موسكۋادا مەغلۇپ بولۇش
بەش مىڭ يىل
گېرمانىيىدىكى ئېرفورت شەھىرى ئەتراپىدا، سالقىن كۈز پەسلى مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئورمانلىق ئىچىدىن ئىككى ئارغىماق ياندىشىپ چىقىپ كەلدى، ئۇنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن كىمخاپ بىلەن پۈركەنگەن پادىشاھ مىنگەن ئىدى.
- ئالىلىرى مەرھەمەت! - دېدى روسىيىنىڭ چار پادىشاھى ئالېكساندىر ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ، يېنىدىكى پادىشاھقا يول بېرىپ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئېرىق تۇراتتى.
- ئالىلىرى، ئالدىلىرىدا ماڭىدىغان بولدۇم، - فرانسىيە پادىشاھ ناپولېئون قىلچە كەمتەرلىك قىلمايلا ئات سالدى.
بىراق، ناپولېئوننىڭ ئېتى بۇ كەڭ ئېرىقنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ماڭغىلى ئۇنىماي چىپپىدە تۇختىۋالدى. ئارقىدا كېلىۋاتقان فرانسىيە مارشالى بۇنى كۆرۈپ، ئاتنى يېتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قويدى.
بۇنى كۆرگەن روسىيە چار پادىشاھى ئالېكساندىر «ھا... ھا... ھا» دەپ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئۇ پۇتى بىلەن ئاتنىڭ بېقىنىغا بىرنى تېپىۋېدى، ئات بىرلا چۇراپ ئېرىقتىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى. ئات قاتتىق چۇرىغانلىقتىن، روسىيە چار پادىشاھىنىڭ خەنجىرى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. فرانسىيە مارشالى ئاتتىن ئېڭىشىپلا خەنجەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدى.
- ئۇنى ماڭا بەرگىن! - دېدى فرانسىيە پادىشاھى ناپولېئون مارشالغا ۋارقىراپ. ئاندىن بۇرۇلۇپلا، - ئالىلىرى، قارشى تۇرمايدىغانلا؟ - دېدى روسىيە پادىشاھىغا.
روسىيە پادىشاھىنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆڭدى. سەللا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ خۇددى ئىنتايىن خاتىرجەم تۇرغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ، ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى. ناپولېئون خەنجىرىنى دەرھال يېشىۋېلىپ، روسىيە پادىشاھىغا تەقدىم قىلدى.
شەھەر ئەتراپىدىكى سەيلىدە كۆرۈلگەن بۇ پۇت تېپىشىشلەر 1808 - يىلى 9 - ئايدا فرانسىيە پادىشاھى بىلەن روسىيە پادىشاھى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە بولغان ئىدى. بۇ ۋەقەدىن، ناپولېئوننىڭ پەس ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر ئامال قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى؛ روسىيە پادىشاھى ئالېكساندىرچۇ؟ ئۇ مۇشۇ رىقابەتتە ئېھتىياتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇخالىپى بىلەن بىر ئامال قىلىپ تەڭ تۇرۇشنى ئويلايتتى.
ناپولېئوننىڭ روسىيە چار پادىشاھىنى «دوستلۇق - تىنچلىق» سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىشى، ئەمەلىيەتتە سۈيقەست ئىدى. ئۇ يوشۇرۇن ھالدا، روسىيىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈۋاتاتتى.
1812 - يىلى 5 - ئايدا، ناپولېئون درېزدىندا (ھازىرقى گېرمانىيە دېموكىراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆرەڭلىك بىلەن پارات قىلدى. «ئالغا!» دېگەن چاقىرىق بىلەن تەڭلا، 600 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن شەرققە يۈرۈش باشلىدى. 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، فرانسىيە ئارمىيىسى نېمان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، روسىيە بىۋاستە كونتۇرۇل قىلىپ تۇرغان لىتۋاغا بېسىپ كىردى.
- ئادەملەر قېنى؟ - دېدى ناپولېئون روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا، ئۇ، يەرلىك پۇقرالاردىن بىر نەچچىنى تېپىپ ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەم تاپالمىدى، روسىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى چېكىندۈرۈلگەن ئىدى. ئادەمزات يوق بۇ قاقاس جەزىرىدە، فرانسىيە ئارمىيىسى ھايات كەچۈرەلمىگىلى تاس قالدى. ئون مىڭ ئات ھالىدىن كېتىپ ۋە زەھەرلىك ئوت - چۆپلەرنى يەپ ئۆلدى.
- ئالىلىرى، ئارقا سەپتىن كېلىدىغان ئاشيا تەمىنات يوق، قانداق قىلىمىز؟ - دېدى فرانسىيە مارشالى ناپولېئوندىن يوليورۇق سوراپ.
- داۋاملىق ئالغا بېسىلسۇن! سمولېنسكىيغا ھۇجۇم قىلىپ، روسىيە ئارمىيىسىنى شۇ يەردە يوقىتىش كېرەك! - دېدى ناپولېئون، فرانسىيىنىڭ بۇ پادىشاھى تاقەت قىلالماي، غەزەپكە كەلگەن ئىدى.
فرانسىيە ئەسكەرلىرى دەرھال شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ياخشى تەشكىللەنمەيلا، ئالدىراپ سەپكە ئاتلانغانلىقتىن، 12 مىڭ ئەسكىرى بىراقلا ئۆلدى.
- توپقا تۇتۇلسۇن! - دەپ بۇيرۇق بەردى ناپولېئون. توپ - زەمبىرەك ئۇرۇشى ئۇنىڭ كونا ھۈنىرى ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم قىلچە ئۈنۈم بەرمىدى. فرانسىيە قوشۇنلىرى شەھەرگە كىرگەندە، روسىيە ئەسكەرلىرى كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، شەھەر قۇرۇقدىلىپ قالغان ئىدى.
تەمىنات ئۈزۈلۈپ قالغان بىر شارائىتتا، ناپولېئون ھەممىنى بىراقلا دو تىكىپ ئەسكەرلىرىنىڭ داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلدى. 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، بوروكىننودا روسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، 19 - ئەسىردىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان تۇنجى تالىشىش ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى.
بوروكىننو يېزىسى موسكۋادىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، موسكۋانىڭ دەرۋازىسى ئىدى. ناپولېئون بۇنى ئېنىق بىلگەنلىكتىن، 130 مىڭ ئەسكەر، 600 گە يېقىن زەمبىرەكنى ئىشقا سېلىپ، بۇ يېزىنى تارتىۋالماقچى بولدى ۋە ئۇنى تېزلا بېسىۋالدى.
- ئالىلىرىغا مەلۇم بولغايكىم، يېزىنىڭ جەنۇبىدىكى كۈزەتكۈ قورغان بىزنى داۋاملىق ئوققا تۇتۇۋاتىدۇ، ئۇ يەرنى ئالماقمىكىن؟ - دېدى فرانسىيە مارشالى ناپولېئوندىن يوليورۇق سوراپ.
- روسىيىنىڭ ئۇ يەردە قانچىلىك ئەسكىرى كۈچى بار؟ - دەپ سورىدى ناپولېئون.
- 35 مىڭ ئەسكىرىي كۈچى بار، ئۇنىڭغا ياردەمچى قىسىملارنى قوشقاندا، 120 مىڭغا يېتىدۇ.
- قانچە زەمبىرىكى بار؟
- تەخمىنەن 300 زەمبىرىكى بار.
- كوماندىرى كىم؟
- باگراتىئون.
- مارشالىم، - دەپ سەل توختىۋالدى ناپولېئون، - ئۇ، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەن، روسىيە ئارمىيىسىدىكى ئەڭ ياخشى گېنېرال، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.
فرانسىيە مارشالى «خوپ!» دەپ بۇيرۇق ئېلىپلا، كۈزەتكۈ قورغانغا ھۇجۇم باشلىدى.
زەمبىرەك ئۇرۇشى باشلاندى. فرانسىيە قوشۇنىنىڭ 40 دىن ئارتۇق زەمبىرىكى تەڭلا ئوققا تۇتتى، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 300 زەمبىرىكىمۇ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى. بىر كۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان زېمىندا، يانغىن پەلەككە يەتتى، ھەممە يەرنى ئىس - تۈتەك قاپلىدى، ھەممە يەر ئازگال ۋە خىش - كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى.
«ئۇررا!» دېگەن سادا بىلەن تەڭ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن فرانسىيە ئەسكىرى كۈزەتكۈ قورغانغا تاشلاندى ۋە روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق ئوققا تۇتۇشى ئارقىسىدا، تۈركۈم - تۈركۈملەپ يىقىلدى. شۇنداقتىمۇ، ئادىمى كۆپ بولغانلىقتىن، قورغانغا باستۇرۇپ كىردى، روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى قۇربان بولدى.
باگراتىئون زاپاس قىسىملارنى قايتۇرما ھۇجۇمغا تەشكىللىدى. ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ.
باگراتىئون زاپاس قىسىملارنى قايتۇرما ھۇجۇمغا تەشكىللىدى. ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ:
- ئۆلگەنلەرنى دەسسەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈزەتكۈ قورغاننى قايتۇرۇۋالايلى! - دەپ توۋلىدى، روسىيە ئەسكەرلىرى فرانسىيە زەمبىرەكلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا قارىماي، ئۆلە - تىرىلىشىگە باقماي ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن چىقىم تارتىپ قورغاننى قايتۇرۇۋالدى.
شۇ كۈنى فرانسىيە ئارمىيىسى سەككىز قېتىم بېسىپ كىردى، روسىيە ئارمىيىسى سەككىز قېتىم قايتۇرۇۋالدى، ئىككى تەرەپتىن جەمئى 80 - 70 مىڭ ئادەم زىيان بولدى، كۈزەتكۈ قورغان قەد كۆتىرىپ تۇرۇۋەردى.
كەچقۇرۇن، ناپولېئون 9 - قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقى بەردى.
فرانسىيە قوشۇنىنىڭ زەمبىرەك ئوقى روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ سېپىدە «گۈلدۈر - گۈلدۈر!» قىلىپ پارتىلىدى. ئوق پارچىلىرى باگراتىئوننىڭ كۆكسىگە تەگدى، روسىيىنىڭ بۇ گېنېرالى ئىككىنچىلەپ ئورنىدىن تۇرالمىدى.
كۈزەتكۈ قورغان ئاخىرى قولدىن كەتتى. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالى باش قوماندانى كوتۇزوۋ پىلانلىق چېكىنىش ئىشىنى ئۇيۇشتۇردى.
9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، فرانسىيە ئارمىيىسى موسكۋاغا كىردى. ئەمما بۇ شەھەر قۇپ - قۇرۇق بولۇپ، ھېچنېمە يوق ئىدى. ئەتىسى پۈتۈن شەھەر كۆيۈپ ياند، دەھشەتلىك يانغىن ئۈچ كېچە - كۈندۈز داۋاملاشتى، كرىمېل سارىيىنى ئىس - تۈتەك قاپلاپ كەتتى، ئۇ يەردە تىنغىلى بولمايتتى. ناپولېئون ئۇ يەردە تۇرالماي، قېچىپ چىقتى.
قىش يېتىپ كەلدى، فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يا ئوزۇقى، يا كىيىم - كېچىكى بولمىغانلىقتىن، غەزىپى ئۆرلەپ پەلەككە يەتتى. 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يوشۇرۇن زەربىسىگە دۇچكېلىپ، 3000 ئادىمى تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئەسكەرلىرىنىڭ پات - ئارىدا توڭلاپ، ئاچ قېلىپ ۋە سۆرىلىپ ئۆلىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ناپالېئون 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 115 مىڭ قالدۇق ئەسكىرىنى باشلاپ، قايسى يول بىلەن كىرگەن بولسا شۇ يول بىلەن قاچتى، يولبويى روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق قار سوغۇقى تۈپەيلىدىن، ئەسكەرلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كەتتى. 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بېرېزىنا دەرياسىدىن ئۆتۈۋالىمىز دەپ، ئەسكەرلەر ۋە ئارمىيە بىلەن بىللە كەلگەن ئائىلە - تەۋەلەر بەس - بەستە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، 12 مىڭ كىشى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ غەر ق بولدى. ئۇلار 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى روسىيىدىن چېكىنىپ چىققاندا، 600 مىڭ كىشلىك زور قوشۇندىن ئاران توڭلاپ يارىدار بولغان، ئاچ قېلىپ ياداپ كەتكەن 20 مىڭ ئەر ۋاھ قالدى!
روسىيىنىڭ چار پادىشاھى ئاۋستىرىيە، پرۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئارقىدىن قوغلاپ كەلدى. ئۇلار 1813 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى لېيپسگتا ئۇرۇش قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسى چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 1814 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، چار پادىشاھ ئالېكساندىر روسىيىنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ پارىژغا كىردى. ناپولېئون مەجبۇر ھالدا تەختتىن چۈشۈرۈلدى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بىر كىچىك ئارال - ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى. فېئودال بوربون سۇلالىسىنىڭ كاتتىبېشى، لۇئى XVI نىڭ ئىنىسى لۇئى XVIII چەتئەللەرنىڭ نەيزىسى ئاستىدا فرانسىيىگە قايتىپ يېڭىۋاشتىن تىرىلدى.