UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭشەرق مەسلىكى قوزغىلىڭى

شەرق مەسلىكى قوزغىلىڭى

بەش مىڭ يىل ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چاۋشيەندە مۇنداق بىر قوشاق تارقالغان: مىڭلىغان ئادەم قېنىدۇر جامدىكى شېرىن شاراب، پىشتى ھەم پۇقرا گۆشىدىن مەززىلىك تائام، كاۋاپ. ئەۋجىگە چىقتى ئۇلارنىڭ ئەيش - ئىشرەت، بەزمىسى، ۋە لېكىن زارلايدۇ پۇقرا ئاچ - توقۇن، چېكىپ ئازاب. بۇ قوشاق: مال - دۇنياسى بار باي - غوجاملار يەۋاتقان ناۇز - نېمەتلەر، ئىچىۋاتقان ھاراق - شارابلار، پۇقرالارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قان ۋە ئىلىك، ئۇلار ئوردا - سارايلاردىكى ئەيش - ئىشرەت ھۇزۇرى بىلەن چىرىۋاتقاندا، پۇقرالار ھەممە جايلاردا ئاھۇ پەرياد كۆتۈردى، دېگەن مەنىدە توقۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى چاۋشيەن جەمئىيىتىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بەرگەن. چاۋشيەن ئەسلىدە فېئوداللىق جەمئىيەت بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ مۇشەققەتلىك ئىدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا، ياپونىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى قانۇنسىزلىق بىلەن خەقچياڭ دەرياسىغا ئۈسۈپ كىرىپ، سودا مۇناسىۋىتى تۈزۈشنى زورلۇق بىلەن تەلەپ قىلدى؛ كېيىنچە يەنە قورال كۈچى ئارقىلىق چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنى شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق سالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، چاۋشىيەن ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قېلىپ، خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالى بارغانسېرى ئېچىنىشلىق بولۇپ كەتتى. 1893- يىلى چاۋشيەندە چوڭ قەھەتچىلىك بولۇپ، پۇقرالار ھەممىلا يەردە ئاچ قېلىپ، يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. ئەمما، خىيانەتچى ئەمەلدارلار ۋە يەرلىك زومىگەرلەر يەنىلا قاقتى - سوقتى قىلىشنى توختاتمىدى. چۇنەنلوداۋ ۋىلايىتى گۇفۇ ناھىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى بېيىتىش ئۈچۈن، قەھەتچىلىك بولۇۋاتسىمۇ قانۇنسىز ھالدا سۇ بېجى ۋە ھەرخىل ئالۋان - ياساق ئالدى. دېھقانلار ۋەكىل ئەۋەتىپ ھاكىمغا تەلەپ قويدى. ئەمما، رەھىمسىز جازاغا ئۇچرىدى. جامائەت زادىلا چىداپ تۇرالماي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قارارىغا كەلدى، ئەمما، قوزغىلاڭ باشلىقى تۇتۇۋېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلدى. بۇ ھەرىكەت دېھقانلارنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىدى. 1894 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى گۇفۇ ناھىيىسىدىكى دېھقانلار 40 ياشلىق چۇەن بېڭجۈننىڭ باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. چۇەن بېڭجۈن شەرق مەسلىكىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى ئىدى، قوزغىلاڭچى دېھقانلارنىڭ كۆپچىلىكىمۇ شەرق مەسلىكىنىڭ ئەزالىرى ئىدى، شۇڭا بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ >شەرق مەسلىكى قوزغىلىڭى< دەپ ئاتالدى؛ بۇ يىلى يەنە كونا كالېندار بويىچە جىياۋۇ يىلى بولغاچقا، جياۋۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى دەپ ئاتالدى. شەرق مەسلىكىنى سۈي جيۇ دېگەن بىر ئادەم 1860 - يىلى پەربا قىلغانىدى. بۇ دىنىي شەكىل بىلەن >ھەممە كىشى باپباراۋەر< دېگەن ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاقسۆڭەك ۋە ئەمەلدارلارنىڭ زۇلىمىغا، ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى تۇرغان. 80 - يىللاردىن كېيىن، يەنە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا، خۇسۇسەن ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەشلەرنى قانات يايدۇرغان، دېمەك، ئۇ جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا قارشى تەشكىلات، ئۇنداقتا، ئۇ يەنە نېمىشقا >شەرق مەسلىكى< دەپ ئاتالدى؟ ئەسلىدە >شەرق مەسلىكى< ئارقىلىق >غەرب ئىلمى<، يەنى غەرب تاجاۋۇزچىلىرى تەرغىب قىلغان دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن تاقابىللاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. چۇەن بېڭجۈننىڭ دادىسى بۇرۇن گۇفۇ ناھىيىسىدە يايى بولغان بولۇپ، ھاكىمنىڭ ۋەھشىي ھەم يولسىزلىقىغا قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، دېھقانلارنى باشلاپ يامۇلغا ھۇجۇم قىلغان، كۈرەش داۋامىدا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ قارا ئوقىدا ئۆلۈپ كەتكەن؛ چۇەن بېڭجۈندە دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئىرادىسى بولغاچقا، كۈرەشتە ئادەتتىن تاشقىرى قەتئىي بولدى. ئۇ قوزغىلاڭچىلارغا باش بولۇپ، ناھىيە شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال قورال - ياراغ ئىسكىلاتىنى ئىگىلىۋالدى، مەھبۇسلارنى ئازاد قىلدى، ئامبارلارنى ئېچىپ ئاشلىقنى ئۈلەشتۈردى. يەر خېتى ۋە قۇل - دېدەكلەرنىڭ تىلخەتلىرىنى كۆيدۈردى. شۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ھەيۋىتى تازا ئۆرلىدى. شۇئان چۇەن بېڭجۈن شەرق مەسلىكىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى سۈي شىخېڭ بىلەن ئالاقە ئورناتتى ھەمدە: ئادەم ئۆلتۈرمەسلىك، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، ياپونلارنى يوقىتىپ، پايتەختكە ھەربىي يۈرۈش قىلىش، ئاقسۆڭەك ھوقۇقدارلارنى يوقىتىش قاتارلىق بىر نەچچە ماددىلىق قوزغىلاڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقتى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، چۇەن بېڭجۈن بەيشەن تېغىدا دېھقانلار ئارمىيىسىنىڭ بارگاھىنى قۇردى ۋە خىتاپنامە ئېلان قىلىپ، جايلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىردى. ئىككى - ئۈچ كۈن ئىچىدىلا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 7000 - 8000 كىشىگە يەتتى، چۇەن بېڭجۈن باش گېنېرال بولدى ھەمدە بۇيرۇققا بىنائەن سەپكە قېتىلغىلى قوشۇن باشلاپ كەلگەن جىن كەينەننى باش قوماندانلىققا تەيىنلىدى. قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ئاساسەن بامبۇك نەيزە بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ھەممەيلەن بېشىنى ئاق لاتا بىلەن ئورىۋالغانىدى، ئۇلار تۇرسا گويا ئاق تاغقا، ئولتۇرسا بامبۇكزارلىققا ئوخشاش ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. گۇفۇ قوزغىلىڭى چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمىتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. ھۆكۈمەت ئالدىراپ - تېنەپ ئارمىيە توپلاپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى گۇفۇنىڭ خۇاڭتۇجەنگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، دۈشمەن ئارمىيىسىدىن 800 نى يوقىتىپ، جاسارىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى؛ بۇ غەلىبىگە ئۇلاپلا بىر نەچچە شەھەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلىدى، قوشۇن تېز سۈرئەتتە ئۇلغىيىپ، ناھايىتى تېزلىكتە 30 مىڭ كىشىگە كۆپەيدى. قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ھەر بىر جايغا بارغاندا خىيانەتچى ئەمەلدارلار، يەرلىك زومىگەرلەر ۋە ياپون سودىگەرلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ئىسكىلاتلارنى ئېچىپ، ئاشلىقنى پۇقرالارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ، يەر خېتى، قەرز خېتى ۋە قۇل - دېدەكلەرنىڭ تىلخەتلىرىنى كۆيدۈردى. ئارمىيە ئىچىدە ئىنتىزامنى قاتتىق بېكىتىپ، ئېكىن يەرلەرنى دەسسەشكە، زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويمىدى، باسقۇنچىلىق قىلغانلارغا دەرھال ئۆلۈم جازاسى بەردى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتى >پروگراممىنى ئىجرا قىلىش مەھكىمىسى< نى قۇردى. شۇنداق قىلغاچقا، خەلق ئاممىسى دېھقانلار ئارمىيىسىگە پائال ياردەم بەردى. بىر قېتىم، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ بىر تامىقى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرەپتىن مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئەھۋال ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى. ئەتراپتىكى بەزى ئاياللار ھايات خەۋپىگە قارىماي، كېچىدە دۈشمەننىڭ پوزىتسىيىسىگە مەخپىي كىرىپ، دۈشمەن زەمبىرەكلىرىنىڭ ئوق ئېغىزىدىن سۇ قويۇۋەتتى، ئەتىسى دېھقانلار ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى توپقا تۇتۇشقا ھازىرلاندىيۇ، زەمبىرەكلەرنىڭ ھەممىسى يارىماس بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھودۇققان ھالدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 4 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى جەنۇبتىكى مۇھىم شەھەر چۇەنجۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. دېھقانلار ئارمىيىسى بىلەن شەھەردىكى پۇقرالار ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ، ئاخىر بۇ شەھەرنىمۇ ئالدى. يەنە بىر قەدەمدە چۇەن بېڭجۈنلەر پايتەخت خەنچېڭغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرىدۇ. پادىشاھ قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ پايتەختكە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىپ، ئالدىراپ - تېنەپ يىغىن ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. 5 - ئايدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن، ساختىپەزلىك قىلىپ قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزسە، بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن ئەسكەر ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلدى، چۇەن بېڭجۈن ئەسلىدە ئۇدۇل خەنچېڭغا باستۇرۇپ كىرىشنى ئويلىغانىدى. ئەمما شەرق مەسلىكىنىڭ سۇي شىخېڭ باشچىلىقىدىكىلەر قەتئىي قارشى چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاغ دېھقانچىلىقنىڭ تازا ئالدىراش پەسلىگە يېقىنلاپ قالغاچقا، دېھقانلار ئارمىيىسىدىكىلەر يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىرىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، چۇەنبېڭجۈن ئاخىر ھۆكۈمەت بىلەن بىر سۈلھ شەرتنامىسى تۈزدى. سۈلھ شەرتنامىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بويىچە، مەسىلەن، قوزغىلاڭچىلار ۋە شەرق مەسلىكى ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىش، خىيانەتچى ئەمەلدارلار، ئاقسۆڭەك زومىگەرلەر ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن خۇسۇسىي ئالاقە قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش، يەرلەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش، قەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھەتتا >پروگراممىنى ئىجرا قىلىش مەھكىمىسى< نىڭ قانۇنىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىقلار بېكىتىلدى. ھۆكۈمەت بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ماقۇل بولدى. سۈلھ شەرتنامە بويىچە قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي چۇەنجۇدىن چىقىپ كېتىپ، ھۇجۇم قىلىشنى توختاتتى. قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن! 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئارمىيە چاۋشيەنگە يېتىپ باردى. ياپونىيىمۇ دەرھال ئەسكەر ئەۋەتتى ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەقە پەيدا قىلىپ، جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىدى، 9 - ئايغا كەلگەندە، جۇڭگونىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقىملىشىپ قالدى، ياپونىيە ئارمىيىسى شۇ ھامانلا چاۋشىيەننىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى تەرەققىي قىلىپ، 100 مىڭ كىشىگە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ تەشتىن ئۈچ قىسمىنى تىزگىنلەپ بولغانىدى. 10 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىنىدا، چۇەنبېڭجۈن ياپونىيە قاراقچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، خەنچېڭنى تارتىۋېلىش ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەكلىپ قىلدى، ئەمما سۇي شىخېڭ قاتارلىقلار كۇڭزىچىلىق تەرىقىتىنى بازارغا سېلىپ، >رەھىمدىللىك، ۋاپادارلىق< نى تەشەببۇس قىلىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا قارشى چىقتى، يىغىندا شىمالغا يۈرۈش پىلانى ماقۇللانغاندا، ئۇلار يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كېتىپ، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىگە ئاشكارا بۆلگۈنچىلىك سالدى. 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چۇەن بېڭجۈن جەسۇرلۇق بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنى بىاشلاپ خەنچېڭغا قاراپ يول ئالدى، يول ئۈستىدە گۇڭجۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئىلغار قورال - ياراغلار بىلەن جابدۇنغان ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن ئالتە كېچە - كۈندۈزلۈك شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، ئېغىر زىيان تارتتى ۋە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كىچىك قىسىملارغا بۆلۈنۈپ ئۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا، خائىننىڭ خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇشى بىلەن،م چۇەن بېڭجۈن سەپداشلىرى بىلەن قولغا چۈشۈپ قالدى ھەمدە شۇئانلا جەنچېڭغا يالاپ كېلىندى. سوت ئۈستىدە چۇەن بېڭجۈن ياپونىيىنىڭ سوراققا قاتنىشىۋاتقان ئەلچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: - ۋەتەنپەرۋەر دېھقانلار ئاللىقاچان بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ بولدى، بۇنىڭىكى بىردىنبىر مەقتەس، سەنلەرنىڭ دۆلىتى بىلەن كۈرەش قىلىش! - دەپ كەسكىن ئەيىبلىدى. - سەن ئىنتايىن چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭ، ئەگەر سەن بۇ جىنايىتىڭنى ئېتىراپ قىلساڭ، سوت مەھكىمىسى ساڭا بېرىلىدىغان جازانى يەڭگىللىتىشنى ئويلاپ كۆرىدۇ، - دېدى سوتچى. - بۈگۈن سەنلەر مېنى جىنايەتچى ئورنىدا تۇتتۇڭلار، ئەمەلىيەتتە سەنلەر خەلق ئالدىدا چوڭ جىنايەتچى! - غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى چۇەن بېڭجۈن. 1895 - يىل 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، چۇەن بېڭجۈن ھەققانىيەت يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بېرىلدى، داغدۇغىلىق شەرقەمەسلىكى قوزغىلىڭى ئاخىر چاۋشىيەننىڭ ئەكسىيەتچىل ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇۋېتىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ