىمۇ ئېنىپ كەتكەن. ترويا قوشۇنلىرىنىڭ روھى كۆتىرىلىپ، ھېكتۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۇنانلىقلارغا ئېتىلغان.
ئەھۋال بەك جىددىلىشىپ قالغان. ئاخللېس تاقەت قىلىپ تۇرالماي. ئاگامىمنون بىلەن يارىشىپ يېڭىۋاشتىن جەڭگە كىرىش قارارىغا كەلگەن. ئاخىللېس سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، نەيزىسىنى ئوينىتىپ، تىرويا قوشۇنلىرىنىڭ تېرە - پېرەڭ قىلىۋەتكەن، يەنە كېلىپ ترويا قوشۇنلىرىنى تېرە - پېرەڭ قىلىۋەتكەن، يەنە كېلىپ تىرويا پادىشاھنىڭ شاھزادىسى ھېكتۇرنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەن. قىساس ئېلىش ئۈچۈن ھېكتۇرنىڭ جەسىدىنى ئۇرۇش ھارۋىسىغا سورىتىپ ترويا شەھىرىنى ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرغان.
شۇ ئاخشىمى ترويا پادىشاھى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئاخىلېسىنىڭ چېدىرىغا كىرگەن. ئۇ تارام _ تارام ياشلىرىنى ئاقتۇرۇپ ئاخللېسىنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ ئولتۇرۇپ، ئوغلى ھېكىتۇرنىڭ جەسىدىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئاخىللېس چاچلىرى ئاقارغان بۇ بوۋايغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى ئىككى قوللاپ يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولغان ھەمدە شۇ زامان لەشكەرلەرگە ھېكتۇرنىڭ جەسىدىنى يۇيۇپ تاراپ كۈنجۈت يېغى بىلەن ياغلاپ، قېرى پادىشاھقا قايتۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇغان. شۇنىڭدەك قېرى پادىشاھقا ئوغلىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈۋېلىش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ 12 كۈن ئۇرۇش توختىتىشقا كېلىشكەن.
12 كۈندىن كېيىن ئۇرۇش يەنە باشلانغان، ترويالىق ھېلىقى بايۋەچچە - پارىس تەڭرىنىڭ كۈچى بىلەن. ئوغرىلىچە ئوقيا ئېتىپ ئاخىللېسنى ئۆلتۈرگەن. رىۋايەت قىلىنىشچە ئاخىللېسنى ئۆلتۈرۈش ناھايىتى تەس ئىكەن. ئاخىللېس بوۋاق چېغىدا، ئانىسى ئۇنى يەر ئاستى خانلىقنىڭ خاسىيەتلىك سۈيگە چىلىغانمىش. يەر ئاستى خانلىقىنىڭ خاسىيەتلىك سۈيىگە چىلانغان ئادەمگە خەنجەر ئۆتمەيمىش. بىراق ئاخىللېسنى ئانىسى سۇغا چىلىغاندا، ئۇنىڭ تاپىنىدىن تۇتقاچقا، سۇغا چىلانماي قالغان تاپىنىدىن ئاسانلا يارلىنارمىش، شۇڭا پارىس ئوقيا بىلەن ئۇنڭ تاپىنىنى تېشىۋەتكەچكە، قەھرىمان ئاخىللېس غازات بولغانمىش! شۇڭا تا ھازىرغىچە ياۋرۇپالىقلار،«ئەجەللىك يارا» نى ئويلاپ تاپقان يۇنان سەركەردىسى ئىكەن. داستاندا، ئاساسەن، ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىش داۋامىدىكى پائالىيەتلىرى ھېكايە قىلىنغان.
يۈنان بىرلەشمە قوشۇنلىرى ترويا شەھىرىدە ، قىرىپ _ چېپىش، بۇلاپ _ تالاپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە تەڭرىنىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپتۇ. تەڭرى قاتتىق بوران چېقىرىپ، كېمىنىڭ كۆپ قىسمىنى دېڭىزغا چوكتۈرۈۋېتىپتۇ، نۇرغۇن كىشىلەر دېڭىزغا غەرق بولۇپتۇ. ئودېسسىيا قېلىپ قالغان ئاز سانلىق كىشىلەرنى باشلاپ دېڭىزدا سەرسان بولۇپ يۈرۈپتۇ. يۇرتىغا قايتىپ خوتۇنى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىغان ئودسىسىيانىڭ كۆرمىگەن كنى، چەكمىگەن ئازابى قالماپتۇ: دەھشەتلىك بوران _ چاپقۇننى يېڭىتۇ، ئادەمخور ئالۋاستىلارنى ئۇستىلىق بىلەن يوقتىپتۇ، شۇنداق قىلىپ دېڭىزدا توپ _ توغرا 10 يىل يۈرۈپتۇ.
ئۇ ناھايىتى تەسلىكتە يۇرتىغا قايتىپتۇ، بىراق، چوشقا باققۇچىنىڭ ئاغزىدىن، ئۆز ئۆيىدە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر ئىش بولغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ: بۇرغۇنلىغان ئاقسۆڭەك ھارامزادىلار ئارقا - ئارقىدىن ئودېسسىيانىڭ ئۆيگە كېلىپ، ئۇنىڭ خوتۇنىغا توي قىلىش تەلىۋىنى قويۇپتۇ. چۈنكى ئۇلار ئودېسىيانىڭ خوتۇنى خانىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا دۆلەت ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئودېسسىيا قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپتۇ. ئودېسسىيانىڭ خوتۇنى ئېرىنىڭ قايىتپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپتۇ. بىراق، بۇ ھارامزادىلار نىيىتىدىن يانماي، توپ _ توپ بولۇپ، ھەر كۈنى ئودېسسىيانىڭ ئۆيىگە بېرىپ شاۋقۇن - سۈرەن سېلىپ، خالىغانچە يەپ _ ئېچىپ، كەيپ - ساپا سۈرۈپتۇ.
ئودېسسىيا بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، قېرى قەلەندەرچە ياسىنىپ بېرىپ، ئوغلىنى كۆرۈپتۇ. ئاتا - بالا بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئاخىر بىر ئامال قىلىپ، ئۆيدىكى ھارامزادىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۈرۈپتۇ.
ئەسلىدە، ئودېسسىيا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى قوياش خۇداسى ئاپوللونىڭ خاتىرە كۈنى ئىكەن. ئودېسسيانىڭ خوتۇنى بۇ ھارامزادىلەردىن قوتۇلۇش ئۈچۈن بىر چارە تېپىپتۇ: كىمكى ئودېسسىيانىڭ ئوقياسىنىڭ ياسىنى كېرىيەلىسە ھەمدە ئوقيانى 12 پالتىنىڭ دەستە تۆشۈگىدىن ئۆتكۈزەلىسە، شۇ ماڭا تەلەپ قويۇش لاياقىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ، دەپتۇ. ھېلىقى ھارامزادە بايۋەچچىلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق ماھارىتى باردىن بىرسىمۇ يوق ئىكەن. شۇ ئەسنادا قېرى قەلەندەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئودېسسيا سورۇنغا چۈشۈپ يانى ئېلىپتۇ. ھارامزادىلەر ئۇنىڭ مۇسابىقىغە چۈشۈشىگە يول قويماپتۇ، بىراق ئودېسسىيانىڭ ئوغلى يانى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. ئودېسسىيا بانى بىرلا تارتىپ، ئوقنى 12 پالتىنىڭ دەستە تۆشۈگىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ، چىقىپتۇ. ئارقىدىنلا ئاتا - بالا ئىككىسى ۋە قۇللىرى بىرلىشىپ بارلىق ئاقسۇڭەك ھارامزادىلەرنى قويماي قىرىپ تاشلاپتۇ. بۇ ھارامزادىلەرنىڭ ئائىلىلىرى بىرلىشىپ، ئودېسسىيادىن قىساس ئالماقچى بولپتۇ، لېكىن ئودېسسىياغا تەڭرى مەدەت بەرگەچكە، ئۇ يەنىلا يېڭىپتۇ. ئۇ خوتۇنى بىلەن جەم بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە يېڭىۋاشتىن پادىشاھ بولۇپتۇ.
«گومېر داستانى» نىڭ ۋەقەلىكى مۇرەككەپ، قىزىقارلىق تىلى گۈزەل بولۇپ، ئۇ قەدىمقى يۇنان سەنئەت تارىخىدىكى بىر مەرۋايىت، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسانىيەتنىڭ ئورتاق سەنئەت گۆھىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.