ئامېرىكا قىتئەسىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار
بەش مىڭ يىل
ئامېرىكا قىتئەسىنى تىلغا ئالغان ھامان كىشىلەر ئۇنى >يېڭىدىن تېپىلغان چوڭ قۇرۇقلۇق< دېيىشىدۇ. چۈنكى ياۋروپالىقلارغا قارىتا ئېيتقاندا، مىلادى 1492 - يىلى كولۇمبۇ دېڭىز يولى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇ قۇرۇقلۇقنىڭ بارلىقىنى ئۇلار بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ئىلگخرىلا ئامېرىكا قىتئەسىدە 20 مىليوندىن 30 مىليونغىچە ئاھالە ياشايتتى. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىل پارلاق مەدەنىيەت يارىتىشقا باشلىغان ئىدى، ئۇلار ئۆز ئالدىغا يېزىغى، كالىندارى، خىلمۇ خىل سەنئەت بۇيۇملىرى بولۇپلا قالماي، بىر مۇنچە مەدەنىي دۆلەتلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
ئەمما، ئىنسانىيە يارالغاندىن باشلاپ ھېساپلىغاندا، ئامېرىكا قىتئەسى يەنىلا ياش ۇرۇقلۇق ھېساپلىنىدۇ. بىز ئافرىقىدىن بۇندىن ئىككى - ئۈچ مىليون يىل ئىلگىرى ياشىغان ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ ئىزلىرىنى تاپتۇق؛ ياۋروپا بىلەن ئاسىيادىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا نەچچە يۈز مىڭ يىل ۋە بىر مىليون نەچچە يۈز مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغا ئنسانلارنىڭ باش سۆڭىگى ۋە لازىمەتلىكلىرىنى قېزىۋالدۇق. ئەمما، ئامېرىكىدىن 50 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ئىزلىرىنى تېپىشمۇ ناھايىتى قىيىن، ئىلمىي تەكۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە كىرگىنىگە پەقەت 20 - 10 مىڭ يىل ۋاقىت بولغان )40 مىڭ يىل ياكى 50 مىڭ يىل بولدى دەيدىغانلارمۇ بار(.
سۈرۈشتە قىلغاندا، ئامېرىكا قىتئەسىگە ئولتۇراقلاشقان ھىندىئانلار موڭغۇل ئىرىغاك ىرىدۇ. ئۇندق بولسا ئۇلار قاندق بولۇپ ئامېركا قىتئەسىگە بېرىپ قالغان؟
پايانسىز ئاسىيا قۇرقلۇغىنىڭ شەرقىي شىمالىغا ئىچكىرىلەپ كىرەەن ناھايىتى ئۇزۇن بىر بۇرجىگى بار. بۇ بۇرجەك ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا يېرىم ئارىلىدىن، تار بېرنىڭ بوغزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. تەخمىنەن 20 - 01 مىڭ يىللار ئىلگىرى دېڭىز سۈيى بىر مەھەل پەسلەپ كەتكەندە، بېرنىڭ بوغىزىنىڭ ئاستىدىكى تاغ قىرى چوخچىيىپ چىقىپ قالغان. بۇ بوغازنىڭ كەڭلىگى ئەسلىدە 86 كىلومېتىرلا بولغاچقا، تاغ قىرىنىڭ چوخچىيىپ چىقىشى بىلەن تەبىئىي >كۆۋرۈك< ھاسىل بولغان. شۇ چاغدىكى موڭغۇل ئىرقىدىن بولغان بەزى قەبىلىلەر مۇشۇ >كۆۋرۈك< بىلەن ئارقا ـ ئرقىدىن ئامېرىكا قىتئەسىگە ئۆتۈپ ماكانلاشقان. كېيىنكى كۈنلەردە، شىمالىي ئامېرىكىدىكى كاندا مۇزلاڭلىقىدىن تارتىپ تاكى ئامېرىكا ىتئەسىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىگىدىكى ئانتىراكتىكىغا تۇتىشىدىغان ئوتلۇق يەر ئارىلىغىچە بولغان جايلارغا ھىندىئانلار مكانلاشقان. ئۇلار بارا - بارا نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر، قەبىلىۋى مىللەتلەر ۋە ئۇرۇقداشلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە 1700 نەچچە خىل تىلدا سۆزلەشكەن.
ھىندىئانلار قەبىلىلىرى، قەبىلىۋى مىللەتلەر ياكى ئۇرۇقداشلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تەكشىسىزبولغان، بەزىلەر ئۇرۇقداشلىق باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغان، بەزىلەر سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قۇرۇقلۇقلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىگە ئوخشىمايدىغنا، ئۆزىگە خاس خۇسۇسيەتكە ئىگە قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.
1939 - يىلى، بىر تەكشۈرۈش ئەترىدى مېكسىكىنىڭ غەربىدىكى بىر سازلىققا كىرىدۇ. ئۇلار بۇ يەردىكى قەدىمكى دەرەخلەر ئاسمان - پەلەك ئۆسۈپ كەتكەن بىر دەرەخزالىقتا، غايەت يوغان تاشلاردىن ئۈشكلەپ ياسالغان باش سۈرەتلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇلرنىڭ ھەممىس بازالىت تاشلىرىغا تۆشۈك چېكىش ئارقىلىق ياسالغان تەن قىسمى يوق باش سۈرەتلىرى ئىدى. باش سۈرەتلىرىنڭ ئىگىزلىگى ئىككى مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە كېلەتتى، پىشانىسى، قاش - كىرپىكلىرى، كۆزلىرى، قۇلاقلىرى، بۇرنى ۋە ئاغزىدىن تارتىپ تاكى ئىڭىكىگىچە تولۇق چىقىرىلغان بۇ باش سۈرەتلىرى گويا تىرىك ئادەمدەك جانلىق قاراپ تۇرغاچقا، تەكشۈرگۈچىلەرنى ھەيران قلاۇردى. بەزىلەر ئۇلارنڭ ئارىسىدىكى بىر باشنىڭ ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ كۆرۈۋېدى، يەتتە يېرىم مېتىر بولۇپ چىقتى. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىگى شۇكى، بۇ سازلىقتا ئەسلىدە تاش يوق ئىكەن. ئەمما باش سۈرەتلىرى چىقىرىلغان بۇ باشلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى تەخمىنەن 25 توننا كېلىدىكەن. دېمەك، بۇنداق يوغاق تاشلرنىڭ قانداقسىگە بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنلىگى ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە. تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، بۇ باش سۈرەتلىرىنىڭ ئالمېكلار تەرىپىدىن قالدۇرۇلغانلىقى جەزمىلەشتۈرۈلدى. ئالمېكلر، مىلدىدىن ئىلگىرىكى بىر مىڭ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2500 يىل ئىلگىرى ياشىغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇلار تېخى مېتاللارنى ئېرىتىپ قويۇشنى بىلسىمۇ، ئەمما مۇشۇنداق غايەت يوغان تاشلارغا تۆشۈك چېكىش ئارقىلىق، تاش سۈرەتلەرنى ياسىيالىغانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزە.
مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنە بىر تەكشۈرۈش ئەترىدى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پېرۇغا يېتىپ كېلىپ، پېرۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سارۋىن دەيدىغان كىچىككىنە بىر تاغلىق كەنتكە باردى. سارۋىن، ھىندىئانلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركىزىدىن بىرى ئىدى. تەكشۈرۈش ئەترىدىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن قېدراشلىرى ئارقىسىدا، ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم بىر قەدىمكى ئىبادەتخانا تپىلدى، ئىبادەتخانىنڭ ئالدىدا تاشنى ئۈشكىلەپ ياسىغان ئىككى يۇمۇلاق تۈۋرۈك بولۇپ، ئۇ تۈۋرۈكلەرگە بىردىن بۈركۈتنىڭ سۈرتى ئويۇلغان. بۇ قۇشلارنى ئويۇشتىكى ئويمىچىلىق سەنئىتى شۇنداق نەپىس ئىكەنكى، قۇشلارنىڭ ھەر بىر ئەزا كۆرۈنۈشى شۇنداق روشەن ۋە ئىنچىكە چىقىرىلغان، بىر نەچچە مىڭ يىلنى ئاتلاپ كەلگىنىگە قارىماي، ھىلىغىچە شۇنداق ئوچۇق تۇرغان، بۇ ئىبادەتخانىدا نۇرغۇنلىغان ياپىلاق تاشلار بولۇپ، بۇ تاشلار ئۈستىگە شۇ چاغدىكى ھاياتلىق مەنزىرىسى: دەھشەت سېلىپ تۇرغان باتۇر يولۋاسلار، قولىغا قورال تۇتۇپ تۇرغان ھىندىئان ياساۋۇللىرى ئويۇلغان. ئويمىدىكى ئوبرازلار بەئەينى ئۆز ئەينىدەك ئىشلەنگەن بولۇپ، گۈزەللىكتە قەدىمكى بابىل ئويمىلىرىدىن قېلىشمايدۇ، كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىبادەتخانىدىكى بىر يوغان تاشقا تەكشى بولمىغان بىر قانچە تۆشۈك تېشىلگەن. مۇتەخەسسىسلەرب ۇ تۆشۈكلەرنىڭ ئەسلىدە ئاسمادىكى ئوۋچ يۇلتۇزلارنىڭ شەكلى ئىكەنلىگىنى تونۇپ چىقتى. بۇنىڭدىن شۇ چاغدىكى سارۋىن مەدەنىيىتىدىكى ئىلمىي نۇجۇمنىڭ نەقدەر يۇىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئارخېئولوگ ئالىملىرىنڭ تەكشۈرۈش ئارقىسىدا، بۇ قەدىمىي ئىبادەتخانىنڭ مىلادىدىن ئىلگىرى بىر مىڭ نەچچىنچى يىللىرىدا، يەنى بۇنىڭدىن 30 نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن قۇرۇلغانلىقى ئىسپاتلاندى.
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلەر ئىچىدە كىشىنى ئەڭ قىزىقتۇرۇدىغىنى مايالار مەدەنىيىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مايالار تەخمىنەن مىلادىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئاساسلىقى مېكسىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كارىب دېڭىزىغا تۇتىشىغان يۇكاتان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇاتېمالا ھەم ھوندۇراسلاردا سىياسى سە دىنىي مەركەز بولغۇچى >شەھەر دۆلەتلىرى< نى قۇرغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك گۈللەنگەن دەۋرى ـ مىلادى 4 ـ ئەسىردىن 9 ـ ئەسىرگىچە بولغان.
100 نەچچە يىل بۇرۇن، يۇكاتان يېرىم ئارىلىنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدىن مايالار قەلئەلىرىنىڭ خارابىلىرى تېپىلغاندىن بۇيان، مايالارنىڭ قەدىمىي ئىمارەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن تېپىلدى. مايالارنىڭ ئىمارەتلىرى غايەت كاتتا ھەم ناھايىتى سەلتەنەتلىك ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىلادى 4 - ئەسىردە سېلىنغان بىر ئىلاھى ساراي 15 قەۋەت بولۇپ، ئىگىزلىگى 60 نەچچە مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ 1 -، 5 -، 8 -، 11 - قەۋەتلىرىدە بىردىن نازۇڭ ياسالغان تاش ئۆي بار. ئۇ نەچچە تۈمەن پرچە گرانت تاشلارنى بىر بىرىگە كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، ھەر بىر پارچە تاشنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدۇ.
مايالارنڭ ئىلاھى ئىبادەتخانىلىرىنڭ ئىمارەتلىرى ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەممىسى دېگۈدەك قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاجايىپ چىرايلىق خىلمۇ خىل ئويمىلار رەڭگا ـ رەڭ تام سۈرەتلىرى بار. نۇسخا ئېلىنغان بۇ سۈرەت - 1946 - يىلى بونەنپاكتىن تېپىلغان ئىبادەتخانىنڭ تېمىغا چۈشۈرۈلگەن سۈرەت. سۈرەتتە:
مايالارنىڭ بىر باشلىقى كاتتا بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىدىكى پەشتاقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ، ئۇ بېشىغا غايەت يوغان بىر نامسىز ھايۋاننىڭ سۈرىتى بىلەن بىزەلگەن ئىگىز سەلتەنەت تەلىپىگى كىيگەن، بوينىغا ئالتۇن مارجان ئاسقان، ئۇچىسىغا ھايۋان تېرىسىدىن كىيىم كىيگەن. پۇتىغا ئۆتۈك كىيگەن، قولىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان زوكۇن تايىغى ئالغان. ئۇنىڭ قولىدىكى ئادەم بويىدىن ئىگىز يەرگە دېيەلگەن زوكۇن تايىغىنىڭ ئۈستىگە خىلمۇ خىل ەۈزەل نەقىشلەر چىقىرىلغان ئىكك يېنىدا قەھرىمانلىقى ئۇرغۇغان ھالدا تۇرغان سەركەردىلەر بۇ باشلىققا دوكلات قىلماقتا. ھەيۋەت ۋە سەلتەنەت بىلەن تۇرغان بۇ سەركەردىلەرنىڭ بېشىدىكى تەلپىگى ئۈستىگىمۇ غايەت زور، نامسىز ھايۋاننىڭ بېشىدىكى تەلپىگى ئۈستىگىمۇ غايەت زور، نامسىز ھايۋاننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ تەلپەكلەر كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە يوغان بولۇپ، ئۈچ ئدەم بېشىنڭ ئىگىزلىكىگە تەڭ كېلىدۇ. ئۈستىگە بىزەك قىلىپ چۈشۈرۈلگەن خىرىس قىلغۇچى ھاياننىڭ سۈرتى بىلەن قوشۇلۇپ، قارىغان كىشىنى ئەيمىندۈرىدۇ. پەشتاق ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەر بولۇپ، بەزىلىرى كۆينەكسىز، بەزىلىرى ياتقان، بەزىلىرى تىزلانغان، بەزىلىرى ئولتۇرغان ھالدا تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدا كېسىلگەن ئادەم كاللىسى بار.
بۇ ئېھتىمال زەپەر قۇچۇپ ئوردىغا قايتقان بىر مەنزىرە بولسا كېرەك.
ميالارنىڭ تەسۋىرى يېزىغى بار ئىدى. ئەنجۈرنىڭ قوۋزاقلىرىغا موي قەلەم بىلەن خەت يازاتتى. دىن، ئەپسانە، تارىت، ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلرنى خاتىرىلەيتتى. ئىسپانىيە ئىستىلاچى ئارمىيىسى كۆپەل كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقتىن، مايالارنىڭ ئۈچ پارچە كىتاۋىلا بىزگىچە يېتىپ كەلدى. مۇتەخەسسىلەرنڭ تەتقىقاتى ئاقرىلىق ھازىر ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. بۇ خىل يېزىق مەنانىلار ئەمەس، بەلكى ئاھاڭنىمۇ ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، جەمئىي 30 مىڭ سۆزدىن تەركىپ تاپقان. ھەرپلەر يېنىغا مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شەكىللەر قوشۇمچە قىلىنغان. كىتاپلاردىن باشقا، مايالارنڭ ياپىلاق قوشۇمچە قىلىنغان. كىتاپلاردىن باشقا، مايالارنڭ ياپىلاق تاشقا ۋە تاش تۈۋرۈككە ئويۇلغان ئابىدىلىرىمۇ بولۇپ، تاش تۈۋرۈكلەرگە ئۇلارنىڭ تارىخىدىكى چوڭ ۋەقلەر ئويۇلغان. مايالار ھەر 20 يىلدا بىر تۈۋرۈك تۇرغۇزۇپ، بۇ تۈۋرۈككە 20 يىلدا يۈز بەرگەن زور ۋەقلەرنى ئاي ـ كۈنلىرىنى ئېنىق قىلىپ خاتىرىلىگەن.
مايالارنىڭ كالىندارى شەمسىيە 0ۈن كاكىندارى( بولۇپ، بىر يىلنى 18 - ئايغا، ھەر ئاينى 20 كۈنگە ئايرىپ، ئۇنىڭغا بەش كۈن >پەرىز كۈن< نى قوشۇپ، جەمئىي 365 كۈنى قىلغان. ھەر تۆت يىلدا )كەبىسە يىلىدا( بىر كۈندىن قوشۇلىدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، مايالار بەش كۈننى بىر ھەپتە، تۆت ھەپتىنى بىر ئاي ھېساپلايدۇ، شۇڭا ئۇلارنڭ بىر يىلىدا 18 ئاي بولىدۇ.
مايالار يېز ئىگىلىگى جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئۇلار يېتىشتۈرگەن كۆممە قوناق، كارتوچكا، پەمىدۇر، ئاپتاپپەرەس، تاماكا قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى 15 - ئەسىردىن ئىلگىرى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇغىدا كەمدىن كەم ئۇچرايتتى. 500 يىلدىن بۇيان، بۇ زىرائەتلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ جاي ـ جايلىرىغا تارقىلىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىنڭ كۈندىلىك يىمەكلىكلىرىگە ئايلاندى؛ >دوقەھۋە< ۋە >شاكىلات< لار مايالارنڭ ئادەتتىك يىمەكلىگى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ نامى بىلەن بىرلىكتە بەش چوڭ قىتئەگە تارقالغان.
نېمە بولغانلىقى نامەلۇ، باي ۋە رەڭدار مايا مەدەنىيىتى مىلادى 9 ـ ئەسىرگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالدى. ئالىملار بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خىلمۇ خىل شەرھىلىدى. بەزى ئالىملار ھەتتا، مايالارنىڭ مەدەنىيىتى ئالەمنىڭ باشقا بىر سەييارىسىدىن كەلگەن دېيىشتى. مانا بۇلر - بەكمۇ قىزىقارلىق ئىلمىي تەتقىقات تېمىلىرىدۇر.