UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپۇشكىن

پۇشكىن

بەش مىڭ يىل سىز >بېلىقچى بىلەن ئالتۇن بېلىق< نى ئوقۇغان بولغىدىڭىز. بۇ داستاننىڭ تىلى نېمە دېگەن گۈزەل ۋە تەسىرلىك - ھە! داستاندىكى پىرسۇناژلار - ئاق كۆڭۈل ۋە ساددا بېلىقچى، گۈزەل ۋە ئەقىللىق ئالتۇن بېلىق، نەپسانىيەتچى ۋە ھاكاۋۇر مومايلارنىڭ ئوبرازى نېمە دېگەن تەسىرلىك - ھە! روسىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شائىرى ۋە يازغۇچىسى پۇشكىن مانا شۇ داستاننىڭ ئاپتورىدۇر. ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ پۇشكىن 1799 - يىل 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى موسكۋا ئەتراپىدىكى بىر ئاقسۆڭەك چوڭ پومىششىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بۇ ئائىلىگە يەپ ـ ئىچىپ تاماشا قىلىشنىلا بىلىدىغان چاكىنىلار يىغىلغان ئىدى. ئەمما، پۇشكىن كىچىگىدىنلا ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. ئۇ خىزمەتكار ئايالدىن دائىم رۇس ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى، فرانسىيىدىن كەلگەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدىن فرانسۇزچىنى تىرىشىپ ئۆگىنەتتى. بىر نەچچە يىلدىلا پۇشكىن فرانسوزچىنى رۇسچىدەكلا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى. سەككىز - توققۇز ياشلارغا كىرگەندە، پۇشكىن ھەركۈنى ئاخشىمى قىرائەتخانىغا كىرىۋېلىپ، ھەتتا تاڭ ئاتقىچە فرانسۇزچە رومانلارنى ئوقۇيتتى. پۇشكىن ئون ياشلارغا كىرگەندە، شېئىر يېزىشقا باشلىدى. پۇشكىن 18 ياشقا كىرگەن يىلى پادىشاھ يېزىسى مەكتىبىنى پۈتتۈرۈپ، تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىگە خىزمەتكە كىردى. ئۇ پېتىربۇرگتا نۇرغۇن دېكابىرچىلار بىلەن تونۇشۇپ، روسىيىنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمى ۋە چارپادىشاھقا دارىتمىلانغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازدى. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن روسىيىدىكى تەرەققىپەرۋەرلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. چارپادىشاھ ئالېكساندىرنىڭ غەزەپتىن ساقاللىرى تىترەپ كەتتى، ئۇ دەرھال ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ۋەزىرلىرىنى ئوردىغا چاقىرتىپ: - پۇشكىن سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنسۇن! ئۇ روسىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇتراتقۇلۇق شېئىرلارنى يېزىپ يۈرىدۇ! - دېدى قېرى چارپادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ. - ئالىلىرى، پۇشكىن تېخى ياش بالا، ئالىلىرىنىڭ بۇنچىۋالا خاپا بولۇشلىرىغا ئەرزىيمەيدۇ، ئانچە - مۇنچە تەنبىھ بېرىپ قويساقلا بولىدۇ، - دېدى ئاقسۆڭەكلەردىن بىرى پۇشكىن ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ. - بوپتۇ، مەن ئۇنىڭغا يەڭگىل جازا بېرەي: ئۇ جەنۇپقا سۈرگۈن قىلىنسۇن، تۆت يىلغىچە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىسۇن! - ئالىلىرىغا رەھمەت! ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ۋەزىرلەر بۇرۇلۇپ مېڭىشىغا قېرى چارپادىشاھنىڭ: - تۆت يىلدىن كېيىن، پۇشكىن ئۆز يېزىسىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلسۇن! - دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇنداق قىلىپ، پۇشكىن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىندى. سۈرگۈن مەزگىلىدە ئۇ كافكاز، قىرىق ۋە قارا دېڭىز بويلىرىدا يۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېغىر ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى؛ شۇنىڭ بىلەن قويۇش لازىملىقى توغرىسىدىكى ئىشەنچىمۇ كۈچەيدى. 1824 - يىلى، پۇشكىن ئۆز يېزىسىغا سۈرگۈن قىلىندى. ئۇنىڭ دادىسى ناھايىتى ئاچچىقلاپ، ھۆكۈمەت ھۆججىتىگە شەخسەن ئۆزى ئىمزا قويۇپ، پۇشكىنغا كەلگەن خەت - چەكلەرنىڭ ۋە ئۇ يازغان خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلدى. ئۆيىدە يالغۇز قېلىپ زېرىككەن پۇشكىنغا ئۆسمۈر چاغلىرىدىكى قېرى ئۆي خىزمەتكارىلا ھەمرا بولدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا يانچىلار ۋە تىلەمچىلەرمۇ ئولتۇراتتى، بۇ ھال پۇشكىننىڭ جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرگە يېقىنلىشىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەردى. پۇشكىن ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ، ئۇلار قىلىشقان رىۋايەتلەرنى توپلىدى، ئۇلار ئېيتقان خەلق ناخشىلىرىنى خاتىرىلىۋالدى، خەلق ماقال تەمسىللىرىنى يىغدى. ئۇ ئىنتايىن تىرىشىپ ئۆگىنىش ھېسىياتى بىلەن خەلق ئەدەبىياتىدىن ئوزۇق ئالدى. پۇشكىن قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە قوشۇلمىسىمۇ، ئەمما قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن دېكابىرچىلارنىڭ چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرۇلۇشى پۇشكىندا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. يېڭى چارپادىشاھ نىكولاي Ⅰ بىر قولىدا قىلىچ تۇتسا، يەنە بىر قولىدا ساختىپەزلىك بىلەن زەيتۇن شېخىنى ئوينىتىپ، دېكابىرچىلارغا خەيرخاھلىق بىلدۈرگەن پۇشكىننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ياندۇرقى يىلى ئۇنى شەخسەن ئۆزى قوبۇل قىلدى. سىزنىڭ سۈرگۈن ۋاقتىڭىز توشتى، بۈگۈندىن ئېتىۋارەن ئەركىن بولدىڭىز! - دېدى چارپادىشاھ نىكولاي پۇشكىننى كۆرۈپلا ئۆزىنىڭ >كەڭچىلىك<قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ. - ئالىلىرىغا رەھمەت! - دېدى پۇشكىن چوڭچىلىقمۇ قىلماي، ئۆزىنىمۇ چۈشۈرمەي. - سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، - دېدى چارپادىشاھ كۈلۈپ، - يازغان شېئىرلىرىڭىزنى بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋال ماڭا كۆرسىتىپ، ئاندىن ئېلان قىلىڭ، بولامدۇ؟ چارپادىشاھ ئەسلىدە پۇشكىننىڭ شېئىرلىرىنى شەخسەن ئۆزى تەكشۈرمەكچى بولغان ئىدى. - ئالىلىرى، ئۆزلىرى ناھايىتى ئالدىراش تۇرسىلا، مېنىڭ ئۇششاق شېئىرلىرىم ئۈچۈن سىلىنى ئاۋارە قىلىمىزمۇ؟ - دېدى پۇشكىن ياپتا گەپ بىلەن رەت قىلىپ. - ھېچۋەقەسى يوق، مېنىڭ ئىشىم چىقىپ قالغاندا، ژاندارما قوماندانى كۆزدىن كۆچۈرسىمۇ بولىدۇ. چارپادىشاھ ھەقىقى مۇددىئاسىنى ئەمدى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇ پۇشكىننى ژاندارما قوماندانىنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدا قويۇش ئۈچۈن، پېتىربۇرگقا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. 1830 - يىلى، پۇشكىن توي قىلىش ئۈچۈن، ئائىلىسىنىڭ غوجىلىق يېرى - بورگىننو يېزىسىغا قايتىپ كەلىدى. ئۇ يەردە 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە توپ - توغرا 90 كۈن تۇردى. بۇ 90 كۈن پوشكىننىڭ ھاياتىدا ئىجادىيىتى ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىل، يەنى كىشىلەر ئېيتقاندەك، >ئالتۇن كۈز پەسلى< بولدى. ئۇ داستان شەكلىدىكى رومانى >يېۋگىنى ئونېگىن<نى تاماملىدى، >بېكەت نازارەتچىسى< قاتارلىق بەش - ئالتە پارچە ھېكايە، >بېكەت نازارەتچىسى< قاتارلىق بەش - ئالتە پارچە ھېكايە، >بېخىل رېتسار< قاتارلىق يەتتە - سەككىز سەھنە كىتابى، 30 غا يېقىن لىرىك شېئىر ئىجات قىلدى ھەمدە نۇرغۇن ئوبزور يازدى. >يېۋگىنى ئونېگىن< پۇشكىننىڭ تاللانغان ئەسىرى بولۇپ، ئىلگىرى - ئاخىرسەككىز يىلدا پۈتكەن. ئەسەردىكى ئونېگىن ئاقسۆڭەك ياش بولۇپ، ئىجاتىمائى ئالاقىگە، تانىسىغا ئامراق بولسىمۇ، تۇرمۇشتىن زېرىكىدۇ. ئۇ چىرايلىق قىز تاتىياناغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغاندا، قىز رەت قىلىدۇ، ئونېگىن ئەرزىمەس بىر ئىشنى دەپ دۇئىلغا چىقىپ، يېقىن دوستى لىنىسكنى ئېتىۋېتىدۇ. ئۇ ئىنتايىن ئازاپلىنىپ، سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. كېيىن ئۇ موسكۋادا تاتىيانا بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئەمما بۇ چاغدا قىز توي قىلىپ بولغان ئىدى. ئونېگىننىڭ ئومۇمى ھاياتىدىن قارىغاندا، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان >ئارتۇقچە ئادەم< ئىدى. >ئارتۇقچە ئادەم< لەر فېئوداللىق، يانچىلىق تۈزۈمىدىكى روسىيىدە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر خىل تىپ بولۇپ قالغان، شۇ كەملەردە، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن زىيالى ياشلار ئىستىقبالىنى كۆرەلمىگەنلىكتىن، ئونېگىنغا ئوخشاش چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ئىدى. پۇشكىن بۇ ئەسەرنى يېزىشتا، روسىيىدىكى زىيالى ياشلارنى ئويغىتىپ، قەتئى جاسارەتلىك قىلىش، ئۇلارغا شەخسىيەتچىلىك ۋە ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىشنى، فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا ئەمىلىي ھەركەت بىلەن قارشى تۇرغاندىلا، ۋەتەننى ۋە شەخسلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. 1831 - يىل 2 - ئايدا، پۇشكىن ئۆزىدىن 13 ياش كىچىك بولغان ناتالىيە بىلەن توي قىلدى. ئۇلار موسكۋادىن پېتىربۇرگقا كۆچۈپ كەلدى، پۇشكىن يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە كىرىپ ئىشلىدى. ناتالىيە ناھايىتى كېلىشكەن چىرايلىق قىز ئىدى. ئۇ ئويۇن - تاماشىنى، تانسا ئويناشتى، ھەممىلا يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. پۇشكىننىڭ پۈتۈن مائاشىمۇ ئۇنىڭ خىراجىتىگە يەتمەيتتى. كەچقۇرۇنلۇغى ناتالىيە پۇشكىننىڭ ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ ئويناپ كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئانچە - مۇنچە ئەسەر يازىدىغان كەچكى ۋاقتىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، پۇشكىن ناھايىتى تىت ـ تىت بولاتتى. تىت - تىت بولىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ باردى. چارپادىشاھ ناتالىيىنىڭ ناھايىتى چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، پۇشكىننى >ئوردا ياساۋۇلى< قىلىپ قويدى، بۇنداق بولغاندا، ناتالىيسىنىڭ ئوردا تانىسلىرىغا قاتنىشىپ تۇرۇشىغا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلاتتى. دەل شۇ چاغدا، دانتېس ئىسىملىك بىر فرانسۇز پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇ ھەركۈنى ناتالىيىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، پۈتۈن پېتىربۇرگتا گەپ - سۆز پەيدا قىلدى. دانتېس قانداق ئادەم؟ ئۇ ئەسلىدە، فرانسىيىدىكى تىرىلگەن سۇلالىنىڭ قالدۇغى بولۇپ، 1830 - يىلىدىكى >ئىيۇن ئىنقىلابى<دىن كېيىن روسىيىگە قېچىپ كەلگەن ئىدى. چارپادىشاھ ئۇنى ئوردىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئاتلىق نەۋكەرلەر پولىكىدا كوماندىر قىلىپ قويغانلىقتىن، ئوردىغا ئىختىيارىي كىرىپ - كوماندىر قىلىپ قويغانلىقتىن، ئوردىغا ئىختىيارىي كىرىپ - چىقىپ، پۇشكىننى قارىلاپ يۈرەتتى. پۇشكىن بۇ يۇقۇرى قاتلام جەمئىيەتتىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى.1833 - يىلى كۈزدە ئۇ تۆت ئاي رۇخسەت سوراپ، قازان ئەتراپىدىكى جايلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى پۇگاچېۋنىڭ قەھرىمانلىقىغا دائىر ماتىرىياللارنى يىغدى. قايتىشتا ئۆزىنىڭ يۇرتى بورگىننو يېزىسىغا كېلىپ بىر يېرىم ئاي تۇردى. بۇ بىر يېرىم ئاي 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرسىغىچە پۇشكىن ئۈچۈن ئىككىنچى >ئالتۇن كۈز پەسلى< بولدى. ئۇ بۇ يەردە، ئەڭ مەشھۇر چۆچەك ۋە لىرىكىلىق داستان >بېلىقچى بىلەن ئالتۇن بېلىق<، دېھقانلار ئىنقىلابى قەھرىمانىنىڭ ھاياتلىق خاتىرىسى بولغان >پۇگاچېۋنىڭ تارىخى< قاتارلىق بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارىخىي رومان >كاپىتان قىزى< نى يېزىشقا كىرىشتى. 1836 - يىل 10 - ئايدا، >كاپىتان قىزى< نەشىر قىلىندى. بۇ پۇشكىننىڭ يەنە بىر تاللانغان ئەسىرى ئىدى، ئۇنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: ياش كوماندىر گرىنېۋ چېگرىدىكى قوزغاندا ئىشلەشكە ماڭىدۇ، يولدا قاتتىق قار يېغىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئاچ - يالىڭاچ قالغان دېھقان پۇگاچېۋنى كۆرۈپ، توشقان جۇۋىسىنى بېرىدۇ. گرىنېۋ ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، كاپىتان قوماندانىنىڭ قىزى ماشانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ چاغدا، پۇگاچېۋ رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنى قورغانغا باستۇرۇپ كىرىپ، قومانداننى ئۆلتۈرىدۇ ۋە گرىنېۋنى ئەسىر ئالىدۇ. پۇگاچېۋ ئۆتكەنكى دوستلۇقنى يادىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى قويۇپ بېرىدۇ. گرىنېۋ ماشا بىلەن توي قىلىدۇ. پۇگا چېۋ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى گرىنېۋنى قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئالاقە قىلغان دەپ قولغا ئالىدۇ. ماشا پېتىربۇرگقا كېلىپ يېكاتېرىنا بىلەن كۆرۈشۈپ ئەينى ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، گرىنېۋ ئاخىر ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. >كاپىتان قىزى< نىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇنىڭدا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى ئەقىللىق قەھرىمان قىلىپ يېزىلغان، ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدۇ. خەلقنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى، دېيىلگەن. بۇنداق دېيىش فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىدىكى روسىيىدە ناھايىتى چوڭ يۈرەكلىك بولاتتى. پۇشكىن پېتىربۇرگقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەقبىق ئاستىغا ئېلىندى. ئۇنىڭ خەت - چەكلىرىنى ساقچىلار ھەمىشە يىرتىپ كۆرەتتى ياكى چارپادىشاھ نىكولاي خۇپىيانە كۆرۈپ تۇراتتى. 1836 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۇشكىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھاقارەتلەپ يېزىلغان ئۈچ پارچە نامسىز خەت تاپشۇرۇۋلدى، ھەتتا ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ پەسكەش تىللار بىلەن يېزىلغان نامسىز خەت تاپشۇرۇۋالدى. پۇشكىن تاقەت قىلىپ تۇرالماي، دانتېس بىلەن دۇئىلغا چىقىش قارارىغا كېلىدۇ. ئىرىنىڭ دۇئىلغا چىقماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ناتالىيە ھودۇقۇپ قالىدۇ. ئۇ پۇشكىننىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قار - يامغۇر يىغلاپ: - سۆيۈملۈك ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ، ئۇنىڭ بىلەن دۇئىلغا چىقمىسىڭىز! مەن سىزدىن تىلەيمەن. بۇنداق قىلسىڭىز ئۆلۈپ كېتىسىز... سىزنى ئۆمۈرۋايەت سۆيىمەن... - دېدى - دە، پۇشكىننى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. پۇشكىن ئازاپلانغان ھالدا لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ، ناتالىيىنى ئاستا ئىتتىردى ۋە يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ: - مەن سېنى دەپ دۇئىلغا چىقىماقچى بولدۇممۇ؟ - دېدى. پۇشكىن، دەرۋەقە، روسىيىنىڭ قارا كۈچلىرى بىلەن دۇئىلغا چىقماقچى بولغان ئىدى. 1837 - يىل 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پېتىربۇرگ ئەتراپىدىكى قاراڭغۇ جىلغىدا، ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى دۇئىل باشلاندى. ياردەمچىلەر قار ئۈستىدە پۇتى بىلەن بىر سىزىق سىزدى، ئىككىلىسى ئون قەدەمدىن چېكىندى. دانتېس ئاۋال ئوق چىقارغان ئىدى. ئوق بېرىپ پۇشكىننىڭ كۆكرىكىگە تەگدى. پۇشكىن شۇئان يەرگە يىقىلدى. ئاپپاق قار شائىرنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالدى. پۇشكىن چىشىنى چىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سول قولىنى تىرەپ سەل كۆتىرىلىپ تۇرۇپ، دانتېسنى مۆلچەرلەپ ئاتتى. بۇ ئوق دانتېسنىڭ ئوڭ بىلىكىگە تېگىپ، ئۇنى ناھايىتى يەڭگىل يارىدار قىلدى. ئەمما، پۇشكىندىن قان كۆپ چىقىپ كېتىپ، ئۇ يىقىلدى. دوستلىرى ئۇنى دەرھال يۆلەپ، ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى... ئىككى كۈندىن كېيىن، پۇشكىن ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ چاغدا ئۇ، ئاران 38 ياشتا ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ