UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپىلىرى

ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپىلىرى

بەش مىڭ يىل ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان مۇھىم پەيتتە، روسىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى موسكۋادا ئېچىلدى. ئۇكرائىنا ئالدىنقى سېپىدىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىن زالىغا توپتوغرا ئىككى سائەت بۇرۇن كىردى. بىلىپ قېلىڭلاركى، بۈگۈنكى يىغىندا يولداش لېنىن دوكلات بېرىدۇ، ھەرگىز كىچىكىپ قالماڭلار! مۇنبەرگە بىردەمدىلا كىشىلەر تۇشۇپ كەتتى. يىغىن زالىدىكى ئۆتەر يوللاردىمۇ كىشىلەر سانجاق - سانجاق بولۇپ تۇرۇشاتتى. كىشىلەر ھەتتا دېرىزە تەكچىلىرىدىمۇ ئولتۇرۇشاتتى. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىغا قىستىشىپ، سەھىنىگە يېقىنراق تۇرۇشنى ئويلايتتى. چوڭ زالدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. ۋەكىللەر لېنىن بېرىدىغان دوكلات ئۈستىدە قىزغىن سۆزلەشتى. - خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدىكى دوكلاتمىنىڭتاڭ؟ _ ئۇنداق ئەمەستۇ، چوقۇم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە بولسا كېرەك . . . _ بۇ ئىككىسىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ لېنىن چوقۇم بارلىق جاھانگىرلار ۋە سوتسىيالىزىمنىڭ خائىنلىرىنى سۆكسە كېرەك! _ بۇ ئەبلەخلەرنى سۆكۈشىدە گەپ يوق، ئەمما ئۇ ۋرانگىل دېگەن ئەبلەخنى قانداق قىلىپ تېزرەك يوقىتىش ئۈستىدە سۆزلىشى مۇمكىن . . . . تۇيۇقسىزلا ھەيئەت رىياسەتتە كىمدۇر «تېنچ بولۇڭلار!» - دەپ توۋلىدى. ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىر پەس بېسىلدى. ۋەكىللەر ئۆز ئورۇنلىرىدا جىم تۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تىكىلىپ قاراشتى. لېنىن ئاخىر شۇ تەرەپتە پەيدا بولدى. ئۇ مۇنبەرگە شۇنداق تېز چىقتىكى، ئىشىكتە ساقلاپ تۇرغان يولداشلارمۇ يېتىشەلمەي قالدى. ۋەكىللەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي: «لېنىن! لېنىن!» دەپ توۋلىۋەتتى. قىزغىن تەنتەنە ئۇزاققىچە بېسىلمىدى. لېنىن مىغىلداپ تۇرغان ئامما ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ھەيئەت رىياسەتلەر ئۈستىلىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ پەلتوسىنى سالغاچ كۆپچىلىككە باش لىڭشىتىپ سالام بېرەتتى. ئۇ پەلتوسىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ، يانچۇقىدىن بىر پارچە نۇتۇق تېزىسىنى ئالدى ھەمدە سائىتىنى قولىغا ئېلىپ، نۇتۇق سۆزلەشكە تەييارلاندى. بىراق، تەنتەنە سادالىرى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. ئىجرائىي رەئىس قوڭغۇراقنى قاتتىق چالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى. ئىجرائىي رەئىس قەددىنى رۇسلاپ: _ ۋىلادىمىر، ئىلئىچ، دوكلاتىڭىزنى نېمە دەپ ئىلان قىلساق بولىدۇ؟ دوكلاتىڭىز خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدىمۇ ياكى ئىچكى ۋەزىيەت توغرىسىدىمۇ؟ - دېدى قاتتىق ئاۋاز بىلەن. _ ياق، ياق، - دەپ بېشىنى چايقىدى لېنىن. مەن ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا سۆزلىمەكچىمەن. ئەمما، ئېلان قىلىش ھاجەتسىز، ھە، شۇنداق. ھاجىتى يوق . . . لېكىن چوڭ زالغا كۆز يۈگۈرتۈپ، قولىنى ئاستا پۇلاڭلاتتى. بۇ چاغدا ھەممەيلەن جىم بولۇشتى. لېنىن مۇشۇ جىملىق ئىچىدە نۇتىقىنى باشلىدى. _ يولداشلار! بۈگۈن مەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ۋەزىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت دېگەن مەسىلە ئۈستىدە . . . . توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. . . . ۋەكىللەر بىر - بىرىگە قارىشىۋالدى. ئۇلار كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپىلىرى : بۇرژۇئازىيىنى يوقىتىش! ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك قىلاتتى. كراسنوۋ يوقىتىلدى. بىرلا ۋرانگېلىن قېپقالدى. ھە يولداش لېنىن چوقۇم ۋرانگېلىن ئۈستىدە توختىتىلىدۇ. لېنىن مۇنبەردىكى تارچۇقتا ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭدى. ئۇ ئۇشتۇمتۇت توختاپ، قولىنى ئالدىغا چىقىرىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن داۋاملاشتۇردى: _ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختىتىلىپ ئۆتۈشنىڭ سەۋەبى شۇكى،مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، كوممۇنىستىك جەمئىيەتنى ھەقىقىي تۈردە قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى دەل ياشلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە مۇشۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، شۇنى ئېيتىش لازىمكى، ئومۇمەن ياشلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى، خۇسۇسەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋە باشقا ھەممە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن يەنى ئۆگىنىش دېگەن سۆز بىلەن ئېيتىپ بېرىش مۇمكىن! _ ئۆگىنىش؟! - ۋەكىللەر ئەندىكىپ كېتىشتى. قۇرۇلتاي ئېچىۋاتقاندا، ۋرانگېلىن بىلەن بولغان كۈرەش جىددىي داۋاملىشىۋاتسا، لېنىن ئۇلارنى ئۆگىنىشكە چاقىرۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە لېنىن «ئۆگىنىش» دېگەن سۆزنى شۇنچە جاراڭلىق، جىددىي ۋە كۈچلۈك ئېيتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ يېڭى تېما نېمانچە كۈتۈلمىگەن ھالدا قويۇلىدۇ - ھە! لېنىن ۋەكىللەرنىڭ ھاڭ - تاڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇ بەستىنى سەل - پەل ئالدىغا چىقىرىپ، خاتىرجەم ھالدا سۆزلەۋەردى. _ دەرۋەقە، بۇ پەقەتلا «بىر ئېغىز سۆز» بولۇپ، ئۇ تېخى ئاساسىي ۋە ئەڭ مۇھىم سوئاللارغا - نېمىنى ئۆگىنىش ۋە قانداق ئۆگىنىش كېرەك، دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بەرمەيدۇ. . . شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئومۇمەن كوممۇنىزىمغا قاراپ ماڭماقچى بولغان بارلىق ياشلار كوممۇنىزىمنى ئۆگىنىشى لازىم دېگەن سۆز . . . . ئۇنداقتا كوممۇنىزىمنى قانداق ئۆگىنىش كېرەك؟ لېنىن كوممۇنىزمنى تەتقىق قىلىش كىتابچىسىدىكى نەرسىلەرنى بىلىۋېلشتىنلا ئىبارەت. دەپ قارايدىغان قىرائەتخانىلار ۋە پوچىلار ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇلارنى تازا مەسخىرە قىلدى. لېنىن ئارقىدىنلا، قانداق ئۆگىنىش، نېمىلەردىن ۋاز كېچىش ۋە نېمىلەرنى قوبۇل قىلىش لازىملىقىنى تەھلىل قىلدى. ئۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى مۇجمەل قاراشلارنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىپ، نۇرغۇن ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق بىر ئاساسىي ئىدىيىنى ھەرخىل گەپلەر بىلەن چۈشەندۈردى: _ ئۆز مېڭەمنى ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق بىلىم بايلىقلىرى بىلەن بېيىقتقىنىڭدىلا كوممۇنىزمچى بولالايسەن. لېنىنىڭ سۆزلىرى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك ئىدى. لېنىننىڭ ئاۋازى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قىزغىنلىق بىلەن، ياشلارغا بولغان قاتتىق تەلەپ بىلەن تولغانىدى. زالدا كىمدۇر بىر پارچە باغاقنى ئاستا مۇنبەرگە سۇندى. لېنىن قولىغا ئېلىپ ئېچىپ كۆردى. ئەممائۇ نۇتقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ بىلىم ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى مۇكەممەل شەرھىلەش ئۈچۈن، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن داۋام قىلدى: _ بىر ئەمەلىي مىسال كەلتۈرەي، ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، ھەربىي ۋەزىپىگە يەنى جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ۋەزىپىسىگە ئۇلىشىپلا بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھازىر يەنە ئىگىلىك ۋەزىپىسى تۇرماقتا. . . سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەندە كوممۇنىزىم جەمئىيىتىنى قۇرغىلى بولمايدۇ. سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەندە كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى قۇرغىلى بولمايدۇ. سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكنى ھازىرقى زامان پېنىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك . . . بۇنداق ئاساس ئېلېكتىرلەشتۈرۈلگەنلىكتىن ئىبارەت ! . . . سىلەر شۇنى پۈتۈنلەي بىلىسىلەركى، ساۋاتسىز كىشىلەر ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساۋاتسىز بولۇشى كۇپايە قىلىنمايدۇ. سانائەتتە ۋە يېزا ئىگىلىكىدە، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا ئېلېكترنى تېخنىكا جەھەتتە قانداق تەتبىق قىلىشىنىمۇ بىلىشى كېرەك . . . ھەربىر ياش ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى زامان تەربىيىسىنى ئالغاندا، ئاندىن كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى قۇرالايدىغانلىقىنى، بۇنداق تەربىيىنى ئالمىغاندا، كوممۇنىزمنىڭ پەقەت بىرلا خىل ئارزۇلا بولۇپ قېلىۋېرىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم. نۇتۇق شۇيەرگە كەلگەندە، لېنىن قولىنى سوزۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىن سۆزلەر بىلەن ياشلارغا مۇنداق چاقىرىق قىلدى: _ سىلەر مىليونلىغان ياشلار ئىچىدىكى 1 - تۈركۈم كوممۇنىزمنى قۇرغۇچىلار بولۇشۇڭلار كېرەك! لېنىن نۇتقىنى گۈلدۇراس ئالقىشلار ئىچىدە تاماملىدى. ئۇ تېزىسنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئۈستەلدىكى باغاقلارنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ قېرىنداش بىلەن يېزىۋالغان، كۆپچىلىكنىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەردى. . . . تەنتەنىلىك « ئېنتېرناتسئونال شېئىرى» ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، لېنىن پەلتوسىنى ئېلىپ، ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ياشلار مىغ - مىغ قىلىشىپ، ئۇنى قىستاپ، يېڭى - يېڭى سوئاللارنى بېرىشەتتى. ئاخىرىدا كۆپچىلىك لېنىن بىلەن ئىشىك ئالدىدا خوشلاشتى. لېنىن ئاپتوموبىلغا چىقىپ، ياشلارغا قول ئىشارىتى بىلەن چەكسىز رەھمەت ئېيتتى. ئاپتوموبىل دوقمۇشتىن ئەگىپ ئۆتكەندىمۇ، كونا كىيىملەرنى كىيىۋالغان نۇرغۇن ياشلار ئىشىك ئالدىدا قاراپ تۇرۇشتى. لېنىننىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى ئۇلارنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى ئۇزاقلارغىچە تىترتىپ تۇردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ